taxerik يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 22:19:42

نامازنىڭ باتىنى شەرتلىرى

نامازنىڭ زاھىرى ئۆلچىمى
خەلقىمىز ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان تۇتۇپ كىلىۋاتقان ئىمام ئەزەم مەزھىپىنىڭ نەزىرى بويىچە بولغاندا نامازنىڭ پەرزىي شەرتلىرى 12 بولۇپ، بۇنىڭ ئالتىسى زۆرۇر شەرت.ئالتىسى تايانچتۇر(رۇكۇندۇر) .
زۆرۇر شەرتلەر؛
1.(ھادىستىن تاھارەت) يەنى جۇنۇپ قالغانلار،ھەيز ۋە نىفاستىن پاكلىنىشقا مۇھتاجلارنىڭ يۇيۇنۇپ غۇسلە قىلىشى ۋە تاھارىتى بولمىغانلارنىڭ تاھارەت ئالمىقى
2.(نىجاسەتتىن تاھارەت) يەنى بەدىنىدە،كىيىم كىچەكلىرىدە ۋە ناماز قىلىدىغان يەردە پاسكىنىچىلىق بولسا ئۇنى تازىلىماق.
3.سەترى ئەۋرەت يەنى مەھرەم يەرلەرنى ياپماق،ئەرلەر كىندىك ئاستىدىن تىزدىن تۆتلىك تۆۋەنگىچە،ئاياللار قولىنىڭ بىلەكتىن يۇقىرىسى ،پاچىقىنىڭ ئوشۇقتىن ئۇستى ۋە يۇزىدىن باشقا بارلىق ئەزالىرىنى ياپماق.
4.قىبلىگە يۇزلەنمەك
5.نامازنى ئۆز ۋاقتى سائىتىدە ئۆتىمەك.
6.ئۆتىگىلىۋاتقان نامازنىڭ ۋاقتىنى،ئۇنىڭ پەرز،ۋاجىب،ياكى سۇننەت ئىكەنلىكىنى قەلبىدىن تەيىن ئەتمەك (بۇى تايانچ دىگۇچىلەرمۇ بار)
تايانچلار يەنى نامازدا پېىلەن قىلىنىدىغانلار ؛
1.ئىفتىتاھ تەگبىرى يەنى نامازغا دەسلەپ تۇرغاندا تەگبىر ئېيتماق.
2. قىيام يەنى كۇچى يەتكەنلەرنىڭ تىك تۇرمىقى.
3.قىرائەت يەنى قۇرئاننىڭ نەسىدە بولسا بولسۇن بىر ئۇزۇن ئايەت ياكى ئۇچ قىسقا ئايەت ئوقۇماق.
4. رۇكۇ
5.سەجدە يەنى پىشانىسىنى يەرگە تەككۇزمەك
6.ناماز ئاخىرىدا تەشەھھۇد مىقتارى ئولتۇرماق يەنى سالام بېرىشنىڭ ئالدىدا تەھەيياتنى ئوقۇئولتۇرماق.
بۇ نامازنىڭ پەرزىي شەرتلىرى بولۇپ،بۇلاردىن بىرسى ئادا بولمىسا ناماز ئادا بولمايدۇ.
بۇندىن باشقا نامازنىڭ ،پەرزني شەرت بىلەن سەننەت شەرت ئارىسىدا تۇرىدىغان يەنە 14 ۋاجىپ شەرتى بار.بۇلار؛
1.نامازغا كىرگەندە ئاللاھۇ ئەكبەر دىمەك.
2.نەفلە نامازنىڭ ھەممىسىدە ،پەرزلەرنىڭ دەسلەپكى ئىككى رەكىتىدە باشتا فاتىھە سۇرىسى ئوقىماق.
3. نەفلە نامازنىڭ ھەممىسىدە ،پەرزلەرنىڭ دەسلەپكى ئىككى رەكىتىدە  فاتىھە سۇرىسىدىن كىيىن بىر سۇرە ياكى ئۇچ ئايەت ئوقىماق.
4. ھەر رەكەتتە پەرىز بولغان سەجدىنى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرنى ئۇلاپلا قىلماق ۋە سەجدىدە پىشانىسىنى ،بۇرنىنى يەرگە تەككۇزمەك.
5- بىرىنچى تەشەھۇددا ئولتۇرماق ۋە تەھەيياتىنى ئوقىماق.ئۇنى ئوقۇپ بولۇپلا ئورنىدىن تۇرماق.
6- پەرزلەرنىڭ 3-4- رەكەتلىرىدە پەقەت فاتىھە سۇرىسىنىلا ئوقىماق.
7. ئەركانغا رائىيە قىلماق.يەنى ھەرىكەتلەرنى تەندۇرۇس بىجىرمەك.
8. ئاخىرقى تەشەھۇتتا تەياھۇتنى ئوقىماق.
9.سالام بېرىش بىلەن نامازدىن چىقماق.
