biltap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 19:07:07

تور تېزلىكىنى ئاددى ئاددى ئۆلچەش ئۇسۇلى

تور تېزلىكىنى بىلىش ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ ، ئادەتتە مەخسۇس تور بىكەتلەر لايىھەلەنگەن بولۇپ شۇنىڭغا چىقىپ تېزلىكىنى ئۆلچىسىڭىز بولىدۇ. بىراق مىنىڭچە كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇ تور بەتتە كۆرسەتكەن كەسپى  ئاتالغۇلارنى كۈرۈپ چۈشۈنەلمەيدۇ. شۇڭا ئاددى ئۇسۇلدىن بىرنى تەۋسىيە قىلاي.
ئالدى بىلەن 360安全卫士نى قاچىلايسىز.
قاچىلاش ئادرىسى: http://www.360.cn/
ئاندىن تورغا چىقىپ بىرقەدەر داڭلىق، تېزلىكى تېز بولغان بىكەتتىن بىرەرىگە چىقىسىز
مەسىلەن: http://www.qq.com/ ياكى مىسرانىم مۇنبىرى.
تور ئۇلىنىۋاتقاندا 360 نىڭ لەيلىمە كۆزنىكىدە تور سۈرئىتى كۆرىنىدۇ. مەسىلەن: 158K/s دىگەندەك
ئەگەر تور سۈرئىتى 100كىلوبايتتىن 250كىلوبايت ئەتراپىغىچە بولسا تورىڭىز2 گىگابىتلىق تور.
تور سۈرئىتى 400كىلوبايتتىن 500كىلوبايت ئەتراپىغىچە بولسا تورىڭىز 4 گىگابىتلىق تور.
تور سۈرئىتى 700كىلوبايتتىن 1000كىلوبايت ئەتراپىغىچە بولسا تورىڭىز 8 گىگابىتلىق تور.
قالغىنىنى مۇشۇ قائىدە بويىچە ھىساپلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
بىلتاپ تورى تەييارلىدى.
http://www.biltap.com

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 20:47:07

تىمىدا خاتا يىزىپ قويدىڭىزمۇ نىمە؟ جوڭگو تەۋەسىدە تىخى گىگابايىت بىلەن ئۆلچىنىدىغان تور سۈرئىتى يوققۇ دەيمەن، مىگابايىت بولسا توغرا بولىدۇ،
مىنىڭ 4 مىگابايىتلىق تور، توردىن بىر نەرسە چۈشۈرسەم يۇقىرى سۇرئىتى سىكونىتىغا 1.2 مىگابايىتقا چىقىدۇ، ئۆتكەندە بىر ئايلىق ھەقسىز يۇقىرى سۈرئەتتىن ئالدىدىن بەھىرلىنىش پائالىيىتىدە 8 مىگابايىتقا كۆتۈرگەن ئىدىم، سېكۇنتلىق چۈشۈرۈش تىزلىكى 2.4غا چىقتى.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 21:05:15

ئاتايىتەن  360نى چۈشۈرگەندىكىن  تور سۈرئېتىنى  ئۇنداق ئۆلچەشنىڭ نىمە ھاجىتى ، تەييار ئۆزىنىڭ ئۆلچىگۈچىسى بار ،شۇنى ئىشلەتسە ئىنىق  چىقىرىپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 21:27:21

360نىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلچىگۈچىسى بارغۇ

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 21:27:25

360نىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلچىگۈچىسى بارغۇ

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 21:28:58

360 دىگەن ۋىروستىن يىراق تۇرۇڭلا ۋىروس تەۋەلىكىدە بۇنىڭدەك بۇدۇشقاقنى كۆرمىگەنكەنمەن .
ئىشەنمىسەڭلا قاچىلاپ بېقىپ ئاندىن ئۆچۈرۈپ بېقىڭلاقالدۇق ھۆججەتلىرىنى تازلىمەقمۇ بىرمەسلا.
كومپىيوتېرنىڭ سۈرئىتى بىرھەسسە ئاستىلاپ تېخى سورىمايلا ئۈزىنىڭ ئەزالىرىنى كومپىيوتىرغا قاچىلاشلىرىچۇ'
بۇنىڭدەك ناچار ۋىروسمۇ بولامدۇ دەيمەن تېخى ئىسمىنى ۋىروسخۇر تېخى

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:06:01

doctor يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 21:28 static/image/common/back.gif
360 دىگەن ۋىروستىن يىراق تۇرۇڭلا ۋىروس تەۋەلىكىدە بۇنىڭ ...

