kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:07:56

دولتىمىزدىكى توت چوڭ قىلتاق

بىرىنچى چوڭ قىلتاق: ئۆي-مۈلۈك
ئۆي مۈلۈك سېتىۋېلىش نىمىدن دىرەك بىرىدۇ؟ ئو سىزنىڭ ئۈزىڭىزگە تەۋە ئۆيگە ئىگە بولغانلىغىڭىزدىن دىرەك بىرىدۇ. توغرا، سىز مۇشۇنداق دەپ قارايسىز، لېكىن جوڭگۇدا بۇ ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ئامالىڭىز يوق، ئۇ پەقەت سىزگە ئىجارىگە بىرىلگەن. چۈنكى ئۆي سىزنىڭ بولغان بىلەن، يەر سىزنىڭ ئەمەس، سىزگە پەقەت يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى 70يىللىق ئىجارىگە بىرىلگەن خالاس (ھازىردىن70يىل مۇقەددەم ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلدىكى ئۆيلەرنى كىم كۆرۈپتۇ؟). ئۆيلەر ئادەتتە 30يىلدا بىر قېتىم يېقىلىش ياكى كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشكە دوچار بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ دىگەنلىك سىز ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇلنى خەجلەپ، پەقەت ئۆي ئىجارە ئېلىشتەك ئەمىلى ئۈنۈمگە ئېرىشتىڭىز دىگەن گەپ. ئەلۋەتتە بۇ ئەڭ يامان ئاقىۋەت ئەمەس، ئەڭ يامان يىرى __ سىزنىڭ نەچچە ئون يىلدىن كېيىن ئاندىن ئالدانغانلىغىڭىزنى بايقشىڭىزدۇر. بىر توپ لۈكچەكلەر ئۆمۈرلۈك جوغلانمىڭىزغا سېتىۋالغان ئۆيىڭىزگە باستۇرۇپ كىرىپ، يوغان قىلىپ «چېقىلىدۇ» دىگەن خەتنى يېزىپ قويۇشسا، ئۆي بىساتلىرىڭىزنى ئەخلەت ئورنىدا كوچىغا تاشلىۋەتسە، سىزنىڭ يېلىنىشلىرىڭىزغا پەرۋا قىلشمىسا، ھەتتا گىزىتكە ئېلان بىرىپ «مىق ئائىلە» دىگەندەك سېسىق نامىڭىزنى تارىتىپ، ئەل يۇرتىنىڭ ئاھانىتىگە قويسا……مانا شۇ ۋاقىتتىلا سىز نىمىنىڭ ھەقىقى ئۆمىدسىزلىنىش ئىكەنلىگىنى بىلىسىز.
جوڭگۇ ئۆي مۈلۈكچىلىگىنى سۈپەتلەيدىغان بىر لەتىپىدە مۇنداق يېزىلغان «
بۇرۇنقى زاماندا نۇرغۇنلىغان زىمىنلىق بىر پومىچىك بولۇپ، ئۇ نۇرغۇنلىغان يىللىقچىلارنى تېپىپ ئىشقا ساپتۇ. پومىچىك يىللىقچىلارنىڭ يېتىپ-قوپۇشى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىتتىپاق بىنالىرىنى سالدۇرۇپ بىرىپتۇ. بىر كۈنى ئۇنىڭ مۇشاۋۇرى مۇنداق ئەقىل كۆرسىتىپ:
__بىگىم، يىللىقچىلار نەچچە يىللاردىن بىرى ئىشلەپ خېلى پۇللۇق بولۇپ قالدى. ئولار ئايدا تاپشۇرىدىغان ئۆي ئىجارىسى بىلەن ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. بەرىبىر ئولار بۇ ئۆيلەردە مەڭگۈ ئولتۇرىشىدۇ.
سىلە ئەڭ ياخشىسى بۇ ئۆيلەرنى ئولارغا سېتىپ بىرىپ، بۇنى ھۆكۈمەت ئۆيلىرىنى سېتىپ بىرىش دەپ ئات قويسىلا! ئۆينىڭ ئولارغا مەڭگۈلۈك تەۋە بولىدىغانلىغىنى دەپ قويساقلا ئولار بۇ نەچچە يىلدىن بىرى يغقان پوللارنىڭ ھەممىسنى قايتۇرىۋالالايمز-دەپتۇ. »
__بۇ چارە بولىدىكەن، لېكىن ئىجارىنى قانداق قىلىمىز؟-
دەپ سوراپتۇ پومىچىك.
__ئوخشاشلا يىغىۋېرىمىز، ئۇنىڭغا ياپۇنچە ئىسىمدىن بىرنى قويايلى، مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى دەپ ئاتايلى-دەپ مەسلىھەت بىرىپتۇ مۇشاۋۇر. پومىچىك يوقارقى پىلاننى تىزلا ئەمىلىلەشتۈرۈپ، نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. يىللىقچىلار شۇنداق خوشال بولۇشۇپتۇ.
نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پومىچىك تۇرىۋاتقان يېزا تەرەققى قىلىپ، بازارغا ئايلىنىپتۇ. پوللۇق كىشىلەرمۇ كۈندىن-كۈنگە كۈپىيىپ، ئولتۇرىدىغان ئۆي يىتىشمەي قاپتۇ. ھېلقى مۇشاۋۇر يەنە پومىچىكقا ئەقىل كۆرسىتىپ:
