izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 14:21:11

ياشلاردىكى بۇزىلىش نىمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟

  توي قىلىشنى ئويلىساملا بىشىم قاتىدۇ  ، مەندەك قىزلارغا قىززىقمايدىغان ، قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئىلىشنى ئۇقمايدىغانلارغا   قىز دوست تۇتۇش ھەرقانداق ئىنتاھاندىن تەس  كىلىدىكەن ، ھازىر كۆپىنچە ياشلار ئۆزى تاپقان لايىقى بىلەن توي قىلدىغان بوپ كەتتى ، مەندەك تەنھالارغا ياخشىراق قىزنىڭ ئۈچرىشى تولىمۇ تەس، ئۇچرىغانلىقى قىز بىلەن يۇرگىلى بولمايدۇدە،  خىلى يىللاردىن بىرى ئاڭلىغان كۆرگەن قىزلار ھەققىدىكى ئىشلاردىن ئۇلارغا   باشقىچە قارايدىغان بوپ قالدىم ،ئەنسىرەيدىغىنىم ئەلۋەتتە ئەخلاق ، شەرىم  ھاياسى ، ئەڭ موھىمى ئىپپىتى         
    تولۇقسىزغا چىققاندىن بۇيان تەڭتۇشلاردىن بۇزۇقچىلىق كوچا پارڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇردۇم ، بۇ پاراڭدىكى   باش پىرژۇناسلار گاھى باشلانغۇچتىكى قايسى بىر چىرايلىق خانىم  بىلەن تەنتەربىيە مۇئەللىمى ، گاھىدا بالىلار ئورمان ، ئىتىز قىرلاردا كۆرگەن  نۇمۇسسىزلار بولسا   چوڭ بولغانسىرى بىز تونۇيدىغان  ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ، ساۋاقداشلارنىڭ ، ئاشۇق مەشۇقلارنىڭ ھىكاسىنى ئاڭلايدىغان بولدۇق ،   ئالى مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن بۇ ئادەتتىكى پاراڭ تىمىلىرى بوپ قالدى ،  بۇنداق ئىشلار بىشىدىن ئۆتكەنلەرنىڭ  كۆپلىكىدىن بىزدەك كەيىپ ساپاغا بىرىلمەيدىغانللار  ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يۇزى  ئىچىلمىغان ، جەمىيەت كۆرمىگەن، ياشلىقنىڭ پەيزىنى سۇرمىگەنلەر بوپ قالدۇق ، قىزلارمۇ  بىزدەك ياۋاش ،  مۆمىنلەرنى ياراتمايدىغان بوپ كەتتى، ئاڭلىغان گەپلەردىن خوتۇن ئىلىشتىنمۇ ، كىيىن ئۇنىڭ ماڭا قانچىلىك سادىق بولىشىدىنمۇ ئەنسىرەپ قالدىم ، ئۇ پاراڭلاردا ساقچىلارنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ ناشايان ئىشلىرى ،   مەركىزى شەھەرگە بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەننىڭ بۇزۇقچىلىقى ، ئىنتاھاندىن ئۆتۇپ ئىچكىردە تەربىيلىنىۋاتقانلارنىڭ ...............          بەلكىم دىھقانلار ئۇنداق ئەمەستۇ دىسەم   پاختا تەگىلى  كەتكەنلەرنىڭ  ئىشلىرىنىمۇ ئاڭلاپ چۈچىدىم  ـ  ئوغۇللار بىر يەرگە كەلسەك   قايسى مەكتەپتە  ئىپپىتىنى ساقلىغان قىزلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى قۇلاقلارنى يىقىپ سۆزلىشىدىغان بولدۇق
بۇلار نىمە سەۋەبتىن؟  ئۇلارنىڭ تەربىيەسىز قىلىشىمۇ ياكى    ئەتراپىمىزدىكى يات مەدىنىيەتنىڭ  يامان تەسىرىمۇ ؟  
  بۇلار   قىسمەن ياش ئوغۇل قىزلاردىكى ئەۋج ئىلىۋاتىقان ، توسىمىساق بولمايدىغان تەخىرسىز  جەمىيەت مەسىلىسى ، جەمىيەتشۇناسلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبى ۋە  ھەل قىلىش چارىسىنى تىپىپ چىقىشىنى ئۆتىنىمەن

maymah يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 15:28:22

قورقماڭ...نىكاھ دىگەن ھەر ئادەمنىڭ نىيىتىگە قاراپ پۈتۈلىدۇ.

