YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 20:16:17

تويوتا (TOYOTA) ھېدروگېن موتورلۇق ماشىنىسى

http://www.pddnet.com/sites/pddnet.com/files/DSC_0166.JPG

2014-يىللىق CES (Consumer Electronic Society نىڭ يەرمەنكىسىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تويوتا ئۆزىنىڭ ھېدروگىن موتورى ئىشلەتكەن ئاپتوموبىلىنى كۆپچىلىككە تونۇتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق بۇ ئاپتوموبىل «يېقىلغۇ ھۈجەيرىسى (Fuel Cell)تېخنىكىسى»غا ئىگە بولۇپ، بۇ تېخنىكىنىڭ موتور تېخنىكسى (ئاپتوموبىل تېخنىكىسى) ئۈچۈن بىر يېڭى دەۋر بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
http://www.pddnet.com/sites/pddnet.com/files/DSC_0165.JPG

(ئىلاۋە:
يېقىلغۇ ھۈجەيرىسى - مېنىڭ ئىنگىلىزچىدىن تۈزلا تەرجىمە قىلىپ چىققان ئاتالغۇم. باشقا مۇۋاپىق ياكى توغرا ئاتىلىشى بارمۇ يوق، بىلمىدىم.
يېقىلغۇ ھۈجەيرىسى بىر خىل ئېلىكترنلۇق ئۈسكۈنە بولۇپ، خىمىيەلىك ئېنىرگىيەنى ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇنىڭ بىز بىلىدىغان باتارىيەلەردىن پەرقىنى فىزىكىدىكى كەسپداشلار تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى مۇمكىن. مېنىڭ دەپ بېرەلەيدىغىنىم، ئېلىكترونلۇق ئاپتوموبىللاردا باتارىيەنى زەرەتلەش بەك ئۇزۇن ۋاقت ئالىدىغان ئىش. لېكىن بۇنىڭدا ئۇنداق ئەمەس. قالغىنىنى يەنە ئىنكاس شەكلىدە يېزىشارمىز)

تويوتانىڭ FCV مودېلى (Fuel Cell Vehicle - يېقىلغۇ ھۈجەيرىلىك ئاپتوموبىل) بىر قېتىملىق زەرەتلەش بىلەن 500 كىلومىتىردىن كۆپرەك يول ماڭالايدۇ ۋە زەرەتلەش مۇددىتى 3 مىنۇت. ( ھازىرقى ئېلكترونلۇق ئاپتوموبىللارنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسى بىر قېتىملىق زەرەتلەش بىلەن 180 كىلومىتېر يول، لېكىن زەرەتلەش مۇددىتى 6-8 سائەت)
ئادەتتىكى ئېلكترونلۇق ئاپتوموبىللارغا ئوخشىمايدىغان يېرى، تېزلىنىشى مۇددىتىمۇ بەك قىسقا، 10 سكۇنتا 100 كىلومېترغا چىقالايدىكەن ۋە 160km/hكىچە تېزلىككە ئىگە بولالايدىكەن.
http://www.pddnet.com/sites/pddnet.com/files/DSC_0164.JPG
http://www.pddnet.com/sites/pddnet.com/files/DSC_0163.JPG
http://www.pddnet.com/sites/pddnet.com/files/DSC_0162.JPG

ئۇنىڭدىن باشقا ئادەتتە ئاپتوموبىلنى ئىشلەتمىگەن چاغلاردىمۇ، موتوردىكى توكنى ئائىلىدىكى ئىھتىياج ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

http://www.pddnet.com/sites/pddnet.com/files/DSC_0160.JPG

ھازىر ئامېرىكا بۇ تېخنىكىدا ئەڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان دۆلەت. (ئەمەلىيەتتە ئېلكترونلۇق ئاپتوموبىللار، ئېلېكترو-ھىبرىد ئاپتوموبىللاردىمۇ ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى باشقىلاردىن كۆپ ئالدىدا). تويوتانىڭ بىلدۈرىشىچە 2015 - يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكىدا 20 يېقىلغۇ نۇقتىسى، 2016-يىلىغا كەلگەندە 40 يېقىلغۇ نۇقتىسى بارلىققا كېلىدىكەن. (ئەلۋەتتە، ھېدروگىن قاچىلاش نۇقتىلىرى بولماي تۇرۇپ، بۇ ماشىنىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.)

