يىڭى يىلنى تەبرىكلەش ۋە ھەرقايسى كالىندارلاردىكى يىڭى يىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا izqi1991 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-6 19:12مىلادىيە كالىندارىدىكى يىڭى يىل كىلىشى بىلەن ئۈندىدار ۋە تورلاردا يىڭى يىل تەبرىكلەش ۋە يىڭى يىل تەبرىكىنى قەتئى چەكلەش مەزمۇندىكى خەتلەر كۆپىيىپ كەتتى ـ يىل بىشى بۇ زىدىيەتلەرنىڭ ئاشكارلىنىشىغا سەۋبچى بولدى ئۇنداقتا بۇ زىدىيەتنىڭ سەۋەبى نىمە؟ يىڭى يىل(يىل بىشى) قانداق
ئۆتكىزىلىشى كىرەك؟
ئىنسانلار ۋاقىت ھىسابلاش ،خاتىرىلەش ئىھتىياجى ئۈچۈن ئاستىرىنومىيە بىلىملىرىگە تايىنىپ كالىندار تۈزۈپ چىققان ، ھەرقايسى مەدىنىيەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس كالىندارلىرى بولغان ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا مەدىنىيەت ئالاقىلىرى ھازىرقىدەك قويۇق بولمىغانلىقى سەۋەبلىك پەن تىخنىكىنىڭ ئالمىشىش بولمىغان ، ياكى ناھايىتى ئاستا بولغان ـ قەدىمكى يۈنان رىملاردا قۇياش كالىندارى ـ ـ ئوتتىرا شەرىقتە ئاي كالىندارىىى ، ئۇتتىرا ئاسىيادا ئەڭ قەدىمكى قۇياش كالىندارى ، ، يىراق شەرىق جۇڭگۇدا ھاۋارايىغا ئاساسلىنىدىغان دىھقانلار كالىندارى ،ھەتتا ئامرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك مەدىنىيەت مايالىقلارنىڭمۇ كالىندارى بولغان ـ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار ، ، چۈنكى ئۇلارنىڭ پايدىلىنىش مەقسىتى ۋە پايدىلانغان ئاستىرونومىيە چۈشەنچىسى ئوخشاش ئەمەس ـ تۆت پەسىل ئىنىق جايلاردا قۇياش ھەركىتى ياكى ھاۋا رايىغا تايانسا ، ئۇتتىرا شەرىقتەك پەسىل ئىنىق ئايرىلمايدىغان ، يىلنىڭ كۆپ ۋاقىتلىرىدا ئاينى كۆرگىلى بولدىغان جايلاردا ئاي ھەركىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا كالىندار تۈزۈلگەن ـ قۇياش ۋە ئايغا تايانغان بۇ ئىككى كالىندارنىڭ ھازىر كەڭ قوللىنىۋاتقىنى مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە كالىندارىدۇر ـ
مىلادىيە كالىندارىنىڭ مەنبەسى قۇياش كالىندارى ، مىلادىدىن ئىلگىركى 47 ―يىلى قەدىمكى رىم ئاستىرونوملىرى قۇياش كالىندارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بىر يىلنى 365كۈن ، 12 ئايغا بۆلگەن ، ئاي ناملىرىغا ئىلاھ ئىسىملىرى ۋە بەزى ھۆكۇمدارلارنىڭ نامىنى قويغان ـ خىرىستىئان دىنى غەرىبتە كىڭ ئاساسقا ئىگە بولغاندىن كىيىن خىرىستىئانلار ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى يىل بىشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن ، مىلاد تۈغۇلۇش دىگەندەك مەنىدە كىلىدۇ ، شۇڭا تۇغۇلغان كۈنىنى يىل بىشى قىلغانلىقى ئۈچۈن مىلادىيە كالىندارى دەپ ئاتالغان ـ