10.جامائەت بىلەن قىلىنغان بامدات،جۇمە،ھېيت نامازلىرىنىڭ ھەممىسىدە شام،خۇپتەن نامازلىرىنىڭ دەسلەپكى ئىككى رەكىتىدە قىرائەتنى ئۇنلۇك پېشىن ۋە دىگەر نامازلىرىدا ئۇنسىز ياكى ئىچىدە ئۇقۇماق.(يالغۇز بولسا ھەممىنى ئىچىدە ئۇقۇسىمۇ ياكى خالىسا يۇقۇرقىدەك ئوقىسىمۇ بولىۋىرىدۇ)
11.ئىمامغا ئىقتىدا قىلغاندىن كىيىن قىرائەت قىلماي جىم بولماق.
12پېتىر نامىزىدىن كىيىن دۇئا ئوقىماق..
13.نامازدا يېڭىلىش كۆرۇلسە سەجدەيى سەھۋەن ياپماق.
14. ھېيتلاردا ھېيت تەگبىرىنى ئېيتماق.
سۇننەت شەرتلەر؛
1. دەسلەپكى تەگبىر ۋە ھېيت تەگبىرىدە قولىنى كۆتەرمەك(قۇلاق يۇمشىقىغا تەككۇزۇش مۇستەھابتۇر) ۋە بۇلارنى مەخپى قىلماق.
2. ئىمامنىڭ ئارقىدىنلا تەگبىر ئېيتماق.ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىغى تۆت بارماق كەڭلىكىدە بولماق.
3.قول باغلىماق يەنى ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۇستىگە قويۇپ ئەرلەر كىندىك ئۇستىدە ،ئاياللار كۆكسى ئۇستىدە تۇتماق.قولىنى ھالقا قىلماق.
4. سۇبھانىكە ئوقىماق ۋە ئارقىدىن ئەزۇ بىسىمىللا كەلتۇرمەك ۋە باشقا رەكەتلەردە فاتىھە سۇرىسىنى باشلىغاندا بىسمىللا ئېيتماق فاتىھە ئوقۇلۇپ بولغاندا ئىچىدە ئامىن دىمەك.
5.بامدات ۋە پىشىن نامىزىدا فاتىھەدىن كىيىن ئۇزۇن دىگەر نامىزىدا ئوتتۇرھال ،خۇپتەن نامىزىدا قىسقا سۇرە ئوقىماق.
6. ئىنتىقال تەگبىرلىرىنى ئېيتماق،ئىمام بولسا ئاشىكارە ئيتماق،رۇكۇ ۋە سەجدىلەردە ئەڭ ئاز بولغاندا ئۇچ ۋە تاق ساندا تەسبىھ كەلتۇرمەك.رۇكۇدا تىزلىرىنى قولى بىلەن يۆگەپ تۇتماق،تىز ۋە پاقالچىغىنى تىك تۇتماق.
7. رۇكۇدىن قوپقاندا سەمى ئاللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ دىمەك ۋە تىكلەنگەندە رەببىنە لەكەل ھامد دىمەك.
8.سەجدىگە بارغاندا باشتا تىزىنى ،ئاندىن قولىنى،ئاندىن پىشانىسىنى،بۇرنىنى يەرگە تەككۇزمەك،قولتۇقلىرىى كەرمەك بارماقلىرىنى جۇپلەپ قىبلىگە ئۇزاتماق ۋە ئىككى ئىككى قولى ئارىسىغا سەجدە قىلغاندا پۇتىنىڭ باش بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىپ پۇت ئالقىنى بېغىشى بىلەن يەردە بولماقتۇر.ئولتۇرغان ۋاقىتتا قولىنى تىزىنىڭ ئۇستىگە قويۇپ،ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىدىن باشقا ياققا قىلغان ھالدا تىكلەپ،سول پۇتى ئۇستىدە ئولتۇرماقتۇر
9- سالام بېرىدىغان چاغدا سالاۋاتى شېرىپنى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن دۇئا ئوقىماق
10- سالام بەرگەندە ئوغاق كەبى ئۇستىدىن مۇرىگە قاراپ ئەمەس بەلكى باشنى تۇپ- تۇز ھالدا ئارقىنى كۆرگىدەك دەرىجىدە بۇراپ، باشتا ئوڭغا ،ئاندىن سولغا سالام بەرمەك.
11- قىيامدا سەجدە قىلىدىغان يەرگە،سەجدىدە .ئوخشاش جايغا،رۇكۇدا بارماق ئۇچىغا،تەھەيياتتتا تىزلىرىغا قاراش.
پەرىزلەرنىڭ بىرىنىڭ  ئادا بولماسلىغى نامازنى بۇزىدۇ ۋە جازانى ھەقلىق قىلىدۇ.سۇننەتلەرنىڭ ئادا بولماسلىغى نامازنى بۇزمايدۇ ئەمما كەمتۇك قويىدۇ.