http://www.pddnet.com/sites/pddnet.com/files/DSC_0160.JPG
http://www.pddnet.com/sites/pddnet.com/files/DSC_0159.JPG
http://www.pddnet.com/sites/pddnet.com/files/DSC_0157.JPG

بۇ ماشىنىنىڭ باھاسى، ياكى باشقا تەپسىلاتلار تېخى ئاشكارىلانمىغان.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 21:06:09

تويوتا پاپۇنىيەنىڭ شىركىتىغۇ ، ئامرىكىنىڭ گەپلىرى تۇرىدىغۇ

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 21:06:44

دۆلىتىمىز ھىدروگىن يېقىلغۇلۇق ئاپتۇمبۇلنى تەتقىق قىلىپ ياسىغىلى ئۇزۇن بولغان بولۇپ دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكەن،ھەتتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.خۇددى ئۈچ دىلىق پىرىنتىرغا ئوخشاشلا.

بۇ سۇمرۇغ تورىنىڭ خەۋىرى،ئەتە ياكى ئۆگۈنلۈككە ئىلان قىلىنىدۇ.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 21:20:03

ئىككىسى ئىككى گەپ ،باتارىيە ئوخشىمايدۇ بېغىركا.
توكلۇق ماشىنا بىزنىڭ يۇرۇتلارغىمۇ پەيدا بولدى،20 -30 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن،يىراقتىن قارىماققا ساي قوڭغۇزىغىلا ئوخشايدىكەن.ھىچ ماشىنا تەلەتى يوق،بۇنى ماشىنا دىمەي باشقا بىر ئات تاپساق بولغۇدەك،سىز قارا يۇمۇرچى بولغاندىكىن بىر ئات تاپمامسىز.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 22:02:19

بۇرۇنمۇ ھېدروگىن يېقىلغۇ قىلىنىدىغان ئاپتۇمبىل ھەققىدە ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ، لېكىن ، ھېدروگىننىڭ خەۋىپ - خەتىرى بەك چوڭ بولغاچقا نورمال ئىشلىتىش ئىمكانىيتىنىڭ تۆۋەنلىگىنى دەپتىكەن ،  قارىغاندا بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىپتۇ دە ،
بۇ تېمىدىكى گەپكە قارىغاندا بۇ يېڭى تېخنىكىدا ھېدروگىن بىۋاستە كۆيۈشكە قاتناشماستىن بەلكى ئاۋۇ يېڭى تىپلىق باتارىيەنىڭ قۇۋۋەت مەنبەسى بولىدىكەندە ئەمىسە ؟

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 22:30:57

باتارىيە شەكلىدە ياكى يېقىلغۇ شەكلىدە ئىنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى يەنىلا بىلىدىغانلار بىرنىمە دىسۇن،
يۇقۇرىدا چاخچاق قىپ قويدۇم،ئەمىليەتتە بولسا ئون نەچچە يىل بۇرۇنلا مەن دۆلىتىمىزدىكى بىر ھەربى سانائەت كارخانىسىنىڭ ھىدروگىن يېقىلغۇلۇق ئاپتومبۇلنى ياساپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى ،ماشىنا ماڭغاندا كېرەكسىز گاز ئەمەس بەلكى سۇ چىقىرىدىغانلىقنى مەملىكەت خەۋەرلىرىدىن كۆرگەن.لېكىن ئىلگىرلەش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسا كېرەك،كىيىن بۇ توغرۇلۇق خەۋەر چىقمىدى.
لېكىن كۈلگۈمنى كەلتۈرگەن بىر ئىش غەرپ دۆلەتلىرىدە 3 دىلىق پىرىنتىرنىڭ گېپى چىقىپ بولغۇچە ھەپتە ئۆتمەيلا سۇمرۇغ تورىدا دۆلىتىمىزنىڭ 3 دىلىق پىرىنىتىر تېخنىكىسنىڭ ئەمەلى قوللۇنۇش دەرىجىسگە بارغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر چىقتى،بۇرۇن بۇ توغرۇلۇق ھىچ گەپ يوقتى،بەلكىم بۇ گەپ راستۇر،لېكىن يەنىلا ھەيران قالغانتىم خۇددى ئىرانلىق تاجىكلارنىڭ ئاسمانغا مايمۇن ئەچىقتۇق دىگەن گەپكە ھەيران قالغاندەك.

