jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:08:10

ھاياتلىق بەك قىممەتلىك ، شوپۇر دوستۇم ، ماشىننى ئاستا ھەيدەڭ...

http://v2.freep.cn/3tb_140103175013net7512293.jpg
شۇنداق ،ھاياتلىق ئۈچۈن قانداقلا قىلسا ئەرزىيدۇ ،  قاراڭلار ، ھاياتلىق ئۈچۈن ئەگىلمە ياسىغان بۇ گۈزەل يوللارغا ،  ئاللاھ بەرگەن ئەزىز جاننى ئەزىزلەش ، قەدىرلەش بىر مۇسۇلماننىڭ ئەڭ ئەقەللى ، ئەڭ بۈيۈك ۋەزىپىسىدۇر ، ئەپسۇسكى ، بىز ئازغۇن بەندىلەر ۋاقىتلىق تۇيغۇمىزغا ئالدىنىپ ،  كىچىككىنە دىققەتسىزلىك تۈپەيلى شۇنداقلا تويماس بالايى ئاپەت بولغان نەپسىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇ ئەزىز تېنىمىزنى خالىغانچە خارلايدىكەنمىز ، ساپ ھاۋانىڭ ئورنىغا سېسىق ئىسلارنى ،  ئىسسىق چاينىڭ ئورنىغا ئاچچىق بەدبۇي ئىسپىرتلارنى ئىستىمال قىلىپ تۇرۇپ يەنە ئاللاھدىن سالامەت قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدىكەنمىز ، سۆزلىسەك ئەمەلى تۇرمۇشىمىزدا تېنىمىزنى خارلاۋاتقان مىساللىرىمىز يەتكۈچە ،  ئاپتۇموبىلنىڭ ئائىلىشىشىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ خارلاشلار ئۈستىگە قوشۇلۇپ قاتناش ۋەقەسى دەيدىغان بىر ئۇقۇم ھەممەيلەنگە شۈركىنىشلىك ھالىتى بىلەنلا سىڭىپ بولدى ، نۇرغۇن ياشلىرىمىز پۇلى كۆپ دادىسىنىڭ ئېلىپ بەرگەن نەچچە يۈزمىڭ سوملۇق ماشىنلىرى بىلەن بىللە «كېرەكسىز» بولۇپ جېنىدىن ئايرىلماقتا ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز مىجەزىدىكى كىچىككىنە يىتەرسىزلىكنى يول قاتناش ئىشلىرىغا سۆرەپ ئېلىپ كىرىپ ئۆزى ۋە ئېلىپ ماڭغان نۇرغۇن ئىسسىق جانلارنىڭ سوغۇق مۇردىغا ، ھەتتا بىرەر پارچىسىمۇ پۈتۈن ئەمەس گۆش قىيمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويماقتا
چوڭلار توغرا ئېيتقان ، «كوزا كۈندە سۇنمايدۇ ، كۈنىدە سۇنىدۇ» ، تەكرارلىنىۋاتقان «دىققەت قىلىڭ»لار ،  سۇرئەت ئاستىلىتىش بەلۋىغى ،  يول يوللاردىكى كۈزىتىش ئاپاراتى ، رەسىم تارتىش ئاپاراتى دىگەنلەر پەقەت بىزگە ئەڭ ئەقەللى ئاگاھلاندۇرۇشلارنىلا بېرەلەيدۇ ، پەقەت ئۆزىمىز ھەقىقى دىققەت قىلغاندىلا تۆۋەندىكى ھەركەتچان رەسىملەردە ئىپادىلەنگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر بىر ئاز ئازىيىشى مۇمكىن............
يەنىلا دەيدىغنىمىز  : ماشىننى سەل ئاستا ھەيدەڭ...

http://v1.freep.cn/3tb_1401031713223oct512293.gif

http://v1.freep.cn/3tb_140103171504b87l512293.gif

http://ww1.sinaimg.cn/bmiddle/9764bb42jw1e4b8v3ilawg20960611kk.gif

http://gaoxiaotu.cn/uploads/allimg/120215/1-120215124I1.gif

http://ww2.sinaimg.cn/mw600/897e7e31tw1dxy8n0vh1sg.gif

http://i2.hoopchina.com.cn/blogfile/201304/17/136621135939001.gif

http://s1.t.itc.cn/mblog/pic/201110_14_11/3790510548915813.gif

http://www.cheyouleyuan.com/image/aa50.gif

http://s3.t.itc.cn/mblog/pic/20127_19_15/08174584948340903.gif

http://ww2.sinaimg.cn/large/a09fe193gw1dxopw82c6vg.gif

http://t1.cnool.net/i/attachments/1/1317019672369748_orig.gif

http://ww4.sinaimg.cn/bmiddle/6cbe1df5jw1e2wmcb22agg.gif

يەنىلا دەيدىغىنىمىز ،  ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەڭ...

