milyoner يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 13:53:01

BTCOIN 比特币 كەلگۈسىدىكى ئىلىكتىرونلۇق پۇل!؟

   مەزكۇر يازمىدا دىيىلمەكچى بولغان  Bitcoin نۇرغۇنلىرىمىزغا نىسبەتەن ناتۇنۇش ئۇقۇم بولغاچ،بۇتوغرىسىدا توختۇلىشتىنبۇرۇن Bitcoin نىڭ ئەمەلىي كونكىرىت قوللىنىلىشىغا مىسالدىن بىرنى ئېلشقا توغرا كېلىدۇ.

     مەن ئامېركىدا تۇرۇۋاتقان بىرەيلەنگە پۇل سالماقچى،كۆپچىلىككە ئايان ھازىر خەلىقار پۇل پېرىۋوت بۇرۇنقىدەك تەس بولمىسىمۇ،كۆپ خىل ئۇسۇل-چارىلەر بىزنىڭ شارائىتىمىزغا نىسبەتەن تاللاش پۇرسىتىنى تەمىن ئەتسىمۇ، لىكىن يەككە شەخىسكە نىسبەتەن  پۇلنىڭ سوممىسنىڭ چەكلىمىلىكى،پېرىۋوت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بۇلۇشى،رەسمىيەت ھەققىنىڭ بىرقەدەر يۇقرى بۇلۇشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەر نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى تۇغدۇردۇ.لىكىن مەن قارشىتەرەپكە Bitcoin ئەۋەتسەم شۇھامانلا تاپشۇرۇپ ئالالايدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىلىكتىرونلۇق ھەميىنىمدىكى ماس پۇل سوممىسنى قارشى تەرەپنىڭ ئىلىكتىرنلۇق ھەميان ئادىرىسىغا يوللىۋەتسەملا بولدى.

      مەن بۇيىل دۇنيادا كۆپ تالاش -تارتىش ۋە مۇنازىرىگە سەۋەپ بولغان،ھەمدە كۆپلىگەن ئادەملەرتەرىپىدىن خۇددى ھازىرقى ئىنتېرنېتنىڭ تەرەقىياتىغا ئوخشاش كەلگۈسىدە مىسلىسىزتەرەقىيات ۋە يېڭىلىقلارغا تۈرۈتكە بولۇپ ئاخىردا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇلىنىڭ ئورنىغا دەسسەپ دۇنيادا ئورتاق ئوبورت بولىدىغان پۇلغا ئايلىنىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان ھەم تەدىرجى قۇبۇل قىلىنىۋاتقان Bitcoin بىلەن يىل بېشىدا تاساددىبى پۇرسەتتە تۇنۇشتۇم.

      بىركۈنى كەچقۇرۇن قەھۋەخانىدا ئولتۇرسام تۇيۇقسىز مۇلازىمەت پۇكىيى تەرەپتە غۇلغۇلا كۆتىرىلدى.قارىسام بىرنەچچەيلەن بىرچەتئەللىكنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانبۇلۇپ،ئۇ ھەدەپ تېلفونىنى ئىشارەت قىلىپ مۇلازىملارغا بىرنىملەرنى چۈشەندۈرىۋاتاتتى.ئارلىقتا قۇلغۇمغا Bitcoin،پۇل تۆلەش دىگەندەك گەپلەر كىرىپ قالدى.قىزىقسىنىپ يېقىن بارسام ئۇ ئىستىمالىغا ئىلىكتىرونلۇق ھەميىنىدىكى Bitcoin نى تۆلىمەكچى بۇپتۇ،لىكىن بۇ يەردىكىلەر بۇنداق نەرسىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولغاچقا ئۇ بۇ ھەقتە ئازراق چۇشەنچە بەرمەكچى بولدى.ئۇنىڭ دىيىشىچە ئامېركا،ياۋرۇپالاردا نۇرغۇن ئىستىمال سۇرۇنلىرىدا دوللار،ياۋرۇلاردىن سىرىتBitcoin نى خەجلىگىلى بولىدىكەن،ئۇ ھەم مۇمكىنكەدەر ھەرقانداق ئىستىمالىغا Bitcoin خەجلەشكە تىرىشىدىكەن.بۇنداق بولغاندا قەغەز پۇل ئېلىپ يۇرمىسەكمۇ يانفونىمىزغا قاچىلاقلىق ئىلىكتىرونلۇق ھەميىنىمىزدىكى Bitcoin نى تۆلىسەكلا بولدىكەن. مەزكۇر قەھۋە خانىدا خەلق پۇلىدىن باشقا پۇل ئوبورت بولمىغاچقا ئۇ Bitcoin خەجلىيەلمىگىنىدىن ئەپسۇسلاندى،ئارلىقتا Bitcoin غا قىزىقىدىغان ھەم خەۋىرى بار خەندىن بىرسى بىلەن كىلىشىپ خەنگە Bitcoin بېرىدىغان،خەن ئۇنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قويىدىغان بولدى.بۇ ئىش مەندە Bitcoin غا نىسبەتەن قاتتىق قىزىقىش قوزغىدى.شۇنىڭ بىلەن ھاياتىمدىكى چوڭ يېڭىلىق Bitcoin غا نىسبەتەن ئىزدىنىش،چۈشۈنۈش،پايدىلنىش ۋە قوللىنىش باشلاندى.

