MEHZUN يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 18:56:38

ئاڭلاۋاتامسەن خۇتۇن؟!

ئاڭلاۋاتامسەن خۇتۇن؟
يىلماز ئەردۇغان.
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەھزۇن
  1
ئەر: تەييار بولغان بولساڭ چىقايلى؟
ئايال: ئاز قالدى قەدىرلىكىم!
ئەر: بىر سائەت بۇرۇن قالغان ئازدىنمۇ ئاز قالدىمۇ ياكى باياتتىنقىدىن تېخىمۇ ئاز قالدىمۇ؟
ئايال: ۋاي مانا كېلىۋاتىمەن.
ئەر: سەنغۇ كېلىۋاتىسەن ئەمما ھېچ بولمىسا كېلىن بىلەن كويئۇغۇل كېتىپ قالغۇچە كۆرۈۋالساق.
ئايال: ۋاي ئەجەپ دەپ كەتتىڭ. توختىمامسەن. يالىڭاچلا چىقامتىم يا؟
ئەر: ياق، ياق ھەرگىز يالىڭاچ چىقما. ئابايتتىن دېگەن بولساڭ سەن تەييار بولغۇچە مەن پۇتبول مۇسابىقىسىغا بېرىپ كىلىۋالمامتىم، بۇ يەردە سېنى كاشىلا قىلماي ھھھى.
ئايال: ماڭا قارا قۇدرەت يەنە دېيىشىپ قالمايلى جۇمۇ؟
ئەر: نېمىنى؟ كېيىم كېيىشنى دېيىشەمدۇق؟ نېمە دەۋاتىدىغانسەن سەن تېخى باشلىمىغان ئوخشىمامسەن كېيىم كېيىشنى؟ توختا مەن كېلىنگە تېلفۇن قىلىپ «تەقدىر-قازا، سەۋىر قىلسىلا» دەپ قۇياي.
ئايال: نېمىگە سەۋىر قىلىدۇ؟
ئەر: ئانىسى كېسەل ئىدىيا. ئالتە ئاي ئاران ياشىيالايدۇ دېگەنتى دوختۇر. بىز بېرىپ بولغۇچە رەھمەتلىك بۇپ كېتەر ئۇ خۇتۇن.
ئەر: ۋاي ئادەمنى ساراڭ قىلمىغىنە. گەپ قىلغۇزمىساڭ بەش مېنۇتقىچە تەييار بولاتتىم.
ئايال: ۋاي گۈزەلىم، مەن ئىككى سائەتتىن بىرى تەييار بولدۇڭمۇ دەۋاتىمەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىر سائەت گەپ قىلماي ساقلىدىم. تېخى يەتمىدىما ئۇ بەش مېنۇتتىن ئون ئىككىسى. ئايال: نېمە ئون ئىككىسى؟
ئەر: بىر سائەت دېگەن ئاتمىش مېنۇت، بەش مېنۇتتىن ئون ئىككىسى بولىدۇ. شۇنى دەۋاتىمەن.
ئايال: ھىىىىم.
ئەر: نېمە ھىىىىم. بەش مېنۇتتا تۈگەيدۇ دەۋاتمامتىڭ؟
ئايال: يەنە شۇ گەپما؟
ئەر:  ھىىە يەنە شۇ گەپ، بايا تەييا بۇپلا چىققان بولسام بۇ كەمگە مەنزىرلىك بىرەر يەگە بېرىپ دەم ئېلىپمۇ كېلىپ بولاتتىمكەن. سەن تەييار بولغۇچە چۇقۇم كىلىپ بولاتتىم. ئايال: سەن ئۇ يەردە تۇرۇپ كۆلۈۋاتقانسەن ھازىر.
ئەر: نىمىشقا؟ ئايال: دەۋاتقانلىرىڭنى قىزىقچىلىق دەپ يۈرگەنسەن بەلكىم.
ئەر: ئەسلى قىزىقچىلىق قىلىۋاتقىنىمدا سەن تەييار بولىۋالساڭ. مەن جىنايەت سادىر قىلىشنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن بىر چىقىۋالساق مۇشۇ ئۆيدىن.
ئايال: مەن تەييارلىنىپ بولدۇم. سەن چىقىپ ماشىنىنى ئوتئالدۇرغاچ تۇر.
