كىملىكىم يوقاپ كەتتى، ئەڭ تېز بېجىرىش ئۇسۇلى بارمۇ؟
كىملكىم يوقاپ كەتكىلى ئىككى ھەپتىدىن ئاشتى، ئۇ يەردىن چىقىپ قالار-بۇ يەردىن چىقىپ قالار دەپ مۇشۇ كۈنگىچە ھېچ يەردىن چىقىپ قالمىدى، تېپىلمايدىغانغا يۈتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردۈم. ئەمدىكى مەسلە كىملىكىمنى تېپىۋالغانلار نېمە ئىشلارغا ئىشلىتەلىشى مۇمكىن؟ يۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن قانداق قىلىشم كېرەكتى؟ قانداق قىلسام تېز بېجىرەلەيمەن؟ بىزنىڭ ساقچىخانىدا بېجىرسەم 3 ئايدىن يېرىم يىللارغىچە ھەتتا بىرەر يىلغا سوزۇلۇپ كتىمىش، بېجىرىپ باققانلار شۇنداق دەيدۇ. يۇقارقى ئىشلار توغرىسىدا تەجىرىبىسى بارلار ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساڭلار، رەھمەت. ئۈرۈمچى چاڭجىياڭ يولى تەرەپتە مەخسۇس يۈتكەن كىملىك بىجىردىغان ئورۇن بار، بىر ھەپتىدە چىقىپ بولىدۇ، بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدا يۈتكەن بولسا ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز چاڭجىياڭ يولى تەرەپتە شەھەرلىك نوپۇس باشقۇرۇش ئىشخانىسى بار، شۇ يەردە بېجىرىدۇ، تېز بىجىرىشكە يۈز كويدىن جىقراق پۇلنى ئارتۇق ئالىدۇ، بىر ھەپتىگە قالماي چىقىپ بولىدۇ. نوپۇس دەپتىرىڭىز بىلەن كىملىكىڭىزنىڭ كوپىيسىنى ئېلىپ يۇقۇردا دېيىلگەن ئورۇنغا بارسىڭىز 5خىزمەت كۈنىدە چىقىدىغۇ دەيمەن. ئۈرۈمچىدە بولمىسىڭىز باشقىلارغا ھاۋالە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. كىملىك ئادەتتە نورمال بېجىرسىڭىز 60 كۈندە قولىڭىزغا تىگىپ بولىشى كېرەك .تىز بېجىرىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار.
1. ئاۋال تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ كىملىك بېجىرىپ بولغاندىن كىيىن كىملىك ئېلىۋېىش ئىسپاتىنى شۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى پوچتا ئىدارىسىنىڭ تىجارەت زالىغا ئېلىپ بارسىڭىز ،مەخسۇس پوچتا ئارقىلىق ئەكىلىپ بىرىش مۇلازىمىتى بار.
كونكىرىت ھەق ئېلىش ئولچىمى كىملىك بېجىرىش 20يۇەن ، يوقاپ كەتكەن كىملىك بولسا 40يۇەن ھەق ئالىدۇ بۇنى ساقچىخانىغا تاپشۇرىسىز.
ئەگەر رەسىمگە ساقچىخانىدا چۇشسىڭىز ھەقسىز تارتىپ قۇيىدۇ. سىرتتا چۇشسىڭىز ئادەتتە 35يۇەن ئەتراپىدا پۇل تولەيسىز.
پوچتىخانىنىڭ تىز ئەكىلىپ بىرىش مۇددىتى ئەڭ تىز بولغاندا 15كۈن ئەتراپىدا ، كونكىرىت ھەق ئېلىش ئولچىمىنى پوچتىخانىدىن بىلىۋالالايسىز.
2. ئاپتونۇم رايۇنلۇق ج خ نارازىتى نوپۇس باشقارمىسىنىڭ ئاستىدا يەنى چىيەنتاڭجىياڭ يولى 284-نومۇر مەخسۇس يۈتۇپ كەتكەن كىملىك بېجىرىش ئورنى بار.
