ياردەم: ۋىندوۋس 8 كۆك ئىكران بولىۋېلىپ قايتا قوزغىلىپ خاپا قىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى:مەن بۇلتۇر ۋىندوۋس 8 قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەندە ۋىندوۋس 8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋالغان ئىدىم. سېتىۋالغاندىن بۇيان سۈرئىتىنىڭ تىزلىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى ، ئۇيغۇرچىنى پەچەت قوللايدىغانلىقى سەۋەبىدىن كۆنۈپ قالغان ئىدىم.
لىكىن يېقىندىن بۇيان تورغا چىقىپ بولغىچە بولۇپمۇ بىر نەرسە چۈشۈرۈشنى باشلاپ بولغىچە كۆك ئىكران بولىۋالىدۇ. ھەمدە ئادەمنى ساز قىلغاندەك تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ.
«كومپيۇتېرىڭىز نامەلۇم مەسىلىگە يۇلۇقتى، قايتا قوزغىلىشى كېرەك» ئاستىدىكى قۇرغا «بىز پەقەت بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى يىغىمىز، ئاندىن كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغىتىمىز» ئۇنىڭ ئاستىدىكى قۇرغا «تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلەي دېسىڭىز توردىن تۆۋەندىكى ئۇچۇرنى ئىزدەڭ» دەپ ئىنگىلىزچە ھەرپلەر چىقىدۇ. ھەمدە قايتا قوزغىلىپ كىتىدۇ. قوزغالدىن كىيىن «كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەسىلىلەرنى مىكروسوفىتقا ئەۋەتەمسىز؟» دەپ تاللاش چىىقىدۇ. ئەۋەتىمەن دېسىمۇ ئەۋەتمەيمەن دېسىمۇ نەتىجە ئوخشاش.
ئادەتتە تورغا ئۇلىمىسام ئۇنداق بولمايدۇ. تورغا ئۇلىسام بەزى خېلى ئۇزۇن بەزى تېزلا يۇقارقىدەك بولىۋالىدۇ. توردىن بىرەر نەرسە چۈشۈرسەم تېخىمۇ تېز ئۆچىدۇ.
توردىن بىر نەرسە چۈشۈرەلمەي يا خاتىرجەم تورغا چىقالماي بەك زىرىكتىم.
مەنمۇ خېلى ئىزدەندىم، لېكىن نەتىجىسى ئوخشاش. سىستېمىنى قايتا قاچىلىماي ئامال قىلساق بولىتى.
مۇشۇ جەھەتتە ئۇستىلارنىڭ، مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇققانلارنىڭ تەجرىبىسى بىلەن ئورتاقلاشسام.
ماڭا ۋە ماڭا ئوخشاش ئەھۋالغا يولۇقۇپ بېشى قاتقانلارغا پايدىسى بولاتتى.
رەھمەت! :lol قايتا قاچىلىسىڭىز بولىدىغان ئوخشايدۇ ... خاتىرە كومپىيوتىرغۇ دەيمەن ھە,يەنە بىرسىگە تىلگىراف تەمىنلىگەن نومۇر ۋە مەخپى نومۇر ئارقىلىق ISPبىلەن نومۇر بۇراپ تورغا چىقىسىز شۇنداقمۇ ؟بۇ تور كارتا قوزغاتقۇچىسىنىڭ ئىشى , مەنمۇ ۋىن 8نى يېڭى ئىشلەتكەندە مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان ,تورغا چىققان ئېقىم مىقدارى ئازراقلا ئاشسا كۆك ئېكران بولىدۇ , باشقا ۋاقىتتا نورمال شۇنىڭدىن تورغا مۇناسىۋەتلىك قىسىمدا مەسلە بار دەپ ھۆكۈم قىلغان , سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ ئۇنداق قىلىپ,بۇنداق قىلىپ ئوڭشاپ بولالماي , ئاخىرى نومۇرنى كومپىيوتېردا ئەمەس بەلكى روتېردا بۇرايدىغان , كومپىيوتېرنى روتېرغا ئۇلىسىلا تورغا ئۇلىندىغان قىلىپ تەڭشەپ ئوڭشىۋالغان ,