نامازنىڭ باتىنى شەرتلىرى


نامازنى باتىنى شەرتى ؛
نامازنى ھوزۇر ۋە ھۇشيارلىقتا ئوقىماق
بۇ بولمىغىنىدا ناماز يوق ھىساپتىدۇر.
نامازنىڭ باتىنى مەنىلىرى
1.ھوزۇرى قەلب يەنى پەقەت نىمە دەۋاتقانلىغىنى ئاڭلىيالىماق.
2. تەفەھھۇم يەنى نىمە دەۋاتقانلىغىنى چۇشەنمەك.
3.تازىم يەنى ئاڭلىغىنىغا ئېھترام بىدۇرمەك.
4،ئېھترام بىلەن قورقماق
5.رىجا يەنى ئۇمۇتلەنمەك
6.ھايا
بۇلار بولمىغىنىدا ناماز مەنىسىنى يوقىتىدۇ.شەكىلگە ئايلىنىدۇ.

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 09:40:58

بەزى ۋاقىتتا ناماز ئوقۋاتقان(يالغۇز ئوقۇغان )  ۋاقىتتا  كاللامغا نۇرمال ۋاقىتتا كەلمەيدىغان ئىشلار كەپ قالىدۇ ... لىكىن يەنىلام زىھنىمنى يىغۋالمەن  يانا باشقا خىياللارنى ئويلاپ قالمەن يەنە زىھنىمنى يىغىپ نامازنى ئاخىرلاشتۇرمەن ... قانداق قىلغاندا خۇشۇھ بىلەن نامازدا باشقا خىياللارنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەي نامازنى مۇكەممەل ئادا قىلغىلى بولىدۇ

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 10:14:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   281151976ar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-5 10:16  

رەسۇللا شۇنداق دىگەن :
ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ سەرخىلى ئىزچىل قىلىنغان ئىبادەتتۇر،

قىرنداشلار  نامازنى ئىزچىل قىلىشقا ئەھمىيەت بىرەيلى : مەن تولا نامازنى تاشلاپ قويتۇم شۇنىڭ بىلەن ئىزچىل ئاللادىن تىلدىم ۋە قاندق قىلغاندا نامازنى تاشلىماي ئوقۇش ھەققىدە  ئويلاندىم ، ئىنشائاللا ھازىر ئىزچىل داۋام ئىتۋاتىمەن ، مەن نامازنى تاشلىماي ئوقۇشنىڭ بىر نەچچە  تەرەپلىرنى ھىس قىلغان ئىدىم سىلەرگە ئىيتىپ بىرەي پايدىسى تىگىپ قالار .
نىمە ئۇچۇن ناماز تاشلىنىپ قالىدۇ قانداق قىلغاندا ئىزچىل ئوقۇغىلى بولىدۇ.



