ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 15:39:18

قۇياش ئىنىرگىيلىك توك مەنبەنىڭ تەننەرخى

تۇڭلاتقۇ ئا دەرىجىلىكلېرى كۈندە 400 ۋات ئەتراپىدا توك سەرىپ قىلىدۇ، تىلۋىزور 22 دىيوملۇقلېرى سائىتىگە 40 ۋات توك سەرىپ قىلىدۇ، كومپىئوتىر سائىتىگە 150 ۋات توك سەرىپ قىلىدۇ. كىر ئالغۇ 220 ۋات ئەتاپىدا بولسىمۇ كۈندە ئىشلەتمەيسىز...
تىلۋىزور بىلەن كومپىئوتىرنى كۈنىگە ئۇتتۇرا ھىساپ بىلەن 4 سائەت ئىشلەتسىڭىز، جەمئى 800 ۋاتقا يىقىن بۇلىدۇ.
كىر ئالغۇغا 50 ۋات قۇشۇپ قويساق 850، تۇڭلاتقۇنىڭكى بىلەن 1.25 كىلوۋاتتىن يۇقىرى بۇلىدۇ.
بىز ئادەتتە كۈنىگە 3.5 سائەت زەرەتلىنىدۇ دەپ قارايمىز، ھەم قۇياش باتارىيسىنىڭ ئەمىلى چىقىش قۇۋۋىتى %20 ئەتراپىدا ئاز بۇلىدۇ. يەنە ئاكۇمۇلياتور زەرەتلىنىش جەريانىدىمۇ ئىنىرگىيە خورايدۇ. بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ %25 دەپ تۇرايلى. يەنە ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردىمۇ نورمال توك تەمىنلەش ئۈچۈن %25 قۇۋۋەت قۇشۇپ قۇيىمىز.
خورايدىغان %25 نى 1250 ۋاتقا قۇشساق،1500 ۋاتتىن ئاشىدۇ،يەنە ئاۋۇ ھاۋارايىنىڭ قۇۋۋىتىنى قۇشساق،1.8 كىلوۋات بۇلىدۇ، دىمەك بىز ئۈچ يېرىم سائەتتە بۇ قۇۋۋەتنى تۇلۇقلىشىمىز كېرەك. ئەمىلى ئىشلىتىدىغان قۇياش باتارىيسىنىڭ قۇۋۋىتى600 ۋات ئەتراپىدا بولدى، بىز يەنە بۇ قۇۋۋەتنى ساقلايدىغان ئاكۇمۇلياتورنىڭ سىغىمىنى بىكىتەيلى. قۇياش ئىنىرگىيە ساھەسىدە مەخسوس ئىشلىتىلىدىغان ئاكۇمۇلياتور سىغىمى ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردە قۇشۇپ تەمىنلەيدىغان توكنىمۇ ساقلىيالىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاكۇمۇلياتورلارنىڭ كۆرسىتىلگەن سىغىمى  بىلەن ئەمىلى سىغىمنىڭ پەرقى چوڭراق، ياخشىراق ئاكۇمۇلياتورلاردا ئاكۇمۇلياتورنىڭ ئەسلى سىغىمى كۆرسىتىلگەن سىغىمنىڭ %60تى چىلىك بۇلىدۇ.  بىز 3.6 كىلوۋات بولغان سىغىمنى تۇشقۇزۇش ئۈچۈن 24 ۋولىت،250 ئامپىرلىق سىغىملىق ئاكۇمۇلياتور ئىشلىتىمىز. مەخسوس ئاكۇمۇلياتور ئادەتتىكى ئاكۇمۇلياتوردىن ھەسسىلەپ قىممەت بۇلىدۇ.
ئۇزۇن مەزگىل ئىشلىتىش ئۈچۈن سۈپىتى ياخشى بولغان قۇياش باتارىيسىنى ئالسىڭىز. 600 ۋات قۇياش باتارىيسى (زاۋۇتتىن)ھەر ۋاتى 20 يۈەندىن 12000 يۈەن، ئاكۇمۇلياتور 12 ۋولىت 250 ئامپىرلىقتىن ئىككىسى 3000 يۈەندىن كەم بولمايدۇ. يەنە باشقا تاشقى قاپ، زەرەتلەش-تەمىنلەش كونتۇروللىغۇچى ۋە تەتۈر ئۆزگەرىتكۈچلەر بار...
ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، بۇزۇلسا يەنە پۇل خەجلەيسىز، يەنە ھەر 4-5 يىلدا بىر قىتىم ئاكۇمۇلياتور ئالماشتۇرىسىز...
يۇقارقى ھىساۋات ئىچكىرىدىكى توپ باھا بۇيىچە ھىساپلاندى.
ئادەتتە تەننەرخى تۈۋەن مەھسۇلاتلار بازارنى ئىگەللەپ بولدى، ئالسىڭىز تۈزۈك ئىشلىمەيدۇ...
بەت: [1]
: قۇياش ئىنىرگىيلىك توك مەنبەنىڭ تەننەرخى