ئەگەر سىزدىمۇ روتېر بولسا تىلگىراف تەمىنلىگەن نومۇر ۋە مەخپى نومۇرنى روتېر ئىچىگە تەڭشەڭ , ئاندىن كومپىيوتېرنى روتېرغا ئۇلاڭ , مەن سىمسىز ئۇلايمەن , سىملىق ئۇلىسىمۇ چاتاق يوق مەنچە.ئاندىن بەخۈدۈك تورغا چىقىڭ , كومپىيوتېرىڭىزدىكى ISPرىم دىگەن نومۇر بۇرىغۇچنى ئۆچۈرۋىتىڭ.لازىمى قالمىدى.ئەگەر سىزدە تىلگىراف بەرگەن ئوپتىك مودىم光猫 بولسا ,روتىر
تاپمىسىڭىزمۇ بولىدۇ , بۇنىڭ ئۆزىدە روتېرلىق خۇسۇسىيتى بار , لىكىن چەكلىۋىتىلگەن , يىشىپ ئالىي دەرىجىلىك ئىشلەتكۈچى ۋە مەخپى نومۇرىغا ئېرىشسىڭىز روتىرلىق رولىنىمۇ ئىشىلتەلەيسىز , بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Turker تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-4 13:18
gewala يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 12:00 static/image/common/back.gif
خاتىرە كومپىيوتىرغۇ دەيمەن ھە,يەنە بىرسىگە تىلگىراف ت ...
ياق، مېنىڭ ئۈستەل كومپيۇتېرى ئىدى. ياماقلىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قاچىلىساممۇ يەنە ئوخشاش مەيلى , سىناپ بېقىڭ چوقۇم بولىدۇ. gewala يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 13:13 static/image/common/back.gif
مەيلى , سىناپ بېقىڭ چوقۇم بولىدۇ.
ئۈستەل كومپيۇتېرىدا روتېر ئىشلىتىپ تورغا چىقسام ئاندىن ئوڭشىلامدۇ؟ ھەئە, يەنى سىز كومپىيوتېرنىڭ نومۇر بۇراپ ئۇلىنىش 拨号连接نى ئىشلەتمەڭ , نومۇر بۇراش ئىشىنى روتېرغا تاپشۇرۇڭ , ئاندىن كومپىيوتېرىڭىز روتېرغا ئۇلانسىلا تورغا چىقىدىغان بولسۇن , چۈشىنىشلىك بولدىمۇ كۆك ئىكراندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇسىڭىز،مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى دەپ بىرەتتى. gewala يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 18:21 static/image/common/back.gif
ھەئە, يەنى سىز كومپىيوتېرنىڭ نومۇر بۇراپ ئۇلىنىش 拨号连接ن ...
ئۇنداق بولسا روتېر سېتىۋالسام بولغىدەك kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-1-4 18:47 static/image/common/back.gif
كۆك ئىكراندىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇسىڭىز،مەسىلىنىڭ سەۋەبى ...
UNEXPECTED_KERNEL_MODE_TRAP چىققان خاتالىق ئۇچۇرى بۇلا ئەمەستۇ. تولۇق سۈرەتكە تارتىپ يوللاڭە. مۇشۇ تىمانىڭ باھانىسىدا مەنمۇ بىر قىيىنچىلقىمنى دەۋالاي:
خاتىرە كومپيۇتېر ئىدى، 64 لىكىنى قاچىلىغان، يېقىندىن بىرى ھەر ئىككىنجى قېتىم قوزغۇلۇشتا 你好دىن باشلىنىپ، دەسلەپ قاچىلىغاندا چىقىدىغان بىرقاتار چۈشەندۈرۈشلەر تۈگۈگەندىن كېيىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «باشلاش» دېگەن خەت ئۆزىچە بىرقانداق بەلگىگە ئۆزگىرىپ توختايدۇ، قايتا قوزغاتسام نورماللىشىدۇ، ھەرقېتىم مۇشۇنبداق قايتا قوزغۇتۇش ئېلىپ بېرىشتىن زىرىكتىم، بۇ كىسەلنىڭ قانداق دورىسى باركىن؟ بۇ يەردە ھەل قىلىش ئۇسۇلى باركەن،ئەسقاتامدۇ بىلمىدىم.
http://answers.microsoft.com/en-us/windows/forum/windows_8-system/unexpected-kernel-mode-trap-windows-8/bfc16b09-b395-413c-94af-2973fd621d95
بەت:
[1]