kangasman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 15:53:47

ئۆزڭىز بىر شاھۋانىكەنسىز، شەھۋانى پاراڭنى ئىزدەپ سوراپ ئاڭلىغاندىكىن :lol

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 15:56:29

ئوغۇل بالا تۇرۇپ قىزلارغا قىزىقمىسىڭىز تېخى يېتىلمەپسىز ياكى پىسخىكىڭىزدىن چاتاق چىقىپتۇ.
بەك ئەنىسرەپ كەتمەڭ ھەركىم ئۆز خىلىنى تاپىدۇ.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 16:00:20

كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى ئۈگىنىشكە سەرىپ قىلىڭ

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 16:50:24

{:92:}

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 17:00:27

:L تۈر - تۈرى بىلەن بولىدۇ ...
ياشلار بۇزۇلۇپ كىتىۋاتمايۋاتىدۇ ... يۈرىكىڭىزنى سىلىۋىتىپ ئويلاپ بېقىڭ ، خىلى - خىلى ئىش تەۋرىتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قانچىلىك كۆپى ياش بالىلار ؟
ھازىرقى ياشلار كەلگۈسىنى سورايدىغانلار  ... ھامان بىر ئەۋلاد - بىر ئەۋلادنى بېسىپ چىقىدۇ ...
----

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 17:05:48

:lol مۇشۇ ئادەمنىڭ يۇۋىشىدىن قورقسا بولىدۇ . تۇلۇق 3 - يىللىقتا بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان. يۇۋاش بولغاندىمۇ دەھشەتلا يۇۋاش ئىدى. بىچارە بىر قىز بالىغا ئوڭلاپ گەپ قىلىشتىن قورقۇپ ، بىز بىللە بىرىپ گەپ دىيىشى بىرەتتۇق ... ئاخىرى ئۇمۇ بىر قىز بالا بىلەن يۈرۈپ قالدى. ئۆتكەن تەتىل ئۆيگە قايتسام ، باشقا بىر قىز بالىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرىدۇ. كونىسى قىنى دېسەم ، ئاداش يېڭىلاپ تۇرىۋاتىمەنغۇ ، بۇ 5 - سى دەيدۇ ...

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 17:26:04

نىكاھ باشقا ،كوچا پارىڭى باشقا .
بەزى پوپاڭ گۇيلار يالغان  گەپنى قىلىۋېرىدۇ ، ئانداق قىلىپ ،مانداق قىلىپ دەپ

najib يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 17:45:05

  ئۇنداق  گەپلەرنى   ئاڭلىسا   باش  ئاغرىيدۇ  ،،  

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 17:56:00

مەن قويغان سۇئالغا جاۋاپ بەرمەي  نىمىشقا مىنىڭ شەخسىيىتىم توغرىسىدىلا  گەپ قىلىسىلەر ، ئەجىبا سىلەر بۇ  ئىشلارنىڭ يامراپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلمىدىڭلادمۇ ، ئىشەنمىسەڭلەر  تولۇق ئوتتىرانىڭ  سالامەتلىك تەكشۇرۇش   نەتىجىسىگە قاراپ بىقىڭلار  قانچىسى قىز چىقتىكى!

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 17:57:33

جاھاندا ياخشى ئادەم كۆپ،شۇنىڭغا ئىشىنىڭ ،
ياخشى ئادەملەر توپىنى ئىزدەپ ئارىلىشىڭ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 18:28:44

ياخشى بالىلار بىلەن دوست بولۇڭ

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 19:20:25

izqi1991 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 17:56 static/image/common/back.gif
مەن قويغان سۇئالغا جاۋاپ بەرمەي  نىمىشقا مىنىڭ شەخسىيى ...

سىز بۇ يازمىڭىزنىڭ بېشىدىلا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىيىتىڭىز ھەققىدە ئۆزىڭىز توختىلىپ، باشقىلار سىز دېگەن گەپنى قايتا تىلغا ئالسىلا شەخسىيىتىم توغرىسىدا توختالدى دەپ قوپۇپسىز. شەخسىيىتىم دېگەن گەپ مۇدا ئوخشايدۇ شۇنىڭغا قارىغاندا. ھەممە ئادەم دەيدىكەن مەنمۇ دەپ باقاي دەپلا دېگەندەك قىلىسىز.