بۇ يەردە قۇبۇل قىلىنغان كەسىپ : يۇتۇپ كەتكەن ياكى ئاھالىلەر ئىككىنچى قېتىم كىملىك بېجىرمەكچى بولسا، كىملىك بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا مۇشۇ يەردە بېجىرسە بۇلىدۇ . ئەمما تۇنجى قېتىم بېجىرىلدىغان كىملىك قۇبۇل قىلىنمايدۇ، تۇنجى قېتىم چۇقۇم تۇرۇشلۇق ئورۇندا بېجىرشىڭىز شەرت . نوپۇسىڭىزنى خالىغان بىر تۈردە ئوزگىرىش بولغان بولسا ياكى نوپۇس يوتكىگەن بولسىڭىزمۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
ھەق ئېلىش ئولچىمى : سۈرەتكە چۇشۇش 35يۇەن ، بۇ تۈر ج خ ئورگانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. خالىغان ئىككىنچى ئەۋلات كىملىك سۈرەت تارتىش نوقتىسىدا چۇشسىڭىز بولىدۇ. كىملىك بېجىرىش ھەققى 40يۇەن بۇلۇپ ، كىملىك 7 خىزمەت كۈنىدە چىقىدۇ. ئادەتتە دۇشەنبە كىلىپ بېجىرسىڭىز جۇمە كۈنى قولىڭىزغا ئالالايسىز.
ئوزىڭىز بىۋاستە كىلىپ بېجىرسىڭىز باشقا ھىچقانداق ئالاھىدە شەرىت يوق، كىمىك كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ، نوپۇس دەپتىرى ياكى پىراۋا بولسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ .
باشقىلارغا ھاۋالە قىلماقچى بولسىڭىز، مەسلەن سىز ئاقسۇدا تۇرۇپ ئۈرۇمچىدىكى دوستىڭىز سىزگە بېېجىرىپ ئەۋەتمەكچى بولسا ئۇنىڭغا رەسىمگە چۇشكەن ئىسپات يەنى كىمىك بېجىرىش ھاۋالەنامىسى خالىغان ئىككىنچى ئەۋلات كىملىك سۈرەت تارتىش نوقتىسىدا چىقىرىپ بىرىدۇ . نوپۇس دەپتىرىڭىز نىڭ باش بېتى ،ۋە ئوزىڭىزنىڭ ئۇچۇرى بار بەتنى ئەۋەتىسىز، دىققەت ئەسلى نۇسىخىسى بۇلىشى كېرەك . دوستىڭىز ئوزىنىڭ كىملىكىنى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى ئېلىپ بېرىپ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ج خ نارازىتى نوپۇس باشقارمىسىنىڭ ئاستىدا يەنى چىيەنتاڭجىياڭ يولى 284-نومۇر مەخسۇس يۈتۇپ كەتكەن كىملىك بېجىرىش ئورنىدا كىملىك ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
مۇھىم بىر ئىش دوستىڭىزغا 40يۇەن پۇلنىمۇ ئەۋەتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا function تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-7 17:26
رەھمەت، كۆپچىلىك. izdinix يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 17:18 static/image/common/back.gif
كىملىك ئادەتتە نورمال بېجىرسىڭىز 60 كۈندە قولىڭىزغا تى ...
كۆپ رھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qarasu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-7 17:30
function يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 17:20 static/image/common/back.gif
مەن ئۈرۈمچىدە ئەمەس، ھەم ئۈرۈمچى نوپۇسىدىمۇ ئەمەس. س ...
ھاۋالە قىلىپ بىجىرىشكە بولىدۇ.سىز نۇپۇسنىڭ كۆپەيتمە نۇسقىسىنى نۇسخىلاش ياكى سايىلاش ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىڭ....شۇكىملىك بىجىرىش زالى يىنىدىكى ئۆيدىن بىر ۋاراق ۋاكالىتەن
كىملىك بىجىرگۈچى تولدۇردىغان قەغەز بارـشۇنى توشتۇرۇپ پۇل تاپشۇرىدۇ. izdinix يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 17:18 static/image/common/back.gif
كىملىك ئادەتتە نورمال بېجىرسىڭىز 60 كۈندە قولىڭىزغا تى ...
