بالىلارنىڭ سۇننىتىنى قىلىش توغرىسدا.....
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار:نەچچە كۇن ئاۋال بىر بۇرادەر دوستىمىز بالسىنىڭ سۇننىتىنى قىلدى ، بۇ بالا ئەمدى تېخى 5 ياشقا كىرگەن،مىنىڭچە سەل بالدۇردەك بىلىندى، چۇنكى بىز كىچىك ۋاقىتلاردا 8-9 ياش ئەتراپىدە خەتنىسنى قىلدىكەنتۇق، ئۇ زامانلاردا دوختۇرخانغىمۇ بارمايلا ئۆيدىلا قىلاتتى، شەخسەن مىنىڭكىنمۇ 8 ياشتا قىلغىنى ئېنىق ئېسىمدە.
ھازىر دوختۇرنىڭ دىيىشچە قانچە بالدۇر خەتنىسنى قىلسا شۇنچە ياخشىمىش. بولسا 2-3 ياش ئەتراپدا قىلۋاتسا تىخى ياخشى دەيدۇ،بۇ كۆزقاراش توغرىمۇ؟ تەجىربىسى بارلار ۋە بېشدىن ئوتكەنلەر سۆزلەپ باقساڭلار؟ (مىنڭ بالاممۇ 5 ياشتىن ئاشتى) بەك كىچىك ۋاقىتتا قىلسا بالا ئۇ يىشىدا كەپسىز بولغانلىقتىن كىسىلگەن ئورۇن ئىتتك ساقايمايدۇ، سەل گەپ ئاڭلايدىغان ۋاقىتتا قىلىش كىرەك ، بەزىلەر 7 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن قىلسا ئوقۇشىغا تەسىر يىتىدۇ دەپ بالدۇر قىلىۋىتىدۇ ـ مىنىڭ بەك تەستە ساقايغان ، ئويناپ يۈرۈپ تەكىتىپ قىلىپ يەتتە كۈنلۈك بولغاندا قىلىدىغانلارمۇ كۆپ ھازىر،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نەۋرىسىنىڭكىنى يەتتە كۈندە قىلىپتىكەن دەپ. تۇغۇلۇپ يەتتە كۈندە قىلىدىغانلىمۇ باكەن، ئاڭلىغان لېكىن كۆمىگەن. بەك كىچىك قىلسا يۇقۇملىنىش خەۋپى ئېشىپ كېتەمدۇ قانداق يەتتە كۈن ،،{:107:} ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ھەممىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقىدىغان زاماندا ياشاۋاتقان ئوخشايمىز.
خاتالاشمىسام، ئەنئەنىۋى قارىشىمىزدا، خەتنىنىڭ مۇۋاپىق مەزگىلى بالىنىڭ ئالتە ياشتىن توققۇز ياشقىچە بولغان ۋاقتى ھېسابلىناتتى. مېنىڭچە بۇنىڭ فېزىئولوگىيىلىك، ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ئاساسلىرى بار. ھازىرقى ئەھۋالدا، جەمئىيەتتە، بالىنىڭ سۈننىتىگە قارىتا ئالدىراش ھەم ئالدىرىتىش خاھىشى كۈچىيىۋاتىدۇ.
بولۇپمۇ ھازىر، خەتمە كىچىك بولسىمۇ، كۆپىنچىسى دوختۇرخانىلاردا بىر خىل ئوپراتسىيە سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. دېمەك، بۇنىڭمۇ مەلۇم خەتىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئەقلى كۈچىمۇ تېخى يېتىلمىگەن، نېمىنىڭ ئاغرىقلىقىنى بىلمەيدىغان ۋە ياكى ئاغرىققا ئاز تولا بەرداشلىق بېرىش، ئۆزىنى ئاز-تولا كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان ياشتىكى بالىلارغا بۇ ئوپراتسىيەنى ئالدىراپ قىلىش، مېنىڭچە، مۇۋاپىق ئەمەس.
