atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 15:48:53

ماڭقۇرت

‏‏ماڭقۇرت
‏ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈندىن پارچە(چىڭغىز ئايتىمايوف)
‏جۇرجانلار سارى ئۆزەكنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئەسىرلەرگە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەسكىلىكلەرنى قىلغان،ئەسىرلەرنى قۇللۇققا ساتقاندىن كېيىن يەنىلا يۇرتىغا قېچىپ كېلىۋالدىدىغىنىن كۆزدە تۇتۇپ،ئەسىرنىڭ چېچى پاكىز چۈشۈرۈلۈپ نەق مەيداندا كۈچلۈك تۆگىدىن برنى سويىدىكەن ھەمدە تۆگىنىڭ قېلىن ھەم ئېغىر بولغان بويۇن تېرىسىنى سويۇپ ئۇنى پارچىلاپ ھېلىقى ئەسىرلەرنىڭ تاقىر بېشىغا كەيدۇرىدىكەن.مىلىچلاپ تۇرغان تۆگە تىرىسى  ئەسىرنىڭ بېشىغا چاپلىشىپ كېتىدىكەن،بۇ شىرى كەيدۈرۈش دىيىلىدىكەن.ئاندىن ئەسىرلەر پۇت قولى باغلىنىپ ئاپتاپقا تاشلاپ قويۇلىدىكەن.تېرە نەملىكىنى يوقاتقانچە ئەسىرنىڭ بېشىنى شۇنچە قىسىدىكەن،ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئەسىرنىڭ چىققان چاچلىرى تۈگە تېرىسىنى تىشىپ ئۆتەلمەي كەينىگە يېنىپ ئەسىرنىڭ بېشىغا سانچىلىدىكەن.بۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئەسىر ياكى ئۆلۈپ كېتىدىكەن ياكى خوجاينىنىڭ گېپىنىلا ئاڭلايدىغان،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىكەن،ئىشقا بۇيرۇلسا ئىگىسىنىڭ بۇيرۇقىنى تۇللۇق ئىجرا قىلىدىكەن،كاللىسىدا نېمىشقا شۇنداق قىىمەن دەيدىغان سۇئال پەيدا بولمايدىكەن.ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيى خوجايىنىغا ئوخشاش ئىككى ئۆرۈم چېچى بۇلۇش ئىكەن،ئۇندىن ئارتۇق ئارزۇ ئۈمىتلىرى يوق ئىكەن،بۇ خىلدىكى ئەسىرلەر ماڭقۇرت دىيىلىدىكەن،شۇنداقلا باشقا ئەسىرلەردىن ئون ھەسسە يوقىرى باھا بىلەن سېتىلىدىكەن.
‏نايمان قەبىلىسىدە نايمان ئانا دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئانا بولغان ئىكەن،ئۇنىڭ بىر ئوغلى ئەسىر ئېلىنىپ مۇڭقۇرت قىلىنغانئىكەن.نايمان ئانا ئوغلىغا چىدىماي ئۇنى قۇتۇلدۇرغىلى بارىدىكەن.ئەپسۇس ئانا ئوغلىنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن شۈنچە تىرشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ بۇ ماڭقۇرت ئانىسى بىلەن كەتمەيلا قالماي،جۇرجان خوجايىنىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئانىسىنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرىدىكەن،ئانىنىڭ قولىدىكى شارپا يەرگە چۈشۈپ دۆنەنباي ئىسىملىك بىر قۇشقا ئايلىنىپ ئۇچۇپ كېتىدىكەن.بۇ قۇش داۋاملىق «ئويلاپ كۆرچۇ،سەن كىمنىڭ بالىسىسەن؟ئېتىڭ نېمە؟داداڭنىڭ ئېتى دۆنەنباي!دۆنەنباي!دۆنەنباي!دۆنەنباي!»دەپ سايرايدىكەن.
‏بىر قىسىم تەپسىلاتلار قىسقارتىلدى.
‏ئەدەبى ئەسەرلىرىمىزدە ماڭقۇرت دېگەن نامنى كۆپ ئاڭلىغان،ئاساسەن قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان،گالۋاڭلارغا ئىشلىتىلەتتىكەن.بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەجدادىدىن يۈز ئۆرىگەنلەرگە،خائىنلارغىلا ماس كېلىدىغان نام ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.بىرسى مۇشۇ مۇنبەردە مېنى ماڭقۇرت دېگەن ئىدى(مېنى بىلىمى يوق ياكى ساپاسىز دېمەكچىكەندۇق)،شۇ چاغىدا ئانچە پەرۋا قىلماپتىكەنمەن،بۇنداق مەنا بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ھەرگىز بوش قويمايىتتىم.
‏تورداشلارغا بىر ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن،ئەمما تەرجىمىسى دېگەندەك راۋان چىقمىغان ئىكەن دەپ ھېس قىلدىم.

