قۇياش ئىنىرگىيسىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىش قۇرۇلمىسى
قۇياش ئىنىرگىيسى ھەممىمىزگە مەلوم بولغىنىدەك پۇتمەس-تۈگىمەس تەبئى ئىنىرگىيە مەنبەسى.شامال،نۇر،ئىسسىقلىق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى يەرشارىمىز قۇياشتىن قۇبۇل قىلىدىغان ئىنىرگىيەلەردۇر. مەن 2002-يىللاردا بىرخىل قۇياش نۇرىنى ئاپتۇماتىك ئىز قۇغلايدىغان توك يۇلى ۋە قۇرۇلمىسىنى لايىھەلەپ،2003-يىللېرى كىچىك بىر تەجىربە ئىلىپ بارغان ئىدىم.ئۇ چاغلاردا بۇ تېخنىكا ساناقلىق كارخانىلارنىڭ تېخنىكا مەخپىيەتلىكى ھىسابلىناتتى.توك يۇلى ئسخىمىسى:
يۇقىرى تەرەپتىكى ئىككى قارشىلىق ئەسۋاپنىڭ سەزگۈرلۇك دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان بۇلۇپ،1كىلو ئومدىن20كىلوئومغىچە ئككىسى ئوخشاش قىممەتتە بۇلىدۇ.
يورۇقلۇق سەزگۇچى قارشىلىقلار بىر تۇسۇقنىڭ ئىككى تەرپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ئىككىسىگە چۈشكەن يورۇقلۇق مىقتارى سىلىشتۇرۇلۇپ ئا ب سىگنال ئۇچلاردا ئوڭ ياكى سولغا ئايلىنىش سىگنالى ھاسىل قىلىنىپ قۇياش باتارىيسى ۋە ياكى كۈن نۇرلۇق ئىسسىتىش ئۈسكىنىلېرى قۇياش تەرەپكە ئاپتۇماتىك تەڭشىلىپ تۇرىدۇ.بۇخىل توك يۇلى ئىككىسى بىللە ئىشلىتىلسە ھەر-قانداق بۇلۇڭغا تۇغرا تەڭشىلىدۇ(مەن ياسىغانىمدا مىلتىق ئورنىتىپ لامپۇچكىنى قارغا ئالدۇرسىڭىز ئوق 5مىتىر يىراقلىقتىكى لامپۇچكىغا دەل تىگىدۇ).
ئز قۇغلايدىغان راكىتالارغىمۇ مۇشۇ توك يۇلى ئاساسىدا يورۇقلۇق سەزگۇچى قارشىلىق ئورنىغا ئىسسىغلىق سەزگۈچى ئاماشتۇرلۇپ،باشلاش سېستىمىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
قۇۋۋىتىنى 10ۋات قىلىپ ئىشلەتسىڭىز خېلى تىز سۇرئەتتە ھەركەتلىنىۋاتقان نىشانغا تۇغرا ئەگىشەلەيدۇ.
تۈۋەندىكىسى مەن ياسىغان قۇرۇلمىنىڭ رەسىمى:قۇۋۋىتى 2ۋات،ئارتىلىدىغان قۇياش باتارىيلەر گۇرۇپپىسى 2توننا ئېغىرلىقتا بولسا قۇياشقا تۇغرا ئەگىشەلەيدۇ.
توك يول پەقەت ئاساسى پىرىنسىپ توك يۇلى، يەنە يورۇقلۇق مىقتارىغا قارىتا ئاپتۇماتىك ماشلىسىدىغان توك يۇلى قۇشۇپ ئىشلىتىلىدۇ، مەن ياسىغىنىممۇ 25 ۋات لامپۇچكىنىڭ يورۇقلۇقى بىلەن 7-ئايدىكى كۈچلۈك قۇياش نۇرىغا ئاپتۇماتىك ماسلىشىپ ئىشلەيدۇ. ئاللانىڭ بىزگە بەرگەن تۈگىمەس نىمىتى! يېقىندا مەلۇم بىر تور بېتىدە قۇياش ئېنىرگىيىسدىن پايدىلىنىپ يانفۇنغا توك قاچىلىغىغىلى بولدىغان قۇرۇلما ياساپ چىقىلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇ نەرسە بازاردا كۆپلەپ سېتىلىپ ئومۇملاشسا كۆپ قولايلىق بولار ئىدى choice يوللىغان ۋاقتى2014-1-4 09:45 static/image/common/back.gif
يېقىندا مەلۇم بىر تور بېتىدە قۇياش ئېنىرگىيىسدىن پايد ...
قۇياش ئىنىرگىيلىك كۈچمە توك مەنبە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىز بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئىش بار ئىدى. قىسقا ئۇچۇرنى ئەۋەتەلمىدىم. چ چ 289451281
بەت:
[1]