charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:01:06

قىرغىزلار ئاي ناملىرىنى رەسمى قىرغىزچە ئاتايدىغان بولدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   charwichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-6 15:41  

بىر نەچچە قىرغىزچە تور بېكەتلەرنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈندىن باشلاپ، جوڭگو قىرغىزلىرى  قىرغىز تىلىدىكى  نەشرىيات، گېزىت -ژورنال، رادىئو، تېلىۋېزىيە، مەكتەپ، دەرسلىك ...قاتارلىق ساھەلەردە 12 ئاي نامى ۋە 24 مەۋسۈمنى رەسمى قىرغىز تىلىدا ئاتايدىغان بولغان..
مەنبە:
http://ar.manas.cc/ar/forum.php?mod=viewthread&tid=1906

http://www.kokjal.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=20437&extra=page%3D1
ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق كومېتىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىغان قارار بويىچە مۇشۇنداق بېكىتىلگەن ھەم رەسمى بىر يېغىن ئېچىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن. بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا قازاقچە تاراتقۇلاردا ۋە تور بېكەتلەردە، قازاق قېرىنداشلارمۇ قازاقچە ئاتاپ كېلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلغان ئىدىم.
ئاي ناملىرىنىڭ قرغىزچە ئاتىلىشى تۆۋەندىكىچە بولدى(ئەسلى مەنبەدىن كۆچۈرۈلدى)

       1. بئردىن ايى (يانۋار). قىش ايى ەسەپتەلەت. بئردىن ايىنىن 15 جارىعىن «مۉيۉز اياز ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «تەمىر اياز ماالى» اتايت. ۉركۅر مەنەن اي توعۇز جاڭىسىنان توعويت.2 M! F8 a/ D) p% Y* e8 U
       2. جالعان قۇران (فيەۋرال). جاز ايى ەسەپتەلەت. قىرعىز اي ساناعىندا جىلدىن باش ايى، 1-ايى، ۇشۇل جالعان قۇراندان باشتالىپ سانالعان. جالعان قۇران ايىنىن 15 جارىعىن «كىيئز اياز ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «قاڭتار اياز ماالى» اتايت. جالعان قۇران جەتى جاڭىسىنان ۉركۅر مەنەن اي توعويت.% M! I! k+ G3 o8 M, I; G( ?
       3. چىن قۇران (مارت). جاز ايى ەسەپتەلەت. چىن قۇراندىن 15 جارىعىن «ۉت ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «سوور ماالى» اتايت. چىن قۇران بەشىنەن ۉركۅر مەنەن اي توعويت.- @) _, j# ^" F6 e; L
       4. بۇعۇ (اپرەل). جاز ايى. بۇعۇنۇن 15 جارىعىن «چەچەك سۇۇ ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «جووزا ماالى» اتايت. بۇعۇنۇن ۉچ جاڭىسىندا اي مەنەن ۉركۅر توعوشوت.5 N- ?2 L* W9 }5 u1 v
       5. قۇلجا  (ماي). جاي ايى ەسەپتەلەت. قۇلجانىن 15 جارىعىن «قىزىل تۉلۅۅ ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «كۉكۉك ماالى» اتاعان. قۇلجا بئر جاڭىسىنان اي مەنەن ۉركۅر توعويت.
      6. تەكە (ئيۇن). جاي ايى ەسەپتەلەت. تەكەنىن 15 جارىعىن «تامىز ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «تەكە تامىز ماالى» اتايت. تەكەدە توعوول بولبويت.
      7. باش وونا (ئيۇل). جاي ايى ەسەپتەلەت. باش وونانىن 15 جارىعىن «ساراتان تامىز ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «اسات ماالى» اتايت. باش وونا 21 جاڭىسىنان توعويت دەيت. بئروق توعوول بەلگىسى ايقىن بولبويت.
      8. اياق وونا (اۋعۇست). كۉز ايى ەسەپتەلەت. اياق وونانىن 15 جارىعىن «سۇمبۇلا ماالى» ، 15 قاراڭعىسىن «مئيزام ماالى» اتايت. اياق وونا 19 جاڭىسىنان توعويت دەگەن قاراش بار، بئروق توعوول بەلگىسى انىق ەمەس، اباداعى ۅزگۅرۉش انچەيىن بولۇپ كەتپەيت.
      9. توعۇزدۇن ايى (سەنتيابىر). كۉز ايى ەسەپتەلەت. توعۇزدۇن ايىنىن 15 جارىعىن «بوز قوروو ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «قىرعىيەك ماالى» اتاعان. توعۇزدۇن ايى 17 جاڭىسىنان سارى جىلدىز (جە ۉركۅر) مەنەن اي توعويت.1 x+ F* `9 f' E6 H, s4 X) ^
       10. جەتىنىن ايى (وكتيابىر). كۉز ايى ەسەپتەلەت. جەتىنىن ايىنىن 15 جارىعىن «اقىراپ ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «قابىس ماالى» اتاعان. جەتىنىن ايى ون ۉچ جاڭىسىنان توعويت.8 H/ _& j8 q+ L6 i
       11. بەشتىن ايى (نويابىر). قىش ايى ەسەپتەلەت. بەشتىن ايىنىن 15 جارىعىن «چئل ارىش ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «توقتۇ تويبوس، چۅمۉچ قۇرعاباس ماال» اتايت. بەشتىن ايى ون ۉچۉنۅن توعويت.
      12. ۉچتۉن ايى (دەكابىر). قىش ايى ەسەپتەلەت. ۉچتۉن ايىنىن 15 جارىعىن «بوز قىروو ماالى»، 15 قاراڭعىسىن «قارا اياز ماالى» اتايت. ۉچتۉن ايى ون بىرىنەن توعويت.