mamboo يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 18:11:14

meksika يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 18:22:45

مۇشۇ  ماڭقۇرت دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيتتىم ، ئەسلى مۇنداق ئىكەندە ...

شۇڭا  ئۇيغۇر  مۇنبەرلىرىدە تورداشلارنى بىر- بىرىنى  ھاقارەتلەشكە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆز  بولۇپ قالغان  ئىكەندە ... توۋا

meksika يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 18:29:45

قارىغاندا بۇنداق  ناچار ئىبارە بىلەن بىر- بىرىمىزنى  بەك ھاقارەتلەپ كەتمىسەك بولغۇدەك ، ئاخىرى بۇ سۆز بېشىمىزغا  چىقىدىكەن  ئەمەسمۇ  مانا ...

meksika يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 18:32:09

توۋا  دىمىسە  بۇ ئىشلارغا ...

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 20:35:01

:):@:P:lol:loveliness::funk::funk::curse::victory::P:(:(:shutup:

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 21:09:35

مەزمۇنى يادىمدىن چىقىپقاپتۇ بۇ كىتابنىڭ. ئالەم كېمىسى بىلەن بىرسنىڭ يەرلىكىدە قۇيۇلۇشى باش تېما قىلنغان ئەسەر شۇغۇ ھە؟! قىيامەتمۇ يائۇ

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 21:51:42

بۇ ئەسەردە مېنىڭ ئەڭ چۈشەنمىگەن يېرىم بورانلىقلىق يىدىگەي باشتىن كەچۈرگەن ئىشلار بىلەن ئالەم كېمىسىنىڭ شۇنداقلا ئورمانتۆش پىلانتىسىنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى بىلەلمەي قالدىم.
مۇناسىۋىتى بار دېيىلسە يىدىگەينىڭ قازاقلارنىڭ قەدىمى قەبرىستانلىقى ئانابىيىتكە كېرەلمەسلىكى،ۋە يۇچۇن ئادەملەر دەپ تەرىپلىنىشىمىكىن.لېكىن شۇنچە ئۇزۇن ئىككى يولدا مېڭىۋاتقان ۋەقەلىك پەقەت شۇ يەردىلا ئازراق مۇناىسۋەتلىك بولۇپ قالىدىكەن.
مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇپ باققانلار ئۆز چۈشەنچەڭلارنى سۆزلەپ بېقىڭلار بىر مۇتائلە قىلىشايلى.

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 21:59:28

ياخشى يىزىلغان كىتاپ  ، دىيارىمىزدىكى قازاق قىرغىزلارمۇ بۇ كىتاپنى ئوقىۋاتامدىغاندۇ

