yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 23:38:44

لى لىەنجىې ئەپسۇسلىنىپتۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 07:38  

« شاۋلىن ئىبادەتخانىسى» فىلىمىدە رول ئېلىپ نام چىقارغان داڭلىق كىنو چولپىنى ئۆزىنىڭ شۇ كىنودا رول ئالغانلىقىنىدىن   ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى،  نۇرغۇن بالىلارنىڭ شاۋلىن چامباشچىلىقى مەستانىسى بولۇپ كېتىشىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى دەپتۇ يەنە داڭلىقلار، كىنولار دېگەندەك تەرەپلەرنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى تەسىرى ھەققىدىمۇ تەھلىل قىلىنىپتۇ. خەنسۇچە گەپنى چۈشۈنىدىغانلار كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن.
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjU2OTIzODY0/v.swf
مەنبە http://v.youku.com/v_show/id_XNjU2OTIzODY0_ev_1.html

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 09:42:35

ئالدىنقى ھەپتىدە مەركىزى تېلۋزىيە ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس خەۋەر قانىلىدا مۇنداق بىر ئىش خەۋەر قىلىندى، ئىچكرىدىكى يېزىدا 3 كىچىك بالا ئويۇن ئويناپ توساتتىن   دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كارتۇن فىلىم خوشال قوزىچاق فىلىمىدىكى  ئەسكى بۆرىنىڭ قوزىچاقلارنى ئوت قالاپ پىشۇرۇپ يىمەكچى بولغان كۆرۈنۈشىنى دوراش خيالىغا كېلىپ بىر بالا قالغان ئىككى ئوغۇلبالىنى باغلاپ ئۇلارغا ئوت قويغان، كېيىن بۇ ئىككى بالا ئېغىر دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلانغان، بالىلارنى داۋالىتىش ھەققىدى ناھايىتى يۇقۇرى بولغاچقا كۆيۈپ كەتكەن بالىنىڭ ئاتا ئانىسى بىللە ئوينىغان بالىلار بىلەن كارتۇن فىلىم شىركىتىنى سوتقا ئەرز سۇنغان.
مۇشۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ تېلۋىزور قاتارلىق تەشۋىقات ۋاستىسىنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 10:05:02

سىن ھۆججىتى ئىچىلمىدى...

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 10:17:03

كارتون فىلىم شىركەتلىرىگىمۇ تەسىرى بولامدۇ؟

خىيمەن بىلەن ئىسكىلىتشاھنى دوراپ قالسا چاتاقمۇ نىمە؟

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 10:20:47

فىلىم بىشىدا يالغان دەپ ئەسكەرتىدىغۇ

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 12:35:51

ئەسلى جوڭگودىكى كىنولاردىمۇ دەسلەپتە باشلانغاندا كورىيەنىڭكىدەك بۇ كىنو 12 ياشتىن تۆۋەنلەر كۆرۈشكە بولمايدۇ ۋە ياكى 19ياشتىن تۆۋەنلەر كۆرۈشكە بولمايدىغان فىلىم دەپ ئەسكەرتىپ قويۇش تۈزۈمىنى يولغا قويسا بۇلاتتى.  بېشىنى كۆرەلمىگەنلەرمۇ كىنونىڭ باشتىن ئاخىرىدا سول ئۈستى ۋە ياكى ئوڭ ئۈستىدە 19 12 6 دەپ يېزىغلىق بولىدۇ. بۇنىڭغا قاراپلا باللىرىنى ئۆيلىرىگە ئۆگىنىشكە كىرگۈزۋەتسە ۋە ياكى قانال يۆتكىسە ياخشى بۇلاتتى.
6ياشلىقلار كۆرۈشكە بولدىغان فىلىملەردە ئاساسەن قانلىق كۆرۈنۈش. مۇشىتلاش چامباشچىلىق چىقمايدۇ. بالىلارغا تەربىيۋى ئەھمىيتى بولدىغان كارتون ۋە ياكى بالىلار كىنولىرى بار.
12ياشلىقلاردا ئۇرۇش چېپىش يوق ئانچە مۇنچە مۇھەببەت تېمىلىرى بار .سۆيۈشۈش ياكى سېرىق كۆرۈنۈشلەر يوق.
19ياشلىقلارنىڭ ئۈستىدە قان. ئۇرۇش ۋە جەمىيەتتىكى ئىشلار ئاساسلىق مەزمۇن قىلىنغان . ھەم ئانچە مۇنچە غەربنىڭ كىنوغا چىقارمىسا بولمايدىغان كۆرۈنۈشلەرمۇ بار.  بۇنى توردا ئىزدىسىمۇ ئاۋۋال كىملىكىنى كىرگۈزۈش كىرەك ئاندىن ئىزدەش ماتورى يېشىغا ئائىت ماترىياللارنى چىقرىپ بېرىدۇ.
   ئىشقىلىپ جوڭگونىڭ ھىچقانداق بىر فىلىمىدە بالىلار كۆرمىسۇن ياكى مۇنداق كۆرۈنۈش بار دەپ كۆرسەتكىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ھوللىۋودنىڭكىدىمۇ بارغۇ كىنونىڭ باشلانغان ۋاقىتدا ..........
مۇشۇنداق قانۇنلارنى يولغا قويسا تەبئىيلا بۇنداق ئىشلار ئازىيدۇ.  بولمىسا چولپانلاردىن ۋە ياكى كىنولاردىن ئاغرىنىش بىھۇدە ئىش. گەپ مىدىيە قانۇنىدا. ئۇلار مۇقىم بىر قانۇن تۇزۇپ مۇشۇ بويىچە بولىدۇ دىگەندە ئوڭشىلىدۇ.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 12:40:20