ئەر: ياق. ياق. ئەۋۋال سەن كەل بىللە چىقايلى. خاتالاشمىسام ئەللىك مېنۇت بۇرۇنمۇ «تەييار بولدۇم، ئايىغىڭنى كەيگەچ تۇر» دېگەن ئىدىڭ.
ئايال: ئايىغىڭنى كەيمىدىڭما تېخى؟
ئەر: كەيدىم دە. سېنىڭ نېمە ئىشىڭ؟
ئايال: جىق گەپ قىلماي ماشىنىنى ئوتئالدۇرە، كەلدىم مانا. ئەر: ۋاي نېمە ئەمدى بۇ كېيىۋالغىنىڭ؟ ئايال: ۋاي نېمىكەن؟ ئەر: قېنى كېيىمىڭ؟
ئايال: خۇدا ھەققى بىر ماڭايلى قۇدرەت.
ئەر: ۋاي نېمىگە ماڭىمىز. بۇ كېيىمنى كېيىپ چىقىپ ياتاق ئۆيگە ماڭايلى دېسەڭ چۈشۈنىمەن-دە، ماڭايلى دېسەڭ نەگە بارغىلى بولىدۇ بۇ كېيىمىڭ بىلەن. نېمە دېگەن چاكىنا كېيىم بۇ.
ئايال: ۋاي قەدىرلىكىم جىيەنىمنىڭ تويىغا ئابايى كېيىپ بارسام بولامتى ئەمىسە.
ئەر: مەن ئابايى كەيگىن دەپ تۇرۋالمىدىمغۇ. ماۋۇ قىسقا ئۇخلاش كېيىمىڭدىن باشقىسىنى كەيگىن دەۋاتىمەن.
ئايال: ئادەمنى تۇلا ساراڭ قىلما قۇدرەت.
ئەر: بۇنداق كېيىم كېيىۋالساڭ سەن ئەمەس ساراڭ. ساراڭ بولىدىغىنى مەن. سورۇندىكى باشقا ئەرلەرمۇ چۇقۇم ساراڭ بولىدۇ.
ئايال: ھا ھا ھا   قىزغىنىۋاتامسەن؟
ئەر: نېمە؟؟ ئايال: قىزغىناۋاتامسەن دەۋاتىمەن؟
ئەر: پەرىخان، ئۆتۈنۈپ قالاي ئۈستۈڭگە ھەتتا ئاستىڭغىمۇ بىر نەرسە كېيىپ چىققىن. بىكا تويغا كېچىكىپ قالىمىز.
ئايال: ۋايۋۇۇۇي بولدى قىلىڭە، كېم نېمە دەر مېنىڭ كېيىمىمگە. ئەر: شۇ ھېچكىم بىر نەرسە دېيەلمەيدۇ. ئەمما كېيىمىڭنى كۆرۈش ئۈچۈن ساڭا ئەللىك سانتىمىتىرغىچە يېقىنلاشمىسا بولمايدۇ. مەن بۇنىڭغا رۇخسەت قىلالمايمەن. ھەتتا ھازىر ساڭا رۇخسەت قىلمىغاندىكىن بارمايلا قۇيايلى بولدى ئۇ تويغا. ئايال: رۇخسەت دەۋاتامسەن؟
ئەر: ھە.
ئايال: سەن كېمتىڭ ماڭا رۇخسەت بىرىدىغان.
ئەر: ئىىىرىڭ مەن ئىىىرىڭ. بۇ كېيىمىڭ بىلەن سىرتقا چىىشىڭغا رۇخسەت يوق.
ئايال: ھىھ چىقسام قانداق قىلاتتىڭ؟
ئەر: بۇ كېيىم بىلەن چىقالمايسەن. چىقمىغاندىكىن بىر نېمە قىلالمايمەن شۇ. كىرىپ باشقا كېيىمىڭنى كەي. ئادەمدەك كېيىنىپ بارايلى تويغا. بۇ ئىشنى مەن پەقەت بىر چاقچاق دەپلا بىلىپ قالاي خالاس.
ئايال: مەن مۇشۇنى كېيىپ بارىمەن قۇدرەت. سەن تويغا بارامسەن بارمامسەن ؟
ئەر: ماڭا قارا، مەن باشقىلارنىڭ «قۇدرەت ئايالىنى تاپالماي پەقەت ئايالىنىڭ كۆكسى بىلەن كاسىسىنى تويغا ئېلىپ كەپتۇ» دېيىشىگە يول قويمايمەن. ئالماشتۇرە تىز شۇ كېيىمىڭنى! ئايال: قايسى كۆكس قايسى كاسا ئىكەن ئۇ؟