limun5 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:07:40

قىرغىزچە بىلىدىغانلار خاپا بولماي تەرجىمە قىلىۋەتسەڭلارچۇ~~~```

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:12:35

ھەقىقى مەنىدىكى ئاينى مۇشۇنداق ئاتايمىز ئەسلى 15كۈندە بىر ئاي چىقىپ يوقايدىغان بولغاندىكىن..................
بىزمۇ قەمەرىيە، ھىجىرىيە، دىھقانلار كالىندارى بويىچە 15 كۈنلۈك ئاينى بىر ئۆلچەم قىلاتتۇق ئەسلىدە كىيىن غەرىپنىڭكىنى ئۆزلەشتۈرۋالدۇق

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:19:53

ئۈستىدىكى 1 دىن 12 گىچە بولغان ساننىڭ يېنىغا يېزىلغانلىرى، قىرغىزچە ئاتىلىشى، ئاندىن قىسقىچە چۈشەندۈرىلىشى.
1. بئردىن ايى (元月جاڭىچا 1- اي، يانۋار)
2. جالعان قۇران ايى (二月جاڭىچا 2- اي، فەۋرال).......
3. چىن قۇران ايى (三月 جاڭىچا 3- اي، مارت) ...
....

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:22:00

limun5 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 15:07 static/image/common/back.gif
قىرغىزچە بىلىدىغانلار خاپا بولماي تەرجىمە قىلىۋەتسەڭ ...

ئالدىرىماي ئوقۇسىڭىز، 70% چۈشىنىسىز.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:17:06

مىلادىيە كالىندارىدىكى ئاي ناملىرى ئىلاھ ئىسىملىرى بەزىلىرى ھوكۇمدارلار ئىسىملىرى ئىكەن، شۇڭا بىز ئاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشىمىز كىرەك ، ساپ ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرى دەپ تورلاردا ئىقىپ يۈرگىنى نەچچە خىل بولىۋاتىدۇ ، قازاقلار باشقا نام، قىرغىزلار باشقا  ، ھەتتا تۈرۈكلەرمۇ ئوخشىمايدىغان ئىشلىتىۋاتىدۇ ، تۇركى قەۋىملەر ئورتاق ئاي نامىنى قوللىنىشى كىرەك  ،  تۈركى تىللار دىۋانىدىن ئورتاق ئاي نامىنى تاپقىلى بولاتتى ، تۈركىيەدە بۇ يىل تۈركى تىللار تەتقىقات يىغىنى  ئىچىلدى ، نىمىشقا ئورتاق ئاي ناملىرى ھەققىدە تەتقىقات قىلمىغاندۇ ، ئورتاق يىزىق قوللىنىشتىن ئاۋال تىلدىكى ئاساسى سۆزلەرنى  ئورتاقلاشتۈرۈش كىرەك