ak-yol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 22:57:38

ماۋۇ تىىمنى كۈرۈپ بەكلا قىزىقىش ئىچىدە كىرسەم، يەنلام ئىلىكتىرىك ئاپتۇبوبىلنىڭ گىپى ،قىزىقىشىمنىڭ سەۋەبى ھازىر بىنزىن قىممەت ماشىنامنى ھەيدىسەملا يانچۇقۇمدىكى پۇلغا قارغاندەك ماشىنامنىڭ كۆرسەتكۈچ تاختىسىدىكى مۇساپە سائىتىگە بەك قارايدىغان بۇلوپ قالدىم.
:lolھىدروگىن يېقىلغۇلۇق مۇتۇر دىگەن گەپ تىخمۇ پارتىلاتقۇچ خەۋەردەك ئاڭلىنىپ كەتتى.نىمىشقا دىگەندە مۇتۇرغا ئادەتتە (ھەممىڭلار بىلىسلەر)كۈيۈشچان گازبولسىلا ئوت ئالدۇ دىگەن گەپ.ھازىر بىز ئىشلىتۋاتقان تەبئى گاز،سۇيۇقلاندۇرۇرۇلغان گاز.دىگەندەك.
خوش- ئۇنداقتا ھىدروگىنچۇ؟ئوخشاشلام كۈيدىغان گاز.بىىزىنچۇ؟بىنزىن نىفىتتىن ئايرىۋالغان سۇيۇغلۇق.ئۇنداقتا بىنزىن مۇتۇردا بىۋاستە كۈيەمدۇ؟ياق بىنزىن مۇتۇرنىڭ گازلاشتۇرغۇچ قۇرۇلمىسى ئارقىلىق بىر كىلوگىرام بىنزىن بىلەن ،ئون بەش كىلوگىرام ھاۋا ئارلىشىپ ئارلاشما گاز ھاسىل بۇلۇپ (بۇمەكتەپتە ئۈگەنگەن نەزىرىيە)مۇتۇرنىڭ كۈيۈش كامىردا كۈيدۇ.
قۇرۇق گەپ قىلماڭلار شۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ،نىمگە سىلگە پارتىلاتقۇچ خەۋەردەك ئاڭلىنىپ كەتتى دەۋاتسسىلەر ھەقاچان.

گەپنىڭ نىگزى ،يىگىرمە بەش يىل بۇرۇن تۇلۇقسىزدا ئوقۋاتقاندا ،سۇ -ھىدروگىن بىلەن ئوكسىگىندىن تەركىپ تاپقان دەپ ئۈگەنگىنىم ئىسىمدە.مەن ئويلاپ قاپتىمەنكى بۇ شىركەت ماشىنىنىڭ باكىغا سۇنى قاچلىساق،ھىدروگىنى ماشىننىڭ ماتۇرىغا ،ئوكسىگىنى كاپىنكە ئىچگە يەنى بىزنىڭ سۇمۇرۇشىمىزگە يەتكۈزۈپ بىر ىدىغان بىرەر قۇرۇلما لاھيەلىگەن ئوخشايدۇ ،دەپ قاپتىمەن.{:92:}
ماۋۇ ئۈزەمنىڭ نامىدا كىرەلمەي قالدىم .باشقۇرغۇچلار (پالۋان paliwan)ئىسمىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىشكە ياردەم قىىلىپ قويساڭلار -دەيمە!!

