izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 19:09:45

تەقدىر ئۇقۇمى ھەققىدە مەن چۇشەنمىگەن بايانلار

  مەن كۆرگەن كىتاپلاردا تەقدىرگە ئوخشىمىغان تەبىر بىرىلگەن ئىدى : 1ـ ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ كۆمۈرچىسى ـ2 ھەركىم ئۆز تەقدىرىنى  ئۆزى يارىتىدۇـ3ـ تەقدىر ئاللا تەرىپىدىن پۈتىۋىتىلگەن بولىدۇ ـ ـ ـ ـ ـ ـ ـ ـ ـ
   مەلۇم بىر كىتاپتا تەقدىر تاللىغىلى بولىدىغان ۋە تاللىغىلى بولمايدىغان دەپ ئايرىلىپ : قەيەردە ، قاچان ، قانداق ئائىلىدە تۇغىلىشىمىز تاللىغىلى بولمايدىغان تەقدىر ـ ; بىزنىڭ ھۆكۇم قىلشىمىز سەۋەبىدىن يۇزبەرگەن ئىشلار  تاللىلىنغان تەقدىر دەپ چۈشەندۈرگەن
   بەزىلەر بىزنىڭ ھاياتلىققا ئىگە بولۇپ يۇزبەرگەن ھەربىر ئىشىمىز تەقدىر بولىدۇ ،  ھەربىر ئىشنى ئاللا ئورۈنلاشتۇرىدۇ ، بىز پەقەت ئاللا ئورۇنلاشتۇرغاننى قىلىمىز دەيدۇ  
   مۇنداق بايانلارمۇ بار:i ':بۈگۈن ئۇستازىمدىن شۇنداق بىر ياخشى گەپ ئاڭلىدىمكى ھەركىشىنىڭ تەقدىر پىشانىسى،ھەتتاكى دوزىخى ياكى جەننىتى بولىشى لەۋھھۇلمەھپۇزدا ئېنىق يېزىپ پۈتىۋىتىلگەن ئىكەن،مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ساھا بىلەرگە شۇنداق دىگەندە ساھابىلەر سورايدۇ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئەمسە بىز يەنە ناماز ئوقۇپ نىمە قىلىمىز? مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دەيدۇ: جەننەت ئەھلىگە جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئەمەللەر چىرايلىق كۆرسىتىلىدۇ،دوزاخ ئەھلىگە دوزاققا كىرىشكە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەر چىرايلىق كۆرسىتىلىدۇ  ـ
     مىنىڭ بىلىشىمچە ئاللا بىزنى ئىش ئەمەللىرىمىز بىلەن سىنايدۇ ، بۇ بىر سىناق دۇنياسى ، ئاخىرەتتە قىلغان ئىشلىرىمىزدىن ھىساپ ئىلىپ    جەننەت دوزاخقا ئايرىيدۇ ـ
  بەزىلەر دىگەن دەك ھەممە ئىشلىرىمىز پىشانىمىزگە پۈتىۋىتىلگەن بولسا ، خۇددى  بىز پەقەت پىروگىرامما بويىچىلا ئىش قىلدىغان ماشىنا ئادەمگە ئوخشاپ قالمامدۇق ، ئۇنداقتا ئادەمگە نىمە ئۈچۈن ئەقىل ئىدراك  بىرىلگەن ـ ـ ـ ـ ـ ـ   ياخشى ئىشنىمۇ يامان ئىشنىمۇ ئاللانىڭ بۇيرىقى پۈتىۋەتكىنى بويىچە قىلامدۇق !ـ  بىر بىرىگە زىت بۇ تەبىرلەرنى ئاڭلاپ بىشىم قايدى ـ  كاللامدىكى تۈگۈننى يىشىشكە ياردەم بەرسەڭلەر