__بىگىم، يىللىقچىلارنىڭ قولىغا بۇ بىرنەچچە يىلدىن بىرى يەنە پۇل كىردى. بىز ئولارغا يىڭى ئۆي سېلىپ بىرەيلى، بۇ ئىشقا كونا شەھەرلەرنى ئۆزگەرتىش دەپ ئات قويايلى. ئولار قوللىرىدىكى پۇللارنى بىزگە بەرسۇن، بىز كونا ئۆيلەرنى يىقىپ يىڭى ئۆي سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ساتايلى-دەپتۇ. )
پومىچىك بۇ پىلاننىمۇ ئەمىلىلەشتۈرۈپتۇ. لېكىن بۇ قېتىم بەزى يىللىقچىلار رازى بولۇشمىغاچ پومىچىكنىڭ چوماقچىلىرى ئىشقا ياراپتۇ. يىللقچىلار دەرتنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. بۇ ئارقىلىق پومىچىك يەنە نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ.
يەنە بىرنەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، پومىچىكنىڭ كەنتى تەرەققى قىلىپ چوڭ شەھەرگە ئايلىنىپتۇ. پۇللۇق كىشىلەر تېخىمۇ كۆپىيىپتۇ. پومىچىكنىڭ يەرلىرى تېخىمۇ پۇلغا يارايدىغان بوپتۇ. ھېلقى مۇشاۋۇر يەنە پومىچىكقا ئەقىل كۆرسىتىپ:
-بىگىم، بىز بۇ يىللىقچىلارنىڭ ئۆيلىرىنى يىقىپ، داچىلارنى سالايلى، ئۆيلەرنى يىقىپ يىڭى ئۆيلەرنى سېلىپ، ھېلىقى پۇللۇق بايۋەتچىلەرگە ساتساق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايمىز-دەپتۇ.
__يىللىقچىلار قانداق قىلىدۇ-دەپ سوراپتۇ، پومىچىك.
__ئولارغا كۆپرەك پۇل بىرىپ، نەق پۇل بىلەن ئۇرنلاشتۇرۇش دەپ ئاتايلى. بىز يەنە چوشقا قوتىنىمىزنىڭ يېنىغا ئۆي سېلىپ ئىقتىسادى قولايلىق ئۆي دەپ ئاتايلى. يولدىن بىرنى ياساپ بىرىپ، شۇيەردىكى ئۆيلەرنى ئۇلارغا يەنە ساتايلى….
__ئولارنىڭ پۇلى يەتمىسە قانداق قىلىدۇ-دوپ سوراپتۇ، پومىچىك يەنە.
__گۆرۆخانىمىزدىن ئولارغا پۇل قەرىز بىرىپ تورساق، يلىغا ئۈسۈم چىقىدۇ، پۇللىرىمىز يەنە پۇل توغىدۇ. خەتىرىمۇ يوق-دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ مۇشاۋۇر.
پومىچىك بۇ پىلاننىمۇ ئەمىلىلەشتۈرۈپتۇ. يىللىقچىلار قوللىرىغا نەق پۇل ئېلىشپتۇ. لېكىن ئىقتىسادى قولايلىق ئۆيدىن ھازىرغىچە پەقەت بىر يۈرۈشلا سېلىنىپتۇ. يىللىقچىلار ئۈچرەتتە تۇرۇپ ئۆي ساقلاشقا مەجبور بوپتۇ. ئاڭلىساق ھازىرغىچە ساقلاۋئېتىپتىمىش…….
شۇنىڭ بىلەن يىللىقچىلار ئۆكتە قوپۇپ، ئىش چىقىرىشقا باشلاپتۇ. پومىچىك ئنتايىن ئالاقە زادە بولۇپ، مۇشاۋۇرىدىن:
__ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ دەپ سوراپتۇ
__ئولارغا دەرھال ”ئۆي باھاسى چۈشىدۇ، ھازىرچە ئۆي ئالماي ئجارىگە ئولتۇرغاچ تۇرۇڭلار“-دەپ ئۇقتۇرايلى، بۇنداقتا بىز چوشقا قۇتىنىمىزنىمۇ ئۇلارغا ئىجارىگە بىرەلەيمىز-دەپ مەسلىھەت بىرىپتۇ مۇشاۋۇر. نەتىجىدە يىللىقچىلارنىڭ نەچچە يىللاردىن يىققان پۇللىرىمۇ تۈگەپ، يەنىلا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىدىغان بولۇشۇپتۇ.
بۇلەتىپە گەرچە سەل كۆپتۈرىۋەتكەندەك كۈرۈنسىمۇ ، ئەمىلىيەتتە ھەرگىزمۇ پاكىتسىز ئەمەس؟ بەزىلەر بۇنداق تۇرۇقلۇق جوڭگۇلۇقلار يەنە نىمە دەپ ئۆي سېتىۋالىدۇ؟ خۇددى ساراڭلاردەك ئۆي قوغلىشىدۇ؟ زادى نىمە ئۈچۈن دەپ سورىشى مۈمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى نادانلاشتۇرۇش تەربىيىسىنىڭ نەتىجىسى: خوددى60-يىللاردا كىشىلەرنى قول سائەت، كىيىم تىكىش ماشىنىسى ۋە ۋئېلىسىپىت ئېلىشقا كۈشكۈرتۈپ، پەقەت مۇشۇنداق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرلا خوتۇن ئېلىپ-ئەرگە تېگەلەيدۇ دەپ قاراش كۆپتۈرۈلگەن. 