شىۋىتسىيەدىمۇ 9دىن بۇرۇن  كولا گازلىق ئىچىملىك ئېلانىنى قويمايدىكەن. بالىلار 9دا ئۇخلىغاچ ئۇنىڭدىن كېيىن قويۇشقا بولدىكەن.ئېلاننىڭمۇ بالىلارغا بولغان زىينى كۆپ بولۇپ شۇنىڭغا قاراپ يىگۈسى ئىچكۈسى كېلىدۇ.مەكتەپكە يولغا سالغانكىن ماگزىنلاردىن ئېلىپ تېتىپ باقىدۇ.  بالىلار پروگراممىلىرى ئارىسىغۇ ئېلان قىستۇرمايدىكەن.  ئىشقىلىپ بالىلارنىڭ يىتىلىشىگە زىيانلىق ئىشلارنى چەكلەش كىرەك. ھازىرغىچە جوڭگو كىنو تېلۋىزىيە ئىشلىرىدا بىرەر يېڭلىق ئۆزگەرتىش بولۇپ باقىننى كۆرۈپ باقماپتىمەن .كۆردۈم دىسەم ئېلانلار تېخىمۇ جىقايدى . پۇل بەرسىلا مەھسۇلاتلارنى ھارماي داڭلايدۇ. مەھسۇلاتلارنىڭ يالغانلىقى ئاشكارلانغاندا ھىچقانداق جىنايىى جاۋابكارلىقى يوق تىنىچلا ئۆتۈپ كېتىدۇدە باشقا ئېلاننى قويۇشقا باشلايدۇ......

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 23:15:07

بۇرنى بولمىسا پۇق يەيدىغان نېمىلەركەن، ئۇ كارتون بىلەنغۇ پەقەتلا خوشۇم يوق، لېكىن مەجبۇر كۆرسىتىۋەرگەندىكىن كىچىك بالىلار كۆرۈپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. ئوتقا قاقلاپمۇ ئادەم پىشۇرغان بارمۇ ئەمدى...

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 23:16:02

نەدىكى تاينى يوق نەرسىنى قويۇپ بەرگەندىن چەتئەلنىڭ نادىر فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ قويۇپ بەرسە بولمامدۇ بۇ گۇيلارمۇ ...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 12:14:12

لىلىيەنجىيې مۇشۇ كىنونى ئىشلىگەندە بىر يۈەن مائاش ئاپتىكەنمىشقۇ؟

serqut يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 14:25:02

alshah يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 23:16 static/image/common/back.gif
نەدىكى تاينى يوق نەرسىنى قويۇپ بەرگەندىن چەتئەلنىڭ نا ...

دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، يېقىنقى يىللاردا مەيلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بولسۇن، مەيلى يۇرتىمىزنىڭ تېلېۋىزىيىسى بولسۇن چەتئەل فىلىملىرى ئومۇمىيۈزلۈك، كۆرۈنەرلىك ئازلىدى. قارىغاندا بۇنىڭغىمۇ مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ چەك قويغان بولسا كېرەك.

