HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 22:43:43

wp8يانفونى توغرىسىدا بىردەم پاراڭلىشايلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HEZINE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 08:25  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!  ئارام كۈنلىرىمۇ كېلىپ قاپتۇ، windowsphoneسېستىمىلىق يانفونلارغا قىزىقىدىغان، ئىشلىتىۋاتقانلار بىردەم  مۇڭدىشىۋالايلى.
wpيانفونلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ تېمىلار يوللاندى. تېخى بىر،ئىككى يىل بۇرۇن كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ناتونۇش بولغان بۇ يېڭى سېستىمىلىق يانفونلارنى  ئەمدى پات-پات باشقىلارنىڭ قولىدا ئۇچرىتىپ قالىدىغان بولدۇق. سېستىمىسىنىڭ راۋانلىقى ، مۇقىملىقى، ئۇيغۇرچىنى مۇكەممەل قوللايدىغانلىقى ، پات ئارىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىقىدىغانلىقى ...ۋەھاكازالارنى ئەمدى يەنە دەپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار.
ئۆزۈمنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى lumia520t، نوكىيانىڭ ئەڭ ئەرزان،  ئەڭ كۆپ سېتىلغان wp8سېستىمىلىق يانفونى. ئەينى ۋاقىتتا مىڭ سومغا سېتىۋالغان. ئەمما نوكىيا يانفوننىڭ ئاپپاراتىغا  ھەقىقەتەن ئوبدان ئىشلەپ قويۇپتۇ، مېنىڭكى 5مىليون پېكسىللىق، لېكىن دۆلىتىمىزنىڭ 8مىليون پېكسىللىق يانفونلىرىدا تارتقان رەسىم مېنىڭكىدە تارتقىنىغا يېقىنمۇ كېلەلمەيدىكەن، بولۇپمۇ كېچىدە تارتقان سۈرەتلەر ئوبدانلا سۈزۈك چىقىدۇ.
سەپلىمىسىمۇ يامان ئەمەس، قوش يادرو، 1GH، ئىچكى ساقلىغۇچ 512Mb. قېتىۋالىدىغان، ئېغىرلىشىۋالىدىغان ئەھۋال يوق. xboxتىن 500Mbلىق ئويۇننى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، شۇنداق راۋان.  ئەگەر wp8سېستىمىلىق يانفون ئىشلەتكۈسى بار، لېكىن ئېكران، ئاپپاراتلىرىغا كۆپ تەلىپى يوقلار lumia525,lumia625, lumia720لارنى ئويلىشىپ باقساڭلار بولىدۇ. ھازىرقى باھاسى 1000-1400سوم ئەتراپىدا ئىكەن.

ئەمدى قولىدا wp8يانفونى بارلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا  دىققىتىڭلارنى ئاغدۇرغايسىلەر. بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، مەسىلەن بىز 50Mbلىق بىر ئەپنى چۈشۈرگەن بولساق، تولۇق قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن تەخمىنەن 100Mbلىق سىغىمنى ئىگەللىدى دېسەك، ئەگەر بۇ ئەپنى يۇيۇۋەتسەك ھەرگىزمۇ 100Mbسىغىم بىكار بولمايدىكەن. باشتا يانفونۇمغا بىرمۇنچە ئەپ-ئويۇنلارنى چۈشۈرۈپ، يارىمىغانلىرىنى يۇيۇپ ماڭغانسېرى  سىغىمى كىچىكلەپ كەتتى، ئەخلەت تازىلايدىغان بىرنەچچە ئەپنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، قىلچە پايدىسى بولمىدى. ئەسلى ھۆججىتى يۇيۇلماي ساقلىنىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تەڭشەكنىڭ ئىچىدىكى يانفوننىڭ ئىچكى سىغىمىنى تەكشۈرەيدىغان يېرى ئېسىمگە كەلدى، قارىسام راست دېگەندەك «ۋاقىتلىق ھۆججەت»لىرىم  300-400 مېگابايت سىغىمنى ئىگىلىۋاپتۇ. «ۋاقىتلىق ھۆججەت» دېگەننى چەكسەم «يۇيۇش» دەيدىغان تەڭشىكى چىقتى، ئەمدى جاجاڭنى يەرسەن دەپ يۇيۇشنى تاللاپ قويۇپ، بىردەم ساقلىسام جىم، يەنە قايتىدىن تاللاپ بىرەر سائەت ساقلاپ باقسام يەنە جىم، ئاخىرى مانا ئەمىسە دەپ بىر كېچە قويۇپ قويدۇم، لېكىن يەنىلا بۇرۇنقى پېتى تۇرۇپتۇ.  توردىن  ئاختۇرسام بۇنىڭمۇ جاۋابى چىقتى. ئەسلى بۇ ئىشلىمەيدىغان ئىقتىدار ئىكەن، قارىغاندا كىيىنچە ياماقلىرىنى چىقىرىپ  ئوڭشايدىغان ئوخشايدۇ. ئەمدى بۇ ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرگە كەلسەك ناھايىتى ئىپتىدائىي، ئەمما ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىدىكەنمىز. يەنى يانفوننىڭ چېسلاسىنى نەچچە يىل كەينىگە سۈرۈۋەتسەكلا بولىدىكەن.  تەپسىلىي ئېيتساق يانفوننىڭ چېسلاسىنى 2020،2030-يىلى دېگەندەك نەچچە يىل كەينىگە تەڭشەپ، مۇقىملاشتۇرىۋەتكەندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر شۇ زاماتلا يوقايدىكەن، ئاندىن چېسلانى يەنە توغرىلىۋالساق بولىدىكەن. بۇ ئۇسۇلنى ئۇقمايدىغانلار بولسا، بىر مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ ناھەق ئىگىلەنگەن سىغىمىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىۋېلىڭلار.
http://ww4.sinaimg.cn/mw690/672a7295jw1ec6rns34bdj20r40mewgq.jpg