70-يىللاردا كىشىلەرنى تىلىۋۇزۇر، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ ۋە تېلىفۇن ئورناتقاندىلا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولىدۇ، خوتۇن ئېلىپ-ئەرگە تېگەلەيدۇ دەپ قارالغان. ئىسىمدە قېلىشىچە ئۇ ۋاقىتتا بىر تېلىفون نەچچە مىڭ يۈەنگە قويۇلاتتى (كىشى بېشى كىرىمى200يۈەنگە يەتمەيدىغان كىچىك شەھەرلەردە)، بېيجىڭ-شاڭخەيلەردە بىر تېلىفون قۇيغۇزۇش10000يۈەندىن ئاشقان، ئۈچرەتتە تۇرۇپ نۇمۇر ئالىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان. بۇ ھازىرقى ئۆي ئېلىش ھادىسىسى بىلەن نىمە دىگەن ئوخشىشىپ قېلىش-لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بارلىق ئۇسرۇق زىيالىلارنىڭ ھەمىىسى، يۇقۇرقىدەك ئادەم ئەخمەق قىلىدىغان كونا كۇزىرنى كۈتۈرۈپ چىقىپ:
ــــ ئاق ياقىلىقلارنىڭ يىڭى ئۆلچىمى، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەربابلارنىڭ يىڭى تاللىشى پالانى ئايلانما يۇلىدىكى كىچىك تىپىلق ئۆي، پالانى يەردىكى تىجارەتسىمان مۇنداق ئۆي دەپ ۋالاقشىماقتا. ئولار سىزنىڭ نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇلىڭىزنى ئېلىپ تۇرۇقلۇق، يەنە ھەر ئايدا ئىجاەر (يىڭى مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى) ئالىدۇ. بانكا ئۈسۈمى ۋە ھەرخىل ناملاردا ئەپچىللىك بىلەن قۇشۇلغان ئۈسۈملەر، سىياسەتلەر……… يىغىپ ئىيتقاندا سىزنى جۆندەپ ئۈلتۈرۈشتىن قورقمسىمۇ، تازا ئېچنىشلق ئۆلمەسلىگىڭىزدىن قورقىشىدۇ. پۇقرالار نىمەدەپ بۇنداق قىلتاقلارغا چۈشۈشكە شۇنچە خوشتار، يەنە كىلپ يۈزلەپ قېتىم قىلتاققا چۈشۈپمۇ بۇرنىغا سۇ كىرمەيدۇ؟ بۇلارنى ئويلىساملا زەردەم قاينايدۇ.
ئىككىنچى چوڭ قىلتاق: ئىشقا ئورۇنلىشىش
بەزىلەر يېزىلارغا چۈشۈپ چېنىققان ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ ئۇھ-سىنۋاتقاندا، بەزىلەر ئىش ئورنىدىن قېلىپ ھاياتلىق يۇلى قالمىغانلىغىنى ھىس قىلىپ، جىم ئولتۇرىۋېلىش نامايىشى ئۆتكۈزسە ھېچكىمنىڭ كارى بولماي، كوچىلاردا سەرسانە يۈرگەندە باشقىلار تەرىپىدىن مازاق قىلىنىپ «ھايات دىگەن مەردانە، باشتىن كەلگىن سەن يەنە…»
-دەپ ناخشىغا قۇشۇۋېلىنغان چاغلىرىدا، سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەينى يىللىرى ئولارمۇ بۈگۈنكى ئاق ياقىلىقلارغا ئوخشاشلا پەخىرلىنىشلىك كىشىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ كىرىمى ۋە ئورنى ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايىتتى. سىز يەنە 20يىلدىن كىيىن ئولاردەك كوچىلاردا سەرسان يۈرۈپ، ھەممىنىڭ تاشلىۋئېتىشىدەك كۈنگە قېلىشىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ مۇنداق دىسەم بەزىلەر ئىشسىزلىق سوغۇرتىسى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوغۇرتىسى،….سوغۇرتىسى دىگەنلەرنى بىلمەمسەن دىيىشى مۈمكىن.
ۋاي-ۋاي…! مەن بېيجىڭدا لەيلەپ يۈرىۋاتقىلىN يىل بولغاندۇ، تۆلىگەن سىتىراخۇانىيە پۇللىرىممۇ نەچچە تۈمەندىن ئاشتى، لېكىن ئىشسىز قالغىنىمدا پۇتۇم ئۈزۈلگىچە مېڭىپمۇ بىرەر ئىسىتىراخۇانىيەدىن بەھىرلىنىپ باققىنىم يوق. ئەكسىچە نۇرغۇن ئىستىراخۇانىيەلىرىم ئۈزۈپ-ئۇلاپ تاپشۇرۇپسەن دىگەن باھانىدا توڭلىتىۋئېتىلدى. مەن ئاچچىقتىن ئۆتلىرىم تىشۈلگۈدەك بوپ كەتتىم….بۇنى تېخى بەك يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. سىزنىڭچە ســــــىز 60 قا ئۇلاشقاندا راستىنلا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىسىتىراخۇانىيەسىدىن بەھرىمان بولالامسىز؟ ئۇ ۋاقىتتا ئاسماندىن پۇل ياغامدۇ-يا؟ بۈگۈنكى ياشانغانلارنڭ پىنسىيە پۇلىنى بىزلەر تېپىۋاتىمىز، يەنە كىلىپ ھازىر30-40ياشلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتە نەچچىدىن قېرىنداشلىرى بار. بۇ دىگەنلىك بۈگۈنكى پىشقەدەملەرنىڭ پىنسىيە پۇلى ئالالىشىدىكى سەۋەپ: 5 ياش بىر قېرىنى بېقىۋاتىدۇ. لېكىن بىز بۇ ئەۋلات قېرىغان ۋاقىتتا، بىر ياشنىڭ ئىككى قېرىنى بېقىشىغا توغرا كىلىدۇ. پۇل نەدىن كىلىدۇ؟ كىلىدىغان يىرى يوق. سىز90ياشقا كىرگەندە ئاز-تولا ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىسىتىراخۇانىيەسىدىن مەنپەئەتلىنەلىشىڭىزنىڭ ئۈزى خودايىمغا ئامانەت.
شۇنداق تۇرۇۇقلۇقمۇ يەنە ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنى ھۆكۈمەت تەۋەلىگىدىكى ھەرخىل كەسپى ئورۇنلار ۋە كارخانىلارغا كىرگۈزۈشكە ساراڭلاردەك قاترىشىدۇ. منىڭ يېنىمدا بۇنداق مىساللار داۋاملىق يولۇقۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ يىراقراق توققانلىرىمىزدىن بىرى ، 70مىڭ يۈەن خەجلەپ مۇناسىۋەت ئىزلەپ ۋە سوغات شوڭغۇتۇپ ، ئوغلىنى ئاشكارە تاللاش ئارقىلىق قاتناش ساقچى ئەترىدىگە توختاملىق ساقچىلققا ئېلەشتۈرىۋالغان ئىدى. ئۇ ئېيىغا 800 يۈەن مۇئاش ئالاتتى. لېكىن 3-يىلىغا بارغاندا رىقابەتلك ئورۇن تاللاشتا شاللىنىپ كەتتى. بىر ئائىلە كىشىلىرى يىغلاپ-قاخشاپ قېلىشتى. مەن دەيمەن شاللانغىنىڭ ئوبدان بولدى، سەن بىر ئۆمۈر ئىشلەپمۇ ئۇ 70مىڭ يۈەننى تېپىپ بولالمايسەن. ئەڭ ياخشىسى ئوبدان يۇيۇنۇپ ئوخلاپ، ئەتىدىن باشلاپ يىغىش-تۆشەش قىلىپ بولسىمۇ بىرەر تىجارەت قىلىۋال، بو ئارقىلىق ئاز-تولا پۇللۇق بولۇپ قېلىشڭ مۆمكىن.
ئەينى يىلى مەن مەكتەپ پۈتكۈزگەندە، ئاپام مىنى يىتىلەپ، پۇلنى يېنىغا سېلىپ، XX بۆلۈمىگە ئاپاردى. مەن خادىم قوبۇل قىلىدىغان ئەبلەخنىڭ تەلەتىگە قاراپ، قوسۇۋېتىشكە تاسلا قالدىم. ئىش ھەققىگە قارسام: ئانامەي…..مەن 10يىلغىچە يىمەي-ئىچمەي يىغساممۇ دەسمىينى قايتۇرىۋالالمايدىكەنمەن ئەمەسمۇ!!!! شوڭلاشقا مەن ئاستىرىتتىن ھېلىقى ئەبلەخكە تەھدىت سالدىم، بۇ سالپاڭ قوساق بۆلۈم باشلىغى مىنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. شۇندىلا ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كىتىشكە مۇۋەپپەق بولالىدىم.
مەن زادى ئويلاپ تىگىگە يېتەلمەيمەن، جوڭگۇلوقلار نىمانداق بۇنچە ئەخمەق؟ نىمانچە بۇنچە خۇراپى؟ ئويقۇڭلارنى ئاچساڭلار، نورمالراق تەپەككۇر قىلساڭلار بولمامدۇ؟ ئىش قىلىشنىڭ ئالدىدا پايدا-زىياننى ھىساپلاپ باقساڭلار نىمە بولىدۇ؟ يەنە ھازىرقى ئاق ياقىلىق ياشلارغا دەپ قوياي، ئىش ئىزلىگەندە ئىش ھەققىنى يوقۇرىراق تەلەپ قىلىڭلار، داۋالىنىش ۋە باشقا ئىستىراخۇانىيەلەرنى ئالماڭلا، پۇلۇڭلارنى ئۆزۈڭلار ساقلىساڭلار ئەڭ بىخەتەر، كەلگۈسىدە ئەسقاتىدۇ.
ئۈچىنچى چوڭ قىلتاق:مائارىپ
بىر پارچە دىپلوم قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ بىر پارچە دىپلوم زادى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ بىر پارچە دىپلوم زادى-زادى قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ باسما تەننەرخىگە 2يۈەنلا كۇپايە!!! بىر ئوقۇتقۇچنىڭ مەۋسۈملۈك مۇئاشى قانچە پۇل؟ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىلا كۇپايە!!! بىر سىنىپنىڭ كىتاپ-دەپتەرلىرى قانچە پۇل؟ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىلا كۇپايە!!! بىر سىنىپنىڭ مەۋسۈملۈك ئىجارىسى قانچە پۇل؟ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلىلا كۇپايە!!! خوش…ئۇنداقتا جوڭگۇ مۇئارىپى نىمە دەپ بۇنچە كۆپ پۇل ئالىسەن؟؟؟
