arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 15:04:24

يازغۇچى تەرجىمانلاردىن سىنارىيە سېتىۋالساق كىنو ئىشلىسەك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-3 16:03

http://www.sazzim.com/ilan/marka.png
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم :
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار يېقىندىن بۇيان سازىم ئىشخانىسى يۇقىرى سۈپەت بىلەن تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەردىن ، مىنىڭ ئىسمىم خان ، ئەكبەر خان ، ماشىنا ئادەم ۋوللى ، يامغۇردىكى ئىلتىجا قاتارلىق بىر قاتار فىلىملەر كىنوخانىدا قويۇلۇپ ئازدۇر كۆپتۇر ياخشى باھالار بىلەن بىزلەرگە ئىشەنچ ئىلھام ئېلىپ كەلدى ، ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى فىلىملەرنىڭ ھەممە دۆلەتتە تەڭ قۇيۇلىشىدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق فىلىملەرنىڭمۇ پۈتۈن دۇنيادا تەڭ قۇيۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز ، ئەلۋەتتە بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس ....

بۇ قېتىمقى پىلان يازغۇچى ئۇستازلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ كىنو ئىشلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن بىر سىنارىيە يېزىپ ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ يەنە بىر بالداق ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە ئېلىپ كىلىش ئۈچۈن ياردەملىشىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، چۈنكى ئۇيغۇر تىلى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلى ، بۇ تىلغا بولغان كۈيۈنۈشنى ئۆزىمىز داۋاملاشتۇرمىساق بەلكىم كەلگۈسىدە بىزنىڭ ئۇيغۇرچە دىگەن نەرسىلەر بارا-بارا ئازلىشىشقا قاراپ مېڭىشى ئىنىق ، شۇڭا يازغۇچى تەرجىمانلارغا مۇۋاپىق ھەق بەرسەك ، مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئازراق باش قاتۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

ئۇيغۇرچە نۇرغۇنلىغان فىلىملەر ئىشلىنىپ باقتى ،ئانا تىلدىكى فىلىملىرىمىزنىڭ سىنارىيىسى ۋەقەلىكى ياخشى فىلىملەرمۇ بار پەقەت سىرتقى مۇھىتتىكى شاۋقۇن ھەم ئاۋاز ئېلىش تېخنىكىسى قاتارلىق بەزى ئامىللار تۈپەيلى ئۇيغۇر فىلىملىرىمىز بىر ئىزىدە توختاپ قېلىۋاتىدۇ . ئۇيغۇر ئېغىز تېلى ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ مولچىلىقى بىلەن بۇ قېتىمقى تىرىشىش ئارقىلىق يېزىلغان سىنارىيىمىز چۇقۇم ھەممىزنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىدۇ ، تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ ئاجىز ئەمەس، ئۇيغۇر تىلى پاساھەت ھەم بالاغەتتە ھېچقانداق بىر تىلدىن كەم تۇرمايدۇ . پەقەت مەدەنىيەتلەرئارىلىشىشى سەۋەبىدىن كۈپىنچىلىرىمىز ئۈزىمىز ئەڭ كۆپ ئىشىلىتىدىغان سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنى بارا-بارا ئۇنتۇۋاتىمىز ، شۇڭا بۇ قېتىملىق پىلان نەچچە كۈن ئۇيقۇمنى قاچۇرۇپ بۈگۈن يېزىشقا مەجبۇر قىلدى ، بەزەن سەۋەنلىكلەردىن بولغان خاتالىقلارنى تۈزۈتۈپ ئۇقۇپ ھەزىم قىلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن . شۇنداقلا ئەتراپىمىزدىكى يازغۇچى ، تەرجىمانلىرىمىز ، ئارتىسلىرىمىز ۋە ئوپراتورلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ خەۋەرلەندۈرۈپ قۇيۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

پىلان تەپسىلاتى :

