hazritili يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 17:42:19

2013-يىلى مەن ئوقۇغان كىتابلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazritili تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 17:45  


كىتاب ئوقۇش ياخشى ئادەت . ياخشى كىتابلارنى ئوقۇش كىشى قەلبىنى بېيىتىدۇ. مەنمۇ بىر كىتابخۇمار بەندە (ئۆزۈمنى ماختىۋالدىم –ھە) . تۆۋەندىكىسى مىنىڭ 2013-يىلدا ئوقۇپ چىققان كىتابلىرىم :


1.«ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام »---(ئىلكىتاب)


2.« ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ئوبرازى«---(ئىلكىتاب)


3.« تاغلار غولىغاندا»--- چڭغىز ئايتىماتوف


4.پارژدىكى بۇۋى مەريەم چىركاۋى---ھىيوگو


5.«ھەزىرتى ئائىشە»


6.« زۇلمەتلىك تۇپراق »---شەيخىم (تور ئەسىرى )


7.«ياخشىلار باغچىسى»


8.« ئىنسانلار باراۋەرسىزلىكىنىڭ مەنبەسى»---روسسو
بۇ كىتاب ھەققىدىكى كىتاب ئوقۇش خاتىرەم : 
http://www.blogbus.com/ordek-logs/243616416.html


9.«باي ئاكامنىڭ خورجىنىدىكى 68 گۆھەر»---روكفېللېر (ئادىل تۇنىياز تەرجىمە قىلغان )


بۇ تىمىغا كىرگەن دوستلار شۇنداقلا قېچىپ چىقىپ كەتمەي ، كونا يىلدا ئۆزەڭلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىنى ۋە يېڭى يىللىق ئوقۇماقچى بولغان كىتابلىرىڭلارنى يېزىپ قويۇپ چىقىپ كىتەرسىلەر –ھە!



2014-1-4

بۇ تىما ئىزدىنىش مۇنبىرى ۋە ئۆردەك بلوگىغا تەڭ يوللاندى

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 19:01:23

مەن 2013-يىلىدا  ياسىنجان سادىق چوغلانىنىڭ «باھادىرنامە»رومانى(6توم)،يۇسۇپ ئىلياسنىڭ «ئېغىر تىنىقلار»رومانى(2توم)نى ئۇقۇپتىمەن ئاران.ئەمما ھەركۈنى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تىما ئىنكاسلار ئۇقۇپ تۇردۇم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 19:07:02

ئاتىكاچىلىق قىلدى دەپ قالساڭلارمۇ مەيلى.
قۇرئاننى يىلدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئوقۇساقكەن دەيمەن.

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 19:17:37

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 19:07 static/image/common/back.gif
ئاتىكاچىلىق قىلدى دەپ قالساڭلارمۇ مەيلى.
قۇرئاننى يىل ...

مەنمۇ شۇنداق قارايمەن. چۈنكى ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىدا ، بېشىدىن ئۆتكەنلىرى كۆپەيگەنسىرى ، قۇرئاننىڭ ئىنسانغا تەسىرچانلىغى ئاشىدىكەن ، ئىنساننىڭ ئۇنى چۈشىنىش ئىقتىدارى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىدىكەن . باشقىچە ئېيتقاندا قەلبنىڭ ئۇنى سىڭدۇرۇشچانلىغى ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشچانلىغى تىزلىشىدىكەن. ھەر ئوقۇغاندا ھېس قىلغانلىرى تۇلىمۇ كۆپ بۇلىدىكەن.
قۇرئان كەرىم - سۇ بولسا ، ئىنسان قەلبى بەزىدە بۇ سۇنى  ئەينەكتەك پەقەتلا قۇبۇل قىلالمايدىكەن، بارغانسرى ھايات قىسمەتلىرى ئىنسان قەلبىگە  ئوغۇت بۇلۇپ ، ئۇنى مۇنبەتلەشتۇرىدىكەن-دە، قەلب قۇرئاننى ناھايتى ئاسانلا قۇبۇل قىلىدىغان ۋە ھايات ئېتىزىنى گۈل بىلەن پۇركەيدىغان بولىدىكەن.
گۇدلاكنىڭ ماۋۇ پىكىرىنى ئىككى قۇلۇمنى كۆتۈرۈپ قوللايمەن ۋە مەنمۇ دوستلارغا شۇنداق تەۋسىيە قىلىمەن.

