izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 20:44:31

ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ

ئه لى  ئىززەت بىگوۋىچ  نىڭ قىسقىچە تارىخى          ئىززەت بىگوۋىچ 1925 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى بوسنىيەنىڭ ساماچ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ياشتا ئائىلىسىدە دىنىي تەربىيە ئالغان، 1945 ـ يىلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. 1946 ـ يىلى ياش مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان دېگەن «جىنايەت» بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 5 ـ يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ھوقۇقشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ساھەدە ئىلىم ئۆگەنگەن.بوسنىيەدە ۋە ئىسلام دۇنياسىدا نەشىر قىلىنىدىغان تۈرلۈك گېزىت ـ ژۇرناللاردا ماقالە يازغان. كۆپ قىسمىنى تۈرمىدە يازغان ۋە 1980 ـ يىلى نەشىر قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلغان «غەرب ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدا ئىسلام» ناملىق كىتابى، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ئۇنىڭ ھەسەن ئەل بەننا، سەييىد قۇتۇپ، مەۋدۇدىلارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدۇ. 1983 ـ يىلى 1970 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان بىر كىتابىدا «مۇسۇلمانلارنى تەشكىلاتلىنىشقا چاقىرغان» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 14 ـ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.1988 ـ يىلى خەلقئارادىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۇگۇسلاۋىيەنىڭ گومران بولىشى ئالدىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. 1990 ـ يىلى قۇرۇلغان «دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسى» نىڭ باشلىقى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1990 ـ يىلى 11 ـ ئايدىكى سايلامدا بوسنىيەنىڭ تۈنجى دۆلەت رەئىسى بولىدۇ. 1992 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى ياۋرۇپا بىرلىكى بوسنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنۇيدۇ ۋە شۇ كۈنى بوسنىيە ئۇرۇشى باشلىندۇ. 1992 ـ يىلى   4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن 1995 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىگىچە داۋاملاشقان ئۇرۇشتا 200 مىڭ بوشناق خەلقى شېھىد بولۇپ، ئىككى مىليون خەلق يۇرتىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇش بەدىلىگە بوسنىيە مۇستەقىل بولىدۇ.1996 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىكى سايلامدا ئىززەت بىگوۋىچ ئىككىنچى قېتىم دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1998 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ 14 ـ كۈنىدىكى سايلامدا بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇ ياش ۋاقتىدا باشلاتقان ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى، يوق بولۇش گىردابىغا كەلگەن مىللىتىنى ئىسلام مەدەنىيىتى ئارقىلىق ساقلاپ قېلىشقا  ئۇرۇندى. ئۇ يېقىن تارىخىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلاردىن بىرىدۇر.  ئىززەت بىگوۋىچ كۈرەش تارىخى ۋە سىياسىي ھاياتى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى.  ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئۆرنەك بولغان مۇتەپەككۇر داھىي ئىززەت بىگوۋىچ 2003 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى 78 يېشىدا ساراي بوسنا دوختۇر خانىسىدا ۋاپات بولغان.مەزكۇر تەرجىمھال توردىن يېغىپ ساقلانغان بۇلۇپ .ئەسلى تەييارلاپ تورغا يوللۇغۇچىغا ،ئاللاھ تىن تىنىچلىك ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمىز .  

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 09:58:28

begir6 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 07:53 static/image/common/back.gif
بۇ قېتىم ئامرىكا قويۇپ بەرگەن ئۈچ نەپەر شەرقىي تۈركىست ...

دىپلوماتىيە مىىستلىكىىزنىڭ باياناتچىسىغۇ دەيمەن   نارازلىق بىلدىرىپتىكەنغۇ بىزگە قايتۇرۇپ بىرىڭلار دەپ ... قايسى كۈنى كۆرگەندەك قىلغانتىم بىر مۇنبەردىن

Western يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:01:32

begir6 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 07:53 static/image/common/back.gif
بۇ قېتىم ئامرىكا قويۇپ بەرگەن ئۈچ نەپەر شەرقىي تۈركىست ...

http://news.sina.com.cn/w/2014-01-02/023529138267.shtml

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 11:13:17

begir6 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 07:53 static/image/common/back.gif
بۇ قېتىم ئامرىكا قويۇپ بەرگەن ئۈچ نەپەر شەرقىي تۈركىست ...

ياق، سلوۋاكىيەگە كەتتى، يەنى بۇرۇنقى چىخسلوۋاكىيەدىن ئايرىلىپ چىققان سلوۋاكىيە دېگەن دۆلەتكە.
چىخ تىلى بىلەن سلوۋاكىيە تىلى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پولشانىڭ پولەك تىلى بىلەن چۈشىنىشكىلى بولىدۇ.

xaha يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 13:37:43

حسبنا الله و نعم الوكيل . نعم المولي ونعم النصير .  

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 14:03:22

Western يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 11:01 static/image/common/back.gif
http://news.sina.com.cn/w/2014-01-02/023529138267.shtml

يولداشلار بەس-بەستە پىكىر بايان قىلىپ، ئامېرىكىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېرورچى، ھەقىقەتتىن قورقىدۇ. ئامېرىكىسىز دۇنيا مەڭگۈ تىنچ بولىدۇ دەپ باھا بېرىپتا. يەنە ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەت مۇقى، خەلق بەختلىك ياشاۋاتقان ھالىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش.......... دېگەندەك ئىنكاسلارمۇ بارىكەن.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 16:38:54

ئىززەت بىگوۋىچتەك ئادەملىرى بار مىللەت ھەرگىز مۇستەملىكە بولمايدۇ .

biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 19:24:17

ئەينى ۋاقىتتا ئىززەتبىگوۋىچ غەرپكە بوسنىيە ھەرگىز ئىسلام دۆلىتى بولمايدۇ، يەنى دىن ھەرگىزمۇ ھاكىمىيەتكە ئارىلاشمايدۇ دەپ ۋەدە بەرگەن، دىگەندەك، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ بوسنىيە دىمگۇراتىك دۆلەت تۈزۈلمىسىنى قوللاندى.
بەت: [1]
: ئەلى ئىززەت بىگوۋىچ