meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 14:06:55

كونا ھۆججەت2

2-ھۆججەت
مىراس بۆلۈشۈش توغرىسىدا
   مۆھۆرلۈك ھۆججەت بەرگەن بىزلەركى لەڭگەردىن رەھمەت ئاخۇننىڭ ۋارىسلىرىدىن زەمىرە بىبى،پاتىمە بىبى،ھەكىمە بىبىلەر شەرىئەت بويىچە بۇ تەرىقىدە بايان قىلدۇقكى،ئاتىمىزدىن مىراس قالغان يەرلىرىمىزنى ئۆز ناملىرىمىزغا ئايرىۋالماقچى بولغىنىمىزدا،مىراس يېرىمىزدىن شەرقتىن غەربكىچە بەش يۈز غۇلاچ يەرنى ئىككى ئوغۇل سېتىۋىتىپتۇ.بۇ توغرىدا بىگىمگە ئەرز سۇنغىنىمىزدا ،ھۆكۈم بىلەن مۆمىن دورغا چىقىپ يۇرت ئىچىدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ،ئىككى ئوغۇل -توقى ئاخۇن،سامساق ئاخۇنلارنىڭ يەرنى ھاشىم باخشىغا ساتقىنى ساتقان بويىچە بولىۋەردى.بۇنىڭ بەدىلىگە چوڭ يولنىڭ شەرق تەرىپىدىكى دۆڭلۈكتىن ئىككى ئوغۇلغا كېلىدىغان مىراس يەرنى بىزلەر ئۈچ قىزغا ئۆتۈنۈپ بەردى.قىزلار دەۋايىمىزنى قايتۇرۇۋالدۇق.بىر ئوغۇلنىڭ مىراس ھەققى مەن پاتىمە بىبىگە تەگدى.بىر ئوغۇلنىڭ ھەققى زەمىرە بىبى،ھەكىمە بىبىگە تەگدى.مىراس ھەققىمىزنى ئوغۇل ئوغۇلچە ،قىز قىزچە ئايرىشىپ ئېلىپ رازى بولۇپ كېلىشىۋالدۇق.
     مەن توقى (بارماق ئىزى)،مەن سامساق(بارماق ئىزى)،مەن پاتىمە بىبى(بارماق ئىزى) مەن زەمىرە بىبى(بارماق ئىزى)مەن ھەكىمە بىبى(بارماق ئىزى)
مىنگونىڭ17-يىلى4-ئاينىڭ  كۈنى
ئەلى كۆكبېشى،مەمەت ئون بېشى،ئىمىن مەزىن،سۇلايمان ئاخۇنلار گۇۋاھ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 15:46:47

ھەقىقەتەن راۋان بايانلار-دە بۇلار!
مەنمۇ بەزىدە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ئەرز- شىكايەت ۋە ئىلتىماسلارنى يېزىپ بېرىمەن، ھەم تەرجىمە قىلىمەن. لېكىن مۇنۇڭدەك راۋان ئەرز- ئىلتىماسلارنى ناھايىتى كەم ئۇچرىتىمەن. بەزەنلىرى راۋان بولسا مەزمۇنى كەمتۈك، بەزەنلىرىنىڭ مەزمۇنى تولۇق بولسا، راۋانلىقى كەمچىل دېگەندەك!

مۇشۇنداق كونا يازمىلار بولسا يوللاپ تۇرۇڭ، تىلىمىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى پاساھەتلىرىدىن ئىلھاملىنىپ تۇرايلى.
مۇمكىن بولسا، ئەسلى نۇسخىسىنىمۇ سىكانىرلاپ يوللاپ قويسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى (پەقەت كۆرۈپ ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن).