ئەر: ھەي ھاياسىز، كۆكسۇڭ بىلەن كاساڭلا كۆرۈنىۋاتمامدۇ مانا. كېيىم دېگەننى ئۇيات يەرلىرىنى يېپىش ئۈچۈن كېيىدۇ. ئۇ يەرلىرىڭ كۆرۈنۈپ تۇرسا يەنە كېيىم دەمسەن بۇنى؟
ئايال: باشقا ئاياللارنىڭ كەيمەيدىغان نېمىسى يوق. نېىم بۇپتۇ مەن كېيىپ قويسام. تۇلا ئەرۋاھىمنى ئۇچۇرمىغىنە قۇدرەت. ئەر: پەرىخان! بۇلە باشقا كېيىمىڭنى كېيىپ چىق.
ئايال: باشقىسىنى كەيمەيمەن.
ئەر: كېيىسەن.
ئايال: باشقىسىنى كەيمەيمەن دەۋاتىمەن.
ئەر: ئەمىسە مەن ماۋۇ كېيىمىنىڭ قالغان يەرلىرىنىمۇ يىرتاي. ساڭا قارىغىنى بىكا كەتمىسۇن خەخنىڭ.
ئايال: قۇلۇڭنى تارت دەۋاتىمەن. ئەر: ھە مانا مۇشۇنداق! ئايال: ۋاي ئاللاھ جاجاڭنى بەرسۇن قۇدرەت. قانداق قىلىپ قويدۇڭ كېيىمىمنى؟
ئەر: قانداق قىپتىمەن؟ كۆرۈنۈپ قالمىغان بىرمۇ يىرىڭ قالمىدى مانا، چىقايلى ئەمدى. ئايىغىڭنى كېيەمسەن؟ ھە راست كەيمە. بىكا بارماقلىرىڭنى كۆرەلمەي قالمىسۇن خەخ.
ئايال: ئاللاھ جاجاڭنى بەرگەي ئىلاھىم. ۋۇ ھايۋان گۇي.
ئەر: ئاغىزىڭنى يۇم.
ئايال: (يەنە گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغىزىنى ئۇشلايدۇ).
ئەر: دەسسىۋىتىمەن بىكا.
ئايال: ئۇرە، ئۇرۇپ باقە قېنى. بىر ئۇرمىغىنىڭ قالغانتى.
ئەر: ۋاي خۇتۇن كېيىمىڭنى كېيىپ كەلسەڭ بىر چىقساق مۇشۇ ئۆيدىن. نىكاھقا ئۆلگۈرەلمىدۇق ئەمدى. زىياپەتكە بولسىمۇ ئۆلگۈرۈپ بېرىۋالساق.
ئايال: ئۆزەڭ بېرىۋال ھايۋان گۇي. مەن بارمايمەن ئەمدى.
ئەر: بارمىساڭ بارما بىشەم. مەن كەتتىم ئەمىسە.
ئايال: كۆزۈمدىن يۇقال. ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچى بولما.
ئەر: نېمە؟ چۈشەنمىدىميا؟
ئايال: خۇمپەر ئەبلەخ. ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچى بولما. ئاجرىشىپ كېتىمەن سەن بىلەن.
ئەر: نېمە؟
ئايال: ئاجرىشىمەن دېدىم.
ئەر: سەن ئۆيدە قېلىپ مەن كېتىدىغان ئىش يوق ئاجراشساق. كەتسەڭ سەن كەت.
ئايال؛ ھە مەن كىتەي بولدى.
ئەر: كېتە قېنى نەگە كېتىدىكەنسەن بىر كۆرەي.
ئايال: ھۆ ھۆ ھۇھۇ ھەەەھەەەە. (يىغلايدۇ)
ئەر: بۇلە ئەمىسە؟
ئايال: نەگە؟
ئەر: كېتىدىغان يېرىڭگە ئاپىرىپ قويۇپ مەنمۇ تويغا بېرىۋالاي. ئايال: ھۆ ھۆ ھۇھۇ ھەەەھەەەە. (يىغلايدۇ)
ئەر: پەرىخان ئون مېنۇتقىچە تەييار بولۇپ چىقساڭ چىق. ئادەمدەك كېيىم كېيىپ. بولمىسا بىنادىن تاشلىۋەتمەي سېنى. ئايال: ئەمىسە ئونبەش مېنۇت ۋاقىت بىرىڭ تەييار بولاي.
ئەر: ۋاي خۇدايىم بۇلە تىز ئەمىسە.
ئايال: ھا ھا ھە