windowsphone ئەپلىرى
wpيانفونلىرىنىڭ گېپى چىقسىلا «ئەپلىرى بەك ئاز» دەپ قاقشايدىغانلار جىق. ئەگەر ios،android سېستىمىلىرىنىڭ ئەپلىرىگە سېلىشتۇرساق ھەقىقەتەن ئاز، لېكىن ئادەتتە بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەپلەر، داڭلىق ئويۇنلار ئاساسەن تولۇقلىنىپ بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختىماي كۆپىيىۋاتىدۇ، شۇڭا مۇشۇ سەۋەپتىن wpيانفونلىرىنى ئىشلىتىشتىن ئىككىلىنىپ قالغانلار بولسا، مەنچە كۆپ ئويلىنىپ كەتمەڭلار.  
تۆۋەندە «زادى قاچىلىمىسا بولمايدۇ» دەيدىغان بىر نەچچە ئەپلەرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بىلمەي يۈرگەنلەر بولسا قاچىلىۋالغاي.

1. قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى - al quran
http://ww3.sinaimg.cn/mw690/672a7295jw1ec6rn6dhejj21i20meqam.jpg
بۇ ئەپكە مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىسنىڭ ھۆججىتى تەمىنلەنگەن، «تەرجىمىسىنى تاللاش» دېگەن جايدىن تاللاپ چۈشۈرىۋالساڭلار بولىدۇ. خەت نۇسخىسىwin8،wp8لەرنىڭ خەت نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش، ئەرەپچە خەت نۇسخىسىمۇ شۇنداق نەفىس، ئوقۇماققا راھەت، يەنە كېلىپ  داڭلىق قارىلارنىڭ قىرائىتىنى تاللاپ چۈشۈرىۋالغىلى بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/al-quran/c93f42cb-c64f-45eb-a628-a24891d82a4c

2.ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ
http://ww3.sinaimg.cn/mw690/672a7295jw1ec6rnagq4ej21ik0m8n3i.jpg
wp8يانفونلىرىرىغىمۇ iphoneئوخشاش ئۈچىنچى تەرەپ كىرگۈزگۈچنى قوشقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھازىرچە بەزى ئەپلەردىن پايدىلىنىپ خەتنى يېزىۋالغاندىن كىيىن كۆچۈرۈش-چاپلاش مەشغۇلاتى بىلەن ھاجىتىمىزدىن چىققاچ تۇرىدىغان گەپ. ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتىن تۆتى چىقىپ بولدى، لېكىن بىرسى ھەقلىق، يەنە بىرسى ياخشى ياسالمىغان ،يەنى ھەرپلەرنى قاتار دۆۋىلەپلا قويغان، ئىشلىتىش بەكمۇ قولايسىز. شۇڭا قالغان ئىككىسىنىلا تونۇشتۇراي.
بىرسى ئابلىكىم ئەپەندى(ئابلىكىم  تور خاتىرىسى) ياسىغان uyghur keyboard، يەنە بىرسى چەتئەللىكلەر ياسىغان، بىرنەچچە قېرىنداشلىرىمىز ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشپ، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى قوشقۇزغان my keybo plusدېگەن ئەپ. ھەر ئىككىسى ئىشلىتىشكە قولايلىق، ئوبدان ياسالغان.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
uyghur keyboard:
http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/uyghur-keyboard/af54c655-91fc-4e6f-a562-4c5ed208b574
my keybo plus:
http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/my-keybo-plus-free/8f3df4b3-4def-430a-a24c-78cf3c814a02