    خوش ئۇنداقتا بىزدە ھازىرچە  Bitcoin نى ئىلىكتىرونلۇق پۇل ئىكەن دىگەن دەسلەپكى ھىسسى چۈشەنچە پەيدا بولدى.بۇ توغرىسىدا يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىمىز ئۈچۈن پۇلنىڭ تەرەقىيات تارىخى توغرىسىدا ئازراق توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

     ئىپتىدائىي ئىشلەپچىقىرىش ھالىتىدە ئىنسانلار ئېھتىياجلىق تاۋارنى تاۋارغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدىغان.بۇ ئارلقتا ۋاستە بولمىغاچ پۇل ئۇقۇمى شەكىللەنمىگەن.كىيىنچە قۇلۇلە قېپى،تاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان نەرسىلەر تاۋار ئالماشتۇرۇشتىكى ۋاستە يەنى پۇلنىڭ رۇلىنى ئوينىغان.نۇرغۇن يىللار كىيىن قۇيمىچىلىق تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە پىشىپ يىتىلىشىگە ئەگىشىپ ئالتۇن،كۈمۈش.مىس قاتارلىق ھالىتى بىرقەدەر تۇراقلىق مىتاللار ئېلىم-بىرىمدىكى كۆۋرۈك يەنى رەسمىي تۈردىكى پۇلنىڭ رۇلنى ئۇزۇن زامانلار ئۆتىگەن.ياۋرۇپا سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدە رەسمىي كەڭ كۆلەملىك  ئۇمۇملاشقان قەغەز پۇل ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسىدا ئىشلىتىلمەكتە.ئاخىردا ئىنسانلار مەۋھۇم پۇل دەۋرىگە كىردى.

      90-يىللاردا ئىنسانلار ئىنتېرنېت-ئۇچۇر دەۋرىگە كىرگەندىن كىيىن نۇرغۇن كىشىلەر پۇلنىمۇ ئىنتېرنېتقا ماس ھالدا ئۇچۇرلاشتۇرۇش،مەۋھۇملااشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان.لىكىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىغان.(ئۇ پۇل مەلۇم ئادەمگە ياقى تەشكىلاتقا تە ئەللۇق بۇلۇپ قالغان،چەكلىمىسىز كۆپەيتىش ياكى ئوخشۇتۇلۇشتىن ساقلىنالمىغان. Bitcoin مەزكۇر كەمچىلىكلەردىن خالى،بۇھەقتە ئاخىردا توختىلىمەن).

     ئۇنداقتا   Bitcoin دىگەن زادى نىمە؟

      بۇ بىر ئابىستىراكىت مۇرەككەپ  ئۇقۇم بولغاچ ئاددىي چۇشەنچە بىلەن تەبىر بەرگىلى بولمايدۇ.