rocky1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 19:22:11

مەنمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى،،، مەن ئەتراپىمدا سىز دىگەندەك ئۇنچىلىك جىق بۇزۇق بالىلارنى كۆمۈدۈم،،،مېنىڭ دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياخشى بالىلار،،، قارىغاندا سىزنىڭ دوسلىرڭىزشۇنداق بۇزۇق ئوخشايدۇ،بۇزۇق بالىلار بىلەن ئارلاشسىڭىز جاھاندىكى ھەممە ئادەم بۇزۇقتەك كۆرۈنىدۇ،،، شۇڭا ياخشى بالىلار بىلەن دوس بۇلۇڭ،،،

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 19:43:47

پىشقان ئالما ساپىقىدا تۇرمايدۇ.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:15:04

ئىتقادسىزلىقتىن

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:15:25

تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا جاۋاپ : ئىمانسزلىقتىن بولىدۇ !

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:24:46

ئۆزىنىڭ بۇزۇلغۇسى باركەن بۇ بالىنىڭ. بۇزۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەپ، ساپ قىزلارنى قانداق ئوينىغانلىقى ھەققىدە پو ئاتىدىغان بالىلارنىڭ كەينىدىن شۆلىگىيىنى ئېقىتىپ يۈرۈپتۇ، لېكىن بۇزۇلالماي، ئاخىرى توردا قاخشىغىلى تۇرۇپتۇ.

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 22:11:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahammat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 22:14  

ئۇكام سىز گە مەسلىھەتىم :
1.ياخشى بالىلار بىلەن كۆپرەك ئارلىشىڭ . ياخشى ئادەملەر بىلەن ئارلاشسىڭىز ياخشى ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىنى بايقايسىز . يامان ئادەملەر بىلەن ئارلاشسىڭز يامان ئادەملەرنىڭ كۆپلىكى بايقايسىز .
2. جەمىيەتتە ھەرخىل ئادەملەر بار . ياخشى ئادەملەر بار ، يامان ئادەملەرمۇ بار . يامان ئادەملەرنىڭ چوقۇم يامان بولۇشى ناتايىن ، چۈنكى بەزى ئىشلار ياشلىقىتىكى ئۆتكۈنچى بىر ھەۋەس ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش داشقال كىشىلەرنىڭ كۆرەڭلىكى . بىر دوستۇمنىڭ مۇسۇلمان بىر مەملىكەتكە بارغاندىكى تەسىراتى : ئۇ يەردە پاھىشە خانىلار بەك كۆپكەن دىگەن . سىز نىمىنى ئىزدىسىڭىز شۇ ئۇچرايدۇ .
3. ئۇغۇل بالا بولغاندىن كېيىن مەن قىزلارغا گەپ قىلالمايتتىم دىگەن گەپنى ئاز قىلىڭ . ئوغۇل بالا دىگەن قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇستاراق بولىمىسا بولمايدۇ . ياخشى قىزلار كۆپ ، كۆڭۈل كۆزىڭىز بىلەن قاراڭ . ياخشى قىزلارنىڭمۇ ئەخلاقى ناچار بالىلارنى ياخشى كۆرۈپ كېتىشمۇ ناتايىن . تاللىغاندا چوقۇم مەڭگۈلۈك بولىشىغا دىققەت قىلىڭ شۇنداقلا ھەرقانداق ھاۋايى - ھەۋىسڭىزگە بېرىلمەڭ . چۈنكى سىز دەۋاتقان شۇ ناچار قىزلارنى ئەمەليەتتە شۇ پاخشەك يىگىتلەرنىڭ بىردەملىك نەپسى نابۇت قىلغان .
4.قىزلاردىن بەكرەك دۇنيا ھەققىدىكى ۋە مىللىتىڭىزنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ .
5.قىزلار ئەمەليەتتە ئەخلاقلىق ۋە بىلىملىك بالىلارنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ . مىجەزى ئوچۇق يورۇق بولسىلا ئەخلاقىدا مەسىلە بار دەپ ئويلاپمۇ قالماڭ .
6.قىزلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ، ئانچە مۇنچە سىناپ باقسىڭىزلا ياخشى يامانلىقى مانامەن دەپلا چىقىدۇ .
7. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاكتىپراق ،دادىلراق بولۇڭ ، ئوغۇل بالا ئۈچۈن بۇ ئەيىپ ئەمەس ، بىراق لاۋزا - تېتىقسىز بولماڭ .
بەت: [1] 2
: ياشلاردىكى بۇزىلىش نىمە سەۋەبتىن بولىدۇ؟