2


ئاڭلاۋاتامسەن خۇتۇن؟! 2
ئايال: ھاياتىم!
ئەر: ........ (ئاڭلىماسقا سالىدۇ)
ئايال: بۇ يەردىمىتتىڭ ھاياتىم. نېمىشقا ھە دېمىدىڭ؟
ئەر: ھە دەمتىم. بىر گەپ بامىتتى. ھە مانا.
ئايال: چاقادىم مۇنداق.
ئەر: سەن بىلەن ئۆي تۇتقاندىن بىرى چاقىرىپ باقمىغانتىڭ. ھە نىم بولدى؟ ئۆيمۇ ئاران 90 كۇۋادىرات مىتىر. جىم تۇرساڭمۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولىدۇ. ئىسمىمنى خىيال قىلساڭلا ئاڭلايتتىم ئەمەسمۇ!
ئايال: گەپ قىلىۋىرىدىكەنسەن.
ئەر: ئۇدۇل بىنادىكى قوشنىلار بولمىساق بىز. كۆكسىمىزنى دېرىزىنىڭ تەكچىسىگە قۇيۇپ مۇڭدىشىدىغان.
ئايال: بىر گەپ قىلايما ئەمدى.
ئەر: ھە گەپ قىلساڭ بولىدۇ. ئەسلى خېلى بۇرۇنلا گەپ قىلالايتتىڭ سەككىز ئايلىق ۋاقتىڭدا.
ئايال: قىزىقچىلىق دەپ قالغىنىڭنىڭ ئۆزى بىر قىزىق ھە.
ئەر: سۆيۈملۈكۈم گەپنىڭ بىلىگە تەپمە. ئالدىمىزدا شاقىراتما كۆرگەندەك بولدۇم.
ئايال: ھە سەن بىزنى شۇ يەرگە قىستاۋاتىسەن.
ئەر: بۇ سۆزۈڭ سەل باشقىچىيا. مېنى ئەيىپلىسەڭ ئۆزەمنى ئاقلىيالماي. ئاقلىساممۇ سېنى ئەيىپلەپ قالىمەن. ئاندىن سەن ئۆزەڭنى ئاقلايمەن دەپ مېنى ئەيىپلەيسەن. كېيىن بۇ ئىشىكنىڭ جاقىلدىشىغىچە داۋاملىشارمىكىن.
ئايال: ياق، ياق. بۈگۈن جىدەللەشمەيمەن.
ئەر: ھە بۇنىڭغا كىم ئىشىنەتتى. ياتاق ئۆيىمىزنىڭ قۇرۇلىشىغا ئوخشاپ قالدى بۇ. ھەر يىلى تەبرىكلىسەكمۇ يېتىپ ئاشىدۇ.
ئايال: ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ئىدى.
ئەر: يەنە بىر تەرەپتىن جىدەللەشكەندە ئاغىزىڭدا بىر يالپۇز سېغىزى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. مەيلى ئەمدى.
ئايال: نېمە دەۋاتىسەن، چۈشەنمىدىم.
ئەر: بولدى قىل. مۇنداقلا دەپ قويدۇم.
ئايال: ئاغىزىڭ پۇرايدۇ دەۋاتامسەن سەن مېنى؟
ئەر: نىم بۇلاتتى. ھەممە ئادەمنىڭ ئاغىزى پۇرايدۇغۇ.
ئايال: مەن گەپ قىلساملا نىم بۇلاتتى دەمسەن سەن؟
ئەر: ماقۇلە. باشقا گەپ باما!
ئايال: تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندىن باشلاپ مىڭ قېتىم دېگەنسەن بۇ «باشقا گەپ بارمۇ» دېگەننى.
ئەر: ئەمىسە باشتىن كىلەيلى خۇتۇن.   سەن «ھاياتىم» دەپ چاقادىڭ. مەن يېنىڭغا كىلىپ «ھە» دېدىم. مۇشۇ يەردىن باشلىغىنە.
ئايال: يانفۇنۇمنىڭ پۇلىسى تۈگەپتۇ. مۇشۇ گەپ ئىدى.
ئەر: مەيلى ئەمەسمۇ ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ كۆرۈشسەم بولمىدىمۇ سەن بىلەن.
ئايال: بىكا گەپ قىلمىغىنە.
ئەر: ئەمىسە لازىم بولغاندا ئۆيگە كىلىپ يۈز-تۇرانە كۆرۈشەي.
ئايال: ئازىراق پۇل بەر.
ئەر: ساڭا پۇل بىرىپ كۆرۈشەمتىم مەن.
ئايال: ھاياتىم! بۇ كۈنلەردە كىم بىلەن كۆرۈشمەكچى بولساڭ پۇل بەرمىسەڭ كۆرۈشەلمەيسەن. خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا قۇرۇلغان. تايىنى يوق دوستلىرىڭ بىلەن قۇرۇق گەپ قىلىشقانغىمۇ  بىرىۋاتىسەن بىر مۇنچە پۇلنى.
ئەر: كىم ئىكەن ئۇ تايىنى يوق دوستلۇرۇم.
ئايال: ساناپ تۈگەتكىلى بۇلامتى. شۇنداقتىمۇ تۈگۈتۈشكە تىرىشىمەن. سەمى، نۇرىددىن، ئەمەت، ... لەر.
ئەر: سەمىنىڭمۇ تايىنى يوق بولدىما ئەمدى. مەملىكەت بويىچە ئۇستا دۇختۇر تۇرسا ئۇ.
ئايال: ئۇغۇ شۇنداق ئەمما تاماق يىگەندە ئاۋاز چىقىرىپ يەيدىكەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرۇپ.
ئەر: تۇغۇلىشىدىنلا ئاستىن زاڭىقى ئاستىدىراق ئىكەن. ئامال يوق.