تەقدىر نىمە؟  ياشاشتىكى مەقسەت نىمە؟

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 19:43:22

بىر سىنىپتا تەبىئى ھالدا دەرسنى ياخشى بىلمەيدىغان بالىلارمۇ بۇلىدۇ.سىنىپ مۇدىرىلىق  خاتىرىسىگە بۇ ئۇقۇغۇچىلار دەرستە ياخشى ئەمەس،ئىمتىھاندىن ئۈتەلمەيدۇ دەپ يېزىپ قويدى.دەرۋەقە ھېلىقى بالا ئىمتىھاندىن ئۈتەلمىدى.
بالىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۈتەلمەسلىكىدىكى سەۋەب سىنىپ مۇدىرىنىڭ خاتىرىسىگە «ئۈتەلمەيدۇ»دەپ يېزىپ قويغانلىقىدىنمۇ ياكى ئۈزىدىنمۇ؟

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 19:49:04

كالىمىز ئېچىلغان سىرى ، دىن بىلەن پەننىڭ زىدىيەتلىك يەرلىرىنى ئېنىق تۇنۇيمىز .

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:06:08

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم ،  
7-8 يىللار ئىلگىرى شۇ سىز سورغا سۇئاللار مىنى قورشاپ ئالغان ئىدى. شۇ تەقدىر دىگەن نىمە ؟ ياخىشى يامانلىقىنى ئاللا پۈتۈۋەتكەن بولسا، بىزنىڭ ياشىمىزنڭ مەخسىتى نىمە  ؟...... دىگەندەك سۇئاللار كىلۋالغان ئىدى.   ئۇيغۇرچەغا تەرجىمە قىلىنغان تەقدىرغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلار ۋە  كىتاپنىڭ ئايرىم  باپلىرى ۋە ماقالىلارنى قويماي ئوقۇپ چىققان ئىدىم.  كىيىن ئاللاھىنىڭ مەرھەمىتى بىلەن بۇ توغرىسىدا توغرا بىر چۈشەنجىگە ئىگەن بولدۇم. ئەلھەمدۇللا، دېمەكچى بولغۇنۇم دوستۇم سىزنىڭ مۇشۇنداق مەسسىللەردە ئويلۇنۇپ، پىكىر قىلۋاتقىڭىزىنىڭ ئۆزى  ئەمەللىرڭىزىنىڭ ئاللاغا ياراۋاتقىنى، تەكلبىم باشقا نورغۇن كىتاپلارنىمۇ ئوقۇغاندەك تۇرىسىز. ئاللا ئىلمىڭىزنى ئارتتۇرسۇن !  يۈسۈپ قەرھەۋىنىڭ‹‹ تەقدىر›› دىگەن كىتاپنى، ئاندىن  ئۇستاز سەئىيد نۇرسىنىڭ تەقدىر تورغرىسىدا يىزلغان كىچىك كىتاپچىسى بار شۇلارنى بىر ئوقۇپ چىقىڭ. كىتاپلار چوڭ ھەجىمىلىك ئەمەس. بىر چارچىغۇچە ئوقۇپ بولىسىز. ئىنشائاللا  ئۇندىن كىيىن  كالىڭىزدا يۇقارقىدەك سۇئاللار ھەم  قالمايدۇ. ھەممىسىنى تور دۇنياسىدىن تاپالايسىز!

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:06:21

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم ،  
7-8 يىللار ئىلگىرى شۇ سىز سورغا سۇئاللار مىنى قورشاپ ئالغان ئىدى. شۇ تەقدىر دىگەن نىمە ؟ ياخىشى يامانلىقىنى ئاللا پۈتۈۋەتكەن بولسا، بىزنىڭ ياشىمىزنڭ مەخسىتى نىمە  ؟...... دىگەندەك سۇئاللار كىلۋالغان ئىدى.   ئۇيغۇرچەغا تەرجىمە قىلىنغان تەقدىرغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلار ۋە  كىتاپنىڭ ئايرىم  باپلىرى ۋە ماقالىلارنى قويماي ئوقۇپ چىققان ئىدىم.  كىيىن ئاللاھىنىڭ مەرھەمىتى بىلەن بۇ توغرىسىدا توغرا بىر چۈشەنجىگە ئىگەن بولدۇم. ئەلھەمدۇللا، دېمەكچى بولغۇنۇم دوستۇم سىزنىڭ مۇشۇنداق مەسسىللەردە ئويلۇنۇپ، پىكىر قىلۋاتقىنىڭىزىنىڭ ئۆزى  ئەمەللىرڭىزىنىڭ ئاللاغا ياراۋاتقىنى، تەكلبىم باشقا نورغۇن كىتاپلارنىمۇ ئوقۇغاندەك تۇرىسىز. ئاللا ئىلمىڭىزنى ئارتتۇرسۇن !  يۈسۈپ قەرھەۋىنىڭ‹‹ تەقدىر›› دىگەن كىتاپنى، ئاندىن  ئۇستاز سەئىيد نۇرسىنىڭ تەقدىر تورغرىسىدا يىزلغان كىچىك كىتاپچىسى بار شۇلارنى بىر ئوقۇپ چىقىڭ. كىتاپلار چوڭ ھەجىمىلىك ئەمەس. بىر چارچىغۇچە ئوقۇپ بولىسىز. ئىنشائاللا  ئۇندىن كىيىن  كالىڭىزدا يۇقارقىدەك سۇئاللار ھەم  قالمايدۇ. ھەممىسىنى تور دۇنياسىدىن تاپالايسىز!