     ۋىكىنىڭ تەبىرى مۇنداق:Bitcoin بولسا ئابونىت ئۈزى باشقۇردىغان،دۇنيادا ئورتاق ئىشلىتىلدىغان ئىلىكترونلۇق پۇل.

     بەيدۇ بىلدۈرگۈسىنىڭ تەبىرى مۇنداق:Bitcoin بولسا بىرخىل P2P شەكىلدىكى رەقەملىك كود.

     مەزكۇر يازمىنىڭ مەقسىتى Bitcoin دەك بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ھەمدە قىزىققۇچىلار بىلەر پىكىر چۇشەنچە ئالماشتۇرۇش بولغاچ،ئاساسەن Bitcoin ھەققىدىكى چۈشەنچە ئۇمۇملاشتۇرۇش خاراكتىرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن توختىلىمەن.ئۇنىڭ شەكىللىنىش پىرىنسىپى ۋە خاسلىقىغا ئالاقىدار مۇرەككەپ ئۇقۇملارغا قىزىققۇچىلار بولسا توردىن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى ئىزدەپ كۆرسە بولىدۇ،كىيىنچە ئىنكاس شەكىلدە ئايرىم توختالساق بولىدۇ.

    Bitcoin نىڭ ئەڭ مۇھىم خاسلىقى ئالتۇنغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئادەتتىكى پۇلغا ئوخشاش ھۈكۈمەت،مەركىزى بانكا،پۇلمۇئامىلە ئورگانلىرى،كارخانا قاتارلقلارنىڭ بىرتۇتاش بېسىش، تارقىتىش،ئىناۋەت كاپالىتى قاتارلىقلارغا تايانمايدۇ.ئۇنىڭ تايىندىغىنى  P2P كىلىشىمى ئاساسىدىكى ماتىماتىكىلىق  ھىساپلاش ئۇسلىدۇر.

    بۇنداق خاسلىقى Bitcoin نى ھىچقانداق ھۆكۈمەت،ئورگان،شەخىسنىڭ ئۆزئالدىغا باشقۇرۇش،كۆپەيتىش قىلمىشىدىن خالى قىلغان.Bitcoinنىڭ ئۇمۇمىي مىقدارى ئالدىن بىكىتىلگەن سۈرئەت بۇيىچە ئېشىپ بارىدۇ،ئېشش مىقدارى ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئاستىلايدۇ،ھەمدە 2140-يلى ئۇمۇمىي مىقدارى بولغان 21مىليۇنغا بېرىپ توختايدۇ.

      داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىندۇ.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:33:23

مەن بۇ نەرسىنى تور ئويۇنلىرىدىكى 点数,Q币چ چ پۇلى دەك بىر نەرسە دەپ ئويلىغان , ئەمما بۇنىڭ قاپلىنىش ۋە ئىشىلتىلىش ساھەسى پۈتۈن دۇنيا تور ساھەسى دەپ چۈشىنمەن , يېقىندا تېخى ئىچكىردە بىت پۇلى توغرىسىدا قانۇندەك بىر نەرسە چىقتىغۇ دەيمەن .ئەمما ئۇنىڭ ئومىمىي مىقتارىنىڭ مەلۇم چەككە بارغاندا توختىشىنى تازا چۈشىنەلمىدىم,داۋاملىق ھە...

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:34:45

Bitcoin جوڭگو ۋە ھىندىستاندا ئەمەلىي قىممەتلىك پۇل ئورنىدا ئىشلىتىش ئىتراپ قىلىنمىدى.
مەنمۇ ئازراق كولاپ باققان بۇ Bitcoin نى .  بەزىلەر باركەن نەچچە تۈمەنلىك كومپىيۇتېر قوراشتۇرۇپ كىچە كۈندۈز كولايدىكەن.
پۇل يۆتكەشقۇ بەكلا ئاسانكەن بولمىسا.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:43:29

ئورۇن ئىلىپ قوياي     :P :P :P :P :P :P :P :P   :P :P :P :P :P :P :P :P

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:48:44

قايسى مۇنبەردە مۇشۇ توغۇرلۇق تىما كۆرگەن ئىدىم لىكىن يەنىلا كاللامدا ئېنىق بىر ئۇقۇم يوق {:107:}