3.خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت sdict(超级辞典)
http://ww2.sinaimg.cn/mw690/672a7295jw1ec6rnpm0t2j214o0moq6z.jpg
ئۆتكەندە بىر قېرىندىشىمىز ئالىپ تورىغا بۇ لۇغەتنى ۋەقاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ بىر تېما يوللاپ قويۇپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن  wpيانفونلىرىدا ئۇيغۇرچە لۇغەت بولماسلىقتەك بوشلۇقمۇ تولۇقلاندى. لۇغەتنى سۆزلۈك ئامبىرى قاچىلاش شەكلىدە ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ياسىۋالىدىكەنمىز.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/%e8%b6%85%e7%ba%a7%e8%af%8d%e5%85%b8/e6276e16-c216-4c21-997d-66ead87ffdeb
ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرى قاچىلاش ئۇسۇلى:
http://alip.biz/thread-21521-1-1.html

4.سىن قويۇش دېتالى-moliplayer(魔力播放器)
http://ww1.sinaimg.cn/mw690/672a7295jw1ec6rnl5vuwj20r80ma42c.jpg
wpئەپ دۇكىنىدىكى بىردىنبىر مۇكەممەل سىن قويغۇچ(مېنىڭ بىلىشىمچە). لېكىن ھەقلىق، ھەقسىز دەپ ئىككىگە ئايرىلغان. ھەقسىزنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، flv mp4 mkvلارنى راۋان قويالىدى، لېكىن mkvنىڭ ئاۋازى چىقمىدى. fv4دېگەندەك بەزى  سىن ھۆججەتلىرىنى قويالمىدى. ھەقلىق نۇسخىسىنى سىناق قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، ئۇنىمۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باقسام مەن قاچىلىغان ھەممە فورماتتىكى سىن ھۆججەتلىرىنى نورمال قويالىدى. لېكىن شۇ باھاسى سەل قىممەت، 18سوم ئىكەن. لېكىن ئەرزىگۈدەك دەپ قالدىم.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ھەقلىق نۇسخىسى:
http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/moliplayer-pro/19ea6d3e-e3d9-401d-b30a-f6471811fe08
ھەقسىز نۇسخىسى:
http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/moliplayer/fa72694a-d597-4d18-b4e8-fafdf57b345f

5.微疯客手机助手
http://ww1.sinaimg.cn/mw690/672a7295jw1ec6rny3ozsj20qw0mcwj5.jpg
بۇ ئەپنى تەۋسىيە قىلىشىمدىكى بىردىنبىر سەۋەب، بۇ ئەپنىڭ windowsphone دۇكىنىدىكى ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىنغان ئېسىل دېتاللارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارى. ھەركۈنى دېگۈدەك ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىنغان دېتاللار چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆزىڭىز ياقتۇرغان، لېكىن ھەقلىق دېتاللارنى تاللاپ قويسىڭىز، شۇ دېتال ۋاقىتلىق ھەقسىز قىلىنغاندا سىزگە ئەسكەرتىدىغان قىلىپ تەڭشىگىلى بولىدۇ.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/微疯客手机助手/86f26f7d-c4de-4a49-ac51-9ae63fc334f6

6.rssئوقۇغۇچ- 鲜果
http://ww2.sinaimg.cn/mw690/672a7295jw1ec6ro50xmwj214o0men12.jpg
راستىنى ئېيتسام باشقا rssئوقۇغۇچلارنى سىناپ باقمىدىم، مۇشۇنى بىر چۈشۈردۈم، ياراپ قالدى. ئىشلىتىش ئەپلىك، بىر نەچچە ئالاقە تورىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئارا ھەمبەھىر قىلغىلى بولىدىكەن. مەسىلەن سىنا مىكرو بلوگىدىكى مەزمۇنلارنى تېڭشۈن مىكرو بلوگىغا ھەمبەھىرلەپ دېگەندەك. ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ، مەسىلەن: birhon، alimahat،维吾尔....دېگەندەك ،ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بلوگ، تور بەتلەرنى قوشۇۋالسىڭىز بولىدىكەن.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.windowsphone.com/zh-cn/store/app/鲜果/bcde98ba-3462-4cf3-93a5-581ef288f0c3


مۇشۇنچىلىك يوللاي، يەنە باشقا ئېسل ئەپلەر بولسا ئىنكاس بىلەن تولۇقلىۋېتەرسىلەر.