ھىجىرىيە قەدىمكى ئاي كالىندارىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ـ ئەرەبلەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن كالىندارى ئەرەبچە قەمەرىيە دەپ ئاتىلىدىغان كالىندارنى قوللىناتتى ، چۈنكى ئۇ يەرلەرنىڭ ئاسمىنى يىل بويى ئوچۇق بولۇپ ئاينى كۈزىتىش قۇلاي ئىدى ، مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ۋە ساھابىيلار مەككە مۇشرىكلىرىدىن يىراقلىشىش ئۈچۈن مەدىنىگە كۆچكەن ، پەيغەمبىرىمىز ۋاپاتىدىن كىيىن ئىسلامنىڭ تارقىلىشىدا موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ھىجرەت كۈنىنى يىل بىشى قىلغان ئاي كالىندارىغا ئاساسلانغان ن ھىجىرىيە كالىندارى تۈزۇلگەن ـ ئىككى كالىندارنىڭ پايدىلىنىش سىستىمىسى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن پۇتۇن بىر يىل كۈن سانىدا 12 كۈندىن ئارتۇقراق ـ ۋاقىت پەرقى بار ـ مىلادىيە كالىندارى بويىچە پالانچى ئاينىڭ پالانچى كۈنى كىلەر يىلدىكى شۇ كۈن بىلەن ھاۋا كىلىماتى ۋە باشقا تەبىئەت ھادىسلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ ، چۈنكى ئۇلار يەر يارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش دەۋرىنى توغرا ھىسابلىغانلىقى ئۈچۈن كىلەر يىلدىكى يەر شارىنىڭ قۇياشقا يۈزلەنگەن ئورنى ئوخشاش ، قۇياش سەۋەبلىك بولىدىغان تەبىئەت ھادىسىمۇ ئوخشاش بولىدۇ ، ئەمما ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە ئوخشاش كۈننى ھىسابلىسا پەرىق كىلىپ چىقىدۇ ـ ھەتتا نەچچە يىل ئۆتكەندە ياز ۋاقتىدا كەلگەن كۈن قىش پەسلىگە توغرا كىلىدۇ ، بىز دىيارىمىزدا ئىنىق ھىس قىلالايمىز ، ئەمما ئوتتىرا شەرىقتە بۇنچە پەرىقلىق تۈيلمايدۇ ـ
يىڭى يىلنىڭ چەكلىنىشىگە بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆرسەتكەن ئاساسى مۇنداق : بۇ يىڭى يىل مىلادىيە كالىندارى بويىچە شۇنداق ، مىلادىيە كالىندارىنى خىرىستىئانلار ئىشلىتىدۇ ، خىرىستىئانلار ئىسلام دۈشمەنلىرى شۇڭا يىڭى يىل ئۆتكىزىش ئىسلامغا خىلاپ ، قەتئى چەكلەش كىرەك دەپ قارايدۇ ـ بۇنداق قارايدىغانلار ئوخشاش سەۋەب بىلەن نۇرۇزنىمۇ چەكلەيدۇ چۈنكى قەدىمكى قۇياش كالىندارى بويىچە يىڭى يىل ، بۇ جاھالىيەت دەۋرىدىكىلەرنىڭ ئىشى بولغانلىقى ئۇچۈن ئىسلامغا خىلاپ ھىسابلايدۇ ـ