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:48:54

بۇنى ئالاھىدە بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات دەيدىغۇ،يەنى پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇنداق گۇررۇپىلاپ چىقارغىلى بولىدىغان ساندىن 21مىلىيونىلا بار دېگەن گەپ ئوخشايدۇ،ئەگەر سىز مۇشۇ 21مىلىيون ساننىڭ ئىچىدىكى بىرسىنى تېپىپ چىقالىسىڭىز،بۇ سانغا قارىتا مۈلۈك ھوقۇقى يۈرگۈزەلەيسىز دېگەن گەپما؟يەنە مۇشۇ بىر ساننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى مىڭلارچە پارچىلاپ ئورتاق ئىگىدارچىلىق يۈرگۈزگىلى بولىدىكەن.
لېكىن پۇلنىڭ ماھىيىتى تەڭ قىممەتلىك مال،قەغەز پۇلنىڭ قىممىتىگە ئۇنى تارقاتقان ھۆكۈمەت كاپالەتلىك قىلىدۇ،بۇنىڭ قىممىتىگە كىم كېپىللىك قىلىدۇ؟ماتېماتكىما؟

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 15:53:55

دۇنيا ھەپتىلكى پىرگوراممىسىدا ئازراق خەۋەردار بولغان ،ماۋۇ تىمىنى ئوقۇپ خىلى چۈشنىپ قالدىم ،
لىكىن جۇڭگۇ بىلەن ھىندىستان نىمىشقا ئىتراپ قىلمايدۇ بۇ پۇلنى ؟ بولسا پۈتۈن دۇنيا بويۇنچە قايسى رايونلاردا ئومۇملاشقىننى خەۋەردار قىلسىڭىز بوپ تىكەن ،

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:23:27

@Jengchi

جوڭگو نېمىشقا ئىتراپ قىلمايدۇ ؟
央行官员:比特币不可能成为货币  
http://www.ce.cn/xwzx/gnsz/gdxw/201401/06/t20140106_2055596.shtml
ھىندىستانچۇ ؟
印度最大比特币网站被关 李嘉诚投资比特币支付
http://finance.sina.com.cn/money/bank/hykx/20131230/020217788374.shtml

ئامىرىكىلىقنىڭ تەھلىلىكەن ماۋۇ:
美股评论:中印为何打压比特币
http://finance.sina.com.cn/20140102/210017826617.shtml

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:27:37

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 16:23 static/image/common/back.gif
@Jengchi

جوڭگو نېمىشقا ئىتراپ قىلمايدۇ ؟


مەنبە كۆرسەتكىنىڭزگە رەھمەت ،مەندە ئۇ ئامرىكىلىقنىڭ تەھلىلىنى ئوقۇپ چۈشەنگۈدەك ***چە بىلىم يوق ، ئاۋارچىلىق كۆرمىسىڭىز
ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە قىلىپ قويسىڭىز ،كۆپۈنچىمىز بىلۋالاتتۇق :handshake

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:41:40

开个帖子专谈比特币及民主货币

http://m.tianya.cn/bbs/art.jsp?item=develop&id=1450475&vu=88765384327

ما تىيەنيا مۇنبىرىدىكى قىزىغان مۇنازىرەكەن.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:42:49

   مەن ئەنگىلىيە ئېتىراپ قىلغاندەك بىر خەۋەرنى ئاڭلىدىم .  « دۇنيا ھەپتىلىگى  » پىروگىراممىسىدا خېلى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەندەك قىلدى ، ئەمما مەن پەقەتلە چۈشەنمىدىم .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 17:00:31

