kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:05:44

شىركەت قۇرۇش يۇلى

تور ئارىلاۋېتىپ بۇ مەزمۇننى كۆرۈپ قالدىم. ئىگىلىك تىكلەش ياكى شەخسى شىركەت قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئازراق ياردىمى بولۇپ قالارمىكىن دەپ تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم. تەپسىلى سانلىق قىممەتلەردە ئازراق ئۆزگىرىش بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئاساسلىق بېسىشقا تىگىشلىك بولغان قەدەملەر تۆۋەندىكىدەك:
بىرىنچى: شىركەت خاراكتېرىنى تاللاش
ئادەتتىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى 30 مىڭ يۈەن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پايچېك بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، 2006-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ يېڭى شىركەت قانۇنىدا بىرلا پايچېكىنىڭ چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بۇ خىل ئالاھىدە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەنە «بىرلا كىشى ئىگىلىكىدىكى شىركەت» دەپ ئاتىلىدۇ. (لېكىن شىركەت ئىسمىدا بىرلا كىشى دەيدىغان خەتنى يېزىشقا بولمايدۇ، تىجارەت كېنىشكىسىدە شەخس مەبلەغ سالغان دەپ ئەسكەرتىلىدۇ.) بۇ خىلدىكى شىركەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئەنگە ئالدۇرۇش مەبلىغى 100 مىڭ يۈەن بولىدۇ.
ئەگەر سىز ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز بىلەن بىرلىشىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولسىڭىز، ئادەتتىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئەنگە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 30 مىڭ يۈەن كېتىدۇ؛ ئەگەر ھەممە ئىشقا ئۆزىڭىز باش بولۇپ يالغۇز شىركەت قۇرۇشنى ئويلىغان بولسىڭىز، بىر كىشلىك شىركەتنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئەنگە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 100 مىڭ يۈەن كېتىدۇ.
ئىككىنچى: شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ باسقۇچلىرى
367[/attachim1. شىركەت ئىسمىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش. ئاۋۋال سودا-سانائەت ئىدارىسىگە بېرىپ «كارخانا ئىسمىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىلتىماسنامىسى»دىن بىر نۇسخا ئالىسىز، شىركىتىڭىزنىڭ ئىسمى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى توشقۇزغاندىن كېيىن، سودا-سانائەت ئىدارىسى ئوخشاش ئىسىملىك شىركەت بارمۇ-يوق تەكشۈرۈپ چىقىدۇ. يوق بولسا سىز شۇ ئىسىمنى قوللانسىڭىز بولىدۇ، سىزگە بىر پارچە «كارخانا ئىسمىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى»  تارقىتىپ بېرىدۇ. بۇ قەدەمدىكى رەسمىيەت ھەققى 30 يۈەن (30 يۈەنگە سىز ئۈچۈن بەش ئىسىمنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ، ئىسملار ئوخشاش چىقىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆپ، شۇڭا ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىملارنى تەكشۈرتۈپ يۈرمەڭ، پۇلىڭىز ئىسراپ بولىدۇ).
