بىرئەرنىڭ ھايات كارتىنىسى
بىرئەرنىڭ ھايات كارتىنىسى5ياش، تاۋۇز چاغىنى ئاپام يېيىشكە كۆزى قىيماي بەرگەن ئاي توقاچنى كۆتۈرۈپ قوشنامنىڭ قىزىنىڭيېنىغائوينىغىلىچىقتىم ، ئۇنىڭ ماڭاكۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ماڭا ئامراق بولۇپ قالغان چېغى دەپتىمەن، قۇلۇمدىكى توقاچنى ئىلىۋېلىپلا قاچقانلىقىنى كۆرۈپ ئاندىن ئۇنىڭ ماڭا ئەمەس ئاي توقاچقا ئامراقلىقىنى بىلدىم .
10ياش، قوشنامنىڭ قىزىنىڭ چاچ قىسقۇچىنى تارتىۋېلىپ ئۇنى قەستەن بوزەك قىلغان بالىلاربىلەن سۇقۇشۇپ يۈزۈمنىڭ ساق يېرى قالمىدى ئاخىرى چاچ قىسقۇچنىڭ يېرىمنىمۇ بولسىمۇ قايتۇرۇۋالدىم بىراق نىمىشقىكىن قوشنىمىز مېنى تىللاپ كەتتى .
19ياش ،قوشنامنىڭ قىزى ئالىي مەكتەپكەئۆتتى ئۇنى ئۇزىتىپ چىققاندا يىغلىۋىتىشكەتاسلا قالدىم ئۇنىڭ دادىسى ماڭا :"قۇرۇق خىياللىرىڭنى قۇيۇپ پايدىسى بار ئىشلارنى قىلغىن "دېدى .
22ياش، قوشنامنىڭ قىزى تەتىلدە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى دەپتۇ تۆت كۆز بىلەن كۈتكەنكۈن ئاخىرى كەلدى ، رەتلىك كىيىنىپ پويىز ئىستانسىدا ئۇنى3 ساقلىدىم ،سائەتتىن ئارتۇق ساقلىغاچقاقورساقلىرىم ئىچىپ تارتىشىپ كەتتى. ئاخىرى ئۇ ۋەئۇنىڭ يىگىتىنى ئۆيىگە ئەكېلىپ قويدۇم.
24ياش ،مەنمۇ ئاخىرى بىر لايىق تاپتىم ، تېخى ئۇلارنىڭ ئۆيىگىمۇ باردىم بىراق نىمىشقىكىنئۇنىڭئاپىسىمەنئەكەلگەن سېرىق جۇخار گۈلنى كۆرۈپ چىرايلىرى تۇتۇلۇپ كەتتى .(خەنزۇلاردا ئۆلگۈچىگە سېرىق ياكى ئاقجۇخار گۈل سوۋغا قىلىدىغان ئادەت بار)
30ياش ،توي قىلغىنىمىزنىڭ 5يىللىق خاتىرە كۈنى خوتۇنۇم تېلېفوندا ماڭا ئەركىلەپ تۇرۇپ: بۈگۈنقانداقكۈندەپ سورىغانتى مەن : لى مۇدىرنىڭ قىيىن ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدەپ جاۋاب بەردىم.
35ياش ،ھارغىن پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيگەكىرسەم ئۆي قاپقاراڭغۇ بىخەتەرلىك سىمىكۆيگەنئوخشايدۇدەپ ئويلاپ تۇرسام توساتتىن چىراغ يورۇپ كەتتى قىزىم بىلەن ئايالىم شام سانجىلغان تورتنى كۆتۈرۈپماڭاقاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى توغرا ! بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم .
41ياش،بالكوندا لى باشلىق بىلەن ۋاڭ باشلىقنىڭ ئۈزەڭگە سۇقۇشتۇرۇشىدا كىم تەرەپتە تۇرۇشنىئويلاپ تازا بېشىم قېتىپ تۇرسام ئايالىم كەينىمدىن كېلىپ يېنىككىچە قۇچاقلىغىنىچە مەندىن: يۇلتۇزلارغاقاراپ نېمەئويلاۋاتىسىز؟ دەپ سورىدى مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئەتە يۇتقان –كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سالساق بولغۇدەك دەپ ئويلاۋاتاتتىم دەپ جاۋاب بەردىم.
46ياش ،ئاڭلىسام قوشنامنىڭ قىزى ئاجرىشىپ كېتىپتىمىش، ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ ماڭا تېلېفون قىلىپ مەن بىلەنكۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ئېيتتى شۇ كۈنى بازاردىن 600يۈەنگە چىداپ تۇرۇپ بىر قۇر كاستۇم سېتىۋالدىم باشتىن ئاياق بىرقۇرياسانغاندىن كىيىن كۆرۈشىدىغان جايغا قاراپ ماڭدىم ،ئۇ يەردە سەمرىپ يارمىغان كۆتەكتەك بولۇپ كەتكەن قوشنامنىڭ قىزىنىڭ :"شاخلىتىپ سېتىش"دەرسىنى ناھايىتى زور تاقەت بىلەن ئولتۇرۇپ ئاران 3 سائەتنى تۇشقازدىم .
50ياش ،قىزىم بىلەن دۇكان ئارلاۋاتاتتۇق ئۇماڭا ئالىي مەكتەپتىكى ئىشلىرىنى پىچىرلاپدېگۈدەك ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى، كەينىمدىنكىمدۇر بىرى "ۋۇ قېرى شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ ياش قىزلاربىلەن ....." دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ قالدىم.
55ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم ئەر-خوتۇن ئىككىمىز قىزىمنىڭكىگە نەۋرىمىزنى كۆرگىلىباردۇق ئۇلار بەك ئالدىراش بولغاچقا قايتىپ كېلىپ ئۆزۈم ئۈچۈن رادىئو ئىستانسىدىن بىر ناخشا تەلەپ قىلىپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزدۈم .
65 ياش، نەۋرە قىزىم تولۇقسىزغا چىقتى بىز ئاخىرى ئازاد بولدۇق ، خوتۇنۇم ئىككىمىزنىڭ بىللەئاپتاپ سۇنۇشقائاخىرى ۋاقتىمىز چىقتى بىراقكۆزەينىكىمىزنىتاقىمىساق بىر-بىرىمىزنى تونۇيالمايدىغان بولۇپ قالدۇق .
70ياش، ئىككىمىز كارىۋاتتا يامغۇر تامچىسىنىڭ دېرىزىگە چۈشكەندىكى ئاۋازىنى ئاڭلاپ يىتىپتوساتتىن خېلى يىللار ئىلگىرىكى بىر يامغۇرلۇق كېچىدىكى قىزغىن سۆيۈشۈشنى ئەسلەپ قالدۇق يەنە بىر قېتىمشۇنداق سۆيۈشمەكچى بۇلغان ئىدۇق بىراق يالغان چىشىم چۈشۈپ كېتىپ پەيزىمنى ئۇچۇرۇۋەتتى .
80 ياش،قىش پەسلى ، ئوچاقتىكى قىپقىزىل ئوت يالقۇنى خوتۇنۇمنىڭ ياش ۋاقتىدىكى گۈزەلسېيماسىنى ئېسىمگە سالاتتى ، كارىۋاتتا ئېغىر نەپەس ئىلىپ ياتقان خوتۇنۇمغا " سىزنى سۈيىمەن!" دېمەكچى ئىدىم بىراق دوختۇرئۇنىڭ يۈرىكى ھەرقانداق بىر ھاياجانلىنىشنى كۆتۈرەلمەيدۇ دېگەچكەقورۇقباسقان قوللىرىم بىلەن ئۇنىڭ ئاقىرىپكەتكەن يۈزلىرىدىكى ياشلىرىنى ئاستاغىنە سۈرتۈپ قويدۇم .
مەنبە : ئۇقۇرمەنلەر ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى .
ۋاقىت نىمە دېگەن تىز ئۆتكەن... ھەي.......... مانا بىزمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدۇق ياشلىق دىگەنگە نىميىتىدۇ ھە :lol خامسۇچە نوسقىسىنىغۇ ئوقۇدۇق!
بولسا ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق قىسقارتىلغان ھايات مۇساپىسىنى يىزىپ باقمامدۇق؟
چوقۇم قىززىقچىلىق جىق چىقىدۇ ! بۇ خامسۇچەدىگەن نىمە مەنىدىكى گەپئەمدىھىچ چۈشەنمىدىمغۇھى ھى بەك ياخشى يىزىپتۇ، مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەرنى كۆپرىك تەرجىمە قىلىڭلار 29 ياش... مۇشۇ ياشقىچە ئەسلەيدىغان كېيىنكىسىنى تەسەۋۇر قىلىدىغان ئىشتە ئەمدى 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ۋاقىتتىكى شۇنچە ئىسراپ بولۇپ كەتكەن ۋاقتىمغا بەك ئېچىنىمەن ... oygak2005 يوللىغان ۋاقتى2014-1-6 04:10 static/image/common/back.gif
خامسۇچە نوسقىسىنىغۇ ئوقۇدۇق!
بولسا ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق...
ئۈلگە كۆرسىتىپ باشلامچىلىق قىلمىسىڭىز باشقىلار ئەگەشمەيدۇ سىزگە :lol apxani يوللىغان ۋاقتى2014-1-6 08:34 static/image/common/back.gif
بۇ خامسۇچەدىگەن نىمە مەنىدىكى گەپئەمدىھىچ چۈشەنمى ...
خامسۇ دىگەن گەپ خام+سۇ دىگەن لىك بولىدۇ. ئەسلى خەنزۇ. ماركىسىنىڭمۇ كىمنىڭ؟ تەدرىجى تەرەقىيات نەزەريىسى بويۇنچە خەنسۇ بولاپ قالغان ئىكەنمىش . بىزگە يىتىپ كەلگەندە خامسۇ بولاپ قاپتۇ . Jengchi يوللىغان ۋاقتى2014-1-6 16:40 static/image/common/back.gif
ئۈلگە كۆرسىتىپ باشلامچىلىق قىلمىسىڭىز باشقىلار ئەگە ...
مېنىڭمۇ بىر يازغۇم بار ئىدى.ۋاقتىم سەل جىددىي بولاپ قىلۋاتىدۇ.
بولمىسا ، قولى خىمىردا ئەمەسئاخۇنۇملار يازغاچ تۇمامسىلەر !:lol oygak2005 يوللىغان ۋاقتى2014-1-6 16:50 static/image/common/back.gif
مېنىڭمۇ بىر يازغۇم بار ئىدى.ۋاقتىم سەل جىددىي بولاپ...
مەن يازسام بىر قۇردىلا توختاپ قالدۇ دەيمەن ;P
بەت:
[1]