ئايال: شۇ ھالىغا گازىر چېقىپ كىتىدىكەن تېخى. چىشلىرى ئۇدۇل كەلمەيدىغان تۇرسا قانداق چاقىدۇ ئۇنى. شوپتىكى بىلەن چايناپ تۇزىنى سۈمۈرۈپ يۈرىدىكەن. چايناپ بولۇپ ئالدىمىزغا تۈكۈرشىچۇ تېخى. ۋىييەي.
ئەر: ساڭىغۇ ھېچكىم ئەرزىمەيدۇ. سەن ياراتماي ئەيبىنى ئېچىپ يۈرگەن ئادەم ياۋرۇپادىمۇ داڭقى بار ئىچكى كىسەللەر دۇختۇرى جۇما، مەن ساڭا دەپ قۇياي.
ئايال: ھە بىر كۈن چوڭ يىغىن ئاچقاندا گازىر چېقىپ باقسۇن قېنى يۈزىگە كېم قارايدىكەن.
ئەر: ھەر نېمە دېگەن بىلەن مېنىڭ دوستىلىرىم سېنىڭ دۆستلىرىڭدەك ئەمەس. شەنگۈلدەك تۇرمۇش مەسلەھەتچىلىكى قىلىپ ۋاتىلداپ تېلىفۇن ھەققىمىزنى كۆپەيتىۋەتمەيدۇ ئىشقىلىپ. سەمى بىلەن پەقەت ئاداۋەتلىشىپ باقمىدۇق بىز. بىچارە قاسىرىقى بار نەرسىلەرنى تەستە يىگەن بىلەن ئائىلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ.
ئايال: شەنگۈل مېنىڭ ئەڭ يېقىن دوستۇم. بۇنداق ئىشلاردا تەجرىبىسى بار.
ئەر: قانداق ئىشلاردا؟
ئايال: ھەممە ئىشتا. ... مۇناسىۋەت. تۇرمۇش، ئەر-خۇتۇنلۇق ئىشقىلىپ ھەممە ئىشتا.
ئەر: بۇ تەجرىبىلىرىدىن نېمىشقا ئۆزى پايدىلانمايدۇ ئەمىسە؟ ساڭا تېلفۇن قىلسىلا ئۈچ يېرىم سائەت پاراڭلىشىدۇ. ئەڭ ئاددىسى ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ھەر كۈنى ئۈچ يېرىم سائەتنى ئۇغۇرلايدۇ. بۇنداق بۇلاۋەرسە قانداقمۇ بەخىتلىك بۇلالايمىز؟ شەنگۈل بىلەن پاراڭلىشىپ ئاشقان ۋاقتىڭدا مەن بىلەن كۆرۈشىسەن. يەنى ئۇنىڭ بىلەن ھەر دائىم مېنىڭ يامان گىپىمنى قىلىپ بولۇپ يەنە مېنى سۆيگىنىڭ نۇرمال ئەھۋالما سەنچە؟ يەنە ئاناڭمۇ بار تېخى. شەنگۈل بىلەن پۇخادىن چىقمىغان يەرلىرىڭنى ئاناڭ بىلەن تۇلۇقلىۋالىسەن.
ئايال: ئانام توغرۇلۇق قالايمىقان سۆزلىمىسەڭ بۇلا.
ئەر: ھە ئۇمۇ قالايمىقان گەپ قىلمىسا بۇلا، ھازىرغىچە مېنى «ئۇ ئادەم» دەپ پاراڭ قىلىدۇ ساڭا.
ئايال: سەن مېنىڭ تېلىفۇنلىرىمنى تىڭشاۋاتقان ئوخشىمامسەن؟
ئەر: ئۇنداق ئەمەس. سىمسىز تېلىفۇن ئۇبۇرنىدا قالغان ئىكەن. مەن بىرسىگە تېلفۇن قىلاي دەپ ئاچسام ئاناڭ بىلەن تازا ھىجىيىشىپ مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىۋىتىپتىكەنسىلە.
ئايال: يەنىچۇ؟
ئەر: يەنىما؟ يەنە ئاناڭ سەندىن «نەدە ئۇ ئادەم تىرىكمۇ يا» دەپ سورىدى. سەن «ئۇبۇرنىدا» دېۋىدىڭ مۇبارەك ئاناڭ: «ھە  ئۆزىگە يارىشا يەردە ئىكەنغۇ» دېدى. ئىككىڭلا مۇشۇ گەپكىلا ئىككى مېنۇتتىن ئارتۇق كۆلۈشتۇڭلا. كۆلۈشكەن مۇشۇ قاغىشتەككۈر ئىككى مېنۇتنىڭ پۇلىنىمۇ مەن تۆلەيمەن تېخى. يەنى خۇتۇنۇم بىلەن ئانىسى مېنى پوققا ئوخشۇتۇپ غەيۋىتىمنى قىلىدۇ. خەۋەرلىشىش شىركىتىگە چاپىدىغان يەنىلا مەن. بىرئاز ھۆرمەت دېگەننى بىلسەڭلا بۇلا. ئېرىم دەپ ھۆرمەتلىمىسەڭلامۇ ئادەم دەپ ھۆرمەتلەپ قۇيۇڭلا.
ئايال: تېلىفۇن پۇلىسىنى تۆلىگىنىڭگە گەپلىرىمىزنى ئۇغۇرلۇقچە ئاڭلايدىغان ھەققىڭ يوق.
ئەر: نېمىشقا پۇل تۇلەيدىغانلىقىمنى بىلىشقۇ ھەققىمدۇ. بىكاغا پۇل سورۇپ يۈرمەيمەن ئەمدى. ئاناڭغا دېگىن شۇ تۆلەپ قويسۇن تېلفۇن پۇلىنى.
ئايال: ھىىىە  شۇنداقمۇ مانا ئەمىسە ئەمدىغۇ بولغاندۇ.
ئەر: ھەي نېمىشقا ئاتىسەن ئۇنى دېرىزىدىن. مەن پۇلىسىنى تۆلەپ ئالغان تۇرسام ئۇنى.
ئايال: ھىىىە مۇنداق دە،  ماۋۇ تېلىۋۇزۇرنىڭ پۇلىسىنى كىم تۆلىگەنتى..
ئەر: توختا ھەي،  ساراڭ. قۇيە جايىغا..