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 18:15:32

ياخشى يۈزلىنىش!
لېكىن بۇ خىل ئاتاش باشقا تۈركىي تىللاردىن سەل چەتنەپ كېتىپتىمۇ قانداق!؟ ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرى بىلەن قازاقچە ئاي ناملىرىنىڭ بەزەنلىرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن قىرغىزچىسى بىرسىمۇ ئوخشىمايدىكەن.
ئەجىبا باشقا تۈركلەردىن پەرقلىق بولۇش تىلنىڭ «تەرەققىي قىلغىنى»مۇ؟
ئەگەر تۈركىي تىللاردا ئورتاق ئاتايدىغان بىر ئاي ناملىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، مەن ئۆزىمىزنىڭكىنى قايرىپ قويۇپ، ئورتاقلىقنى ئىشلىتىشكە تەييار!

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 18:19:20

ئەلكۈيى تورى ئۇزۇندىن بېرى خەۋەرلىرىگە ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ...قوللاشقا ئەرزىيدۇ. ھەم يېقىندىن بۇيانقى يېڭى چىققان كالىندارغا ئايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بىلەن غەرىبچە ئاتىلىشى تەڭ كىرگۈزۈلگەن. بۇ ياخشى يۈزلىنىشنىڭ باشلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

meksika يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 18:21:41

شامان دىنىچە  ئاي ئاتالغۇلىرى ئوخشىمامدۇ ؟

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 18:25:11

يانۋار، فېۋرال... دېكابىر

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 18:37:47

ئوتتۇرا ئاسىيا دوكلاتلىرىنىڭ 6-يانۋار خەۋىرى: نەچچە ئونلىغان قىرغىزىستانلىق نامايىشچى قىرغىزىستان چوڭ مۇفتىسىنىڭ بېشكەكتىكى ئىشخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئۇنىڭ دەرھال ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
60 ياش ئەتراپىدىكى ئەر-ئاياللار مۇفتى رەھمىتۇللاھ ھاجى ئىگەمبەردىيېۋدىن 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، رەھمۇللاھنى پاھىشىۋاز دەپ ئەيىبلىگەن.
رەھمىتۇللاھ ھاجى ئىگەمبەردىيېۋنىڭ بىر ياش ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىغا ئالاقىدار فىلىم يېڭى يىل ھارپىسىدا توردا تارقىلىپ كەتكەن.
ئىگەمبەردىيېۋ فىلىمدىكى ئۇ ئايالنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئايالى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
قىرغىزىستان قانۇنىدا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشى چەكلىنىدۇ.
فورما كىيگەن ساقچىلار 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى نامايىشتا، نامايىشچىلارنىڭ ئىشخانىغا بەك يېقىنلىشىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلمىغان.
گەرچە باجدىن قاچتى دەپ ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىگەمبەردىيېۋ 2012-يىلى 12-ئايدا قىرغىزىستاننىڭ چوڭ مۇفتىلىقىغا سايلاندى.
قىرغىزىستاندا ئۆتكەن 4 يىلدا 5 نەپەر مۇفتى چىرىكلىك سەتچىلىكى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

تەرجىمىدە: نەپرەت

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 18:49:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-6 18:59  


مەن ئالدىنقى يىلى لايىھەلىگەن كالىنداردا ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە ئاي ناملىرى ئىشلىتىلگەن ئىدى  ...

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 19:16:56

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 18:49 static/image/common/back.gif
مەن ئالدىنقى يىلى لايىھەلىگەن كالىنداردا ئۇيغۇرچە ۋە  ...