مەن بىر يىل بۇرۇن ، س س ت ۋ نىڭ ئىقتىساد قانىلىدا ، بۇ ھەقتە ئاڭلىغان ، دەسلەپتە بۇ بىر خىل كومپىيۇتىردا كان قېزىپ ، بىت تەڭگىسى ياكى بىت پۇلى تاپىدىغان  ئويۇن بولغان ، ئەمما قازغىلى بولىدىغان بىت پۇلىنىڭ مىقدارى چەكلىك بولغاچقا (ئالتۇنغا ئوخشاش ) ، تەدرىخى ئوبۇرۇت ساھەسىگە ئېقىپ كىرگەن .
باتۇش بۇرادەر دېگەندەك بىت تەڭگىسى قېزىپ باقاي دېسەممە قازالمىدىم . ئەمما نەچچە تۈمەنگە كان قېزىش ماشىنىسى ئېلىپ كان قازىدىغان خەنلەر بار ...
2013 -يىلنىڭ بېشىدا سەل قىزىقىپ ، ئازراق ماتىريال كۆرگەن . شۇ چاغلاردا بىر بىت تەڭگىسى 100 دوللار پۇلغا يارايىتتى ، يىڭى بىت تەڭگىسى چىققان چاغلاردا 10 دوللار ئەتراپىدا ئېكەن .
ياندا يىغىپ قويغان بىر تۈمەن پۇل ئېدى ، تاس قالغان ھەممىگە بىت تەڭگىسى ئېلىۋەتكىلى . ئەمما بىر كۇن تورنى تاقىۋەتسە ، ..... دېگەندەك بىر تالاي خەۋىپلەردىن قورقۇپ ، بۇ خىل مەۋھۇم پۇلنى سېتىۋالمىدىم .
ئەمما بۇ يىل 12 ئايدا كۆرسەم ، بىر بىت پۇلى 1000 (مىڭ دوللار )  بولۇپ كېتىپتۇ ، ھەي ، شۇ چاغدا سېتىۋالغان بولسام ، بۇ چاغقا بىر ئۆيلۇك بولۇپ قالاتتىم دە ...(بەڭگىنىڭ خىيالى ) ...

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 17:12:07

پايدا زىيان بولغان ئىكەن مۇقەررەركى ئىككى تەرەپلىك مۈلۈك ئىگىسى مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ پۇلدا بىز پايدا ئالغىنىمىزدا زىيان تارتقىنى كىم؟

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 17:12:52

7500دانە بىت تەڭگىسىنى يىتتۈرىۋەتكەن ئەنگلىيىلىكنى  ئەخلەت دۆۋىسىنى ماتىلاۋاتىدۇ دەۋاتاتتى، تاپالىغاندىمۇ ئۇ بايقۇش

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 17:17:06

باتۇش قالدۇرغان ئادرىسلاردا ھىندىستاننىڭ بىت سودىسى قىلىدىغان تور بىكەتنى تاقىۋەتكەنلىكى ، بىكەت ئىگىسىنى قولغا ئالغانلىقى دەپتۇ .
مەركىزى بانكىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، بانكا ساھەسى بىت پۇلىغا ئارلىششقا بولمايدۇ ، بۇ ھەقتە كەسىپ ئاچسا بولمايدۇ . ئۇچۇنچى تەرەپ پۇل تۆلەش ساھەسىمۇ بىت پۇلىغا ئارلاشسا بولمايدۇ دېدى .
ئاساسلىق سەۋەپ بىت پۇلى بىلەن پۇل يۇيماق ئاسان ، ھەم تاشقى پىرۋوت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ .
ئامرىكىلىقنىڭ تەھلىلىنىڭ مۇھىم نوقتىسى : جوڭگو  ۋە ھىندىستان ئۆزلىرىنىڭ بايلىقىنىڭ چەتئەلگە ئېقىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ ، چۇنكى بىت پۇلىنى كونتىرول قىلىش ھوقوقى  بۇلاردا ئەمەس ...

قوشۇمچە : ئاڭلىسام جوڭگودا شەخىسلەر چەتكە چىقماقچى بولسا ، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئەللىك مىڭ دوللار ئېلىپ چىقسا بولارمىش ...