خوش…پۇقرالار، بىز نىمىشقا قىلتاققا چۈشىمىز؟ سەۋەپ كېىچىك ۋاقتمىزدىن باشلاپلا ھۆكۈمران سىنىپلار بىزگە ئەليول-ئەلالىققا تاللىنىشنى شەرەپ دەپ بىلدۈرۈپ كەلگەن( ياق، كەچۈرۈڭلار، خاتا دەپ ساپتىمەن، ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش شەرەپ). لېكىن پۇقرالار ئەزەلدىن نىمە ئۈچۈن شەرەپ بولىدىغانلىغىنى ئويلاپ بېقىشمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن شەرەپلىك بولىدۇ…ئەلا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن نىمە دەپ كېرەكسىز ئەخلەت چىقمايدىكەن؟
پەرزەنىتلىرىڭلارنى قانداق ئادەملەرنىڭ ئوقۇتىۋاتقانلىغىنى بىلەمسىلەر؟ جوڭگۇدا پەقەت جەمىيەتكە ماسلىشالمىغان ئادەملەرلا ئوقۇتقۇچىلىققا چۈشۈپ قالىدۇ. بىر مىسال كەلتۈرەي: ئالدىنقى مەزگىلدە مەن بىر تۈر مۇناسىۋەت بىلەن ئالى مەكتەپنىڭ بىرنەچچە ئاسپىرانتىنى تېپىپ پىروگىرامما لاھىيەلەتكۈزدۈم. بۇ جەرياندا بۇلارنىڭ دۆتلىگىدىن ھەيران قالدىم، ئىشنى ھەرگىزمۇ سىزنىڭ مەيدانىڭىزدا تۇرۇپ ئويلاشمايدۇ، بېشىدا ساقلاپ تۇرسىڭىز ئاندىن ئىشلەيدۇ. بىرىلگەن ھۆججەتتە ئىنىقلا خاتا خەت بولسىمۇ ئۆزگەرتىشمەيدۇ. بايقىۋالغان چېغىڭىزدا يەنە سىز بىلەن زوكانلىشدۇ، ھۆججەتنى سىز بەرگەن، بۇ ئولارنىڭ خاتالىغى ئەمەس، سىز بەرگەندىلا خاتا بەرگەنلىگىڭىز ئۈچۈن بۇ سىزنىڭ خاتالىغىڭىز….ئازراقمۇ مەسئولىيەتچانلىغى يوق، ئىش قىلىش ئۈچۈنلا ئىشلەپ، بىرئىشنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەشنى ئويلىمايدىغان «ئەلاچىلار» غا ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ تەربىيە بەردىم:
ـــ سىلەر باشقىلارنىڭ مەيدانىدىن پىكىر قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشڭلار كېرەك، باشقىلارغا قانداق نەتىجە لازىم بولىدىغانلىغنى ئويلاش كىرەك، بولمىسا جەمىيەتتە پۇت تىرەپ تورالمايسىلەر..
نەتىجىدە ئولار مۇنداق جاۋاپ بىرىشتى:
ـــ بىزدىگەن ئۇ جەمىيتىڭگە چىقمايمىز، بىزنىڭ ئىمتاھانلاردىكى نەتىجىمىز بەك ياخشى، مەكتەپتىن بىزنى ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قالىدىغان بولدى. يەنە دىسەك بىزنىڭ باشتىنلا ھېچقانداق سەۋەنلىگىمىز يوق، سىز بىزگە قانداق ئورۇنلاشتۇرسىڭىز شۇنداق ئىشلەيمىز، ئورۇنلاشتۇرمىسىڭىز ئىشلىمەيمىز. بۇ بىزنىڭ غورورىمىز ۋە پىرىنسىپىمىز.
مەن ئولارغا دىدىم:
ـــ ئەگەر ھەرقايسىڭ ئامبارغا قاراشساڭ، ئىشتىن چۈشكەندە خوجايىن ئىشكنى قۇلۇپلىۋئېتىڭلار دىمۈگۈچە، ئامبارنى تاقاشمامسەن؟ بۇنىڭغا ئىچىڭ ئېچىشمامدۇ…!!!
بۇندىن كىيىن سىزنىڭ پەرزەتلىرىڭىز دەل مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدا ئوقۇيدۇ ۋە چوڭىيىدۇ، بۇنىڭدىن سىز خاتىرجەم بولالامسىز؟ شۇنىڭغىمۇ، ھازىرقى ئالى مەكتەپلەردە بىرگە يېتىپ قوپۇۋاتقان، دەرىستىن قېچىۋاتقان، جىدەل قىلىۋاتقان، ئۈزىنى ئۆلتۈرىۋئېلىۋاتقان…..ئىشلارنىڭ تولىلىغى. لېكىن ئائىلە باشلىقلىرى يەنىلا پەرزەنىتلىرىنى ئالى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشىدۇ، يەنە كېلىپ ئۆمۈرلۈك جوغلانمىسىنى سەرىپ قىلىپ….
تۆتىنچى چوڭ قىلتاق: ماشىنا سىتىۋىلىش
جوڭگۇلۇقلار ئالجىپ قالدىمۇ؟ ماشىنا سېتىۋېلىش، نىمەدەپ ماشىنا سېتىۋېلىشدۇ؟ ئەلۋەتتە خەجلەپ بولالمىغۇدەك پۇللىرىڭىز بولسا، نىمە ئالغۇڭىز كەلسە شۇنى ئالسىڭىز بولىدۇ. ماشىنا ئالسىڭىزمۇ-ئۆي ئالسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ، بەرىبىر ماي باھاسى قانچە ئۆسسىمۇ پۇلىڭىزنى خەجلەپ تۈگىتىپ بولالمايسىز، ئۆيىڭىز چېقىلىشقا توغرا كەلسىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىمايدۇ. لېكىن كۆپ قىسىم پۇقرالارچۇ؟