مىنىڭمۇ كىملىكىم يوقاپ كەتكەن، يېنىمدا كىملىكىمنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىمۇ يوق. ئۆزەم خوتەندە، ئەڭ تېز سۈرئەتتە بىجىرىش ئۈچۈن كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى چۇقۇم بۇلىشى كېرەكمۇ؟ شۇنداق بولسا مەن قانداق قىلسام ئەڭ تېز سۈرئەتتە قايتا بىجىرەلەيمەن؟ ئېغىر كۆرمەي يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز... izdinix يوللىغان ۋاقتى 2014-1-7 17:18 static/image/common/back.gif
كىملىك ئادەتتە نورمال بېجىرسىڭىز 60 كۈندە قولىڭىزغا تى ...
1. ئاۋال تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بېرىپ كىملىك بېجىرىپ بولغاندىن كىيىن كىملىك ئېلىۋېىش ئىسپاتىنى...
ماۋۇ گەپنى تازا چۈشىنەلمىدىميا:L كىملىك ئېلىۋېلىش ئىسپاتى دېگەن رەسىمگە چۈشۈپ بولغاندا چىقىرىپ بىرىدىغان ئىسپات قەغىزىمۇ يا باشقا گەپمۇ؟
كىملىك ئېلىۋېلىش ئىسپاتى دىگەن ساقچىخانا كىملىك بېجىرىپ بولغاندا چىقىرىپ بىرىدىغان 居民身份证领取凭证 دىگەن شۇ . قايتا ئىلتىماس قىلىشقا كىملىك كۆپەيتىلگەن نۇسىخسى بولمىسىمۇ بۇلىۋېرىدۇ. izdinix ئەپەندىمنىڭ دىگىنى بۇيىچە بېجىرىڭ ئەڭ توغرىسى شۇ . ياخشىسى ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىڭ ،بىھۇدە ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالىسىز .ئاندىن ناھىيە ياكى شەھەرلىك ساچقچىخانىغا بېرىپ ئۈچىنجى ئەۋلات كىملىكنى بىراقلا بىجىرىڭ .(ئاڭلىشىمچە بۇكىملىكنى بىجىرىشكە ئىككى ھەپتىدىن بىر ئايغىچە ۋاقىت كىتەرمىش .) شۇندىلا كىملىكىڭىزنى تېپىۋېلىپ ئەسكىلىك قىلىدىغانلارنىڭ شۇملىقىدىن قۇتۇلالايسىز . ئالدىراڭ . ئۈچۈنچى ئەۋلات كىملىك دەپ كىملىك يوق، پەقەت ھازىرقى كىملىك كە بارماق ئىزى قۇشۇلۇپ كىملىكنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى ئاشۇرۇلدى، سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بارا بارا باشقىلار تېپىۋالسىمۇ ئىشلىتەلمەيدۇ . ئەمما كىملىك بېجىرىش ۋاقتى يەنە بۇرۇنقى بىلەن ئوخشاش. بىر ۋاقىتلاردا مۇشۇ مۇنبەردا بىر بالا مۇشۇنداق كىملىكنى تىز بىجىرىش ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىدىغانلىقى توغۇرلۇق تېما يازغاندەك قىلىۋاتقان ... مانا ھازىر ئىزدەپ تاپتىمhttp://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=55817&highlight=%D9%83%D9%89%D9%85%D9%84%D9%89%D9%83 مەن يۇرتۇمدا ئۈچ ئايدا قولۇمغا ئالدىم،ئاڭغىچە ھېلقى چىقىرىپ بەرگەن ئىسپاتنى ئىشلىتىپ،بېلەت ئېلىپ،ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ يۈرىۋەردىم،ئۆرۈپ-چۆرۈپ تازا بىر قارىۋېتىپ ئۆتكۈزىۋەتتى ھەممە يەردە ئەڭ ياخشى تىز ھەم ئاز پۇل بىلەن ھەل قىلىش چارىسى
ئالدى بىلەن ساجچىخانىغا كىملىكنى قايتا بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلىسىز
ساقچىخانا سىزدىن قىرىق سوم ئىلىپ تالۇن چىقىرىپ بىرىدۇ،
سىز شۇ تالۇننى ئىلىپ ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق نوپۇس مۇلازىمەت ئورنىغا بارسىڭىز
ئون يۇەن پۇل ئىلىپ ۋاقىتلىق كىملىك چىقىرىپ بىرىدۇ، ۋاختى ئالتە ئايلىق .