2. جاي تېپىش. شىركەت ئۈچۈن مەخسۇس ئىشخانا ئورنى ئىجارە ئالىسىز. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ زاۋۇتى ياكى ئىشخانىسى بار بولسىمۇ بولىدۇ، كۆپۈنچە ئەھۋاللاردا ئولتۇراق رايونىدا تىجارەت ئورنى تەسسىس قىلىشقا يول قويمايدۇ. جاينى ئىجارىگە ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئىجارە توختامى تۈزۈپ، ئۆي-جاي ئىگىسىدىن ئىگىدارلىق ھوقۇق گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
ئۆي ئىجارە ئېلىش توختامىغا قول قويۇپ بولغاندىن كېيىن، باج ئىدارىسىغا بېرىپ ئۆي ئىجارىسىنىڭ مىڭدىن بىر نىسبىتى بويىچە ماركا بېجى تۆلەيسىز، يەنى ئۆينىڭ يىللىق ئىجارىسى ئون مىڭ يۈەن بولسا، 10 يۈەن باج تۆلەپ ماركا بېجى سېتىۋالىىسز، ئىجارە توختامىنىڭ باش بېتىگە چاپلاپ قويىسىز. كېيىن ئىجارە توختامىنى ئىشلىتىدىغانلا بولسىڭىز چوقۇم ماركا بېجىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى توختامغا چاپلايسىز.
3. «شىركەت مىزانى» يېزىش. شىركەت مىزانىنى سودا-سانائەت ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىن بىر نۇسخا چۈشۈرۈپ  پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. شىركەت مىزانىنىڭ ئاخىرىغا بارلىق پايچېكلار ئىمزا قويۇشى لازىم.
4. شىركەت تامغىسىنى ئويدۇرۇش. كوچىلاردا تامغا ئويىدىغان دۇكانلار خېلى بار، بىر تال شەخسى تامغا تەخمىنەن 20 يۈەن.
5. بوغالتىرلىق ئىش بىجىرىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ «بانكىغا ئەۋەتىلىدىغان گۇۋاھلىق ھۆججىتى» ئېلىش. «بانكىغا ئەۋەتىلىدىغان گۇۋاھلىق ھۆججىتى» بوغالتىرلىق ئورۇنلىرىنىڭ ھېساباتنى تەكشۈرۈش داۋامىدا تەكشۈرۈلگەن شىركەت نامىدىن بانكىغا يوللىنىلىدىغان، شىركەتنىڭ بانكىدا پۇل قويۇش، قەرز ئېلىش، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئەھۋالى شۇنداقلا كېپىل بولغانلىق، ۋەدە بەرگەنلىك، كرىدېت گۇۋاھنامىسى، كېپىللىك خېتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنىڭ راس-يالغان، تولۇق، قانۇنلۇق ياكى ئەمەسلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان يازما ھۆججىتى.
مەلۇم بىر بوغالتىرلىق ئىش بىجىرىش ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىر پارچە «بانكىغا ئەۋەتىلىدىغان گۇۋاھلىق ھۆججىتى» ئېلىڭ. (چوقۇم ئەسلى نۇسخىسى، بوغالتىرلىق ئىش بىجىرىش ئورنى تامغسى بېسىلغان بولسۇن).
6. بانكىغا بېرىپ شىركەتنىڭ مەبلىغىنى تەكشۈرتۈش ھېساباتى ئېچىش. بارلىق پايچېكلار ئۆزى چىقارغان پاي پۇلىنى ئېلىپ بانكىغا بارىدۇ. شىركەت نىزامى، سودا-سانائەت ئىدارىسى بەرگەن شىركەت نامىنى تەستىقلاش ئۇقتۇرۇشى، شىركەت قانۇنى ۋەكىلىنىڭ شەخسى تامغىسى، كىملىك گۇۋاھنامىسى، مەبلەغ تەكشۈرۈتۈشكە ئىشلىتىلىدىغان پۇل، قۇرۇق «بانكىغا ئەۋەتىلىدىغان گۇۋاھلىق ھۆججىتى» قاتارلىقلارنى ئېلىۋېلىڭ. بانكىدا ھېسابات ئاچقاندا بانكىدىكىلەرگە ئۆزىڭىزنىڭ مەبلەغ تەكشۈرۈتۈش ھېساباتى ئاچىدىغانلىقىڭىزنى دېسىڭىزلا بولىدۇ. ھېساباتنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن بارلىق پايچېكلار پاي پۇلىنى شۇ ھېساباتقا كىرگۈزىدۇ. بانكا ھەربىر پايچېكقا بىر پارچىدىن پايچېكلارنىڭ پۇل تاپشۇرغانلىق تالونى تارقىتىپ بېرىدۇ ھەمدە «بانكىغا ئەۋەتىلىدىغان گۇۋاھلىق ھۆججىتى»گە تامغا قويۇپ بېرىدۇ.