ئەگەشتىم!

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 23:17:54

doctor يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 21:28 static/image/common/back.gif
360 دىگەن ۋىروستىن يىراق تۇرۇڭلا ۋىروس تەۋەلىكىدە بۇنىڭ ...

ئەمىسە بىرنى تەۋسىيە قىلمامسىز..
ھېلىقى ئاۋاس دەيدىغىنىنى كىم بىلىدۇ،شۇنى ئىشلىتىپ باقسام بولاتتى

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 00:08:28

360نىڭ ھېچ نەرسىسىنى يېقىن يولاتماڭلار، ياخشى نەرسە ئەمەس بۇ ...

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 07:53:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   doctor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-6 08:00  

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 22:06 static/image/common/back.gif
ئەگەشتىم!

سېستىما ۋىندوۋس 8 بوپقالسا ئۇزىنىڭ ۋىروسخورى بار بەك ياخشى ئىشلەيدۇ . شۇڭا مەن ۋىندوۋس 8.1نى تەۋسىيە قىلىمەن ئىڭگىلىسچە سەۋيەرىڭلا ياخشى بولسا بىر تېلفۇن بىلەن ھەقسىز ئاكتىپلىيالەيسىزلەر .

http://xjmac.com/mac/forum.php?mod=viewthread&tid=6098&extra=page%3D1

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 09:26:46

http://www.speedtest.net تە بىۋاستە تەكشۈرگىلى بولىدۇ. مىگابايىت بويىچە ئۆلچەپ بېرىدۇ.

Glary Utilities مۇ 360تىن قېلىشمايدۇ،ياماق ياماپ ئاۋارە قىلمايدۇ،ئارتۇق ئېلان چىقمايدۇ.
http://www.glarysoft.com

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 11:08:14

http://v1.freep.cn/3tb_140106130722jj72512293.png
مەكتەپنىڭ تورىمۇ بوپ قۇيىدىكە جۇمۇڭلا..

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 11:56:59

بايام بىر ئاغىنەمنىڭ كومپىيوتىرىنى ئوڭشاپ بەردىم.360 ۋىروسخورىدا جەمئىي921تال ۋىروس چىقتى.كومپىيوتىر ۋىروس دەستىدىن5مىنوتتا ئاران قۇزغىلىدىغان.بىر ئىش قىلىش ئۈچۈن يىتەرلىك سەۋىر-تاقەت بولمىسا بولمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ؟
نىمشقا ۋىروسخور قاچىلمىدىڭ؟
باشقىلار ئۇنى ۋىرۇس دەيتىتۇ!!!شەخسىي مەخپىيەتلىككە چىقىلارمىش!چەتنىكى ھەقلىق!!!!! بىر تۇقاي -بانا سەۋەپ،،،
ئەمسە مەن شۇ ۋىروسنى قاچىلاپ كومپىيوتىرىڭنى تىزلىتىپ بىرەي .قانۇنقا خىلاپلىق قىلدىغان نەرسىلەر يوقتۇ؟؟
_يوق
ئاندا بولسا قۇقما!!!ئەگەر ئۇنى ۋىرۇس دەرىجىسىگە كۆتۈرسەك. مۇشۇ كومپىيوتىردىكى كۆزنەك 7 ئەڭ چوڭ ۋىرۇس.
بىر قېتىملىق تازلاشتىن كىيىن كومپىيۇتىر 36 سىكونتا قۇزغالدى.سۆرئىتىمۇ ئىنتايىن تىز.


yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 11:57:39

بەيدۇغا چىقىپ تور سۈرئىتىنى ئۆلچەش دەپ باسساڭلارلا(خەنچە)ھېچقانداق دېتال قاچىلىمايلا ئۆلچىيەلەيسىلەر

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 17:17:21

قارىغاندا مىنىڭ 4مىگابىت ئوخشايدۇ، ئىشقىلىپ ھەر ھالدا يامان ئەمەس دەپ قارىدىم.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 23:09:07

سالامەتلىكىڭلارنى ئاسراپ 360تىن يىراق تۇرۇڭلار،:lol

kvzyapriqi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 15:28:33

360تىن خۇدايىم ساقلىسۇن
بەت: [1]
: تور تېزلىكىنى ئاددى ئاددى ئۆلچەش ئۇسۇلى