قەھرىتان، ھۇت دېگەنلەر ساپ ئۇيغۇرچە ئەمەس.
قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا ھ تاۋۇشى يوق ئىدى. ھ تاۋۇشى خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇددا دىنى تەسىرىدە بىزلەرگە يېتىپ كەلگەن.
ئۈمىد،  پارىسچە-ئەرەبچە
باھار،    پارىسچە
سەپەر،   ئەرەبچە
چىللە،    پارىسچە
تومۇز،   ئەرەبچە
مىزان،    ئەرەبچە
نۋرۇز،    بەزىلەر ساپ ئۇيغۇرچە دېسە بەزىلەر پارىسچە دەيدىكەن. ئېنىق مەلۇمات يوق چىراي؛
ئەسكەرتىش: (يۇقارىقى ئايلارنىڭ تىل تەۋەلىكى ئوكيانۇس لۇغىتىدىن پايدىلىنىلدى.)
ئوغۇز،   ماۋۇنى ھەقىقىي ساپ ئۇيغۇرچە دېسەك بولىدۇ.

  ھەممىدىن ساپ ئۇيغۇرچىسى تۈرك تىللار دىۋانىدىن تېپىلىدۇ!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 21:51:07

begir6 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 19:36 static/image/common/back.gif
ھەي ، ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرىنى يەنە بىر دەۋېتىڭە ؟!

ئالپ ئۇستازنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى بايانى
ئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرى
http://www.intil.biz/home/forum.php?mod=viewthread&tid=3922&fromuid=10

pigan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 22:50:16

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 18:37 static/image/common/back.gif
ئوتتۇرا ئاسىيا دوكلاتلىرىنىڭ 6-يانۋار خەۋىرى: نەچچە ئو ...


  ئوتتۇرا ئاسىيادا ، بولۇپمۇ  قىرغىزىستاندا  خەلىقنىڭ ئىسلام دىنىغا مايىللىقى يىلسىرى  ئاشماقتا . مۇسۇلمانلارنىڭ   ۋەكىلى بولغان بولغان  مۇفتى   ، ئىسلام دىنىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆزىگە قادالغان مىخ ھېسابلايدىغانلار ۋە   ھۆكۈمدارلارنىڭ  ئۆز مەقسىتىگە  يېتىشىدىكى ،  پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولغان  ئولجا  . مۇفتىدىن   ئۈنۈملۈك پادىلىنىش ئۈچۈن  ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللىنىشتىن باش تارتمايدۇ . بۇ ۋەقەلىكمۇ بۇرۇنقى مۇفتىلارنىڭ پاجىئەسىنىڭ داۋامى .    مۇفتىنىڭ سۆزىدىن ھازىرقى پرېزىدېنت ئالماس ئاتامبايېۋمۇ   پرېزىدېنت بولۇشتىن بۇرۇن  ،  نامايىشلاردا   سۈرە فاتىھە  ۋە  سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇيتتى .  قىرغىزستاننىڭ دېگۈدەك نوپۇسى مۇسۇلمانلار بولسىمۇ ، دۆلەت دىنى ئىسلام دىنى ئەمەس . بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش جەريانىدا ، ئىسلام دىنىنى  دۆلەت دىنى قىلىىش ساداسى خېلى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان  بولىسمۇ ،   دەھرىي  ھۈكۈمدارلارنىڭ  قارشى تۇرۇشى بىلەن بۇ قېتىممۇ ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنمىدى . ھازىر دۆلەتلىك  مېدىيا ۋاستىلىرىمۇ شۇ دەھرىلەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماي ھاۋارە ، بەلكىم دىموكىراتىيەگە ئەندى يول ئالغان قىرغىزستانغا  نىسبەتەن ، تىنىچلىققا باشلانغان  يول بەسىي ئۇزارق بولسا كېرەك .  

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 22:52:39

بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ مەنمۇ بىئارام بولدۇم
بەت: [1]
: قىرغىزلار ئاي ناملىرىنى رەسمى قىرغىزچە ئاتايدىغان بولدى