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 17:32:20

    ئەمدى BTCOIN نىڭ پەيدا بۇلۇشى ئۈستىدە توختالساق،2008-يىلى ئىنتېرنېت،ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە  يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشىلەر توپلاشقان مەلۇم مۇنبەردە تورنامى 中本聪,Satoshi Nakamoto ناملىق بىرىBTCOIN  نىڭ شەكىللىنىش پىرىنسىپى،قوللىنىلىشى ۋە كەلگۈسى تەرەقىياتى قاتارلىق مەزمۇنلاردا بىريۈرۈش مۇھىم يازمىلارنى ئېلان قىلغان،ۋە بۇ يېڭى شەيئىگە قارىتا ئىجابىي قارايدىغان تورداشلارغا BTCOIN ھەققىدە نىگىزلىك چۈشەنچىلەرنى بىرىپ بۇلۇپلا توردۇنياسىدىن ئىزدىرەكسىز يوقالغان.中本聪 نىڭ ئەسلى يازمىسىنى كۆرمەكچى بولغانلار مۇنۇ توربەتتىن تاپالايدۇ https://bitcointalk.org/.
    ھازىرغىچە 中本聪 نىڭ كىم ئىكەنلىكى بىر سىربۇلۇپ بەزىلەر ئۇ توكيو ئونۋىرسىتىتىنىڭ تالانتلىق ماتىماتىكا پىروففىسسورى Shinichi Mochizuki،望月新一 شۇ دەپ قارايدۇ،يەنە بەزىلەر ئۇ بىر ئادەم ئەمەس بەلكى بىر مەخپىي تەشكىلات بۇلۇپ مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بۇلۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.يەنە  BTCOIN بىر دۆلەتكە تەۋە ئامىركا شۇ دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار.ھەتتا ئاشقۇنراق پىكىردىكىلەر BTCOIN ماسونلارنىڭ قىلتىقى ئۇلار بىرگوروپپا مەۋھۇم سان-سىپىرلار ئارقىلىق دۇنيا خەلقىنىڭ مال-مۇلكىنى ئۈزىنىڭ قىلىۋالماقچى دەپ قارايدۇ.
    ئەمدى BTCOIN غا ئىرىشىشنىڭ ئۇسۇلى ئۈستىدە توختىلىمىز.
ئۇنىڭ ئۇسۇلى ئىككى خىل بۇلۇپ،بىرىنچىسى كانچى بۇلۇپ قېزىش، ئەڭ دەسلەپ جۇڭ بېن سۇڭ نىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە BTCOIN نىڭ ئابونت يۇمتالىنى كومپىيوتېرغا چۈشۈرۈپ CPU نىڭ ھىساپلاش كۈچىگە تايىنىپلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىرىشكىلى بولاتتى.
    BTCOIN نى بىلىدىغانلارنىڭ كانچىلارنىڭ كۆپىيىشى، BTCOIN نىڭ سانىنىڭ قېزىش سانى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجى ئازىيىش سەۋەبىدىن ھازىر ئادەتىتكى كومپىيوتېر نىڭ CPU ياكى GPU سىغا تايىنىپلا ئىرىشكىلى بولمايدۇ.
     ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت ئىچى سىرتىدا كۆلەملەشكەن مەخسۇس كان رايۇنى،يۇقىرى سەپلىمىلىك كان ماشىنىللىرى شەكىللەنگەن،نەچچە يۇزمىڭلىق بىرقانچە يۈرۈش كان ماشىنىسى بولغاندا ئاندىن قازغىلى بۇلۇشى مۇمكىن.
     دەسلەپ مەن مۇشۇ ئۇسۇلنى سىناپ كۆرمەكچى بولغان،لىكىن توك سەرپىياتىنىڭ يۇقىرلىقى،ماشىنا چىغارغان شاۋقۇننىڭ تەسىرى سەۋەپلىك ھازىر تۇرۇۋاتقان ئورنۇمنىڭ ئەمەلىي شارائىتى ماس كەلمەي ۋازكەچتىم.
     ھازىر ئەڭ ئىلغار كان ماشىنىسدا قازغان ئەھۋالدا بىر BTCOIN غا ئىرىشىشىنىڭ تەنەرخى 415 دوللار ئەتراپىدا بۇلىۋاتىدۇ.
     ئىككىنچىسى مەخسۇس سودا تورىدىن سېتىۋېلىش،بۇنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ئاددى.پەقەت ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان سودا تورىغا ئەزا بۇلۇپ تىزىملىتىپ سېتىۋالساقلا بولىدۇ.BTCOIN نى ئۆزىمىزنىڭ ھەميىنىمىزدا ساقلىساقمۇ ياكى سودا تورىدا ۋاكالاتەن ساقلاتقۇزساقمۇ بولىدۇ.
     مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق سېتىۋېلىپ ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 BTCOIN بولغان.
     دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى ئىشەنچىلىك داڭلىق سودا تورلىرىدىن
         https://www.mtgox.com/
         https://www.bitstamp.net/
        https://vip.btcchina.com/
        https://www.okcoin.com/
        قاتارلىقلار بار.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 17:36:27