Uyghuray13 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:47:30

ئەسەردە دادىسى (قازانقاپ)ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ ئۈلىمىگە كىلىپ ھاراق سورۇنى قۇرماقچى بولغان ۋە خىزمىتى ، تەمىناتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشىدىن قورقۇپ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنداشتىن باش تارتقان ئوغۇل ، نايمان ئانا ۋە ماڭقۇرت ئوغۇل يولئامان ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ھىكايىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان .
يىدىگەي ئەڭ يىقىن دوستى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ۋەسىيىتى بۇيىچە «ئانا بىيىت »قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلماقچى بۇلىدۇ ، ئۇنىڭ مەقسىدى كىيىنكىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخىنى ، ئۇرۇق-ئەۋلادىنى ،ئاتا-بۇۋىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىدى ، چۈنكى بۇ يەرگە نايمان ئانا دەپنە قىلىنغان ، يەنى ئۆز ئوغلىنى قۇتقۇزۇش ، ئۇغلىغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئەسلىتىش ئۈچۈن ئاخىرىدا ئوغلىنىڭ قۇلىدا ئۆلگەن ئانا قۇيۇلغان .
ئەسەردە يەنە باشقىلارنىڭ بەخىتسىزلىكى ئۈستىگە ئۆز بەختىنى قۇرۇۋالدىغان ، باشقىلارنىڭ يەلكىسىنى دەسسەپ تۇرۇپ شان شەرەپكە ئېرىشىدىغان ، مۇستەققىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىدىن قالغان يىڭى زامان ماڭقۇرتلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ، ئائىلىسى ۋەيران بولغان ئابۇتالىپ  ۋەقەسىمۇ  كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ .
«ئورمانتۆش» پىلانتى يۈكسەك مەدەنىيەتلىك پىلانتا بۇلۇپ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئەگەر بۇ پىلانتىدىكىلەر يەر شارى بىلەن ئالاقىلىشىپ قالسا ئۆزى ماڭقۇت قىلىۋەتكەن ، ياكى قىلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئالەم ئۇچقىچىلىرىنى يەر شارىغا كىلەلمەس قىلىۋىتىدۇ ، ھەم نۇرغۇن راكىتا ئورنىتىپ  «ئورمانتۆش» لىكلەرنىڭ يەر شارى بىلەن ئالاقىلىشىنى تۇسىماقچى بۇلىدۇ . ئەلۋەتتە بۇ بىر فانتازىيە .
يىدىگەي دۇستى قازانقاپنى دەل شۇ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بازىسى قورشىۋىلىنغان نايمان ئانا قەبرىستانلىقىغا قويماقچى بۇلۇپ كەلگەندە رىئاللىق بىلەن فانتازىيە ئۇچرىشىدۇ ، دۇستىنىڭ ئوغلىنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن قاتتىق ئەلەم ، خورلۇق ھېس قىلغان يىدىگەي دوستىنى شۇ يەرگە يىقىن يەرگە دەپنە قىلىۋىتىپ ، ئەڭ يۇقىرى باشلىققا ئەرز قىلىش ئۈچۈن ماڭىدۇ .
مىنىڭچە رۇماندا ئاپتور رۇماندا ئۈچ پاجىئەنى يەنى نايمان ئانا ، ئابۇتالىپ پاجىئەسى ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرنىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق مەيلى بۇرۇن ، ھازىر ۋە ياكى كەلگۈسى بولسۇن ، مەيلى پەن-تېخنىكا تەرەققى قىلىپ قايسى دەرىجىگە بارسۇن ،ئۆز ئەسلىنى ئۇنتۇماسلىق ، تارىخىنى بىلىش ، ئىنسانپەرۋەرلىك ، ئىنسانىي ئەخلاقنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەنغۇ دەيمەن . يەنى سەمىمىيلىك بىلەن ياشاشنى تەشەببۇس قىلماقچى .
ئەسەردىكى ناھايتى كۆپ تەكرالانغان « بۇ يەردە پويىزلار غەربتىن شەرىققە ، شەرەقتىن غەرىبكە تۇختىماي ئۈتۈشۈپ تۇرىدۇ ...» دىگەن جۈملىنى مەن ئاپتورنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلدىغانلىقىنى بىراق ئىنسان ھاياتىنىڭ چەكلىك بۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن يازغانمىكىن دەيمەن .
بۇلار مىنىڭ رۇماننى ئوقىغاندىن كىيىنكى تەسىراتىم ، چىڭغىز ئايتىماتوۋنىڭ يىڭىدىن نەشىر قىلغان ئەسەرلىرى توپلىمىغا قارىسام رۇماننىڭ ئىسمىنى «ئەسىردىن ئۇزاق بىر كۈن » دەپ ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ ، مەزمونىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدىمۇ بۇنى بىلمىدىم .