3



 ئاڭلاۋاتامسەن خۇتۇن؟ 3
ئەر: پايپىغىم قېنى ھەي!
ئايال: مەن نىم بىلىمەن پايپغىڭنى يا مېنى ئىزدەپ كەلمىسە.
ئەر: كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن قەدىرلىكىم. مەن يالاڭئاياغ تۇرسام چاقچاق قىلالمايمەن.
ئايال: ئەمىسە پايپىغىڭنى كەيگىن. مەن چاقچاق قىلىۋىرەي.
ئەر: تاپالىسام كېيەتتىم شۇ سېسىق پايپاقنى.
ئايال: تاپقاندا ماڭا دەپ قوي ئەمىسە.
ئەر: ئاخىرقى قېتىم سوراۋاتىمەن؛ پايپىغىم نەدە؟
ئايال: ھاياتىم! پايپىغىڭنى خۇددى مەن گۆرەگە ئېىۋالغاندەك گەپ قىلىسەنغۇ؟ مەن نەدىن بىلەي سېنڭ پايپىغىڭنى؟ بىر ئۆيگە كىرگەندىن بىرى سەن پايپىغىڭنى سورايسەن. مەندىن ئوخشاش جاۋاپ ئاڭلايسەن. پايپىغىڭنىڭ قاراۋۇلىمىتتىم مەن.
ئەر: ئەمما مەن سەندىن باشقا جاۋاپ ئاڭلاپ قالامدىمەنكىن دېگەن ئۈمۈدۈمنى ئۈمۈدسىزلەرچە داۋاملاشتۇرۋاتىمەن.
ئايال: پايپاقلىرىڭنى بىرسىنىڭ ئىچىگە بىرسىنى تىقىپ توپ قىلىپ ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئاتمىساڭ بۇنداق ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيسەن سەنمۇ؟
ئەر: تۇلا گەپ قىلماي تاپا تىز؟
ئايال: ئەجەپ جىددىيلىشىپ كەتتىڭغۇ؟
ئەر: كىچىپ قالىمەن.
ئايال: نەگە؟
ئەر: بارماقچى بولغان يېرىمگە.
ئايال: قەيەر ئۇ؟
ئەر: بىلمەيمەن.
ئايال: بىلمەيدىغان يەرگە قانداق باراتتىڭ؟
ئەر: خەختىن سوراپ.
ئايال: ساخو (تايىنى يوق)
ئەر: نېمە؟
ئايال: نېمە بولىۋاتىلا؟
ئەر: ھېچنىمە. پايپىغىمنى بەر. كىچىكىپ قالدىم.
ئايال: كىم بىلەن كۆرۈشەتتىڭ.
ئەر: بىلمەيمەن.
ئايال: ھە.. بىلمەيدىغان بىر يەرگە تۇنۇمايدىغان بىرسى بىلەن كۆرۈشكىلى كىتىۋىتىپسەندە؟
ئەر: ھە تاپتىڭ. يەنە تېخى پايپىغىمنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. قىسقىسى بۈگۈن مەن ھىچ نېمە بىلمەيمەن.
ئايال: ئاچچىقلىشىمغا رۇخسەت قىلمامسەن؟
ئەر: ئاچچىقلاۋەر. مېنىڭمۇ نېرۋام جايىدا ئەمەس.
ئايال: نەگە بارىسىز دەۋاتىمەن غۇجام؟
ئەر:  بەيئوغلۇ (ئىستانبۇلدىكى ئاقسۇڭەكلەر ئولتۇراقلاشقان، كۆڭۈل ئېچىش ئۇرۇنلىرى مەركەزلەشكەن يەر نامى) دا بىر قەھۋاخانىدا ئۇقۇرمىنىم بىلەن ئۇچراشماقچى.
ئايال: ئۇقۇرمىنىم بىلەن دەڭ! ئايالغۇ دەيمەن ھە؟
ئەر: بىلمەيمەن.
ئايال: غۇجام ئۇنداق قىلماي بىلىپ قويسىلا بۇلا.
ئەر: يەنە غۇجام دەۋاتىسەنغۇ. ئەمدى دېمىسەڭ بۇلامىكىن.
ئايال: ئەمىسە سەنمۇ ئۇچۇق گەپ قىلمامسەن. مەسىلەن: بۇ ئۇقۇرمىنىڭنىڭ ئىسمى نېمە؟
ئەر: نۇرتەن.
ئايال: ئىسمى نۇرتەن. ئەمما سەن ئۇنىڭ ئەر-ئاياللىقىنى بىلمەيسەن شۇنداقمۇ؟
ئەر: ئىسمىدىن قانداق بىلگىلى بۇلىدۇ دەيمەن. مەسىلەن مېنىڭ گۈلتەن ئىسىملىك دوستۇم بار.