تەڭگە كولاپ باقاي دەيدىغانلا بولسا GUIMiner نى چۈشۈرۈپ كولاپ باقسىڭىز بولىدۇ .كولاش ئادەتتە ئاشۇ كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسىغا بەكرەك مۇناسىۋەتلىك .
تۆۋەندىكىسى ئاددى بولغان كومپيۇتېر كۆرسىتىش كارتىسى ئىش ئۈنۈمى سىلىشتۇرمىسىكەن.  بۇنى مەبلەغ سېلىش ئاساسى قىلىۋالماڭ . جوڭگودا ئۆتمەيدۇ ھازىر.


omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 17:53:24

ھەجەپ بىر چۈشىنىكسىزلا گەپلەركەن .. بەلگە سىلىپ قويدۇم . دىققەتتە

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 18:08:39

     ئەمدى BTCOIN نىڭ پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان تەرەقىيات ھالىتى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.
      BTCOIN  قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا دۇنيادا نۇرغۇن تەسىر قوزغىدى.
      ئۇ ئامىركىدەك بىر چوڭ دۆلەتنى ئۈزى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشقا مەجبۇرلاپ،سەل مۈجمەلرەك بولسىمۇ پۇللۇق ئورنىنى ئىتراپ قىلدۇردى.
      گېرمانىيەBTCOIN غا نىسبەتەن ئەڭ ئىجابىي پوزىتسىيەدە بۇلۇپ قانۇنىي پۇللۇق ئورنىنى ئىتراپ قىلدى.
      جۇڭگۇ دەسلەپ سۇكۇت قىلىپ تۇمۇر تۇتۇپ باقماقچى بولغان بولسىمۇ كىيىنچە دۆلەت ئىچىدىكى ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كىتىشى سەۋەپلىك ئەندىشىگە چۈشۈپ مەركىزى بانكا ئارقىلىق ھاپىلا-شاپىلا ئاقماس،مۈجمەل قاراردىن ئىككىنى چۈشۈرۈپ سوۋۇتماقچى بولدى.لىكىن BTCOIN كۈتكەن يەردىن چىقماي  ئۇقتۇرۇش چۈشۈپ بىر ئاي بولمايلا قىممىتى 1000 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.
       ھىندىستان جۇڭگۇدىن كىيىنلا جىم تۇرۇغۇسى كەلمەي ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ BTCOIN سودا تورىنى پېچەتلەپ ئەسلىھەلىرىنى مۇسادىر قىلغان بولدى،لىكىن بۇ خەلىقنىڭ BTCOIN غا بولغان قىزغىنلىقىنى سوۋۇتالمىدى.
     ئەڭ پاسسىپ،خالجىر پوزىتسىيە تۇتقىنى تايلانت بولدى.BTCOIN نى بىراقلا چەكلەپ قانۇنسىز دەپ ئېلان قىلدى،بۇ قىلمىشى بۈيۈك بىرتېخنىكا،كەشپىياتقا قىلىنان نادانلارچە ھەركەت دەپ قارالدى.
    كانادا ھۈكۈمەت- خەلقىنىڭ BTCOIN غا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئەڭ دوستانە بۇلۇپ ھەتتا بۇ دۆلەتتە BTCOIN بىلەن كانادا دوللىرنى ئۆز-ئارا ئايرىۋاشلايدىغان ATM بارلىققا كەلدى.
    شىياڭڭاڭلىق ئاسىيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ باي لىجىيا چېڭ نىڭ BITPAY غا مەبلەغ سېلىشى،(FB (facebookنىڭ ئېلان مۇلازىمەت تۈرىدە  BTCOIN نى قۇبۇل قىلىشى قاتارلىق بىرقاتار ئىشلار كىشىلەردە BTCOIN نىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتىغا نىسبەتەن ئىشەنىچ تۇرغۇزدى.
     ئەمدى BTCOIN نىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىغا نەزەر سالساق ئۇنىڭ پېرىۋوت قىلىنىلىشىدىن سىرىت دۇنيادا ھازىرغىچە 6000 دىن ئارتۇقراق چوڭ كىچىك كارخانا تىجارەت سۇرۇنلىرى BTCOIN نى قۇبۇل قلغان.ھەتتا ئامىركىدا يېڭى توي قىلغان بىرجۈپ ئەر-ئايال BTCOIN غىلا تايىنىپ 100كۈندىن ئارتۇق ساياھەت قىلغان.