مىنىڭ قارىشىم : ھەرقانداق كالىندار بىرەر ئىلاھقا ياكى دىننى ئەقىدىگە ئاساسەن تۈزىلمەيدۇ ، ئىنسانلار ئاللا ياراتقان تەبىئەتتىن ، ئاللا ئورۇنلاشتۇرغان تەبىئەت ھادىسلىرىدىن پايدىلىنىپ ۋاقىت ھىسابلاپ كالىندار تۈزگەن ، بۇ خۇددى ماتىماتىكىدىكى فورمىلاغا ئوخشايدۇ ، بۇ بىر ھونەر تىخنىكاـ بىر ئىلىم بۇ دىننىڭ تەركىبى ئەمەس ـ شۇڭا كالىندارنى دىنغا باغلىۋىلىشقا بولمايدۇ ـ
ئەرەبلەر ئىسلامىيەتتتىن بۇرۇنلا ھىجىرىيە كالىندارىغا ئاساسەن ئوخشاش قەمىرىيە كالىندارىنى ئىشلەتكەن ، پەقەت كىيىن ھىجرەت كۈنىنى يىل بىشى قىلىپ ئۆزگەرتكەن خالاس ، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە مۇسۇلمانلارنىڭ چوقۇم ھىجىرىيە كالىندارىنى ئىشلىتىش ھەققىدە بايان يوق ، شۇڭا بۇ ھەقتە جايللىق قىلىشقا بولمايدۇ ، ھەركىمنىڭ قانداق كالىندارىنى ئىشلىتىشى ئۆز ئىختىيارىدىكى ئىش ـ مىلادىيەدىكى يىڭى يىلنى تەبرىكلىسىمۇ بولىدۇ ، چۇنكى بۇ كالىندارنى ئىشلىتىدىغانلارغا نىسبەتەن يىڭى بىر يىل كىردى ، نۇرۇزنى تەبرىكلىسىمۇ بولىدۇ ، چۈنكى قۇياش كالىندارىدا بۇكۈن يىل بىشى ، تەبىئەت ئىللىيدىغان ، ياشىرىدىغان كۈن ـ بۇكۈنلەرنى ھىجىرىيە كالىندارىنى مەركەز قىلىپ چەكلەش بىمەنىلىك ـ بۇلارنىڭ تەبرىكى قانداقمۇ ئاللانىڭ ئەھكامىغا زىت بولسۇن ـ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سەل ئارتۇقچىدەك. «بەندە ياخشى كۆرگەننى ئاللامۇ ياخشى كۆرىدۇ»، بۇ كىم پىچقان پەتىۋا ئەمدى؟ كونا ئۇرۇشنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياقاي دەپتۇدە تېما يازغۇچى:lol:lol:lol:lol بۇ توغرىسىدىكى بۇرۇنقى تىمىنى كۆرمەپتىكەنمەن ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلسىمۇ ، كەلمىسىمۇ ، ئىشلىتىشنى خالىساقمۇ خالىمىساقمۇ مۇسۇلمانلار ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ پۈتۈن دۇنيانى ئىسلام كالىندارىنى ئىشلىتىدىغان قىلغۇچە مۇشۇ مىلادىيە كالىندارىنى ئىشلىتىدىغان گەپ ... تېما چولتا ھەم خاتا. سەن پىچاق كۆتىرىۋالغان كىشىنى كۆرسەڭ ئۇنى پەقەت قاتىل دەپلا ئويلامسەن ، بەلكىم ئۇ قاسساپ بولىشىمۇ مومكىن
يىڭى يىل تەبرىكلىسىمۇ خىرىستىئانلارنىڭ تەبرىكلەش ئۇسۇلىنىلا كاللاڭغا كىرگۇزىۋىلىپ ، خىرىستىئان ئەمەس كىشىلەرنىڭ تەبرىكلەش مەقسىتى بولغان يىڭى يىلدىكى يىڭى ئىشلار ، يىڭى پىلان ئارزۇلارنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىدىكى ئۆمىد خۇشاللىقىنى ئويلىمىساڭ بولمايدۇ ، خۇددى بىز نۇرۇزدا تەبىئەتنىڭ ياشىرىشى ، ھاۋا ئىللىغانلىقىنى خۇشاللىق ھىس قىلىپ تەبرىكلەپ ئۇنىڭغا سىڭىپ كەتكەن ئاتەشپەرەسلىك ئەقىدىسى