دىققەت:
شىركەت قانۇنىدا شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرغاندا پايچېكلارنىڭ چوقۇم يېتەرلىك مەبلەغ چىقىرىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. مەبلەغ نەخ پۇل شەكلىدە بولسىمۇ، مال-مۈلۈك بولسىمۇ بولىدۇ (مەسىلەن: ماشىنا)، ئۆي مۈلۈك، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىقلار شەكلىدە بولسمۇ بولىدۇ. لېكىن بانكىغا بېرىپ مەبلەغ تەكشۈرتكەندە پەقەت نەخ پۇل قىسمىلا ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مال-مۈلۈك قاتارلىقلار مەبلەغ قىلىنغان بولسا چوقۇم بوغالتىرلىق ئىش بىجىرىش ئورنىغا بېرىپ شۇ مال-مۈلۈكنىڭ ئەمەلى باھاسىنى باھالاتقاندىن كېيىن ئاندىن پۇلغا سۇندۇرۇپ مەبلەغ تەكشۈرۈتۈش كېرەك. بۇ بىر ئاز ئاۋارچىلىق، شۇڭا بىۋاسىتە پۇل ئاپىرىپلا مەبلەغ تەكشۈرتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. شىركەت قانۇنى سىزنىڭ مەبلەغنى يىغىش ئۇسۇلىڭىزنى تەكشۈرۈپ يۈرمەيدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ بولسۇن ياكى باشقىلاردىن ئارىيەت ئالغان بولسۇن، مەبلەغنىڭ سانى توشسىلا بولىدۇ.
7. مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكىلاتى بىجىرىش. بانكا چىقىرىپ بەرگەن مەبلەغ چىقارغانلىق تالونىنى، تامغا بېسىلغان «بانكىغا ئەۋەتىلىدىغان گۇۋاھلىق ھۆججىتى»، شىركەت نىزامى، شىركەت نامىنى تەكشۈرگەنلىك ئۇقتۇرۇشى، ئۆي ئىجارە ئالغان توختام، ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بوغالتىرلىق ئىش بىجىرىش ئورنىغا بېرىپ مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكىلاتى بىجىرىسىز. ئادەتتە 500 يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئالىدۇ.
8. شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇش. سودا-سانائەت ئىدارىسىغا بېرىپ شىركەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل جەدۋەللەرنى (شىركەت تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى، پايچېكلارنىڭ تىزىملىكى، شىركەت مۇدىرىيىتى، دىرېكتورى، شىركەت قانۇنى ۋەكىلىنى تىزىملاش جەدۋىلى، كۆرسىتىلگەن شىركەت ۋەكىلى ياكى ھاۋالە قىلىنغان ۋەكىلنى تىزىملاش جەدۋىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن شىركەت نىزامى، شىركەت نامىنى تەكشۈرگەنلىك ئۇقتۇرۇشى، ئۆي ئىجارە ئالغان توختام، ئۆي مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسى، مەبلەغ تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ، سودا-سانائەت ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىسىز. تەخمىنەن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تىجارەت كېنىشكىسىنى ئالالايسىز، بۇنىڭ ھەققى 300 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ.
