waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:16:00

شىرئەلىجان 18 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ شەنشى كوماندىسىنى يەڭدى

     ئۈرۈمچى ۋاقتى 1- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو  ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى 22- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا  شەنشى ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىرئەلىجان 18 نۇمۇر ئالدى، ئاخىرى شىنجاڭ كوماندىسى 105-93 نەتىجە بىلەن شەنشى ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.   نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 17 مەيدان غەلبە قىلىش 5 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 23 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 5 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  سېنگېلدون 19 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 18 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 14 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛   سۇۋىي 14 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 8 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  يۈچاڭدۇڭ 7 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
شەنشى كوماندىسىدىن چارىس 20 نۇمۇر، 13 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ماكوس 20 نۇمۇر، 2 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ دۇەن جاڭ فىڭ 18 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ مۇرات  4 نۇمۇر، 3 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 10-يانۋار  قارشى تەرەپ مەيدانىدا چىڭداۋ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:55:43

  بىزنىڭ شىرئەلىجان قالتىس ئەكەك دە . مۇشۇنداق ئېسىل خەۋەرلەردىن بىز نى داۋاملىق  قىزغانمىغايسىز بىزمۇ خوشاللىنىۋىلايلى .

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 21:35:26

شىرئەلى ئېسىل!{:112:}بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ئۆز تالانتىنى تېخىمۇ بەك نامايەن قىلىپ بەسەيلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

umed يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 23:44:24

يارايسەن  ئەركەك

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 07:52:33

شۇنداق ئىللىق رەسىمدىن بىرسى تۇرىدىغۇ، خېلى دوستانە بولغان ئوخشايدۇ بۇ مۇسابىقە.

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 09:01:18

دۇبى دېگەن توپچى قەيەردە ھازىر؟ ھېلىقى پەسىلدە خېڭگېلتون ئىككىسى بەك ماسلاشقانتى.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 12:02:19

سەزدىڭلارمىكىن شىرئەلىجان بۇ پەسىل  تەن قۇيۇپ  كەتكەندەك بىلىنىۋاتىدۇ،قوزغىلىش  يۈگۈرۈشلىرىمۇ شۇنداق ئېغىر ، بۇرۇنقى جەبدەس توپ ئېلىپ مېڭىشلار كۆرۈنەرلىك ئازلاپ كەتكەندەكلا ....
بەت: [1]
: شىرئەلىجان 18 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ شەنشى كوماندىسىنى يەڭدى