چىقىرىپ تاشلانغان ھالەتتە ئۆتكىزگىىنىمىزدەك ، بۇ يىڭى يىلنىمۇ ھەممە ئىشلار شۇ كالىندار بويىچە پىلان تۈزۈلگەن ، خۇلاسىلەنگەن ، ھەتتا ياشمۇ شۇ بويىچە ھىسابلانغانلىقى ئۈچۈن تەبركلىسە يىڭى يىلدا ئاللادىن يىڭى ئۇتۇقلارنى تىلىسا بولىدۇ كەچۈرۈڭ سەن دەپ يىزىپساپتىمەن ، بايا بىر دوستۇمغا بۇ خەتلەرنى يازغان ، كۆچىرىپلا يوللاپ ئۆزگەرتمەپتىمەن كەچۈرۈڭ سەن دەپ يىزىپساپتىمەن ، بايا بىر دوستۇمغا بۇ خەتلەرنى يازغان ، كۆچىرىپلا يوللاپ ئۆزگەرتمەپتىمەن كالىندار دىننى ئەقىدە ئاساسىدا تۈزۈلمەيدۇ ، بەلكى تەبىئەت قانۇنىيىتى ئاساسىدا تۈزىلىدۇ ئەمما ئىشلەتكەنلەر كالىندارغا دىننى ئەقىدىنى سىڭدۇرىۋىتىدۇ ، ھىچقانداق دىندا دىن ئەگشكۈچىلىرىگە مەلۇم كالىندارنى مۇتلەق ئىشلىتىش بەلگىلەنمىگەن دىننى ئەقىدە ئورنىغا كۆتىرىپ چىقىشقا بولمايدۇ ، ئىسلام كالىندارى ، خىرىستىئان كالىندارى دىيىش خاتا ، كالىندارچىلىق بىر خىل تىخنىكا ، ئىلىم ، ئۇ دىننىڭ تەركىبى ئەمەس
كالىنداردىكى ئالاھىدە كۈنلەرگە بەلكىن دىننى ئەقىدە سىڭدۇرۈلگەن بولىشى مومكىن ، ئىيسانىڭ تۇغۇلىشىنى تەبرىكلەشنى خۇددى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەۋلۇت كۇنىنى تەبرىكلەشنى چەكلىگەندەك خاتا دەپ قارىساق ، يىڭى يىلنى تۇغۇلغان كۈنى دەپ ئەمەس يىل بىشى ، يىڭى ئىشلارنىڭ باشلىنىشى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dreamcatcher تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-6 15:21
ئەسلى ئىختىلاپ قىلغۇدەك ئىش ئەمەستى... بەزەنلەرگە نېمە بولدى، مىلادىيە ئىشلىتىپ تۇرۇپ، پەقەت شۇ مىلادىيەدىكى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى كەپتۇ دېگەنگە ئەزۋەيلەپ كېتىدىكەن... ئەگەر راست شۇنداق بولسا، چۆپىنى يىگەنمۇ ئوغرى، سۈيىنى ئىچكەنمۇ ئوغرى دەپتىكەن كونىلار...{:90:}
Ps: مىلادىيە دىنى كالىندار ئەمەس ئوخشايدۇ، ئۇنى جۇلىيان كالىندارى ئاساسىدا ئازراقلا ئۆزگەرتىپتىكەن، ئاۋۇ جۇلىيان كالىندارى مىلادىدىن بۇرۇنقى 46 - يىلىدىن باشلاپ قوللىنىلىپتىكەن... خالىغانلار جۇلىيان كالىندارى http://baike.baidu.com/view/169027.htm
مىلادىيە http://www.baike.com/wiki/%E5%85%AC%E5%8E%86 ماۋۇ ئىككى بەتنى كۆرۈپ بېقىڭلار تەبرىكلەشنى بايرام بىلەن ئوخشاش چۈشىنىشكە بولمايدۇ ، يىڭى يىلنى بايرام سۇپىتىدا ئەمەس ، توي قىلساق ، خۇشاللىق ئىشلار يۈزبەرگەندە تەبرىكلىگەندەك ئۆتكەزسەك بولىدۇ ھە ماقۇل دەپ تۇرىلى،سىزنىڭ توغرا. ئېنكاس ۋە تېمىدىكى ئىكىكى ئىغىز گەپ كاللامغا ئاجايىپ تەگدى.