قىشلىق تەتىل كەلگىلىۋاتىدۇ، خەتنە مەۋسۈمىمۇ باشلىنىش ئالدىدا. ئاتا-ئانىلارغا مەسلىھەت: ئوپراتسىيە دوختۇرخانىدا قىلىنىدىغان بولسا، تۇنجى كۈنى دوختۇرخانىدا بىر كۈن ياتقۇزىۋېتىش ئەۋزەلكەن. چۈنكى، كۆپۈنچە ئىگىز-پەسلىك بالىنى ئوپراتسىيەخانىدىن بىراقلا ئۆيگە يۆتكەش جەريانىدا كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا، بالنىستا بىر كۈن(ئاخشام) كۆزىتىۋېتىپ، چوڭ مەسىلە كۆرۈلمىگەندە ئاندىن ئۆيگە قايتۇرساق، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. 5-7ياشقۇچە .بۇ ۋاقىت ئىنتايىن مۇۋاپىق ،،9ياشتا قىلسا سەل غەلىتە تۇرامدۇ قانداق :lol خۇدايىم بۇيرىسا ئوغلۇمنىڭ خەتنىسىنى 7 ياشتا قىلىمەن مىنىڭمۇ خەتنەمنى يەتتە ياشتا قىلغان جىيەنىمنى 7 يېشىدا قىلدۇردۇق، بىچارىنى قانداق كېسىدۇ مىنڭكىنى ؟ دىگىنىگە قورقۇتۇپ ئىشىككە قىستۇرۇپ كەتمەن بىلەن چاپىدۇ ، دۈشىگە قۇيۇپ چانايدۇ ، قەلەم ئۇچلايدىغان ئۇچلىغۇچقا سالىدۇ دەپ يىغلىتىۋەتكەن ئىدۇق{:92:} مىنىڭكىنى قىلغاندا ئاتام دوختۇر كېسىپ قويسۇنمۇ موللاممۇ دەپ سورىغاندا دوختۇر قىلسا چالا قىلىپ قويىدىكەن موللام قىلسۇن دەپ ئۇنىمىغانتىم ، ناركوز پاركوز دىگەن نىمە يوق ، تۇخۇم بىلەنلا جايلىۋەتكەن {:88:} ئىشقىلىپ كېسىۋەتمەي بولمايدۇ.{:92:} بىز تەرەپلەردە قازاقلار شۇنداق بالدۇرراق قىلىدۇ . بالدۇر قىلغاندىمۇ شۇ 4 = 5 ياش ئەتراپىدا . مېنىڭ بالامنىڭكىنىمۇ 3-4 ئاينىڭ ئالدىدا قىلدۇردۇق. 4 يىرىم ياش.كەسكۇچىمۇ قولى يەڭگىل ئادەمكەن. كىسىپ بولۇپ ئىككىنچى كۈنى كىچىك تەرەتكە بالام ئۆزى مىڭىپ بىرىپتۇ. مېنىڭكىنىغۇ تۆت قېتىم قىلغان ،،،،،ھەرقېتىم ياخشى قىلماي چالا قىپ
قۇيۇپ ...:'( xahroh يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 14:47 static/image/common/back.gif
مېنىڭكىنىغۇ تۆت قېتىم قىلغان ،،،،،ھەرقېتىم ياخشى قىلم ...
ۋۇي مۇنداق ئىشمۇ بار دەڭ تېخى! :( ما ئىش بۇلىدىكەن توت قېتىم قىسا تېخىمۇ بەلەن بۇلا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئۆرپ - ئادەت بىلەن ئىسلامىي ئىبادەت ئىككىسى تامامەن ئىككى گەپ، ئۆرپە - ئادەتنى ئىبادەتكە، ئىبادەتنى ئۆرپىگە ئارلاشتۇرۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئىبادەت يەنى ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رۇسۇلى بىزلەرگە بىلدۈرگەن ،بۇيرىغان يوسۇندا ئىلىپ بىرىلسا بۇنى ئىبادەت دەيمىز، شۇڭا بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى : ئىبادەت ھەر كىم ئۆزى خالىغان يوسۇندا قىلىدىغان ئىش بولماستىن بەلكى دىن شەرىئەتتە قانداق بۇيرۇلغان بولسا شۇ بويىچە ئىش قىلىشىمىز كېرەك .
مەن كىچىك ئوغلۇمنىڭ خەتنىسىنى ئەسلىدە يەتتىنچى كۈنى (ئەقىق كۈنى ) قىلىشنى نىيەت قىلغان ئىدىم، ئەمما تەييارلىق تازا پۇختا بولماي قىلىپ ، ياندۇرقى ھەپتىسى يەنى 14.كۈنى خەتنىسى قىلدۇردۇم، ئەلھەمدۇلىللا 10 كۈنگە بارماستىن ياخشى بولۇپ كەتتى. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان مەسىلە بالىنىڭ ئەقىقنى بېرىش ،خەتنە قىلدۇرۇشنىڭ بىزلەرگە ئاللاھتائالا تەرىپىدىن ئاللاھ ئۆزى بىلگەن يوسۇندا ساۋاپ - ئەجىر ئاتا قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش مەسىلىسىدۇر.
شۇڭا دىن توغرىسىدا ئۆزىمىز خالىغان گەپ - سۆز ، ئىش ھەركەتلەردە بولمىغان بولساق قېرىنداشلار، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن... بولسا كىچىك قىلىڭلار بۇنىڭ پايدىسى بار . ساقىيىشقا ،چۇڭۇيىشقا ،بۇرۇن تەرەققى قىلىشقا پايدىلىق دەپ ئاڭلىغان مەن . تۇغۇلۇپ 7 - قىلسا .......... يېڭى تۇغۇلغان بالا كۆتۈرەلەمدۇ ؟
يەنىلا 7 يېشىدا قىلغان ياخشى . بىزنىمۇ 7 يېشىمىزدا قىلغان . مۇشۇ ئوڭ . 7 - كۈنى قىلىمەن دەپ ياللۇغلىنىش كەپ چىقىپ ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىدا بىرەر ئىش چىقسا قانداق قىلغۇلۇق . مۇشۇ گەپنى قىلغانلار مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىڭلار . بىزنىڭ مەلىدە بىر تۇنگانى بولىدىغان ئىمامەتچىلىك قىلىپ بېرىدىغان .كېيىن مەلىدىكىلەر خەتنىسىنى قىلماپتۇ ئىماملىققا يارىمايدۇ دەپ يۈرۈپ نەۋرىلىك بولغاندا خەتنىسىنى قىلدۇرغان ئىدى .چوڭلا يوقلاپ چىقىپ تۇماقنى قويۇپ يېتىپتۇ كىچىك بالىدەك دەپ چاخچاق قىلىپ يۇرگەن 30يىلنىڭ ئالدىدا .مېنىڭكىنى ئۇ تۇنگانىدىن بۇرۇن قىلغاچقا ئويلاپ كۈلۈپ كېتەتتىم .پۇتىنى بېسىۋېلىپ تۇخۇمنى ئاغزىغا سالغاننى ئويلاپ .
بەت:
[1]
2