1. نامازنى ئادەم تاشلىمايدۇ ناماز ئادەمنى تاشلىۋىتىدۇ ، مەن بۇ سۆزتوغۇرسىدا كۆپ ئىزدەندىم ، ناماز راسلار ئادەمنى تاشلىۋەتەمدۇ؟ قانداق تاشلىۋتىدۇ،  مەن بۇ گەپتىن  مۇنداق پايدىلاندىم يەنى ئادەم نامازنى تەئدىل بىلەن چىرايلىق ئوقۇشقا ئادەم قىلشى ئەستايدىل ئوقۇشى كىرەك .  ئىكەن شۇندىلا نامازنىڭ تاشلىۋتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولدىكەن .
2. كۇنا مەئىشەت خۇمارى ئادىتىنىڭ نامازنى تاشلىتىشكە سەۋەپ بولۇپ قىلشى ،  كىشنىڭ بۇرۇن قىغان گۇناھلىرنىڭ چوڭ زىينى ئۇنىڭ شۇ ئىشتىن ئاسانلىقچە قول ئۇزەلمەسلىكدە ئىپادىلنىپ چىقدۇ ، نىشە ، تاماكاك ، ھاراق ، سىرىق فىلىم  ............ گە ئوخشاش  ناشايان ئىشلارنى قايتىلنىش خاراكتىردىكى ئادەتلىرى  كىشنى شۇ ئۇشنى  قايتا ئاسانلا قىلشقا مەجبۇر قىلىپ قويدۇ دە كىشى نامازنى تاشلاپ قويىدۇ.
بۇنىڭ ئامالى كىشى ئۆزىنى كۇزتىشى كىرەك ، ئۆزىدە قايسى گۇناھى خۇمار بولغان بولسا ناماز باشلىغاندىن كىيىن شۇ ئىشنى ئۆزگە ئالاھىدە تەكتلەپ ھۇشيار تۇرشى ، شەيتاننىڭ شۇنى قۇترتىپ ئۆزدىن نامازنى ئىماننى ئىلىپ قاچدىغانلىقنى ئويلاپ يىتىشى كىرەك شۇندىلا شۇخىل چوڭراق گۇناھدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ.  دەپ ناماز دەخلىگە ئۇچىرمايدۇ.
3. ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ،  ناماز كىشگە قىيىن توختايدۇ، بۇنىڭ ئامالى  ئۇنى ئۆزنىڭ تۇرمۇش ئادىـتىگە ئايلاندۇرۇش كىرەك يەنى يىڭى ناماز باشلىغان كىشى ئامال 40 كۇننى 60 كۇننى دەسەلپەكى ئادەك كۇنى قىلىپ مۇشۇ مۇھلەتتە نامازنى جىنىنىڭ بارىچە مۇھاپىزەت قىلسا ئۇنۇمى ياخشى بولىدۇ.
4. دۇئا قىلغاندا ئەي رەببىم نامازنى تاشلاپ قويماي ئوقۇشقا مەدەت ئىلھام بەرگىن ، نامازنى تەئدىل بىلەن ئوقۇيدىغان چىرايلىق ۋاقتىدا ئوقۇيدىغانلار قاتاردىن قىلىغن دىىيش ئارقىلىق  دۇئا قىلىپ ، دۇئانىڭ ئىنسان روھىيـتىگە بولغان كۇچىدىن پايدىلنىپ نامازنى ئىزچل بولۇشغا كۇچەش .

kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:00:36

{:112:}

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 22:15:29

مېنىڭچە، نامازنى تاشلىماي ئوقۇشنىڭ شەرتى قەلبىمىزدە!
نىيەت ئەلا بولسا، نامازمۇ تەڭ بىز بىلەن بىللە بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، نۇرغۇن چۈشەنچە بولمىسا بولمايدۇ.
بەزەنلەر نامازنى بىر ئوبدان باشلاپ، بىرەر قېتىم بامداتقا قوپالماي قېلىپ ياكى دەسلەپتە كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇيالماي،ۋەياكى كېيىمىگە بالىسىنىڭ تەرەت قىلىپ قويغانلىقىنى باھانە قىلىپ، نامازنى تاشلىۋېتىدۇ.