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:16:25

«بارلىق ياخشى يامان ئىشلار ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بولىدۇ.»دېگەن سۆزنى مەن مۇنداق چۈشىنىمەن.بىزنىڭ بىشىمىزغا كېلىدىغان خوشاللىق،شان -شەرەپ،بەخت،ئامەت دىگەندەك ياخشى ئىشلار ۋە ئازاپ ئوقۇبەت،بالا قازا دىگەندەك يامان ئىشلار ئاللاھ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.ئەمما شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قىلغان يامان ئىشلىرىمىزنى ئاللاھقا ئارتىپ قويساق بولمايدۇ.چۈنكى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىدە بارلىق ياخشى يامان ئەمەلللەرنىڭ چەك چىگراسى ئايرىپ بىرىلگەن.بەزىدە ئاللاھ بىزنىڭ ياخشى ئەمەللىرىمىزنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن ئامەت بىرىشى مۈمكىن،يەنە بەزىدە يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئاپەت ياغدۇرۇشى مۈمكىن .ئەمما ھەممىسى جازا ياكى مۇكاپات يۈزىسىدىنلا بولمايدۇ.مەسىلەن بەزىدە مال-دۇنيا بىرىش ئارقىلىق بىزنىڭ ئىتىقادىمىزنى ،نەپسانىيىتىمىزنى سىنىشىمۇ مۈمكىن.بەزىدە ئاپەت ياغدۇرۇپ بىزنىڭ سەۋر تاقىتىمىزنى سىناپ بىقىشىمىزمۇ مۈمكىن.