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 23:17:25

ئەمما ماۋۇ ھىندروگىننى يىقۇلغۇ قىلىپ ماشىنا ھەيدەيدىغان زامان كەلسە ئاجايىپ ئىش بولغۇدەك !  بولسا  ھىدروگىن ئايريىدىغان قۇرۇلمىنى ماشىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۋەتسە، ھىدرۇگىندا ماڭدىغان ماشىنىنى ھەيدەپ يىرىم يولغا كەلگەندە  توكى تۈگسە، ئىرقتىن سۇنى ئىلىپ قاچىلاپ قويۇپ كىتىۋەرسەك ! ....

ak-yol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 23:30:37

oygak2005 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 23:17 static/image/common/back.gif
ئەمما ماۋۇ ھىندروگىننى يىقۇلغۇ قىلىپ ماشىنا ھەيدەيدى ...

تولوق چۈشنىپىسز:lol مەنمۇ شۇ خىيالدا

ak-yol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 00:02:24

مىنىڭ چۈشنىشىمدە ،مۇتۇر ئىسسىغلىق ئىنىرىگىيەنى مىخاينىكىلىق ئىنرىگيەگە ئايلاندۇر دىغان قۇرۇلما.(پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان ).

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 01:12:42

بولسا گاز تۇربىنىلىق ماتور سەپلەنسە يەردە ماڭغىمىز كەلسە يەردە،ئۇچقىمىز كەلسە ئاسماندا ماڭساق،يېقىلغۇ تۈگىسەۋاششىدە ئېرىقتىن  سۇ قاچىلىۋالساق ياكى باكتىن بىر ئىككىگە زاپاس سۇ ئېلىۋساق…

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 02:22:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QUYASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 02:28  

سۇ دىگەن ئوكسىگىن بىلەن ھىدروگىننىڭ رىئاكسىيەلىشىپ بولغان شەكلى. ئەگەر بۇ ماشىنا ھىدىروگىننى يېقىلغۇ قىلسا يەنىلا ساپ ھىدىروگىننى ئوكسىگىن بىلەن كۆيدۈرۈپ كېرەكسىز سۇنى چىقىرىدۇ.

ئۆستەڭدىكى سۇنى قۇيسا ئۇنى ئوكسىگىن بىلەن ھىدىروگىنغا ئايرىپ ئۇنى كۆيدۈرسە، ھاسىل بولغان سۇنى باكقا يوللاپ يەنە قايتا كۆيدۈرسە بۇ ماشىنىنىڭ بىر باك سۈيى بەش يۈز ئەمەس بەش مىلىيۇن كىلومىتىرغا يىتىپ كىتە. ئۈرۈمچىنىڭ كىراسى ئۈچ كويغا چۈشۈپ كەتسە ھە...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 05:33:11

ماشىنا كىراسى چۈشۈپ، ماشىنامغا چىقىرىۋالايمۇ دېسە قانداق ماركىلىق؟ قانچە پۇل بېرىسە؟ دە كەتسەك ھە