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 08:33:56

باشقۇرغۇچىلار،كومپيۇتېرىم windows7سېستىمىلىق، ie10نى ئىشلىتىۋاتقان. تېما يوللاي دېسەم رەسىم، ئۇلىنىش قوشىدىغان تەھرىرلەش ستونى كۆرۈنمىدى.  firefoxنى چۈشۈرۈپ ئاندىن رەسىم قوشۇپ تەھرىرلىيەلىدىم.
http://ww3.sinaimg.cn/mw690/672a7295jw1ec7b0pevg3j20tf0je444.jpg

tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 09:27:07

ئوبدان تىما بوپتۇ. ئەلانى بىسىپ قويدۇم..

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 10:56:04

خېلى بولدى ماۋۇ تېلېفوننى ئالاي دەپ يۈرىۋاتقىلى: HTC 8X(C620e)3G.
ئەزالار ئىچىدە بۇ تېلېفوننى ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا، بىر باھا بىرىپ باقساڭلا.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 11:27:47

يانفۇنىدا قۇرئان كەرىم ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان ئەپ بارلار قاراپ بېقىڭلار , ئال ئىمران سۈرىسى84-ئايىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئىساغا بېرىلگەنگە  دىگەن سۆز بارمۇ يوق ,يەنى تىرناق ئىچىدىكى ئىنجىلغا دىگەن سۆزنىڭ ئالدىدا , مەندە بار بارىلىق يانفۇن قۇرئان كەرىم ئەپلىرىدە ئۇ سۆز چۈشۈپ قاپتۇ
قارىغاندا ئوخشاش مەنبەنى ئىشلىتىدىغان ئوخشايدۇ .ئالما ۋە ئاندىروئىد ئىشلەتكۈچىلەر قاراپ بېقىڭلار , مەن wp8ئىشلىتىمەن.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 11:38:55

بالىلار مۇشۇ ۋىنفوننىڭ قوش كارتىلىق ئېكران چوڭراق چىقىدىغانلىرى بارمۇ بولسا بىرنى سېتىۋالاي دىگەن ماۋۇ ئالمىنىڭ سىگىنالىدىن سامسوڭنىڭ ئۇششاق چاتاقلىرىدىن بەكلا زىرىكتىم  .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 12:06:46

gewala يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 11:27 static/image/common/back.gif
يانفۇنىدا قۇرئان كەرىم ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان ...

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز»

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 12:08:41

مەنمۇ ئاندرويىتىن سەل زېرىكىپ قالدىم، كېلەر قېتىمقى پىلانىمدا ئالما ياكى ۋىندوۋس فون ئويلىشىۋاتىمەن، ۋىندوۋس فوننىڭ ئەپلىرى بەك ئالىدىغان ۋاقتىمدا كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىسا ئالما ئېلىشىم مۇمكىن.
ۋىندوۋس ئىشلەتكەنلەر چورتلا قاتمايدىكەن، سۈرىتى ئاتتەك تىزكەن دىيىشىدىغۇ.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 12:17:29

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 12:06 static/image/common/back.gif
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ﷲ غا ئىمان ئېيت ...

ئاندىروئىدتىمۇ شۇنداقكەندە ،  ئالما ئىشىلتىدىغانلار بىلەنمۇ ئالاقىلاشتىم ، ئالمىدىمۇ شۇ سۆز چۈشۈپ قاپتۇ ، قارىغاندا ئەپ ئاچقۇچىلار توردىكى  بىرلا مەنبەنى ئاساس قىلدىغان ئوخشايدۇ ، شۇ مەنبە ئىگىسى بىلەن ئالاقە قىلىپ  تۈزۈتىش پىكىرى بەرسەك بولغۇدەك.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 12:35:19

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 12:08 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئاندرويىتىن سەل زېرىكىپ قالدىم، كېلەر قېتىمقى پ ...

