ibirlik يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 15:34:25

ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى 6-سان ئۇيغۇر ئاكادېمىك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibirlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 15:47  

                                                              ئۇچۇر تېخنىكىسىنڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى  
                                                                              维吾尔学术论坛   
                                                                      Uyghur Science Forum
     <<ئىلىم-مەرىپەت،تەرەققىيات ۋە ئنسانچىللىق>>تىن ئىبارەت 3 ئاساسى ئىدىيەنى يىتەكچى قىلىپ،پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق <<ئىلمىي تەرەققىيات>قا بەلگىلىك تۆھپە قوشۇۋاتقان  <<ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى>>نىڭ 6-سانىدا ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن چىققان تۇنجى ئاكادېمىك ھوشۇر ئسلام ئەپەندى لېكسيە سۆزلەيدۇ.
سۆزلىگۈچى: جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيسنىڭ ئاكادېمىكى،شنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتىر پەنلىرى دوكتۇر ئاسپرانت يىتەكچىسى ھوشۇر ئسلام
باھالىغۇچى مۇتەخەسس: پىراففىسور،دوكتۇر يىتەكچىسى تۈرگۈن ئىبراھىم
پىلانلىغۇچىلار:  تاھىر ئىمىن ،نەجمىدىن قارلۇق
تەشكىللىگۈچى: قارلۇق شىركىتى
ۋاقتى: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە) كەچ سائەت 5:00تە.
ئورنى : قارلۇق شىركىتى يىغىن زالى   ئادېرىسى:ئۈرۈمچى شەھرى يەنئەن يولى شنخۇا كىتابخانىسى 4-قەۋەت.     
ئەسكەرتىش:زالغا بىر سائەت بۇرۇن كىرىشكە بولمايدۇ.لېكسيە ھەقسز.كەسپ ئەھلى ۋە قىزىزىققۇچىلارنىڭ ۋاقىت ۋە تەرتىپكە رېئايە قىلىپ قاتنىشپ،سەمىمى بولغان ئىلمى روھنى تەشۋىق قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمىز.
ئىلىم مۇنبىرى خىزمىتىگە ياردەمچى، ياخشى تەكلىپ-پىكىر، ھەمكارلاشقۇچى قوبۇل قىلىمىز. ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرى: 13899973230

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 16:52:00

ماڭا ئورۇن ئېلىپ قويۇڭلار بالىلار..  مۇشۇنداق شەنبە كۈنلىرى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىكەن..

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 17:27:39

ھەي ئۈرۈمچى ...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 18:12:58

يەنە ئۇرۇن قىستاڭچىلىقى  بولىدىغان بولدىدە :L

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 18:18:30

سۈرەتكە ئىلىپ تورغىمۇ يوللاپ قويساڭلار ،بىزمۇ كۆرۈپ باقساق :L

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 18:45:13

ئورۇنن زاكاز قىلامدۇق ياكى بارساقلا بولامدىغاندۇ؟

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 20:14:41

بارسىلا بولار،قارلۇقتا ئۇرۇنلاشتۇرسا ئەزەلدىن ئۇرۇن زاكاس قىلمايدىغاندەك يادىمدا…

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 13:21:43

   ئەپسۇس ، قاتنىشالمىدىكەنمىز ... توردا يوللىساڭلار كۆرەمىز .

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 14:49:51

شەنبە كۈنى دەم ئالساق چوقۇم بارىمىز. ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ بارىمەن.
بەت: [1]
: ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى 6-سان ئۇيغۇر ئاكادېمىك