خۇرشىد دەۋران شىئىرى :ئوغلۇم بۇ ۋەتەن
ئوغلۇم، بۇ يەربىزنىڭ يىرىمىز.
ئۆزىمىزنىڭ يىرىمىز.
قورقماستىن قەدەم تاشلا.
بۇ يەر بەكمۇ قاتتىق
بۇۋىلارنىڭ قېنى قاتۇرغان ئۇنى.
ئوغلۇم بۇ يەر
ئۆزىمىزنىڭكى،
خۇدۈكسىرىمە، ئىشەنگىن ئاتاڭغا،
ھەدەپ قاراۋەرمە ئارقاڭغا.
يىقىلساڭ كۆتۈرەر،
سېنى بۇ تۇپراق.
يىقىلساڭ تۇرۇشنى ئۆگىنىسەن،
تۇرماقنى ئۆگەن ئوغلۇم. يىقىلساڭ تەمتىرىمە،
تەمتىرىمىگىن، يېتەر ئوغلۇم.
قەد تىكلەشنى ئۆگەن؛
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن
بۇ يەر – بۇ ۋەتەن!
ئاتلار يىغلىغاندا
ئاتلار يىغلىغاندا بايقىغانمۇ سىز،
يىراقلارغا قاراپ يىغلايدىكەن ئات،
ئۇزاق-ئۇزاق يىغلايدىكەن ئات،
ئاۋاز چىقارماستىن يىغلايدىكەن ئات.
ئۇچۇپ باققانمۇ سىز قۇشلار بىلەن؟
قاناتلىرى كۈيلەيدىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ،
تۇمشۇقلىرى كۈلەر ئىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ،
ئاياغلىرى يەر ئىستەيدىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ.
شۇۋۇلداپ تۇرغانمۇ سىز دەرەخلەر كەبى؟
ئۇچۇپ كېتەي دەيدىكەن باﻫاردادەرەخ،
قۇببىلەرگە ئېسىلەاركەن كۈز پەيتى دەرەخ،
يىلتىزىغا ئىشىنەركەن قىش پەسلى دەرەخ.
يىغلىغۇم كېلىدۇ ئاتلارغا ئوخشاش،
زېمىنغا تېۋىنغۇم كېلەر قۇش ئايىغىدەك،
يىلتىزىمغا ئىشەنگۈم كېلەر دەرەخلەردەك.
چىلىلىق دوستلارغا
ھۆرلۈك نېمە؟
ئازادلىق نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
كۈندۈز ئۈچۈن كۈرەشكەنلەر،
قۇياشنى چۈشەپ تۈندە ئۆلىدۇ.
يۇرت نېمە؟
ۋەتەن نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
بىر ئۆمۈر يۇرتىنى دەپ قانلار قۇسارۇ،
ۋەتەندىن يىراقتا ئۆلىدۇ.
مىللەت نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
تامغا قاراپ، مىللەتدېشى ئاتقان
زەھەرلىك ئوقتىن ئۆلىدۇ.
بۇرچ نېمە؟
ۋىجدان نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلىمەن دەپ
ئۆلۈمدىن قورقماستىن ئۆلىدۇ.
خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن
ئەسلى شىئىر تىمىسى ئوغلۇم تۆمۈرگە ئىكەن ئۆزگەرتىپ دىققەتنى قوزغايدىغان ماۋزۇ قويۇپ قويدۇم بۇ شېئېرنى يازغان كىشى ئۆزبېك شائىرى خۇرشىد دەۋرانمۇ ؟
ماۋۇ تور بېكەتنى قۇرۇشقا خېلى كۈچ چىقارغان ئىكەن.
http://www.turklib.com/
ئۆزىنىڭ تور بېكىتى:
http://kh-davron.uz/
سۈرىتى:
شېئىر توپلاملىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:
http://kh-davron.uz/files/eng/library.html ماۋۇ شېئىرغا پەقەت چىدىمىدىم. جاننى بەرگۈدەكلا شېئىركەن. رەھمەت دوستۇم. ئوغلۇم، بۇ يەر بىزنىڭ يېرىمىز،
ئۆزىمىزنىڭ يېرى.