9. تىجارەت كېنىشكىسىنى ئېلىپ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ تامغا تەكشۈرۈپ بېكىتىش بۆلۈمىگە بېرىپ شىركەتنىڭ تامغىسىنى، مالىيە تامغىسىنى ئويدۇرىسىز. كېيىنكى قەدەملەرنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇ تامغىلار ئىشلىتىلىدۇ.
10. شىركەتنىڭ كارخانا ئورۇنلار تەشكىلى نومۇرىنى بىجىرىش. تىجارەت كېنىشكىسىنى ئېلىپ تېخنىكا نازارەت ئىدارىسىغا بېرىپ كارخانا ئورۇنلارنىڭ تەشكىلى نومۇرى گۇۋاھنامىسىنى بىجىرىسىز، بۇنىڭغا 80 يۈەن كېتىدۇ. بۇ گۇۋاھنامىنى بىجىرىش ئۈچۈن يېرىم ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. تېخنىكا نازارەت ئىدارىسى ئاۋۋال بىر پارچە ئىسپات ھۆججىتى چىقىرىپ بېرىدۇ. مۇشۇ ئىسپاتقا ئاساسەن كېيىنكى باج تېزىملىتىش كېنىشكىسى، بانكا ھېساباتى ئېچىش قاتارلىق ئىشلارنى بىجىرگىلى بولىدۇ.
11. شىركەتنىڭ بانكا ھېساباتىنى ئېچىش. شىركەتنىڭ تىجارەت كېنىشكىسى، كارخانا ئورۇنلارنىڭ تەشكىلى نومۇرى گۇۋاھنامىسىنى ئېلىپ شىركەتنىڭ ئاساسلىق ھېساباتىنى ئاچىسىز. ئەڭ ياخشىسى بۇرۇن مەبلەغ تەكشۈرتكەن بانكىدا ئېچىڭ، بولمىسا مەبلەغ تەكشۈرتكەن ھېساباتىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 100 يۈەن ئارتۇق پۇل ئېلىنىدۇ.
ھېسابات ئاچقاندا نۇرغۇن جەدۋەللەرنى توشقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شىركەتكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىۋېلىڭ. تىجارەت كېنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، كىملىك گۇۋاھنامىسى، كارخانا ئورۇنلارنىڭ تەشكىلى نومۇرى گۇۋاھنامىسى، مالىيە تامغىسى، قانۇنى ۋەكىل تامغىسى قاتارلىقلار كەم بولمىسۇن.
12. باج تىزىملاش رەسمىيىتى ئۆتەش. تىجارەت كېنىشكىسى ئېلىپ 30 كۈن ئىچىدە شۇ جايدىكى باج ئىدارىسىغا بېرىپ باج تىزىملىتىش كېنىشكىسى ئالىسىز. ئادەتتىكى شىركەتلەر ئىككى خىل باج تىزىملاش كېنىشكىسى بىجىرىدۇ، يەنى دۆلەت بېجى ۋە يەرلىك باج تىزىملاش كېنىشكىسى. ھەر بىرى ئۈچۈن 40 يۈەندىن رەسمىيەت ھەققى كېتىدۇ.
بۇ رەسميەتنى  بىجىرگەندە چوقۇم بىر بوغالتىر بولۇشى كېرەك. چۈنكى باج ئىدارىسى سىز تاپشۇرغان ماتېرىياللار ئىچىدە بوغالتىرلىق لايەقەتلىك گۇۋاھنامىسى ۋە بوغالتىرنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بىر ئىشتىن سىرت بوغالتىر تەكلىپ قىلىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
13. تالون سېتىۋېلىش. ئەگەر شىركىتىڭىز سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولسا دۆلەت باج ئىدارىسىدىن تالون ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر مۇلازىمەت خاراكتېردىكى شىركەت بولسا، يەرلىك باج ئىدارىسىغا تالون ئىلتىماس قىلىسىز.
ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەم ئەلۋەتتە تىجارەت باشلاش . ئىسىڭىزدە بولسۇن، ھەر ئايدا باج مەلۇم قىلىشنى ئۇنۇتماڭ. تىجارەت باشلىمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ باج مەلۇم قىلىشنى باشلاۋەرسىڭىز بولىدۇ، بولمىسا جەرىمانە تۆلەيدىغان ئىش چىقىدۇg]