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 19:40:57

بۇمۇ قىزقارلىق تېما بولغۇدەك ! قېىنى مەن بىر ئەسلەپ باقاي بۇلتۇر  قايسى كىتاپلارنى ئوقۇغاندىمەن !
   ئاۋۋال نىمە قىلىش كىرەك !
چارەك ئەر
شىرىن بۇلاق !
گۇناھ
زۇلمەتلىك تۇپراق
ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە سۇئال-جاۋاپلار
ئۇيقۇسىز كىچىلەر
پەيغەمبەرئەلەھىسالامىڭ مۆجىزىسى
....
يىزىپ كەلسە جىقكەن!
ئۇقۇۋاتقان تېخى ئوقۇپ بولالمىغانلارمۇ كۆپكەن !

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 19:54:52

ئويلاپ باقسام 2013.يىلى تۈزۈك بىرەرمۇ كىتاب ئوقۇماپتىمەن. ئەمما 10-15پارچىدەك 200 بەتلەرچە كېلىدىغان  سانائەت مەھسۇلات چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى ئوقۇپ چىقىپتىمەن.
ھەي.....
توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ ، ئۆچكە جاڭگال دېگەندەك ھەر ئادەمنىڭ قىزىقىشى باشقىدە.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 19:56:43

2013-يىلى مەن ھېچقانداق كىتاب ئوقۇپ باقماپتىمەن  ،جىق كىنو كۆرىۋەتتىم لېكىن

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 19:59:56

تۆھپەتۇل ئاشىقىن
شەرھى ئەسباب ئىككى توم
خام دورىلار ئىلمى ئىككى توم
سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دورا ئۆلچىمى (ئۇيغۇر تېبابەت قىسمى)
ئۇيغۇر تېبابىتىدە كېسەللىكلەرنى تۇنۇش ۋە داۋالاش دەستۇرى
ئۇيغۇر تېبابىتىدە جىگەر كېسەللىكلىرىنى داۋالاش قوللانمىسى
يېڭى ئوقۇغانلىرىمدىن  ئېسىمگە كەلگىنى ئىكەن .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 20:11:03


[*]سالچىلار  ( رومان)
[*]توختى پوكان چاتما ھېكايىلىرى 1-8- گىچە ( تور ئەسىرى )
[*]زۇلمەتلىك تۇپراق ( تور ئەسىرى )
[*]شىنجىاڭ مائارىپى
[*]شىنجىاڭ مەدەنىيىتى
[*]يەھۇدىيلارنى 3000 يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار ( تور ئەسىرى )

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 20:11:12

مەن دەرسىلىك كىتابىمنىلا ئوقۇپتىمەن {:116:}

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 20:15:27

مىنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىم تۆۋەندىكىچە
1. قۇرئان كېرىم (تۇلۇق ئوقۇپ بولمىدىم)
2.قۇرئاندىكى قىسەلەر
3.ئىسلام دىنى مەدىنىيىتىدىن ئۈنچىلەر (بۇ كىتابنى قاتتىق تەۋىسىيە قىلىمەن)
4.مەۋجۇتلىق تەشنالىقى
5.قىسەسۇل ئەنبىيا
6.تەڭرىتاغدىكى ئالتۇن كولدۇرما
7.一座城池  ( خەن خەننىڭ ئەسەرلىرىنى تەۋىسىيە قىلىمەن)
8.ھاياتلىق زەنجىرى
9.ئىدىقۇت يۇلتۇزى
10.ئەنجان باي
11.ئىز (قايتا ئوقۇپ چىقتىم)
12.مەن كۆرگەن دۇنيا(تەۋىسىيە قىلمايمەن)
13.بۈيۈك شاھمات تاختىسى (تەۋىسىيە قىلمايمەن)