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 04:25:49

ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ئېنىق ئىسىمدە قالماپتۇ. لىكىن لىكىن بۇ روماننى ئون نەچچە يىل بۇرۇن  بڭر قولۇمغا ئالغانچە بىر كىچىدە ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم.
‹‹ كاساندىرا تامغىسى ›› دىگەن كىتاپنى نەچچە قولۇمغا ئىلىپ ، كىرشىپ ئوقۇپ بولالمىدىم.  نىمە تەسۋىرلىنىدۇ بۇ كىتاپتا  ؟

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 04:26:02

ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ئېنىق ئىسىمدە قالماپتۇ. لىكىن لىكىن بۇ روماننى ئون نەچچە يىل بۇرۇن   قولۇمغا ئالغانچە بىر كىچىدە ئوقۇپ تۈگەتكەن ئىدىم.
‹‹ كاساندىرا تامغىسى ›› دىگەن كىتاپنى نەچچە قولۇمغا ئىلىپ ، كىرشىپ ئوقۇپ بولالمىدىم.  نىمە تەسۋىرلىنىدۇ بۇ كىتاپتا  ؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 10:39:58

مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ باقمىغانىكەنمەن. ئەمما، «ماڭقۇرت» دېگەن سۆزنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. :P

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 12:31:54

  « ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » دىگەن كىتاۋىدا بار ئىدى بۇ تەسۋىر . بۇدا چىققان « تاغلار غۇلىغاندا » دىگەن كىتاۋىمۇ شۇنداق ياخشىكەن . بۇ كىتاۋىدىمۇ ئوخشاشلا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھايۋاننى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ .

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 12:34:46

بۇ ئۇسۇل «قىيادىكى ئوۋچىنىڭ ئاھۇ زارى»دىگەن سۆھبەت خاتىرىسىدىمۇ سۆزلەنگەن.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 13:41:54

   «  ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن » دىگەن كىتاۋىدا بار ئىدى بۇ بايانلار .

babur729 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 22:28:42

ئايتىماتوفنىڭ قىيامەت دىگەن رومانى ماڭغا بەك ئىسىلدەك بىلىنىدۇ..

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 23:23:42

‏‏بۇ ئادەمنىڭ بەش كىتابىنى بىراقلا ئالدىم،ئەسقردىن ھالقىغان بىر كۈننى ئوقۇپ تۈگەتكەن بولدۇم،ئاق پاراخوتنى ئوقۇش تازا خوشياقمىدى،كۆرۈو بولغانلار دېگەچ تۇرۇڭلار،ئاۋال قىزىقىشنى باشلىۋېتى ئاندىن ئوقاي.باشقىلار ئاساسى مەزمۇنىنى ئېيتىپ بەرگەندىن كېيىن بەكراق ئوقۇغۇم كېلىدىكەن.يەنە بولسا باشقا ياخشى كىتابنىڭ قىسقىچە چۈشىنچىسى بىلەن تەۋسىيە قىىڭلار،تەتىلىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزىۋالاي.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 08:56:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yollugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 15:35  

ئىنكاس خاتا جايغا يوللىنىپتۇ.ئۆچۈرۈلدى.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 12:17:52

ئايتماتوۋنىڭ 8 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمى، تىلى قىرغىزچە، ئىلگىرى بەك قىزىقىپ يۇقۇرى باھادا سېتىۋالغان ئىدىم،ئەمدى ئوقۇپ بولالماي  تاشلىنىپ تۇرىدۇ..






بەت: [1] 2
: ماڭقۇرت