بۇرۇن مىنىڭ بىر خىزمەتدېشىم بېيجىڭ ئىككىنچى ئايلانما يولىدا ئولتۇراتتى. يەر ئاستى پويىزىدا يېرىم سائەتتە شىركەتكە كەپ بولالايتتى. لېكىن ئىككىنچى قول «شىيالى»دىن بىرنى زادى سېتىۋالغۇسى كەپ قالدى. ئەتىگەن سائەت 8دىن باشلاپ يولدا قىستىلىپ، ئاندىن كىيىن ئاستا-ئاستا شىركەت تەرەپكە سۈرۈلۈپ بارىدىغان بولدى. ئايلىق ماشىنا توختۇتۇش ھەققىمۇ خېلى يەرگىچە چىقتى. لېكىن بۇ غوجام سالاھىتىم خېلى يۇقۇرلاپ قالدى دەپ ھىس قىلىدىغان بولدى. مەن ھېلىغۇ «شىيالى» ھەيدىگەنلەركەن، «ئاۋدى» ھەيدىگەنلەرگىمۇ بىرەرسىنىڭ توققۇز تازىم قىلىپ كەتكەنلىگىنى كۆرمىدىم. ئولار مىنىڭ نەزىرىمدە باشقىلاردىن ئەخمەقرەك كۆرۈنىدۇ خالاس.
يەنە بىر قېتىم مەن ئايلىق كىرىمى 4000يۈەن ئەتراپىدىكى بىر قىزچاقنىڭ قەرىز ئېلىپ ماشىنا سېتىۋالماقچى بولغانلىغىنى ئۇچرىتىپ قالدىم. مەن ئۇ قىزچاقتىن سورىدىم:
ـــ قىزچاق، سىز يا تىجارەت قىلمىسىڭىز، ئىشقا ۋاقتىدا بېرىپ كىلىشكە يەر ئاستى پويىزى شۇنچە قولايلىق تورسا، نىمە دەپ ماشىنا سېتىۋالىسىز؟.
قىزچاق بىرھازا ئويلىنىپ تورغاندىن كېيىن، ئەتىماللىققا جاۋاپ تاپالمىدى بولغاي:
ــــ بەزىدە تاللا بازىرىدىن بىر نەرسە سېتىۋالاي دىسەم، تاكسى قىممەت چۈشۈپ قالىدىكەن، مېڭىپ بارسام يىراق كەپ قالىدىكەن، شۇڭلاشقا ئۆزەم ماشىنا ھەيدەپ باراي دىدىم.
-دەپ جاۋاپ بەردى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇسۇۋېتىشكە تاس قالدىم. سىنىڭ ماشىنا ھەيدەپ تاللا بازىرىغا بېرىپ تەييارچۆپ سېتىۋالغىنىڭدىن كۆڭلۈڭ ئېلەشمەمدۇ؟ ئەخلەت تەرگۈچى داگېدا بىلەن قوراللىنىپ ئەخلەت تەرسىمۇ، يەنىلا ئەخلەتچى، بۇنىڭلىق بىلەن بىرەر نەرسىنى ئىسپاتلايمەن دەپ خام-خىيال قىلىشما.
مەسىلەن مەن ھازىر سودا قىلىۋاتىمەن، ئىشلىرىم شۇنداق ئالدىراش، كۆندە دىگۈدەك 4-5يەرگە چاپىمەن. نۇرغۇن خىرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىمەن. لېكىن مەن ماشىنا سېتىۋالمايمەن. نىمە ئۈچۈن؟ مەن تاكسىنى توسسام توختايدۇ، چۈشسەم كېتىدۇ، ماشىنا توختىدىغان يەر يوقلىغىدن ئەنسىرىمەيمەن، سوقۇلۇش-سۈرۈلۈشتىن ئەنسىرىمەيمەن، ئوغرى-يالغاندىن ئەنسرىمەيمەن، بوران چىقسۇن-يامغۇر ياغسۇن شوپۇرۇم تەييار. ناۋادا ماشىنا توسۇلۇشقا ئوچراپ قالسا، دەرھال تاكسىدىن چۈشۈپ، يەر ئاستى پويىزىغا ئالمىشالايمەن. بونىڭغا يىلىغا بىر تۈمەندىن جىقراقلا پۇل كىتىدۇ. ماشىنا ئالسام يىللىق ماشىنا توختۇتۇش ھەققىگىلا بىر تۈمەندىن ئوشۇق چىقىم بولىدۇ ئەمەسمۇ! بۇنى ئەخمەقلىق دىمەي نىمە دەيمىز؟ .
ماشىنا سېتىۋالماڭلار، ماشىنا سېتىۋالماڭلار…دىگەنسىرى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئالجىپ قالغاندەك قەرىز بىجىرىپ ماشىنا سېتىۋېلىشتى. خوددى كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئۈلۈمى تازا ئېچنىشلىق بولالمايدىغاندەك. سېتىۋېلىشىڭلار ئەمىسە-دىيىشتۇق، سېتىۋېلىپ بولغاندىن كىيىن قەرىزگە ئۈسۈم قوشۇلدىمۇ؟ ماي باھاسى بوراندەك تىز ئۆسۈپ كەتتىمۇ؟ ماشىنا توختۇتۇش ھەققى يەنە ئۆستىمۇ؟ پۇشايمان قىلىشتۇقمۇ؟ يىڭى ماشىنا يولغا چۈشۈپ بولغىچە باھاسى چۈشۈپ ساتاي دىسەكمۇ ساتالمىدۇقمۇ؟ سىزگە دىسەم ماي باھاسى يەنە ئۆسىدۇ، ئامرىكا دوللىرىدەك باھاغا چىقىپ توختايدۇ. خا-خا…سىز ئامىرىكىلىقنىڭ ئوندىن بىرىگە يەتمەيدىغان كىرىمىڭىز بىلەن، خەقنىڭ بىنزىن باھاسى بىلەن ئوخشاش باھادا ماشىنىڭىزنى باقىسىز.