Kartal يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 17:37:05

كارتون فىلىملارنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن. مىنىڭ 4 ياشقا كىرگەن ئوغلۇممۇ، ئوۋتېمەننىڭ كارتونىنى بەك قىززىقىپ كۆرەتتى. مەنمۇ بوپتۇ دەپتىمەن. كىيىن قارىسام شۇنىڭ ھەرىكەتلىرنى دوراپ ئالدىغا كەلگەننى ئوۋتېمەنچىلاپ ئۇرىدىغان بولىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىنونى چەكلىدىم.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 19:04:27

serqut يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 14:25 static/image/common/back.gif
دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، يېقىنقى يىللاردا مەيلى مەركىز ...

بەزىدە ھىندىستاننىڭ كىنوسىنى جىق قويۇۋېتىدۇ، بەزىدە پەقەتلا قويمايدۇ، شۇنىڭغا قاراپ مەنمۇ مۇشۇ دەنشىدە قويىدىغان نەرسىمۇ ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ نېمە ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-1-5 23:51:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alshah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-5 23:54  

serqut يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 14:25 static/image/common/back.gif
دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، يېقىنقى يىللاردا مەيلى مەركىز ...

شۇنداق،  بۇنداق ئىشلار تېلېۋېزىيەدىلا ئەمەس ئېلكترون ساھەسىدىمۇ ئەۋج ئالغان. مەسىلەن ئېلكترونلۇق مەھسۇلاتلارنىمۇ جۇڭگۇ بازىرىغا كىرگەندە ئىنتايىن يۇقىرى باج تۈزۈمى بىلەن كىرىدۇ، شۇڭا باھا پەرقى بەك يۇقىرى... مۇشۇنداق قىلىپ تۇرمىسا بۇ ۋاققىچە لىيەنشىياڭ، خۇاۋېي... دېگەندەك جۇڭگۇنىڭ زاپەر ماركىلىرى ئاللىقاچان زاۋاللىققا يۈز تۇتقان بولاتتى. ناۋادا ئالما 5بىلەن خۇاۋېي پ6نىڭ باھاسى ئوخشاش بولسا كىممۇ خۇاۋېي تېلېفوننى تاللىسۇن...

يەنە بىر ئىش چەتئەللەردە ئىشلەنگەن كۆپىنچە تېلېفونلاردا ئۇيغۇر يېزىقىنى نورمال كۆرگىلى بولىدۇ. بىراق جۇڭگۇغا تەۋە ماركىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ھەتتا ھەرپلەرنىمۇ پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.
2006-2007-يىللىرى جۇڭشىن ئېلكترون شىركىتى  زاۋۇت تەرەپتىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى سەپلەپ يانفۇنمۇ تارقاتقان، بىراق شۇ بىر خىل تىپتىكى تېلېفون بىلەنلا توختاپ قالغان.  دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ يانفۇن ئىستىمالى جۇڭگۇدا خېلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇش كۆپ تەنەرخ كېتىدىغان ياكى سىستىمىغا يۈك بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، شۇنداق تۇرۇقلۇق تا ھازىرغا كەلگۈچە بىرەر جۇڭگۇ ماركىسىدكى ئېلكترون شىركىتى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قايتا چىقىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن بارىنىمۇ چەكلەپ تۇردى. توۋا دەيمەن بۇ خەقنىڭ ئىشلىرىغا ....

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 22:37:17

خەنسۇ چولپانلار ئىچىدە مۇشۇنداق گەپنى دېگۈچىنى تۇنجى ئۇچرىتىشىم.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-1-7 08:38:10

choice يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 09:42 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى ھەپتىدە مەركىزى تېلۋزىيە ئىستانىسىنىڭ مەخسۇ ...