قورقماستىن قەدەم تاشلا.
بۇ يەر بەكمۇ قاتتىق –
بوۋىلارنىڭ قېنى قاتۇرغان ئۇنى.
ئوغلۇم، بۇ يەر ئۆزىمىزنىڭكى،
خۇدۈكسىرىمە، ئىشەنگىن ئاتاڭغا،
ھە دەپ قاراۋەرمە ئارقىڭغا.
يىقىلساڭ كۆتۈرەر، سېنى بۇ تۇپراق،
يىقىلساڭ تۇرۇشنى ئۆگىنىسەن،
تۇرماقنى ئۆگەن ئوغلۇم.
يىقىلساڭ تەمتىرىمە،
تەمتىرىمىگىن، يېتەر ئوغلۇم.
قەد تىكلەشنى ئۆگەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە بېرىلگەن،
بۇ يەر – بۇ ۋەتەن!
ئاتلار يىغلىغاندا،
ئاتلار يىغلىغاندا بايقىغانمۇسىز؟
يىراقلارغا قاراپ يىغلايدىكەن ئات،
ئۇزاق – ئۇزاق يىغلايدىكەن ئات،
ئۈن چىقارماي يىغلايدىكەن ئات.
ئۇچۇپ باققانمۇ سىز قۇشلار بىلەن؟
قاناتلىرى كۈيلەيدىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ،
تۇمشۇقلىرى كۈلەر ئىكەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ،
ئاياغلىرى يەر ئىستەركەن ئۇچقاندا قۇشنىڭ.
شىۋىرلاپ تۇرغانمۇسىز دەرەخلەر كەبى؟
ئۇچۇپ كېتەي دەيدىكەن باھاردا دەرەخ،
قۇببىلارغا ئېسىلاركەن كۈز پەيتى دەرەخ،
يىلتىزىغا ئىشىنەركەن قىش پەسلى دەرەخ.
يىغلىغۇم كېلەر ئاتلارغا ئوخشاش،
زىمىنغا تېۋىنغۇم كېلەر قۇش ئايىغىدەك،
يىلتىزىمغا ئىشەنگۈم كېلەر دەرەخلەردەك.
چېلىلىق دوستلارغا
ھۆرلۈك نېمە، ئازادلىق نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماققا قىيىن چۈشىدۇ.
كۈندۈز ئۈچۈن كۆرەشكەنلەر،
قۇياشنى چۈشەپ تۈندە ئۆلىدۇ.
يۇرت نېمە، ۋەتەن نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
بىر ئۆمۈر يۇرتىنى دەپ قانلار قۇسارۇ،
ۋەتەندىن ئۇزاقتا ئۆلىدۇ.
خەلق نېمە، مىللەت نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىنغا چۈشىدۇ.
تامغا قاراپ، مىللەتدىشى ئاتقان،
زەھەرلىك ئوقتىن ئۆلىدۇ.
بۇرچ نېمە، ۋىجدان نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىن چۈشىدۇ.
ئۆلۈمدىن كېيىن تىرىلىمەن دەپ،
ئۆلۈمدىن قورقماستىن ئۆلىدۇ.
esil xeer kan خەلق نېمە، مىللەت نېمە؟
بۇنى ئاڭلىماقلىق قىيىنغا چۈشىدۇ.
تامغا قاراپ، مىللەتدىشى ئاتقان،
زەھەرلىك ئوقتىن ئۆلىدۇ رەخمەت ئەجەپ ياقتى قولىدىن كىلىدىغانلار بولسا شىئىرلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئەۋەتسە بوپتىكەن izqi1991 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 16:49 static/image/common/back.gif
قولىدىن كىلىدىغانلار بولسا شىئىرلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشت ...
بۇ مۇنبەردە شائىر خۇرشىد دەۋراننىڭ يەنە بىر تۈركۈم يېڭى شېئىرلىرى بار، خالىسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ
http://www.awangart.cn/ شۇنداق بۇ يەر بەق قاتتىق يەر ... بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ .
بەت:
[1]