milyoner يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 18:40:14

    ئاخىردا BTCOIN نىڭ خەۋىپ-خەتىرى ئۈستىدە ئازراق توختىلاي.
    BTCOIN يېڭىدىن پەيدا بولغان ھەرقانداق شەيئىگە ئوخشاشلا نۇرغۇن تالاش-تارتىش،گۇمانلىنىش،چەتكەقېقىلىشقا ئۇچرىدى.لىكىن نىمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ كەلگۈسى ئاقىۋىتىنى ئۈزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىچكى ئېنىرگىيەسى بەلگىلەيدۇ.
     ئىجابىي قارىغۇچىلار ئۇنىڭ ھۈكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي قانۇنيەتنى بىرچەتكە قايرىپ قۇيۇپ ئۈزىنىڭ سىياسىي مەقسىتى ئۈچۈن مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن توختىماي باسىدىغان قەغەز پۇلىغا تۇپتىن ئوخشىمايدىغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان تۇراقلىق مىقدارىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
      BTCOIN نىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى  ھەققىدە ھىچكىم كىسىپ بىرنەرسە دىيەلمىگەچكە،BTCOIN نىڭ قىممىتى پۈتۈنلەي ئىجابىي قارىغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ئاۋامنىڭ قۇبۇل قىلىىش دەرىجىسىگە باغلىق بولغاچقا،ھەم ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە 24 سائەت توختىماي ھەرقايسى دۆلەت پۇللىرىغا ئايرىۋاشىنىپ تۇرغاچقا،ئۈسۈش-چۈشۈشىگە نىسبەتەن پايچەككە ئوخشاش ھىچقانداق چەك قۇيۇلمىاچقا،باھاسىنىڭ ئۈسۈش-چۈشۈش ئەھۋالى شىددەتلىك،باھا پەرقى يۇقىرى،ھەتتا كۈندۈلۈك ئەڭ يۇقىرى باھا بىلەن تۆۋەن باھا پەرقى 500 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالمۇ كۈرۈلگەن.بۈگۈنكى باھا پەرقىمۇ 170 دوللار ئەتراپىدا.
    شۇنداق بولغاچ قىزىققۇچىلار مەبلەغ سېلىش ئىستىكى بارلار سوغوققانلىق بىلەن ھەركەت قىلمىقى لازىم.
    BTCOIN نى تەپسىلىي ئىزاھلاش،چۈشەنچە بىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.ۋاقتىم چەكلىك ئالدىراش بولغانلىقىم ئۈچۈن مەزكۈر يازما چېچىلاڭغۇ،مۈجمەل چىقىپ قالغان بۇلۇشى مۇمكىن.لىكىن   BTCOIN نىڭ سادىق ھەۋەسكارى ھەم ئۇنىڭ تەرەقىيات ئىستىقبالىغا ئىجابىي قارىغۇچى بۇلۇش سۈپۈتۈم بىلەن بۇ ھەقتە ئاڭلاپ باقمىغانلارغا مۇشۇنداق بىرنەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ،قىزىققۇچىلار بىلەن چۈشەنچە پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە مەزكۇر يازمىنى يازدىم.
بەت: [1] 2
: BTCOIN 比特币 كەلگۈسىدىكى ئىلىكتىرونلۇق پۇل!؟