1. سىنارىيە باش تېمىسى
بۇ فىلىمگە باش تېما تاللىغاندا مەلۇم مۇھىت مۇقىم ئاساسلىق ئۇرۇن بولىدۇ ، يەنى ئىشخانىدىكى ئىشلار ، ئائىلىدىكى ئىشلار ، ئاشخانىدىكى ئىشلار ، سىنىپتىكى ئىشلار ، ياتاقتىكى ئىشلار .....دىگەندەك
2. فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىش ئورنى
باش تېما تاللانغاندىن كېيىن فىلىمگە كونكىرىت بىر ئورۇن يەنى مەيدان ياكى ئىشخانا قاتارلىق ئورۇن تاللىنىپ شۇ ئورۇن سىنارىيە مەزمۇنىدىكى ئامىللارغا ئاساسەن ياسىلىپ فىلىم مەيدانى بىزىلىدۇ ، كونكىرىت فىلىم ۋەقەلىكى مۇشۇ دائىرە ئىچىدىلا يۈز بىرىدۇ ۋە داۋاملىشىدۇ ، يەنى تۆۋەندىكى فىلىملەردەك ( سىپاتىز تىز تاماقخانىسى ، تۇرمۇشتىكى چوڭ پارتلاش The Big Bang (ھازىرغىچە 7 بۆلۈم ئىشلىنىپ بولدى ) ، ھىندىستاننىڭ يېقىندا ئائىلىدىلا ئىشلىگەن فىلىمى ( ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ) ، 家有儿女 (خەنزۇچە قاناللاردا بىر مەزگىل مودا بولغان ئائىلە فىلىمى) ..... مۇشۇ فىلىملەردەك دىمەكچى ، ھەم مۇشۇ فىلىمگە ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان فىلىم مەنبەلىرىنىڭ بەزى تەرەپلىرىدىن بىزنىڭ مەدەنىيەتكە ئۇيغۇن تەرەپلىرىنى پىششىقلاپ قايتا ئىشلىسەكمۇ بولىدۇ .
3.فىلىم باش رولچىلىرى
فىلىمدە ئاساسلىق بىر باش پىرسوناژ بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە شۇ مۇھىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان 3 ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى باش رول ئالالايدۇ ھەم ھەممە پىرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئاشكارلىنىدۇ .
4.فىلىم قىسىم سانى
ھازىرچە بىر بۆلۈم 15 قىسىم ئەتراپىدا ھەر بىر قىسىم 30 نەچچە مىنۇتتىن 40 نەچچە مىنۇتقىچە دەپ ھىساپلاپ تۇردۇم ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن 3 بۆلۈم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ، فىلىم ۋاقىتنى سىنارىيەگە ئاساسەن قايتا بىكىتسەكمۇ بولىدۇ .
5.فىلىم ئاۋاز ئۈن ئېلىش ۋە مۇھىت ئاۋازى
سازىم ئىشخانىسى خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار مۇھىت ئاۋازى ، تەقلىدىي ئاۋازى ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۈن ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنى يۇقىرى سۈپەت بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپ فىلىم جانلاندۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .
6.فىلىم خارەكتىرى
فىلىم خارەكتىرى ئاساسەن كومىدىيە ئاساس قىلىنىدۇ ، قۇشۇمچە تەسىرلىك باشقا مەزمۇنلارنى قۇشۇپ بېيىتىپ مېڭىشقا بولىدۇ ، فىلىمدە ئاساسەن دىئالوگ ئاساس قىلىنغاچقا يازغۇچىلارنىڭ مۇشۇ نۇقتىنى ئەڭ ئاساسلىق مۇھىم نۇقتا قىلىپ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، قۇشۇمچە پىرسوناژ بەدەن شەكلى ، كىيىم ، چىراي ئىپادىسى ئارقىلىق بېيىتىمىز ، مەسىلەن : ( ئىچىدە 2 ئادەم سىرتتىكى يامغۇرنىڭ بەك يېغىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ياكى ، يامغۇر ئاۋازى قاتارلىق تەقلىدىي ئاۋازلار ئارقىلىق يامغۇر يېغىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز ، ئىشىك يېنىدا بىر سىمىز ئىشچى سىرتتىن كىرگەنلەرنىڭ لاي ئىزىنى تازىلاۋاتىدۇ ، بىر ئادەم كىرىپ پاكىز تازىلاپ بولىشى يەنە بىر ئادەم كىرىدۇ ، ئۇ ئادەمنىڭ چىرايىدىكى كۆرۈنىشىدىن بىرخىل خاپا بولغانىلىقى ھەجىۋىي چىقىدۇ ( كۈلكە ئاۋازى ) يەنە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن بۇ ئادەم بەك جىلە بولۇپ ئايلانغۇدەك بوپ كىتىدۇ ، ( كۈلكە ئاۋازى ) بۇ شۇ ئارتىسنىڭ مەيداندىكى ئوبراز ئىپادىلەش ماھارىتىگە قاراپ تېخىمۇ قىزىقارلىق كۆرۈنۈش بولۇپ چىقىدۇ ......
....
...
سىنارىيە يازغۇچىنىڭ قەلەم ھەققىنى چۇقۇم سىنارىست رازى بولغىدەك بىرىمەن ، ئىنشائاللا فىلىم ياخشى ئىشلىنىپ قالسا ، تېلۋىزىيە ئىستانسىسىغا سېتىپ بىرىشكە ياكى شىركەت - كارخانىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ يەنە قۇشۇپ بىرىشكە بولىدۇ ، شۇڭلاشقا مۇشۇ ئىش توغرىلىق يېقىن - يۇرۇق يازغۇچى - تەرجىمانلارغا بىرەر قۇر يەتكۈزۈشۈپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن .