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 07:55:49

ھېلىقى گە قىلىدىغان بىر ماشىن باتتىغۇ كىچىكىمىز كۆرىدىغان، رېت ما ئىسمى، شۇ ماشىنىغا سۇيۇقلاندۇرۇلغان ھېدروگىن يېقىلغۇ قىلىنىدىكەنتۇق، شۇ يېشىمدا بۇ قانداق فانتازىيە بولۇپ كەتتى ئەمدى دەپ بەك ئىسىمدە قاپتىكەن. لېكىن ھازىرقى دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا قارىغاندا بۇ پاراڭ لاپ گەپ ئەمەسكەن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.
ئالدى بىلەن يېقىلغۇ مەنبەسى.
سانائەتتە ھىدروگىن سۇنى پارچىلاش ئارقىلىق ئېلىنمايدىغۇ دەيمەن بىلىشىمچە. نېفىتتىنمۇ ياكى تەبى گازدىنمۇ ئېلىنىدىغۇ دەيمەن. ئەمدى ئۇنى يېغىۋالغاندىن كېيىن سۇيۇقلاندۇرۇشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. سۇيۇقلاندۇرۇپ بولۇپ ئۇنى قاچىلاش توشۇشمۇ ...
قېنى ئۆمرىمىز يەتسە شۇنداقمۇ كەشپىياتلارنى كۆرەمىز ھە.

sarwan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 11:10:57

بۇ ھىدروگىن يېقىلغۇلۇق ماشىنا يەنىلا توكلۇق ماشىنا. باشقا توكلۇق ماشىنىدىن پەرقى- ئەنئەنىۋىي توكلۇق ماشىنىغا توك قاچىلاپ شۇ توك بىلەن ماڭىدۇ. ھىدروگىن يىقىلغۇلۇق ماشىنىغا ھىدروگىن قاچىلايدۇ. ھىدروگىن توكقا ئايلىنىپ ماشىنا ماڭىدۇ.

توكلۇق ماشىنىمۇ ئۇنچە ناچار ئەمەس. ھەم بۇ ماشىنىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى. چوقۇم شۇنداق بولىدۇ. ھازىر توكلۇق ماشىنىلاردىكى ئاساسلىق قىيىنچىلىق باتارىيەنىڭ سىغىمى كىچىك، ئۇزۇنغا ماڭالمايدۇ. توك قاچىلاش ۋاقتى ئۇزۇن. يىقىلغۇ باتارىيەسى(مەسىلەن ھىدروگىن يىقىلغۇلۇق باتارىيە) ئىشلىتىش يۇقارقار كەمچىلىكلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدۇ. تىز قاچىلىغىلى بولىدۇ. خېلى ئۇزۇنغا ماڭالايدۇ. بۇنىڭدىن ئاساسلىق مەسىلە يىقىلغۇ قاچىلاش نوقتىسى ۋە تەننەرخ.

ئادەتتە ئېلىكتىر ئىنىرگىيەسى ئىشلىتىش ئارقىلىق نۇرغۇن ئىنىرگىيەنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئارلاش ئېنىرگىيەلىك(hybird) ماشىنىلار مۇشۇ پىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ ئىنىرگىيە تىجەيدۇ. مەسىلەن تويوتانىڭ ئارلاش ئىنىرگىيەلىك ماشىنىسىغا سىرتتىن توك قاچىلىمايدۇ. ماي قاچىلايدۇ. لىكىن ماشىنا مېڭىۋاتقان ياكى باشقا ۋاقىتلاردا ئوشۇقچە ئېنىرگىيەنى باتارىيەگە ساقلايدۇ. ياكى ماينى كۆيدۈرۈپ توك ھاسىل قىلىپ شۇ توكتا ماڭىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئىنىرگىيە تىجىيەلەيدۇ. مايدا ماڭىدىغان ماشىنىلار مەيلى يولدا ماڭسۇن ياكى قىزىل چىراقتا توختىسۇن، ماتور ماڭسىلا ئىنىرگىيە سەرپ بولىدۇ. توكتا ماڭىدىغان ماشىنىلاردا ئۇنداق ئەمەس. جىم تۇرغاندا ئاساسەن توك كەتمەيدۇ. قوزغالغاندا ئېلىكتىر ماتورغا توك بىرىپ قوزغىلىدۇ. ئەلۋەتتە ئارلاش ئىنىرگىيەلىك ماشىنىلار ئۆتكۈنچى مەھسۇلات. كەلگۈسىدە باتارىيەنىڭ سىغىم مەسىلىسى ۋە توك قاچىلاش مەسىلىسى ھەل بولسا چوقۇم ھەممىسى توكلۇق ماشىنا بولىدۇ. بولۇپمۇ شەھەردە ماڭىدىغان ماشىنىلار.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 11:19:54

