tuygu0995 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 09:16:59

مۇھەببەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tuygu0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-5 09:19  

                                                                           مۇھەببەت


تۈۋەندىكىسى مېنىڭ ھەقىقى مۇھەببەت ھەققىدىكى شەخسى كۆز قارىشىم بىۋاستە تەجىربەم ئەمەس.   
روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن شەرت - شارائىتى پىشىپ يىتىلگەن ئىككى يات جىنىستا ھەقىقى مۇھەببەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن تۆت شەرت ( رەسمىيەت، ئشەنچ، لاياقەت، كۆڭۈل) بىر ئەمەل ( جۈپلىشىش) ھازىرلىنىشى كىرەك دەپ قارايمەن .
رەسمىيەت - نىكاھ خېتى ۋە ئۆز - ئارا بىر بىرسىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى خالايىققا ئوچۇق ئاشكارا  جاكارلاشنى كۆرسىتىدۇ.
ئىشەنچ -  ئۆز - ئارا ئىشىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
لاياقەت - ئىككى تەرەپ ئۆز - ئارا بىر بىرسىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قۇبۇل قىلالىسىلا لاياقەت دېگەن شۇ
كۆڭۈل - ئىككى تەرەپ ئۆز - ئارا بىر بىرسىنى ئارزۇ قىلىش ، خالاش ، تەلەپ قىلىش ، ئىنتىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
س : ئاشىق بولغان كىشىسنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولامدۇ ؟
ج : مەلۇم دەرىجىدە ئۇنتۇپ كىتەلەيدۇ، يەنى ئاشىق بولغان كىشىسىنى ئۇنتۇش نىيىتىگە كەلگەن كىشى ئۇنىڭ ئۆز كاللىسىدىكى ئورنىنى ۋاقىت ۋە ئىرادىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بىرەر دوستىنىڭ ياكى ساۋاقدىشىنىڭ ئورنىغا تەڭلەشتۈرەلەيدۇ ياكى يېقىنلاشتۇرالايدۇ ، بۇ چاغدا ئۇ كىشى ئازاپلانمايدۇ ياكى قاتتىق ئازاپلىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن كاللىسىدىن يوق قىلىۋېتەلىشى ناتايىن.
                                                            

بەت: [1]
: مۇھەببەت