ئايال: گۈلتەن.. ئەر كىشى دېگىن؟
ئەر: ياق. ئايال كىشى ئىدى. ئەمما ئۇ  گۈلتەن دەپ ئەر كىشى بار دېگەن.
ئايال: تۇلا گەپدانلىق قىلماي ئۇچۇق گەپ قىل. ئەمدى يەنە قاملاشمىغان گەپ قىلساڭ بىكار  ۋاختىنچە ئۈزىۋىتىمەن. (مۇلازىمەت رايونىنىڭ سىرتىدا قىلىۋىتىمەن).
ئەر: تېخى تۇنۇشمىدىم ئۇنىڭ بىلەن. مانا ھازىر تۇنۇشقىلى بارىمەنغۇ!
ئايال: قانداقسىگە تۇنۇشقىسى كىلىپ قالىدۇ ئۇنىڭ. ساڭا تۇنۇشايلى دېگەنما. ياكى سەن تۇنۇشقىسى بارلىقىنى قانداق بىلىۋالدىڭ؟
ئەر: بۇ قىز بالا بەلكى ئۇغۇل بالىدۇ. ئىشقىلىپ ماڭا ھەر دائىم ئىمىل ئەۋەتىپ تۇراتتى. تۇنۇشقىسى بارلىقىنى يازاتتى. ئاخىرى مەنمۇ بۇپتۇ تۇنۇشايلى دېدىم. ھەممە ئىش مۇشۇ.
ئايال: .......ياخشىغۇ!
ئەر:    
ئايال: بىر قەھۋەخانىدا ئۇچرىشىسىلەر ھە؟
ئەر: ھەئە.
ئايال: خۇشبۇي قەھۋە پۇرىقى... بەيئوغلۇدا ئىكەنلىكىگە قارىغاندا مەنزىرىلىك بىر يەر...بەلكى مۇڭلۇق بىر مۇزىكا...رومانتىك بىر جايدا بىر يازغۇچى بىلەن ئۇقۇرمەننىڭ تەمىگە قېنىپ بولماس ئەدەبىيات سۆھبەتلىرى. شۇنداقمۇ؟
ئەر: ئاجايىپ گۈزەل تەسۋىرلىدىڭ. پەقەت بىر جۈملىلا كەم قالدى: پايپاقسىز يازغۇچى بىلەن ئۇقۇرمەننىڭ سۆھبىتى،
ئايال: قاراڭغۇ چۈشكەندە بىرەر دىسكۇخانىغا كىتەسىلە ھەقاچان؟
ئەر: جۆيلىمىگىنە.
ئايال: نېىم بۇلاتتى جېنىم! تېخى نۇرتەننىڭ ئەر ياكى ئاياللىقى ئېنىق ئەمەس تۇرسا.
ئەر:... يا باشقا پاكىز پايپاق يوق بۇ ئۆيدە.
ئايال: بۇنچىلىك جىق كېيىم كەيمىسەڭمۇ بۇلار ئىدى. بەلكىم سېلىۋىتىدىغان ئىش بولۇپ قالسا دەيمىنا!
ئەر: نېمە دېگىنىڭ ئۇ؟
ئايال: نۇرتەن ئايال كىشى بۇپ قالسا تېخى.
ئەر: بەك ئاشۇرۋىتىپ بارىسەن جۇمۇ!
ئايال: قەدىرلىكىم ئەگەر لايىقراق جاي تاپالمىساڭ مۇشۇ يەرگىلا باشلاپ كەل. مەن ئانامنىڭ ئۆيىگە كىتىپ تۇرىمەن.
ئەر: قارا خۇتۇن! مەن بىر يازغۇچى. ئۇقۇرمىنىم تۇنۇشايلى دەپ جاپا تارتىپتۇ. مەنمۇ ئاخىرى قۇشۇلدۇم. پۈتۈن ئىش مانا مۇشۇ. تۇلا ھىكايە تۇقىمساڭ بۇلامىكىن.
ئايال: ھە شۇ ئەمەسمۇ؟ باشقا مەخسىتىڭ يوق دېگىنە؟ شۇڭا بىر سائەت بولدى ئالدىڭدىكى پايپاقمۇ كۆزۈڭگە كۆرۈنمەي ھاياجانلىۋاتقىلى. قارا چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكىنىىڭنى.
ئەر: قېنى ئۇ پايپاق.... ھە. باياتتىن بىرى بىكا ئىزدىگىلى سېلىپ ئادەمنى.ئەكىلە.
ئايال: كەم بۇلامىكىن. دەرىزىدىن ئېتىپلىۋىتەي سېسىق پايپىغىڭنى، ماڭغاندا پەستىن تېپىپ كىيىپ ماڭ.
ئەر: توختا ھەي ئۇنداق قىلما.
ئايال: خەيرى-خوش ئەمىسە. ئەخلاقسىز ۋە پايپاقسىز يازغۇچى غۇجام.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 20:12:07

:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 20:34:21

قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!:lol

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 20:55:22

ئىتوت قىلىپ ئىشلىسە تازا قاملىشامدۇ نىمە؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 08:53:25

بۇ بىر... سىنارىيەمۇ نىمە؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 08:59:58

ئەر: ماڭا قارا، مەن باشقىلارنىڭ «قۇدرەت ئايالىنى تاپالماي پەقەت ئايالىنىڭ كۆكسى بىلەن كاسىسىنى تويغا ئېلىپ كەپتۇ» دېيىشىگە يول قويمايمەن.
:lol:lol:lol

tayirT يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 11:02:31

ئابدۇ كېرىمكام ئورۇنلاپ باقسا تېخمۇ جانلىق چىقارئىكەن :lol:lol:lol

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 12:01:43

ئابدۇقەييۇمكامنىڭ ئىتوتى بارتىغۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان :lol

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 13:23:41

qassap يوللىغان ۋاقتى2014-1-8 12:01 static/image/common/back.gif
ئابدۇقەييۇمكامنىڭ ئىتوتى بارتىغۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ...

شۇنداق خوتىنى بار ەرلەرگە بەك ۇۋال جۇمۇ .مومكىن. بولسا (ىرىم مىنى باشقۇرۇپ تۇرۇڭ ) دىگەن ھىكايىنى. وقۇپ بەرسە بولغۇدەك:Q ;P

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 13:23:47

:lol:lol:lol:lol:lol:lol

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 13:53:07

ئەر: سەن بىلەن ئۆي تۇتقاندىن بىرى چاقىرىپ باقمىغانتىڭ. ھە نىم بولدى؟ ئۆيمۇ ئاران 90 كۇۋادىرات مىتىر. جىم تۇرساڭمۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولىدۇ. ئىسمىمنى خىيال قىلساڭلا ئاڭلايتتىم ئەمەسمۇ!
:lol:lol

matu يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 14:43:47

ئايال: بۇنچىلىك جىق كېيىم كەيمىسەڭمۇ بۇلار ئىدى. بەلكىم سېلىۋىتىدىغان ئىش بولۇپ قالسا دەيمىنا!
{:92:}{:92:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 16:41:09

ماۋۇلار ۋەھشەتكەن، نەقلا ئېتوتلاركەن:lol

zeper يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 08:24:30

جېنىم چىقۇچە ھوزۇرلاندىم.رەھمەت.
بەت: [1]
: ئاڭلاۋاتامسەن خۇتۇن؟!