燃料电池 يىقىلغۇ باتارىيسى

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 19:36:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YELKEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-10 19:40  

يېقىلغۇ ھۈجەيرىسى (ۋەياكى يېقىلغۇ باتارىيىسى) - (Fuel Cell)

يۇقىرىقى تېمىدا دەپ ئۆتكەندەك، تويوتانىڭ يېڭىدىن بازارغا سالماقچى بولغان بۇ ھېدروگىن يېقىلغۇلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ئاساسلىق تېخنىكىسى يېقىلغۇ باتارىيىسىدۇر. تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەرەققىيات كۈچىگە قارىغاندا، كەلگۈسىدە بەلكىم بۇ تېخنىكا تېخىمۇ قوللىنىشچان بىر ۋەزىيەتكە كېلىپ توشۇمىچىلىق(ترانسپورت) ساھەسىدە بەلكىم ئاساسلىق ئېقىمغا ئۆتۈشى مۇمكىن. بۇ تېخنىكىنى تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن بەلكىم ھازىرقى يۈزلىنىۋاتقان ئېقىملار توغرىلىق قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.

1. ئەنئەنىۋى يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار

بۇ ھازىرقى ئاپتوموبىللاردىكى ئاساسلىق ئېقىم. بېنزىن موتورلۇق، دېزىل موتورلۇق (سالياركا) ۋەياكى گازلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى، ئىچىدىن يانىدىغان موتورنىڭ پەيدا قىلغان ئېنىرگىيەسىگە تايىنىدىغان ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللاردۇر. بۇ ئېقىمنىڭ ئۇزۇنغا بارمايدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر بولمىسا كېرەك. ھازىر بۇ تېخنىكىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدىغان خىلمۇ-خىل يېڭى تېخنىكىلار ئىزدىنىلىپ، ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ ۋە تەجرىبىلەرمۇ سۇنىلىۋاتىدۇ.

2. ھېبرىت يېقىلغۇلۇق (ئارىلاش يېقىلغۇلۇق) ئاپتوموبىللار

ھېبرىت (Hybrid) نىڭ مەنىسىنى ئارىلاش دەپ چۈشىنىپ تۇرساقمۇ بولىدۇ. يۇقىرىدا بىر تورداشنىڭ يېزىپ ئۆتكەن ئىنكاسىدەك، بۇ ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى بىلەن ئىچىدىن يانىدىغان يېقىلغۇدىن ھاسىل بولغان ئېنىرگىيە ئارقىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ ھەرىكەت قىلدۇرىدىغان بىر ئۇقۇمدۇر. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، ماشىنىدا بىر ئېلېكتىر موتورى، بىر ئىچىدىن يانىدىغان موتور ۋە باتارىيە بار. ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ھەجىمىنى كۆزدە تۇتۇپ، باتارىيە بەك چوڭ ياسالمايدۇ. ئىشلەش پىرىنسىپى بولسا، ئاپتوموبىل، ئادەتتە ھەرىكەت قىلغاندا، ئىچىدىن يانىدىغان موتورنىڭ كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. دۆڭدىن چۈشكەندە بولسا، بېنزىن موتورى توختاپ، ئېلىكتىر موتورى گېنېراتور رولىنى ئۆتەيدۇ ۋە ماشىنىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن باتارىيەگە توك قاچىلايدۇ. كىيىن ئاپتوموبىل نورمال ھەرىكەت قىلغاندا، مەلۇم بىر تېزلىككە چىققاندا، بېنزىن (ياكى سالياركا) موتورى توختاپ، پەقەت باتارىيەدىن كەلگەن توك بىلەن ماڭىدۇ. بۇ چاغدا ئېلىكتىر موتور ھەرىكەت قىلىدۇ.
ئېلكىتىر موتور ھەم موتور ھەم گېنېراتور رولىنى ئۆتەيدۇ. ئاددى سىخېمىسى تۆۋەندىكىدەك
http://blogs.cas.suffolk.edu/pcharubin/files/2012/03/standard-hybrid-diagram.gif