2014-يىلى پىلانىمدا ئوقۇماقچى بولغان كىتابلار
1.قۇرئان كېرىم (داۋاملىق)
2.شىرىن بۇلاق
3.ياخشىلار باغچىسى
4.ئۆلىۋىلىش سەنئىتى
5.ئۆزىمىز يۈزىمىز كۆزىمىز
6.مىنىڭ مۇسۇلمان دادام
7.سالچىلار
8.كەچمىش
9.我是迭戈  (مارادونانىڭ ئۆز تەرجىمەھالى)
10.大清十二帝
11.中世纪维吾尔社会

ھازىرچە مۇشۇلار

meksika يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 20:18:38

2013-يىلى چەت تىلى  ئۈگىنىمەن دەپ 700 قىسىمدەك تېلېۋىزىيە فىلىمى ، 300 سائەتتەك رادىيو ، 50 پارچىدەك شۇ تىلدا يېزىلغان كىتاپ ، كۈندە 15 مىنۇت خەۋەر ، 20 مىنۇت تور خەۋەرلىرى ، كۈندە 1.5 سائەت دىئالوگ ....

2014- يىلى كىرىش  بىلەن  يەنە  مۇشۇ  تەرىقىدە ...
ئىسىت ئۆتكەن  جاپالىق  ۋاقتىم ، ئارامخۇدا قانغىچە  بىر  ئۇخلىۋېلىش مەن ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئۆزى  ھازىر ...{:90:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 20:19:27

كىتاپ يىغىپ بولالماي ئاۋارىمەن :L

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:04:14

ھەراست  «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى » ناملىق تور ئەسىرىنى مەن مۇشۇ كەمگىچە كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. يېقىندا ئاۋازلىق نۇسخسىنى ئاڭلاپ چىقتىم. ناھايىتى ياخشى يىزىلغان رومان ئىكەن.
بىراق يېقىندىن بېرى توردا ئېلان قىلىنغان «قىز كەلتۈرۈش كېلىشىمى» دىگەن ئەسەرنى ئوقۇپ سالماڭلار. لاۋزا لاۋزا.....

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:09:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-5 00:52  

2014-يىلى كىتاب ئوقۇماقچى بولغانلار، بۇ يەرگە كىرىڭلار:
www.birhon.com

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:14:58

IKSAK يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 20:15 static/image/common/back.gif
مىنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىم تۆۋەندىكىچە
1. قۇرئان كېرىم (ت ...

«تەڭرىتاغدىكى ئالتۇن كولدۇرماما » يېڭى چىققان كىتابمۇ ياكى كىتاب ئىسمدىكى خاتالىقمۇ ؟

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:18:08

2013 غا تەۋە
.ەنگىلىيەنىڭ ھايۋاناتلار قورۇقى .
.امرىكىنىڭ مىنىڭ دوستۇم مايكىل
سالچىلار 2توم نى وقۇپ تۈگەتتىم

.اۋازلىق .ەسەرلەردىن. مىسىرنىڭ تۈنجى مۇھەببەت ،
شىنجاڭنىڭ قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى قاتارلىقلارنى .اڭلاپتىمەن .....


تاختا كومپيۇتېردا يازغانلىقىم .ۈچۈن ھەمزىنى باسقىلى بولمىدى .امال قىلالىغانلار بارمىدۇ

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:19:20

IKSAK يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 21:04 static/image/common/back.gif
ھەراست  «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى » ناملىق تور ئەسىر ...

كاۋاپچىنىڭ خوتۇنى دىگەننى نەدىن تىپىپ .اڭلىدىڭىز

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:38:31

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 21:14 static/image/common/back.gif
«تەڭرىتاغدىكى ئالتۇن كولدۇرماما » يېڭى چىققان كىتابم ...

بىر «ما» ئارتۇق كىتىپتۇ. كولدۇرما ئىدى ئەسلى.  تۈزۈتۈش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

IKSAK يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:39:12

omar14 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 21:19 static/image/common/back.gif
كاۋاپچىنىڭ خوتۇنى دىگەننى نەدىن تىپىپ .اڭلىدىڭىز

«تۇرانىم» تورىدا بار.  
www.turanim.com
بەت: [1] 2 3 4
: 2013-يىلى مەن ئوقۇغان كىتابلار