CBAچولپانلار مۇسابىقىسى ئاساسلىق ئەزا تىزىملىگى ئىلان قىلىندى
6-يانۋار، 2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەرنى توردا بىلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى ئىلان قىلىندى، 25-سىنتەبىردىن 5-يانۋار سائەت 24 گىچە 2,434,832 نەپەر تورداش بۇ قىتىمقى توردا بىلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتىگە قاتناشقان بۇلۇپ بىيجىڭ كوماندىسىدىن ماربول 847,868 ئىرىشىپ بىلەت سانى جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.
2014-يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 18-19-كۈنى بىيجىڭ شەھرى ۋەن شىدا تەنتەربىيە مەرگىزىدە ئۆتكۈزىلىدۇ.
جەنۇپ شىمال مۇسابىقە رايونى چولپانلار كوماندىسىغا تاللانغان سەپ شەكلى؛
شىمال رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ خەن دىجى (652,895 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ لى شىياۋشۇ ( 656,695 ) دىڭ يى يۈخاۋ (619,854)، ئارقا بېك ؛ ماربول ( 847,868 ) سۈن يۈ (585,714) .
جەنۇپ رايۇن؛
ئوتتۇرا ھۇجۇمچى؛ يىجىيەنلەن (822,544 )، ئالدى ھۇجۇمچى ؛ ۋاڭ جىجى( 755,467 ) جۇفاڭيۈ ( 661,650 )، ئارقا بېك ؛ لىن جېجى (678,571) ۋاڭ شىپىڭ ( 663,793 ) .
ئەڭ ئاخىرىقى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، بىزنىڭ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول چولپانىمىز شىرئەلىجان ئالدىدىن مەيدانغا چىقىدىغان تەنھەركەتچىلەر قاتارىغا كىرەلمىدى. بۇ شىرئەلىجاننىڭ بۇ يىللىق CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە مۇتلەق قاتناشماسلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ، شىرئەلىجان زاپاس تەنھەركەتچىلەر قاتارىدا CBAچولپانلار ھەپتىلىگى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش مۇمكىنچىلىگى يەنىلا چوڭ ئىكەن.
بۇ قىتىمقى توردا بىلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى داۋامىدا نۇرغۇن قىرىنداشلار شىرئەلىجانغا بىلەت تاشلاپ ئۇنى قۇللىدى، بۇ قىرىنداشلارغا كۆپ تەشەككۇر ئىيتىمىز..
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
بارى مىرئەخمەتلەرنى دىمىسەك جۇڭچاۋنىڭ،شىرئەلىجانلارنى دىمىسەك بۇ تاقاراق مۇسابىقىلىرىنىڭ كۆرگىچىلىك پوقى بارمۇ....... شىرئەلى يوققۇ بۇنىڭدا ،زاپاس ئەزا بوپ قالدىمۇ يە؟ مەنمۇ بىر قانچە بېلەت تاشلىغان شىرئەلىگە، ئەپسۇس، ئىچكىرىدىكىلەر بىلەن كۈچ ئېلىشالماپتۇ-دە!
ئىچكىرىدىكىلەر ھەرگىزمۇ ئاز سانلىق مىللەتنى تاللىمايدۇ، ئىقتىدارسىز بولسىمۇ، يەنىلا ۋاڭ بىلەن جاڭنى تاللايدۇ. قىنى بۇنىڭدىكى ئۇيغۇرلار
بەت:
[1]