3. توكلۇق ئاپتوموبىللار

بۇ تىپتىكى ئاپتوموبىللاردا ئىچىدىن يانىدىغان موتور بولمايدۇ. ئېلىكتىر موتورى ئۈستىدىكى ئىككىنچى خىلدىن تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ئېنىرگىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن لىتىيلىك باتارىيە تېخىمۇ چوڭراق بولىدۇ. ۋە پۈتۈنلەي باتارىيەنىڭ ئېنىرگىيە تەمىنلىشى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ھازىرقى تېخنىكىدا، بۇ خىل ئاپتوموبىللار تېخى مۇكەممەل ئەمەس. توك قاچىلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن (7-8 سائەت)، ھەممە يەردە توك قاچىلاش ئورۇنلىرى يوق. بىر قېتىملىق قاچىلاش بىلەن بەك كۆپ بولسا 150-170 كىلومىتېر ماڭالايدۇ.

http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/6/64/Plug-in_hybrid_electric_vehicle_(PHEV)_diagram.jpg
http://image.trucktrend.com/f/autoshows/coverage/163_1209_2012_paris_motor_show_roundup/40179437/Mitsubishi-Outlander-PHEV-pluging.jpg

http://videos.howstuffworks.com/podtech-networks/4003-chevy-volt-engineer-video.htm

4. يېقىلغۇ باتارىيسى تېخنىكىسى

يۇقارقى ئۈچىنچى تۈردىن كىيىن، كەلگۈسىدە بەلكىم قوللىنىشچانلىقى ئەڭ يۇقىرى، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئەڭ كەڭ بولغىنى يېقىلغۇ تېخنىكىسىنىڭ ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىل دېسەكمۇ بولىدۇ.

ئاددىلا قىلىپ ئېيتقاندا، يېقىلغۇ باتارىيەسىنىڭ نورمال باتارىيەلەردىن پەرقى ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ ئىزچىللىقى بولسا كېرەك. پرىنسىپ جەھەتتىن، خىمىيەلىك ئېنىرگىيەنى، ئېلكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپى نەزىرىيە جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدۇ.
https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/0/0d/PEM_fuelcell.svg

لېكىن بۇ تېخنىكىنىڭ ئارتۇقچىلىق بولسا، باشقا بىر يېقىلغۇ مەنبەسى بىلەن (مەسىلەن ھېدروگىن) يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئېنىرگىيەگە ئېرىشكىلى بولۇشى. تويوتا بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىلىدا ھېدروگىن يېقىلغۇلىق موتور ئىشلەتكەن. ئەمەلىيەتتە يەنە باشقا يېقىلغۇ مەنبەلىرىمۇ ئىشلىتىلىشى مۇمكىن .
https://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/8/85/Toyota_FCHV.jpg

يېقىلغۇ باتارىيە تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى ماقالىلەر، پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن:

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-10 21:16:04

Fuel Cell  بۇ بۇرۇن ئېيتىلغان يېقىلغۇ باتارىيىسى شۇمىكىن.
ھازىر تېسلا ماركىلىق توك ساندۇقلۇق ئېلېكتىر ماتورلۇق ماشىنا مودا بولۇشقا باشلاۋاتىدۇ.

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-1-16 19:02:57

تويوتا يەنە ئارىلاشما يېقىلغۇلۇق (ھىبرىت) ئاپتوموبىل سېتىشنى 6 مىليونغا يەتكۈزۈپتۇ.
Worldwide Sales Of Toyota Hybrids Top 6 Million Units
بەت: [1]
: تويوتا (TOYOTA) ھېدروگېن موتورلۇق ماشىنىسى