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 19:02:39

مەنمۇ نامازدا تۇرغاندا كاللامغا ھەرخىل خىياللار كىرىۋالدۇ، بىرئازدىن كىينلا ئىسىمنى يىغىۋالىمەن ،  بىراق ئۇقۇۋاتقان نامىزىمدىن ئاسانلىقچە ئېزىپ كەتمەيمەن ،

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-1-13 21:17:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QUYASH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 21:41  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ناماز ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى مەن بولسام كېرەك. بۇرۇن تولا بىر ئوقۇسام بىر ئوقۇمايتتىم. ياكى رىيا بىلەن ئوقۇيتتىم. كېيىنچە تۇيۇقسىزلا ئاللاھقا بىر تەقۋالىق قىلىشنى خالاپ قالىدىغان بولدۇم بىراق ناماز ئوقۇش يەنىلا ئېغىر كېلەتتى. ئەسلىسەم شۇ چاغلاردا نامازنىڭ قىممىتىنى ۋە خسىلىتىنى ھىس قىلمىغانلىقىمدىن بوپتىكەن. كېيىنچە ھىس قىلغىنىم مۇنداق بولدى.

1. ناماز بىزنى ئاللاھ بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرىدىغان بىردىنبىر ئىبادەت.
بۇ جاۋاپ كاللامغا كەلگەندىن كېيىن ناماز ئوقۇشتا ئاكتىپ بولدۇم. سۆرەلمىلىك پۈتۈنلەي تۈگىدى. ھازىر مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ناماز ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكىلى تۇرسا تىپىرلاپ كىتىمەن. (دىققەت بۇ يەردىكى ئۇچرىشىشنىڭ مەنىسى ئاللاھ بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى كۆرسەتمەيدۇ. پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان قىتىغۇرلار بۇيەردىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كىتىڭلار)
2. ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى پاكىزلىققا دىققەت قىلىش كېرەك.
ئەلۋەتتە ھازىر كېيىم كىچەككە گەپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئىچ كىيىمگە دىققەت قىلىش كېرەك. سۈيدۇك تىگىپ كەتكەن كىيىم بىلەن بىرەر ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلسىڭىز بولىدۇ. بىراق ئاللاھنىڭ ئالدىغا كەلسىڭىز قوبۇل قىلىشى بەلكىم مۇمكىندۇ ياكى مۇمكىن ئەمەستۇر:lol
3. ناماز ئوقۇشتا تاھارەت ئېلىش ئېغىر كەلسە ئەڭ ياخشىسى مۇشۇنداق سوغوق كۈنلەردە پۇتىڭىزغا مەسە كىيىۋېلىڭ.  شەرىت بويىچە ئېيتقانداق پايپاق  پۇت كۆرۈنۈپ قالغۇدەك بەك نىپىز بولمىسا مەسىھ قىلىشقا بولىدۇ. بىراق مەسە كىيىۋالسا پۇت توڭلاپ قالمايدۇ. پۇت توڭلاپ قالمىسا تاھارەت ئۇزۇن تۇرىدۇ. بۇ ئەمىلى تەجىرىبە.
4. ناماز ئوقۇۋاتقاندا  ‹مەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئىبادەت قىلىۋاتىمەن› دىگەننى ئويلاش كېرەك.
بۇنىڭلىق بىلەن سىز بۇرۇن پەقەتلا ھىس قىلىپ باقمىغان ھۇزۇرنى ۋە خاتىرجەملىكنى ھىس قىلسىز.
5. نامازدىكى بارلىق سۈرە، ئايەت، دۇرۇت، دۇئالارنى ئىنتايىن ھۆرمەت ۋى ئىجتىھات بىلەن  ئوقۇش.
بۇ ناماز ئوقۇغاندا ئېزىپ كەتمەسلىكنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولۇشى مۇمكىن.
ئەرەب تىلىدا ئۇيغۇر تىلىدىن پەرىقلىق بىرقانچە تاۋۇش بار بولۇپ، بۇنى چوقۇم ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىش كېرەك. ئەگەر قىرائەتنى بەرىبىر بىلگەندىكىن دەپ تىلىڭىزنىڭ ئۇچىدا مۇنداقلا ئوقۇپ قويسىڭىز كاللىڭىز باشقا ياققا قاچىدۇ. ئايەتنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ  مەن مۇنداق دەۋاتىمەن. بۇنىڭ مەنىسى مۇنداق دەپ تەپەككۇر بىلەن ئوقۇسىڭىز، ياكى ئالدىرىماي تەلەپپۇزنى توغرا قىلىپ ئوقۇشقا ئادەتلەنسىڭىز بىرىنچىدىن ئايەتنىڭ خاسىيىتىگە ئېرىشىسىز. ئىككىنچىدىن نامازدا ئېزىپ كەتمەيسىز.