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 16:02:05

ئەسلى نوسخىسى مەندىمۇ يوق.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 16:31:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 16:32  

مەندە مۇشۇنداق كونا ھۆججەتتىن بىرەر-ئىككى مىڭ پارچە بار. ئالدى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا، كەينى ئالدىنقى ئەسرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە تۇتىشىدۇ. ئۆي ئىجارىگە بەرگەن، يەر ساتقان، قەرز ئالغان، خوتۇنىنى ساتقان، قۇلنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ئەرز-شىكايەت قىلغان.... دېگەندەك ھەرخىل ھۆججەتلەر.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 16:40:07

بىرھون ئەپەندىم تور بېتىڭىزدا بارمۇ شۇ نەرسىلەر ، بىزمۇ كۆرۈپ ھۇزرۇلىنىپ باقايلى  ...

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 16:57:09

سېرىق سامان قەغەز ياكى ئۈجمە قەغەز نۇسخىسىنى رەسىمگە تارتىۋالسا ھە. مەن بىرنى كۆرگەن، نەچچە يۈز يىل بولغانمۇ، ئىشقىلىپ بەزى خەتلەرنى ئوقۇپ بىلگىلى بولمايدۇ.

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 20:35:52

چاغاتاي يىزىغىدىكى ھەرخىل ھۆججەتلەرنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بار.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 00:31:12

بىبى دىگەن نىمە  گەپتۇ؟  مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. بىرنجى ھۆججەتىمۇ بار ئىكەن . ئايالنىڭ  ئىسمىىڭ ئارقىسىغا بىبى قېتىلغان ئىكەن. بىزدە ھېلھەم بارغۇ ‹‹...خان ›› دەپ ئاتايدىغان .  موشۇ گەپمۇ يا  ؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 11:19:59

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 16:31 static/image/common/back.gif
مەندە مۇشۇنداق كونا ھۆججەتتىن بىرەر-ئىككى مىڭ پارچە با ...

بىرھون تورىدا بارمۇ بۇ خىل ھۆججەتلەر؟
كۆرۈپ بىر ھوزۇرلانساق بولاتتى، كىم بىلىدۇ، قەدىمكى ئۇيغۇر- تۈرك يېزىقلىرىنى ئۆگىنىشىمىزگە ئىلھام بولۇپ قالامدۇ-تېخى!

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-1-8 20:17:00

بۇرۇنقى زامانلاردا بارماق ئىزىنى قانداق پەرقلەندۈرىدىغان بولغىيتى؟

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 14:31:09

oygak2005 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 00:31 static/image/common/back.gif
بىبى دىگەن نىمە  گەپتۇ؟  مەن بۇرۇن ئاڭلاپ باقماپتىكەنم ...

«بى بى» دېگەن ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان «بۈۋى» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى.
بۇ «قىز»، «قىزلىقى بۇزۇلمىغان»، «پاك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پارس تىلىغا قېرىنداش بولغان ئىنگلىز تىلىدىكى «Baby» دېگەن سۆزگە تەڭداش نارسىدە دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشىمۇ مۇمكىن.
بۇ سۆز ئەڭ دەسلەپتە پەقەت ۋە پەقەت «Virgin mary» دېگەن مەنىدە «بى بى مەرىيەم» دەپلا، پەقەت بۈۋى مەرىيەم ئانىنىڭ ئىسمى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلەتتى. كېيىن، باشقا قىز-ئاياللارنىڭ ئىسمىغىمۇ ئىشلىتىلىپ، ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بولدى.
تۆۋەندىكى ئىسىملارنى تەتۈرىسىچە ئوقۇسىڭىز بىلەلەيسىز:
بى بى مەرىيەم = بۈۋى مەرىيەم = بۈمەرىيەم = بۈمەرەم
بى بى ئائىشە = بۈۋى ئائىشە = بۈۋى ئايشەم = بۇۋايشەم
بى بى ساراھ = بۈۋى سارە = بۈسارە = بۈسەرەم
بى بى ھەجەرە = بۈۋى ھەجەر = بۇھاجەر
..... ۋەھاكازالار....

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-12 14:47:32

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-1-12 14:31 static/image/common/back.gif
«بى بى» دېگەن ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان «بۈۋى» دېگەن سۆز ...

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم
رەخمەت ،چۈشەنجە بەرگىنىڭىزگە !
بەت: [1]
: كونا ھۆججەت2