ئاخىرقى گەپ، ھەممە ئادەم ئەخمەق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نادانلاشتۇرۇش تەربىيىسى ئەخمەق قىلىپ قويغان. ئەخمەقرەك بولغاننىڭ يامىنى يوق، لېكىن ھايات بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئويلىشىپراق، ئىقتىسادى مەنپەئەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى دەڭسەپراق ئىش كۆرگىنىڭىز دۇرۇس! بولمىسا ۋاقتى كىلىپ، ئۆي باھاسى بىر چۈشسە، ماي باھاسى بىرئۆسسە، يېرىم ئۆمۈرلۈك جوغلانمىڭىزغا دىپلوم ئېلىپ ھېچنىمە قىلىشنى بىلمىسىڭىز، نەچچە ئون يىل غەللە-پاراق تاپشۇرۇپ ھېچقانداق پاراۋانلىقتىن بەھىرلىنەلمىسىڭىز….سىزنىڭ تارتىدىغان زىيىنىڭىز پەقەت نەچچە ئون تۈمەن پۇللا بولماي قالىدۇ..
بەزىلەر:
ـــ ۋاي-ۋۇي! ئۇنداقتا بىز ئۆيدە ئولتامامدۇق، ماشىنا سېتۋالمامدۇق، ئاپتۇۋۇز بەك قىستاڭچىلىق تۇرسا
-دىيىشى مۈمكىن. مەن دەيمەن بولارنىڭ ھەممىسى نادانلاشتۇرۇش تەربىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ساختا شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى. ماڭا قاراڭ، مەن بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتىمەن، ئايلىق ئىجارىسى ئاران مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.(بۇ پەقەت بەزى كىشىلەرنىڭ ئايلىق مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققىغە توغرا كىلىدۇ). ئەگەر توي قىلسام، يەنە 3-4مىڭ يۈەنلىك ئۆيلەرنىمۇ ئىجارە ئالالايمەن. ئۆي جاھازلىرى ۋە بىزەكلىرىنىڭ ھەممىسى تەييار. يەنە كىلىپ قايەر قولايلىق بولسا شۇ يەرگە كۆچەلەيمەن. كۆچكۈم كەلمىسە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارە ئالىمەن. بۇمۇ خوددى مۈلۈك باشقۇرۇش ھەققى تاپشۇرغانغا ئوخشاش ئىش. يەنە كىلىپ بانكا قەرزى، ئۈسۈمى، تۇنجى تاپشۇرىلىدىغان پول دىگەندەك بىر توقام چىقىملارنى تىجەپ قالالايمەن. ئىشىم بولسا تاكسى توسىمەن، ئىشىم بولمىسا يەرئاستى پويىزىغا چقىمەن. يىلىغا بىر تۆمەن يىتىپ ئېشىپ قالىدۇ. بۇنىڭدا يەنە گىراج(ماشىنا ئامبىرى) پۇلى، ماشىنا توختۇتۇش پۇلى، جەرىمانە پۇلى قاتارلىق بىر توقام پۇللارنى تىجەپ قالالايمەن. ماي باھاسى 10سومغا چىقسىمۇ پەرۋايىم پەلەك، ماڭا دەخلى قىلمايدۇ. پېقىرمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزمەيلا قېچىپ چىقىۋېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلىگىمدن ئۆگەندىم، بىر تەرەپتىن بازارنى قېتىرقىنپ تەتقىق قىلىغاچ، پىلانلاش-كەسىپكە چېپىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلدىم، كىيىن ئوخشاشلا چەتئەل كارخانىسىغا كىرەلىدىم، پاي چېكى بازارغا سېلىنغان شىركەتكە دىرىكتور بولالىدىم، يەنە كىلىپ نەچچە تۈمەن ئوقۇش پۇلىنىمۇ تېجەپ قالالىدىم. )
ئەلۋەتتە بەزىلەر مۇنداق دىيىشى مۈمكىن:
ـــ سەن ھەتتا ئۆيمۇ سېتىۋالمىغان تورساڭ، چوقۇم توي قىلالمايسەن!!!.
مەن ئويلايمەن:
ـــ مىنىڭغۇ ئۆيۈم يوق، سىزنڭچە سىزنىڭ ئۆيىڭىز بارما؟
بەزىلەر:
ـــ ئۆي ئىجارە ئېلىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس، ئىجارە ۋاقتى توشسا ئۆي يەنە باشقىلارنىڭ بولىدۇ.
-دىيىشىدۇ.
مەن ئويلايمەن:
ـــ سىزنىڭچە سىز ئۆي سېتىۋېلىپ نەچچە ئون يىل بانكىغا قەرىز تۆلەيسىز، قەرىزنى تۈگەتسىڭىزلا ئۆي سىزنىڭ بولامـــــــا؟…..
------------------------