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:36:22

مەنمۇ دەل مۇشۇنداق بىشىم قىيۋاتقاندا بىر مۇنبەردىن ئىشقىلىپ ئۆزەم قانائەت قىلغۇدك جاۋاپقا ئىرىش گەندىم ،
خۇددى بىرىنجى بولۇپ ئىنكاس يازغان تورداش دېگەندەك ، گەرچە دۇنيادىكى قىلغانلىرمىز لەۋھۇل مەھپۇزدىكىسىگە ئوخشاش بولسىمۇ لىكىن بۇ ھەرگىزمۇ الدىن ئالا بىكىتىۋىتىلگەن ئەمەس ، پەقەت ئاللاھى تائالا بىز بۇدۇنيادا ياشاپ شۇ بىر قاتار ئىشلارنى قىلىپ جەننىتى ياكى دەۋزىخى بولشىمىزنى ئالدىن ئالا كۆرگەن خۇددى ئاۋۇ ئوقۇتقۇچىدەك ، ئاندىن شۇ مىنىڭ كەلگۈسىدە قىلغانلىرىمنى تەقدىر قىلىپ لەۋھۇل مەھپۇزغا پۈتكەن ، دىمەك سىز ھەرگىزمۇ قىلغانلىرڭىز مىنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەسكەن ، دەپ ئىچىڭىزنى پۇشۇرماڭ ، ئاگەر شۇنداق بولسا بۇ رەببىمىزنىڭ ئادىللىقىغا زىت بوپ قالدۇ ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ، سىز ھەممىنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن قىلسىز ، ياخشىنى ياماننى تاللايسىز ، ئاندىن يا دەۋزەخكە يول ئالسىز يا جەننەتكە ، ئۇلۇغ ئاللا پەقەت شۇ تاللاشلىرڭىزنى سىزدىن بۇرۇنراق كۆرۈپ يىزىپ قويدى ، ئەمدى يەنە بىر توردىشىمىز دېگەندەك ، مەن نىمە ئۈچۈن بۇ جەمىئەتتە تۇغۇلدۇم ، مەن نىمە ئۈچۈن بۇنچە نامرات ، نىمىشقا مىيىپ بولمەن ، مەن نىمىشقا باي ئەمەس دېگەندەك  مانداق تەقدىرگە ئائىت ئىشلارنى ئويلاپ ئىچمىزنى پۇشۇرساق ، ئۇ ئاللاھتىن نارازى بولغانلىق بولدۇ ، يىغىپ ئىيتقاندا كەلگۈسى يەنلا سىزنىڭ ھەممىنى ئۆزڭىز بەلگىلەيسىز ، پەيغەمبىرمىزمۇ تەقدىر ھەققىدە بەك چوڭقۇر ئويلاشتىن چەكلىگەن ، شۇڭا كۆپ كىتاپ كۆرۈپ ، يەنىلە كامىل مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن تىرشايلى .

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:37:54

مەن  يۇسۇف قەرداۋىغا قايىل ، ئىلغار پىكىرلىك ئىسلام ئالىمى ، ئۇنى مۆتىدىل ئىسلامىزىمچى دەپمۇ قويدۇ
  سىز دىگەن تەقدىر ناملىق كىتابى  قايسى تور بەتتە بادۇ، pdf شەكلىدىمۇ ؟  باشقا قىرىنداشلارمۇ بىلسە  ياردەم قىلسا بوپتىكەن

palwan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:42:24

كالىمىز ئېچىلغان سىرى ، دىن بىلەن پەننىڭ زىدىيەتلىك يەرلىرىنى ئېنىق تۇنۇيمىز
كالىڭز (ئەسلى كاللىڭىز) ئېچلغاندا دىن بىلەن پەننىڭ ھىچقايسىنىڭ زىدىيەتلىك ئەمەسلىگىنى بايقايسىز،

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:45:44

توغرا ، دىن بىلەن پەننى تەڭ ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 21:22:33

مەنمۇ بۇ تىما ھەم ئىنكاسلاردىن  ئۇزەمدىكى مۇجىمەل مەسىللەرنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك بولدۇم،.


مىنىڭچىە پەن بىلەن دىننى تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇشقا بولمايدۇ ، لىكىن  بۇ ئىككىسى بىر بىرنى تۇلۇقلايدۇ ، پەننىڭ يۇقىرى چىكى يەنىلا دىنىدىن  ئايرىلالمايدۇ.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 21:27:36

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=36849&highlight=%D8%AA%DB%95%D9%82%D8%AF%D9%89%D8%B1

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 21:35:42

رەخمەت قىرىندىشىم ، ئەمدى يۇسۇف قەرداۋىنىڭ  تەقدىر  كىتابىنى ئوقۇپ باقاي

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 21:36:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 10:46  

Stephen Hawking نىڭ «ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى» دېگەن كىتاۋىنى تولۇق ئوقۇپ چىقساڭلا، ئاندىن تۆۋەندىكى ئادرېستىكى يەتتە قىسىملىق قىسقا ۋىدېئولارنى كۆرۈپ چىقساڭلا، ئاساسىي جەھەتتىن چۈشىنىپ قالىسىلە.
http://shahblog.net/?cat=323
چۈشەنمەسلىكتىكى ئاساسلىق سەۋەب، «ئاللاھ تەقدىرنى ئالدىن پۈتۈۋەتكەن» دېگەن جۈملىدىكى «ئالدىن» دېگەن سۆز بولۇپ، مۇشۇ سۆزنىڭ ئۆزىدىلا بىز كۈلكىلىك ھالدا ئاللاھنى ئۆزى ياراتقان ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىمىز.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 21:55:46

مەن تەقدىرگە ئىشىنىمەن.