ۋىنفون ئېلىڭ  قەتئىي  پۇشايمان قىلمايسىز ،  ئادەتتە ئىشىلتىدىغان  ئەپنىڭ ھەممىسى بار ،  ئويۇن  سانى جەھەتتە ئەلۋەتتە ئالما ،ئاندىروئىدقا  تەڭ  كەپ بولالمايدۇ نىملا قىلمىسۇن يېشى كىچىك ئەمەسمۇ تېخى ، ئەمما ئەپ قوشۇلۇش  سۈرئېتى  تېزلىشىۋاتىدۇ ، ئەپلەرنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئېتىمۇ تېزلىشىۋاتىدۇ ،  بارا -بارا  ئالقىشقا  ئېرىشىۋاتقانلىقىنىڭ  سەۋەبىغۇ ،بۇ جەھەتلەردە سىز بۇ ئىشنىڭ ئەھلى، ئالدىڭىزدا كۆپ سۆزلەش  ئارتۇقچە ، ئەپ ۋە ئويۇن  جەھەتتە  ئاغرىنىپ باقمىدىم  ، ئىچىمنى ئەڭ  سىقىۋاتقىنى  ئۇيغۇرچىنى  تېخىچە قوشمايۋاتقىنى  ، ئۇيغۇرچىسى  چىقىدۇ دەپ  يۈگۈرۈپ  بېرىپ ، ئىسىملىرىمىنى  تىزىملىتىپ قويۇپ  ئەكەلدۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقىلىمۇ بىر يىل بولدى  ھېچ چىقاي دىمەيدۇغۇ ، ئىڭەك چۈشۈپ قالاي دىدى ساقلاپ. يازغان تەكلىپ  ،تاشلىغان بىلەتمۇ بىر يەرگە باردى بولمىسا ،سىزگە لۇمىيا 920نى تەۋىسىيە قىلىمەن ، بىر يىل ئىچىدە باھاسى خېلىلا چۈشتى ، چوقۇم رازى بولىسىز ، مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم  كۆچمە نۇسقىسى.

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 12:44:33

my keybo plusقا  ئۇيغۇرچىنى  مەن قاتقۇزغان .:lol

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 13:00:09

ۋوي, ئەسلى پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمانلار ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىدىلا بار دەڭە.  

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 13:01:04

ۋوي, ئەسلى پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمانلار ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىدىلا بار دەڭە.  

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 13:35:18

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 13:01 static/image/common/back.gif
ۋوي, ئەسلى پەردە ئارقىسىدىكى قەھرىمانلار ئىزدىنىشنىڭ  ...

مۇشۇ ۋىندوۋىسنىڭ يانفۇنلىرىنىڭ قوش كارتىلىقلىرى بارمىدۇ ؟

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 14:02:55

OWQI312 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 13:35 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ۋىندوۋىسنىڭ يانفۇنلىرىنىڭ قوش كارتىلىقلىرى بار ...

ھازىرچە يوق، پات يېقىندا چىقىرىدىغان ئوخشايدۇ.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 14:48:52

HEZINE يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 14:02 static/image/common/back.gif
ھازىرچە يوق، پات يېقىندا چىقىرىدىغان ئوخشايدۇ.

ئۇنداقتا يەنە بىر مەزگىل ساقلاپ تۇرسام بولغىدەك

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 15:54:41

تىلگىرافنۇسقىسى يوقمىدۇ

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 16:46:35

Lumia 1520 نى ئىشلىتىۋاتقىلى 20كۇندىن ئاشتى ، كاساپەتنىڭ توكى ئوبدان يىتىدىكەن ، بىراق ئىكران سىزىشچانلىقى بەك سەزگۈر بولۇپ بەزىدە خەت يازسا ئىككى ئۈچ بىسىلىپ كىتىپ باشنى قاتۇردى ، ئاپاراتىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ ، ئەگەر چوڭ ئىكرانلىق تىلفۇن ئالىمەن دەيدىغانلار بولسا مۇشۇنى تەۋسىيە قىلىمەن ...

meksika يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 16:48:46

ھازىر  بۇ نۇسخىدىكى  تېلېفون قانداق بولۇپ  كەتتى ؟ بۇ تېلفۇن شىركىتى نوكىيانى  مىكروسوفت سېتىۋاپتۇ  دەۋاتقانغۇ ؟ بۇ  تېلېفۇنلارنى سېتىۋالساق  كېيىن مۇلازىمەت  قانداق  بولا ..

mux يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 18:24:21

gewala يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 11:27 static/image/common/back.gif
يانفۇنىدا قۇرئان كەرىم ۋە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان ...

مىنىڭكىدە مۇنداقكەن.
كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيري دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى ) قۇبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.
بەت: [1] 2 3
: wp8يانفونى توغرىسىدا بىردەم پاراڭلىشايلى