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:27:22

بىزگە ئىقتىساد  بەك مۇھىم  كارخانچىلىرمىز كۆپەيسە ،كۆپەيسە  يەنىمۇ جىق كۆپەيسە بۇلاتتى   

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:29:09

بىزگە  خىرىس بەك كۆپ ۋە كۆچلۇك{:120:}

taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:32:47

توقسۇ ،كۇچا ،شايار ناھيىلىردە  شىركەت ،دېھقانلار كەسپى ھەمكارلىق كۆپراتىۋى قۇرماقچى بولساڭلار قۇلۇم كۆكسۇمدە  

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:40:45

taxerik يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 22:32 static/image/common/back.gif
توقسۇ ،كۇچا ،شايار ناھيىلىردە  شىركەت ،دېھقانلار كەسپ ...

سىز شىركەت رەسمىيەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنامسىز ياكى؟

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:46:51

ئەگەر ھەممە ئىشقا ئۆزىڭىز باش بولۇپ يالغۇز شىركەت قۇرۇشنى ئويلىغان بولسىڭىز، بىر كىشلىك شىركەتنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، ئەنگە ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاز بولغاندا 100 مىڭ يۈەن كېتىدۇ.
---------------------------------------------------------------------
ئاۋۇ 100 مىڭ يۈەن نەگە كېتىدۇ؟ خەجلىنىپ تۈگەمدا؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:55:51

2014.يىلىدىن باشلاپ ،يېڭى تۈزۈمدە شىركەت مەبلىغىگە بۇرۇنقىدەك چەك قويۇلمايدۇ.
http://money.163.com/13/1028/05/9C8IOH5O00253B0H.html

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 23:08:00

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلىدىغاننىڭ گېپى بار، شىركەت قۇرۇش تەنەرخى بەكلا تۆۋەن بۇلارمىش، تەرتىپىمۇ ئاسانلىشىدىكەن ھەمدە شىركەتلەرنى باشقۇرۇش تېخىمۇ كۈچىيىدىكەن.

mamboo يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 23:26:42

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 04:03:27

نىمە بولسا بولسۇن !
ماڭغا لازىملىق تېما ئىكەن ! ئېنكاس بىلەن ساقلىۋالدىم ! {:112:}

apxani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 08:30:51

ماۋۇ گەپنى بەك ئىسىل ئىيتىپتۇ  ھى ھى
تىجارەت باشلىمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ باج مەلۇم قىلىشنى باشلاۋەرسىڭىز بولىدۇ،:lol:lol:lol:lol

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 08:55:30

ساقلىۋالاي

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 09:25:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tanha19 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-6 11:19  

ساقلاپ قويغۇدەك تىما ئىكەن.
ئەسلى مەنبەسى www.ilqut.com ئىكەن. @kundiyarتىمىغا قوشۇپ قويسا بولغۇدەك

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 09:41:47

ئەگەر ئاقتۇ ناھىيىسىدە شېركەت قۇرۇش، دىھقانلار ھەمكارلىق كوپراتىپى قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، باج ئىشلىرى قاتارلىقلارغا ئېھتىياجلىق بولساڭلار مېنى ئىزدەڭلار

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 10:07:34

توختامغا ساخىتىلىق ئىشلەتكەن، سۈپەت، ئۆلچەم، توختام مۇددىتى دىگەنلەرگە ئەمەل قىلماي ئالدامچىلىق قىلغان قويمىچى شىركەتلەرنىڭ ئۈستىدىن قەيەرگە، قانداق ئەرىز قىلىمىز.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 10:33:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bapkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-6 10:34  

bilkan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-6 10:07 static/image/common/back.gif
توختامغا ساخىتىلىق ئىشلەتكەن، سۈپەت، ئۆلچەم، توختام م ...

مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تەييارلاپ، شۇ شېركەت تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ھەق تەلەپ ئەرزى سۇنسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر قولاي كەلگەن بولسا دەۋا ماتىرىياللىرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم نەقلەپ بېرەتتىم.
چ چ 1345999040

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 11:12:13

رەھمەت، ئاۋۇ يېڭى تۈزۈلمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويمامسىلە؟

imkansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 12:26:22

شىركەتنىغۇ قۇرايلى، كېينچۇ، باج تۆلەمدۇق، پۇل تاپالمىساق، ياكى بەك ئاز تاپساق، ياكى ھىچقانداق تىجارەت قىلمىساق شىركەت ئۈچۈن قەرەللىك باج تۆلەيدىغان ئىش بارمۇ، ياكى ھىچقانداق پۇل تولىمەيلا شىركەت مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرغىلى بولامدۇ؟

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 12:58:28

taxerik يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 22:32 static/image/common/back.gif
توقسۇ ،كۇچا ،شايار ناھيىلىردە  شىركەت ،دېھقانلار كەسپ ...

سىز توقسۇ تاشئېرىقتىنمۇ قېرىندىشىم .

Jewlaniy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 13:40:13

يۇقارقى ئىككى سوئالنىڭ جاۋابى چىققاندىن كىيىن  ئاندىن سوئال سوراي.
بەت: [1] 2
: شىركەت قۇرۇش يۇلى