Mihman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 22:43:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mihman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 22:45  

http://sarwan.cn/63/ckplayer.swf?f=http%3A%2F%2Fsarwan.cn%2Fplus%2Fkino.php%3Furl%3DXNTEzOTIyOTgw_wd1&my_url=http%3A%2F%2Fwww.sarwan.cn%2Fplus%2Fplay.php%3Faid%3D77787%26play%3D1&my_pic=http%3A%2F%2Fsarwan.cn%2Fimages%2Fdefaultpic.gif&a=

داۋامى بۇ يەردە : http://www.sarwan.cn/video/video//2013/1205/77787.html

mamboo يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 08:14:32

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 08:30:35

بۇ مەسىلىگە بەك پېتىپ قامماڭلار

ALMAS333 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 09:25:56

تەقدىر مەسىلىسىنى توغرا چۈشنىىش ئۈچۇن،ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. بولۇپمۇ  ئېھتىماللىق ۋەسىتاتىستىكا نەزىيىسىنى.
مەسىلەن1:سىز بىر تەڭگىنى 100 قېتىم ئاسمانغا قارىتىپ ئاتسىڭىز ،100 قېتىمىنىڭ ھەممىسىدە ئوڭ تەرىپى چۈشىشىمۇ،100 قېتىمىنىڭ ھەممىسىدە تەتۈر تەرىپى چۈشىشىمۇ،ياكى 50 قېتىم ئوڭ تەرىپى 50قېتىم تەتۈر تەرىپى چۈشىشىمۇ،ۋەياكى 60 قېتىم ئوڭ تەرىپى 40قېتىم تەتۈر تەرىپى چۈشىشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ ئىنساننىڭ سوبىكتىپ ئىرادىسى بىلەن  قىلچە مۇناسىۋىتى يوق، بەلكى ئاللانىڭ ئىرادسى بويىچە بولىدۇ. مانا شۇ تەقدىر دىگەن.
مەسىلەن2: سىز ماشىنا ئۆتىشىپ كېتىپ بارغان يولنى توغرا كېسىپ ئۆتسىڭىز ، سىز ھەرقانچە ئېھتىيات قىلىسىزمۇ  ، شوپۇرنىڭ سەھۋەنلىكى تۈپەيلى سىزنى ماشىنا سوقۇۋېتىشى مۇمكىن،ۋەياكى بىخەتەر ئۆتۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، بۇمۇ پۇتۈنلەي تەقدىرگە باغلىق. ئاتىئىزىمدا بۇنى ئالدىن كۆرگىلى بولمايدىغان ئامىل دەپ ئاتىسا،دىندا بۇنى تەقدىر دەپ ئاتايدۇ. مەيلى دىنغا ئىشىنىدىغانلار بولسۇن ۋە ياكى  دىنغا ئىشەنمەيدىغانلار بولسۇن ھەممىسى تەقدىر (ئالدىن كۆرگىلى بولمايدىغان ئامىل)نىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتراپ قىلىدۇ.
ئنىساننىڭ سوبىكتىپ تىرىشچانلىقى پەقەت مەلۇم ھادىسىنىڭ  يۈز بېرىش ئېھتىماللقىغا تەسىر كۆرسىتەلىشىمۇ ياكى تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، بۇ تەقدىرگە مۇناسىۋەتلىك.
سىز بىر ئىشنى قىلماقچى بولسىڭىز قۇدىرىتىڭىزنىڭ يېتىشىچە ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىڭ،لېكىن  ئەمەلگە ئېشىشىمۇ ياكى ئەمەلگە ئاشماسلىغىمۇ مۇمكىن. تىرىشچانلىق كۆرسىتىش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز، ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاشۇرماسلىق ئاللانىڭ ئىشى.

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 09:26:22

ۋاقىت دىمەك ئالتۇن دىمەك:lol
بەت: [1] 2
: تەقدىر ئۇقۇمى ھەققىدە مەن چۇشەنمىگەن بايانلار