ھەر بىر رەكئەت نامازدا سۈرە ئىخلاسنى چوقۇم ئوقۇشنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندىم.
سۈرە ئىخلاس ئىككى بۆلەككە بۆلىنىدۇ. يەنى بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم دىن قىيامەت كۈننىڭ ئىگىسىدۇر غىچە. بۇ بۆلەكتە پۈتۈن ئالەمنى ياراتقان پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇيمىز. ئاللاھنىڭ مىھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن ئەزىزلىنىمىز. ھەم قىيامەتتىن ئىبارەت  دۇنيالىقتا قىلغان ياخشى يامان ئەمەللىرىمىز ئۈستىدىن ھىساپ بېرىدىغان كۈننى ئەسكە ئالىمىز.
ئىككىچى بۆلەك بىزنىڭ تىلەكلىرىمىز بولۇپ  رەببىمىز بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز دىيىش بىلەن ئاللاھ بىلەن ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر توسۇق ياكى ۋاستە قالمايدۇ. بىۋاستە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىمىز. ئاندىن ئاللاھقا بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن دەپ ئېزىپ كېتىپ غەزىپىگە يولۇقۇشتىن پاناھ تىلەيمىز.
يۇقارقى ئايەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى سۈرە فاتىھەدە پەقەت ئاللاھ بىلەن سىزلا بار. ئاللاھ بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىسىز. ھەم ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشىسىز. بۇنداق ئۇلۇغ سۈرىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇماسلىققا نىمە سەۋەپ بار؟
ئەسكەرتىش: پېقىر گۇناھ ۋە ئازغۇنلۇققا پاتقان ياش ۋاقىتلىرىمدا دىنى بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە سەل قاراپ پەقەت ئايەتلەرنى ئوقۇشنى ۋە يادلاشنىلا ئۈگەنگەن. كېيىچە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشكەندە ئۇيغۇرچە مەنىسىگە قاراپ ئۆزەمچە شۇنداقلا چۈشىنىۋالغان. قۇرئاندىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىش ۋە تەپسىر قىلىش مەندەك چالا ساۋات ئادەملەرگە توغرا كەلمەيدۇ. يۇقارقى پەقەت ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسى بولۇپ تەپسىر ۋە تەبلىقكە كىرمەيدۇ. خاتالىق بولسا دەپ بەرسىڭىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن.
6. تۇرمۇشتا چوڭ گۇناھلاردىن قەتئى ساقلىنىش. مەسىلەن: غەيۋەت، تۆھمەت، ھاراق، زىنا... دىگەندەك.
شۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىڭكى ئادەم بىر گۇناھلىق ئىشنى قىلىشقا تەييار بولغاندا ئۇنىڭدىن ئىمان چىقىپ كىتىدۇ. بۇ ئىمان سىزگە قايتىپ كىلەمدۇ ياكى كەلمەمدۇ بۇ ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە باغلىق. شۇڭا بىرەر چوڭ گۇناھنى قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ناماز ۋاقتى بولسا بۇ نامازنى ئوقۇشتىن شەكلىنىپ قالىسىز ياكى خوشياقمايدۇ.
7. ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىش.
ئاللاھ بەندىسىنىڭ چىن دىلىدىن قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاللاھ مىھرىبان ۋە كەرەملىك زاتتۇر. ھەممە ئاللاھقا ئاساندۇر. بەزى دۇئالىرىڭىز ئىجابەت بولمىسا دۇئادىكى تەلەپلىرىڭىزنىڭ پەيتى ئەمەسلىكىگە ئىشىنىڭ.