ئىنسان ياخشى كۆرگەننى ئاللا ياخشى كۆرىدۇ.
كالىندارچىلىق بىر ئىلىم ئۇنىڭ دىن بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق!
بىرىنجى گەپنى ئاللاھ ياخشى كۆرگەننى، ئاللا خالىغاننى ئىنسان خالايدۇ، ياخشى كۆرىدۇ دەپ تۈزتىمىز.
ئىككىنجى گەپنى ،
ئاللاھنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە رەھمەت قىلىپ، ھاياتتا بىر قوللانما قىلىپ ، بىزگە توغرا يول قىلىپ بەرگەن يول ئىسلام دىنىدۇر. كالدىندارچىلىقىمۇ ئاللاھىنىڭ ئىلمىنىڭ ھائىرسىدىكى بىر ئىش. مەيلى قاندقلا بىر ئىلىم بولسۇن ، ئەزىزلەر شۇنى ئۇنۇتمايلى ئاللاھنىڭ ئىلىمى ھەممىنى قورشاپ ئالغان بولىدۇ ! ۋاللاھىي ئالەم ! بىرىنجى گەپنى ياخشىلار باغچىىسى ھەم قايسى بىر پەتىۋادا كۆرگەندەك ئىسىمدە بار ، بەلكىم خاتا ئەسكە ئىلىۋالغاندىمەن ، ئۇنى يۇيىۋىتەي ; توغرا كالىندارچىلىقمۇ ئاللانىڭ ئىلىمى ، ئەمما ھەممە ئىلىم دىننى ئەقىدە ئىچىدە بولىشى ناتايىن ، تەۋھىد ، فىھقى ،ۋە بەزى ئىجدىمائى ئىلىملەرگە دىن ئەقىدىسى سىڭگەن بولىدۇ ، شۇڭا بۇ ئىلىملاردا ھەرقايسى دىنلاردا زىددىيەت مەۋجۇد ـ ئەمما ھۆنەر تىخنىكا خاراكتىرىدىكى ئىلىم ھەممىگە باراۋەر ، ماتىماتىكا ، فىزىكا فورمىلالىرىنى ھەرقانداق دىن ئالىملىرى ئورتاق ئىشلىتىدۇ ، باشقا تىخنىكىمۇ شۇنداق، بىر جۇڭگۇلۇق ياغاچچى تىخنىكىسى يۇقىرى بولسا مەسجىد قۇرىلىشىنى قىلسىمۇ بولىۋىردۇ، ئۇنىڭ ئىتىقادى تىخنىكىنى ئىشلىتىشكە توسالغۇ بولمايدۇ، مۇسۇلمانلار باشقا دىندىكىلەرنىڭ قۇرال ياساش تىخنىكىسىنى ئۈگىنىپ قۇرال ياساپ ئىسلامنى قوغدىسا بولىدۇ ، پەيغەمبىرىمىزمۇ ئەينى ۋاقىتتا بىر ئۇرۇشتا پارس مۇشرىكلىرىنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان ، غەرىبلىكلەر مۇسۇلمان ئەل خەرەزمىنىڭ ئالگىبىرا بىلىمىدىن، مۇسۇلمان ئىبىنسىنانىڭ تىبابەت نەزىريەسىدىن پايدىلانغان ـ فارابى غەرىبلىك پەلسەفە پىشۋاسى سوقرات ئەپلاتۇندىن ئۈگىنىپ ، پەلسەفە نەزىيەسىدىن ئاللانىڭ بىرلىكىنى تەۋھىد نى ئىسپاتلىغان، ئەرەبلەر سان رەقەملىرىنى ھىندىلاردىن ئۈگەنگەن، ھازىرمۇ شۇنى قوللىنىۋاتىدۇ ـ تىخنىكىنىڭ دىن چەكلىمىسى بولمايدۇ
بەت:
[1]