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:15:34

ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ ياخشى بەندىلرىڭنى ئۆز پاناھڭدا ساقلىغايسەن. مىجەزىمدىكى يېتەرسزلىكىنى تۈگىتىشكە چوقۇم تىرىشمەن. جەۋلان ئەپەندىمگە رەھمەت.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:21:15

ئەڭ ئاستىدىكى ئىش بەك ئېچىنىشلىق ، مىنىڭ يېقىنىم ئۆز بالىسىنى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈپ قويدى ، ھەممىڭلارغا دەيدىغىنىم ماشىنا ھەيدەپ بولۇپ پىيادە ۋاقتىدا ماڭغان يوللىرىڭلارنى ھىسياتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 17:07:56

ئا ... مېنىڭ بىر ئاغىنەم بولىدىغان، ساپ ماشتا رىسىم سىنلارنى كۆرىدىغان بىيەنتەي.
قاچان ئېچىلا دەپ قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن، ئازراق ئەسكەرتىش بېرىپ قوياتتۇق بۇنداق زوراۋان كۆرۈنۈشلەرگە.:dizzy:

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 19:03:08

http://v2.freep.cn/3tb_140103175013net7512293.jpg
جوڭگۇدا مۇشۇنداقراق يولدىن بارمىدۇ؟

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 19:43:04

yolyar يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 19:03 static/image/common/back.gif
جوڭگۇدا مۇشۇنداقراق يولدىن بارمىدۇ؟

كەلگۈسىدە چوقۇم بولارمىكىن ...

1990Uy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 20:51:35

ئاخىرقىسى بەك ئىچىنىشلىقكەن

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 21:41:47

رولغا چىققاندا چوقۇم  بىرىنچى بوپ ‹ بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىيم › دەيمەن. ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلار...

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 22:08:15

تۇرپان شەھەر ئىچىدە بىرتۈپ جۈجەمنى مۇشۇنداق ساقلاپ قالغان يول بار،يەنە  يېزىلاردىكى ئاق كۆڭۈل دىھقانلىرىمىز دائىم ھەرقانداق ھاياتلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ ،ئۆي يول ،ئېغىل ،ئورۇنلاشتۇرىدىغۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 00:24:51

ھەممە ئىشلار چاقماق تېزلىكىدە ،  جانابى ئاللاھ بۇلتۇر ھاياتىمنى يەنە بىر مەرتە ئىلتپات قىلدى. ماشىندىن پەسكە چۈشۈپ يولدا ئۆرە تۇرغىنىمنى بىلىمەن باشقىسىنى ئەسلىيەلمەيمەن . دەل شۇ پەيتتە خاتىرەمنى يوقاتقان بولسام كېرەك . كۆرگۈچىلەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا ماشىنا مىنى ئۈسسىگەندىن كىيىن مەن خۇددى ‹نۇرەك ياكى نۇر› دەك قاتتىق پىرقىراۋاتقىدۇكمەن، ئەمدى ئويلسساممۇ بىرئاز قورقۇنۇش باسىدۇ. دىمەك ئەڭ ياخشسى ئۆزىمىزنى ئاللاھقا تاپشۇرايلى ھەم تۆگىمزنى مەھكەم باغلايلى .

musapir911 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 05:41:35

ناۋادا ئاۋۇ يول بىزنىڭ مەھەللە تەرەپلەردە ياسىلىپ قالدىغان بولسا يولنىڭ لاھىيەسى پۈتمەي تۇرۇپ باشلىقلىرىمىز بىچارە دەرەخنى كىسىپ ئادەم كۆرمەيدىغان تامنىڭ بۇلۇڭىغا  تاشلاپ سەل قۇرۇغاندىن كىيىن  تۇنۇرغا تۇترۇق قىلىتى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 07:43:31

karizqi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 22:08 static/image/common/back.gif
تۇرپان شەھەر ئىچىدە بىرتۈپ جۈجەمنى مۇشۇنداق ساقلاپ قا ...

ئاشۇنداق ئىشلارنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش كېرەك. بىرەر پارچە رەسىم بولسا كۆرسەك.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 08:55:27

بۇ فىلىم ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر ( گېرمانىيە دەمدۇ ئىشقىپ تورلاردا ) ئىشلىگەن قاتناش بىخەتەرلىك تەشۋىقات فىلىمىكەن، بۇرۇن كۆرگەن ئىدىم، بەك تەسىرلىك ئىشلەپتۇ. تەگلىك مۇزىكىسىمۇ بەك ئىسىل
Metallica - Nothing Else Matter

http://v.youku.com/v_show/id_XMTAzODMzNjcy.html

mux يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 16:57:50

چۈشۈرۈش ئادىرسىنى قالدۇرغان بولسىڭىز   رەخمەت

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 22:07:50

ئاللاھ ساقلىسۇن.
بەت: [1]
: ھاياتلىق بەك قىممەتلىك ، شوپۇر دوستۇم ، ماشىننى ئاستا ھەيدەڭ...