ئۇنىڭدىن باشقا ئەسىر نامىزى ناھايىتى مۇھىم بولغان ناماز بولۇپ  ھەدىسلەردە ئەتتىگەندە تۇرۇپ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى باشلىغان مۆئمىننىڭ ئەسىر نامىزىنى قازا قىلماقلىق بىلەن شۇ كۈنلىك ئىبادىتى بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. شۇڭا دىققەت قىلىڭ.
يۇقارقىلار ئۆزەمنىڭ ناماز ئوقۇش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم. ھەم شۇنداق قىلىپ ئۈنۈمىنى كۆردۈم. شۇڭا ھازىر ناماز ماڭا مەجبۇرىيەت ئەمەس ھۇزۇرلۇق ئىبادەت دەپ بىلىمەن. توغرا كۆرسىڭىز سىزمۇ سىناپ بېقىڭ.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 09:29:22

بىلىۋالدۇق ئامان بۇلۇڭ .

adiyat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-14 12:00:17

شەرىئەت مۇسۇلماننىڭ زاھىرى ھالى بولسا، تەرىقەت باتىنى ھالى بولىدۇ.
نامازنى بەدەنلەر ئادا قىلىپ، روھ ئۇنىڭدىن غاپىل قالسا، ئۇ ھالدا ناماز بەدەن چىنىقتۇرۇشقا ئايلىنىدۇ. خۇددى ناماز ئوقوش ئۈچۈن ناماز ئوقوشمۇ بىر تۈرلۈك شىرىك.
نامازدىكى نىشان -  ھايا - ئاللاھ دەرگاھىدا بارچە خىيال ۋە ئۆزلۈكنى يوقوتۇپ ۋەھدەتكە يىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 20:40:53

ـتىمىنىڭ ىگىسى ۋە7-قەۋەتتىكى قىرىنداشلار سىلەرگە اللا رەخمەت قىلسۇن بەك ياخشى سوزلەپسىلەر پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق دىگەن (مۇناپىققا بامداد بىلەن خۇپتەن ىغىر كىلىدۇ )دەپ .شۇڭلاشقا پۇتۇن ھۇجودىمىز بىلەن اللاغا يۇزلىنەيلى ۋە اللادىن سورايلى اللا بەندەم قۇلىنى كۇتۇرۇپ سورىسا بەرمەسلىككە ۇيۇلىمەن.  .دىگەن ھەممىڭلارغا اللاغا امانەت ەسسالامۇ ەلەيكۇم:loveliness:

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 20:40:56

ـتىمىنىڭ ىگىسى ۋە7-قەۋەتتىكى قىرىنداشلار سىلەرگە اللا رەخمەت قىلسۇن بەك ياخشى سوزلەپسىلەر پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ەلەيھى ۋەسسالام مۇنداق دىگەن (مۇناپىققا بامداد بىلەن خۇپتەن ىغىر كىلىدۇ )دەپ .شۇڭلاشقا پۇتۇن ھۇجودىمىز بىلەن اللاغا يۇزلىنەيلى ۋە اللادىن سورايلى اللا بەندەم قۇلىنى كۇتۇرۇپ سورىسا بەرمەسلىككە ۇيۇلىمەن.  .دىگەن ھەممىڭلارغا اللاغا امانەت ەسسالامۇ ەلەيكۇم:loveliness:

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-22 21:44:04

ئادىياتنى تۈرمىدىن چىقىرۋەتسەڭلار بولمامدۇ، بەك ئۇزۇن يېتىپ كەتتىغۇ دەيمەن

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-23 09:07:30

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
تېمىدىكى «باتىنى»، «زاھىرى» دىگەن گەپلەرنىڭ مەنىسى نىمە؟
يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئەرەپچە ئوقۇشنى ئۆگىنىشىگە ماس كېلىدىغان ماتىريال بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 20:29:31

بۇنىمۇ كۆرۈڭلار http://www.salihlar.cn/asar/article.asp?id=243
بەت: [1]
: نامازنىڭ باتىنى شەرتلىرى