شۇنداق ئىش بوپتۇ. مەن خەۋەرنىڭ كەينىنى كۆرۈپتىمەن. قوزىچاقنى ئىشلىگەنمۇ تارقاتقانمۇ ئىشقىلىپ مەسئۇل ئورگان تەرەپ 15% مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئاپتۇ. ئاتا ئانىسى 25% كەن. قالغىنىنى كۆرۈپ بولغۇچە ئۆتۈپ كەتتى، يا مەن چۈشەنمەي قالدىممۇ. خەۋەردە دېيىلگەنگەن مەزمۇنلار يەنىلا تورداشلارنىڭ بۇ ۋەقەگە بەرگەن ئىنكاسى.
بىرسى دەپتۇ: بىز كىچىكىمىزدە توم بىلەن جېۋرۈينىڭ قوچىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان، شۇنىڭدىمۇ زور ھەجىمدە زوراۋانلىق بار، ئەگەر كارتون كۆرۈپ زوراۋانلىق يۇقتۇرىدىغان ئىش بولسا پۈتۈن 80 نىڭ بالىلىرى زوراۋان بولۇپ كەتسە بولاتتى.
بۇنىڭغا جاۋاب: بىر فىلىمنىڭ ياكى تاراتقۇلاردا كۆپ قويۇلغان سىنلارنىڭ بالىلارنىڭ پىكىر يۆلىنىشىگە تەسىر قىلىشى بۇ مۇقەررەرلىك. لېكىن بۇ قۇيۇلغان مەزمۇنلارنىڭ كومىدىيە تۈسى زوراۋانلىق ئېلىمىنتىدىن ئېغىر بولسا كىشىلەر ئادەتتە ئاجىز تەرەپكە بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ. تەبىلا بۇ كارتون فىلىم كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ھەرگىزمۇ بىر بىرىگە قىلتاق قويۇپ ئۆچ ئېلىشكە ئۈندىيەلمەيدۇ. لېكىن ماۋۇ قوزىچىقىڭ ئۇنداق ئەمەس. ئازراقمۇ كومىدىيىسى بولمىغان بۇ كارتوندىن ئۆگىنىدىغىنى پەقەت ئۆچ ئېلىش، مۇغەمبەرلىك، ساختىلىق ... قاتارلىقلار.

بۇ تورداشلارنىڭ پارىڭىغا قاراپ خېلى ئىلمى پاراڭ قىپتۇ دېدىمغۇ مەن.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 16:11:46

قانداق قىلسام بالامنى شۇ قوزىچاقنى كۆرمەس قىلالايمەن...................
مەن بەكلا ئۆچ ئۇ كارتونغا
ئەمدى ئۇيغۇرچىسىغىمۇ تەرجىمە قىلىپتۇ:curse::curse::curse:

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-9 18:38:28

hoopeelover يوللىغان ۋاقتى  2014-1-9 16:11 static/image/common/back.gif
قانداق قىلسام بالامنى شۇ قوزىچاقنى كۆرمەس قىلالايمەن.. ...

1- مەن قار مەلىكە، ياغاچ قونچاق، باربىې مەلىكىنىڭ دېگەندەك كارتونلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تېپىپ بەردىم يەنە ئەڭ يېڭى كارتونلارنى توردا ئۇچراتسام ئۆزەم بىرقۇر كۆرۈۋېتىپ ئاندىن بالىلىرىمغا كۆرۈشكە بەردىم.
2- زېھنىي كىتاب، ئويۇنچۇق دېگەنلەرنى تاللاپ ئېلىپ بەردىم.
3- چىرايلىق رەسىملەرنى تېپىپ رەڭسىز، سىزما رەسىمگە ئايلاندۇرۇپ پرېنتلاپ ئۇلارنىڭ بويىشىغا بەردىم.

شۇنىڭ بىلەن قانداق كارتوننى كۆرسە بولۇدىغان، قاندىقىنى كۆرسە بولمايدىغانلىقىنى دېسەم شۇ بويىچە كۆرۈدىغان بولدى ھەم كارتون كۆرۈش قېتىمى كۆرۈنەرلىك ئازلىدى.

batman يوللانغان ۋاقتى 2014-2-2 11:41:24

بىزنىڭ چولپانلىرىمىز قاچانمۇ ئەپسۇسلىنار؟

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-2 14:13:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-2 14:50  

elham315 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-5 17:37 static/image/common/back.gif
كارتون فىلىملارنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرىگە سەل قارا ...

ئوۋتېمەن ئەمەس ئوسمان. بۇ تۈرك ئوسمانلى خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى باتۇر جەڭچى ئوسماننى باشتېما قىلغان فىلىم. ئىنگلىزچە ئوسمان خاننى ئوتتومان (Ottoman)، خەنزۇچە ئىنگلىزچىدىن دوراپ ئاۋتېمەن دەيدۇ. بىز ئەزەلدىن ئوسمانلى، ئوسمانىيە، ئوسمان دەپ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا يېڭى ئىسىم قويماڭ.
بەت: [1] 2
: لى لىەنجىې ئەپسۇسلىنىپتۇ