خەبەر قارىقاش تەرجىمىسى

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:33:39

قىلتاق  پۇل  مۇئامىلە ئۇرشى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 23:07:28

مەن تېخى چ چ ۋىشىڭ ۋىبو دىن باشقا نىمە چىقاركىن دەپ كىرىپتىكەنمەن:L

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 04:05:22

بۇ تېما ئايلىنىپ  يەنە ئىزدىنىشنى تىپىپتۇ-دە !
يېڭىلىق تۇيلۇپ كىتىپ يوللىغان ئوخشايدۇ يوللىغۇچىمۇ ؟
نىيەت توغرا ، رەخمەت !

kartanesi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 08:56:36

بىر زامانلاردا لاڭ شيەنپىڭنىڭ ماقالىسى دەپ تورلاردا ئېقىپ يۈرگەن ئىدى بۇ ماقالە. ( ئەمىلىيەتتە ئەمەس ). بۇنى يازغان ئادەممۇ نەق AQ نىڭ بىرسى. ئۇيغۇرچىسىنى ئا. مامۇت دەپ قويامدۇق.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 10:09:58

ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار دېگەندەك بۇ تېما  ئىزدىنىشتىن تارقاپ پۈتۈن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى بىر ئايلىنىپ يەنە مۇشۇ يەرگە قايتىپ كەپتۇ.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 12:26:53

شۇ ، نەچچە يىل بولغان تېمىغۇ بۇ ...

istikbal يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 12:51:49

مەيلى ئەمەسمۇ باللا

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 12:53:04

مېنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇشۇم تۇنجى قېتىملىق بولغاچقا ئويلۇنۇپ باققىدەك سەۋەپلەر ئىكەن دەپ قارىدىم،لېكىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى قىلتاق دەپ قارىمىدىم.مېنىڭچە بولغاندا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،ئۆزى ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغاننى ئەۋزەل دەپ قارايمەن.

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:21:06

تولۇق ئوتتۇرىدا بىر ئوقۇتقىچىمىز ، جۇڭگۇدا ئىككى نەرسەڭ بولسا خار بولمايسە  ؛بىرى ئارقا تىرىكىڭ يەنەبىرى ھەقىقىي ئىقتىدارىڭ دىگەنىدى ، ھازىر ئەمەلىييەتتە كۆرەتىمىز مانا .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:33:30

ئىقتىسادنىڭ كاساتچىلىقى رايۇنىمىزغا قەدەر كۈچلۈك تەسىرىنى كۆرسەتتى ،،شۇڭا ھەممە يەردە كونىنى يىڭلاش،ئۆزگەرتىپ سىلىش قالپىقى بىلەن مەملىكەت مىقياسىدا قۇرلۇش بولۋاتىدۇي مانا ،،،قۇم سىمۇت ،پولات چىۋىق ،
ھىس قىلغىنىم مۇشۇ

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:40:54

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 16:33 static/image/common/back.gif
ئىقتىسادنىڭ كاساتچىلىقى رايۇنىمىزغا قەدەر كۈچلۈك تەس ...

گ د پ ئېشىۋاتىدۇ  ئەمما بىز كۇندىن - كۇنگە نامراتلىشىپ كىتىۋاتىمىز .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:48:16

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 16:40 static/image/common/back.gif
گ د پ ئېشىۋاتىدۇ  ئەمما بىز كۇندىن - كۇنگە نامراتلىشىپ  ...

مۇشۇنداق تۇرسا

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 16:54:29

{:92:}

dolanman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 17:32:50

mamboo يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 18:30:47

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 19:00:44

ما رەسىم  {:112:}

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 19:24:57

مۇئاشلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن مائاشىدىن پۇل تۆلەپ ماڭىدۇ، ھەر ئايدا. ئايلار ئۆتۈپ - يىللار ئۆتۈپ قەرز تۈگىگەندە بولسا 20-30  يىل توشىتى دېگەن گەپ، 50-يىلىغا قەدەم قويمايلا ئۇ ئالغان ئۆيىڭىز قايتا سېلىنىشىنى كۈتىدۇ. چۈنكى بۇ ھەممىگە ئايان، سۈپەت بەك ياخشى{:92:}
بىر ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى 50 يىل... ئويلاپ بېقىڭلار...

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 20:33:38

alpbeg يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 19:24 static/image/common/back.gif
مۇئاشلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن مائاشىدىن پۇل تۆلەپ م ...

بۇنى دەپ ، مەڭگۈ ئىجارە ئۆيلەردە تىنەپ -كۆچۈپ يۈرۈشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس .
:(  ئۇنداقتا نە چارە ؟؟؟:funk:

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 20:56:18

  بىرچاغدا بىرسى ھەرئۈچ -بەش يىلدا بىر قەرىز تارقىتىپ تۇرۇش كىرەك بۇدىگەن يوۋاشلاشتۇرۇش دەپ يۈرسە ئىشەنمىگەنلەر كىيىن ئىشەنگەن .نامرات يالاڭ تۆشلەرنى  باشقۇرۇش ئاسان .
ئۆكۈزنى ھۆكۈرەتكەن ئالائېتى (ئەۋرىتى  يەرلىك شىۋە )دەيدو خوتەنلىكلەر . شۇنىلە پىچىۋەتسەك بولدى .
بەت: [1] 2
: دولتىمىزدىكى توت چوڭ قىلتاق