مۇشۇ كىملىكنى ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز ، ئالتە ئايغىچە كىملىكىڭىزمۇ كىلىپ بولىدۇ
ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ۋاقىتلىق كىملىك ھەممە يەردە كىملىكتەكلا ئىشلەۋىرىدۇ . كىملىك ئادەتتە نورمال بېجىرسىڭىز 60 كۈندە قولىڭىزغا تىگىپ بولىشى كېرەك .
@izdinix
ماۋۇ گەپنى پۈتۈن ساقچىلارنىڭ قۇلۇقىغا قۇيۋىتىش كىرەك. :curse:
مەن كىملىكىمنى ساناپ تۇرۇپ، 115 كۈندە قولۇمغا ئاپتىمەن. :'( سۈرەتكە چۈشۈپ بىر ئاي بولغاندا «ۋىلايەتلىك باشقارمىدا ئىكەن» دىگەن گەپنى ئاڭلاپ، باشقارمىدىكى باللارنى ئىزدەپ بارسەم، بىر ئىشخانىغا باشلاپ كىرىپ، سىلەرنىڭ ناھىيىنىڭ 10000تال كىملىكى بار، تاپالىساڭلا ئىزدەپ تىپىلىڭلار دەپ تامنىڭ تۈۋىدىكى بىر دۆۋە ساندۇقنى كۆرسىتىپ قويدى، 10000 تال كارتۇچكىنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈمنىڭكىنى تىپىش مومكىنمۇ. :dizzy: شۇنىڭ بىلەن بولدىلا دەپ قايتىپ چىقتىم، يەنە بىر ئاي بولدى يوق، ئۈچىنجى ئىيىمۇ ئۆتۈپ كەتتى، بىر ۋاقىتتا ناھىيىگە كەپتۇ دەيدۇ، ئىزدەپ بارسەم، ئاھالىگە ئىلىپ كىتىپتىمىش، ئاھالىگە بارسام، قاپىقى يامان گۇيلار، 空挂户 ئىكەنسىز، بەرگىلى بولمايدۇ دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىم قىرىق گەزگە چىقىپ، 1200كىۋادىراتلىق بىنانىڭ كىرىش ئىشىكىنى تاپالماي 空挂户 قىلىپ قويغان بولساڭلار، بىرىپ پادا بىقىڭلا دىسەم، تاس قالدى دەرىزىدىن قولىنى چىقىرىپ ياقامدىن ئالغىلى. بىردەمدە باشقىلار ئارىغا كىرىپ چۈشەندۈرگەن بولدى. قارىسام ھىچ بىرىدىغاندەك ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن ساقچىخانىدىكى نوپۇس ساقچىسىغا تېلفۇن قىلسام، (ئايال ساقچى، لىكىن مۇشۇ ۋاقىتقىچە بۇنچىلىك مۇلايىم، خۇشچىراي ساقچىنى ئۇچۇرتىپ باقمىدىم جۇما. :lol ) بىر دەمدە ئاھالىدىكىلەرگە تېلفۇن قىلىپ ئىشنى توغۇرلاپ بەردى. :victory:
بەت:
[1]
2