قۇشۇمچە ، تەقلىدىي ئاۋاز ئىشلىگەن مۇنۇ ئەسەرنى ئاڭلاپ بېقىڭ ، سېغىمى100 مىگابايىت ئەتراپىدا ئەسلى ماشىنىدا يۇقىرى ئىنىقلىقتا پىرىسلىغاچقا مۇشۇنداق چوڭ چىقىۋالدى ، تور سۈرئىتى تىزلار چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ باقارسىلەر ...
http://yunpan.cn/Q9awwRIHwdN9Q

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 17:15:12

مېنىڭ بىلىشىمچە «تورداش» سەۋىيەدە ئۆزىنىڭ يىتىپ قوپقان، تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن فىلىملارنى تارقىتىپ بەھىرلەنسە ھېچكىمنىڭ چىشى پاتمايدۇ. لېكىن بەلگىلىك كۆلەم بىلەن ئىشلەنگەن ھەم كىنو ياكى تىياتىر دەرىجىسىگە يەتكەن نەرسىنى باشقۇرىدىغان ئادەم بار. ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى بۇ دەپ تۇرۇۋالغان بىلەن، ئاڭلاپ باقمىغان غەلىتە قالپاقلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالمايلى. ھەر ھالدا قانۇن ئېڭىمىزنى يوقۇرى كۆتۈرگەنگە يەتمەيدۇ.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 17:22:56

يىڭىچى بىر ئەندىزدە سىنارىيە تىپىشىڭىزمۇ مۈشكىل ،ئىشلىرىڭىزغا بەركەت تىلەيمەن

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 17:31:38

مۇنبەردىكى ئۆزھال ياكى تۈمەن بىلەن مەسلەھەت قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ .

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 18:23:40

نۇرغۇنلىرىمىز كۆڭلىمىزدە تەسەۋۋۇر قىلىپ، «مۇشۇنداقراق بىرەر ئۇيغۇرچە فىلىم ئىشلەنسە -ھە؟» دەپ ئويلاۋاتقانسىنارىيەلەر تولا. ئەمما، بىزنىڭ مەدەنيەت نازارىتى، تەشۋىقات بۆلۈمدىكلىلەر ھەرگىز يول قويمايدۇ ئۆز ئالدىمىزغا فىلىم ئىشلىشىمىزگە. شىنجاڭدا كىنوچىلىق نىمىشقا تەرەققى قىلالمايدۇ دېگەندە، ئالدى بىلەن كىنونى خەنچە ئىشلەپ، ئاۋۇ نازارەتچىلەرنىڭ نازارەتچىلىرىگە بىر قېتىم كۆرسىتىپ ماقۇللىقىنى ئېلىپ ، ئاندىن ئۆزىمىز ئىشلىگەن فىلىمگە قايتىدىن ئاۋاز بېرىپ يەنە بىر قېتىم نازارەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلار بەلگىلەپ بەرگەن دائىرىدە تارقىتىدىغان گەپ. سىز ئۇيغۇرچىغا ئاۋاز بېرىپ بولغۇچە،سىز ئەسلى ئىشلىگەن خەنچە نەشرىنىڭ قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن بازاردا تۆكمە قىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ بار. بۇنداق ئاۋارىچىلىقنى ھىچقانداق مەبلەغ سالغۇچى خالىمايدۇ- ئەلبەتتە.

ئەمما، قىىزغىنلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپكىنىم ئەمەس، قەتئىي كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ قېرىندىشىم! ئەگەر سىز دېگەندەك، ئاشۇنداق ساپ ئانا تىلىمىزدىكى فىلىملەرنى ئىشلىگىلى بولۇپ قالسا، پۈتۈۈن كۈچىمىز بىلەن قوللايمىز سىزنى.

Antonio يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 21:29:51

ياخشى پىكىر ، سىز سىنارىيە يازدۇرىمەن دىمەي كىتاپخانىلارنى ئايلىنىپ بىقىڭ ، بىزدىمۇ شۇنداق ياخشى ئەسەرلەر كۆپ شۇنى ئىشلەشنى ئويلىشۇپ بىقىڭ.
(مەسلەن ئابدۇقادىر جالادىننىڭ «ئامەت ۋە ئاپەت» دىگەندەك)

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 22:05:45

boran0998 يوللىغان ۋاقتى2014-1-3 18:23 static/image/common/back.gif
نۇرغۇنلىرىمىز كۆڭلىمىزدە تەسەۋۋۇر قىلىپ، «مۇشۇنداقرا ...

ھەرقانداق بىر كىنو ئىشلەش ئۈچۈن مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ تەستىقى لازىم بولامدا ؟؟؟

تېخى خەڭسوچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ئىشلار بار دەڭ

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 22:09:14

مەن قارىسام مۇشۇ تىلىۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلەشكە ئەڭ كۆپ پۇل خەجلەيدىغان قىسمىئەسەر بىلەن ئەرتىستەك قىپ تۇرىدۇ ، ئەسەر چوقۇم كومىدىيىلىك چىقىشى ھەمدە شۇ كىمىددىيىلىك رولنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئالىدىغان ئەرتىس ...

مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشىنىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 22:19:01

Antonio يوللىغان ۋاقتى2014-1-3 21:29 static/image/common/back.gif
ياخشى پىكىر ، سىز سىنارىيە يازدۇرىمەن دىمەي كىتاپخانى ...

ئامەت ۋە ئاپەت ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭما؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 22:34:05

Antonio دائىم شۇنداق يازىدۇ. شەھلا بىلەن بېغىرنىڭ ئاغزىنى تاتىلايمەن دەمدىكىن.

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 22:45:38

cctv1 دە بىر پىروگرامما بولىدىغان 谢天谢地你来了 ، بۇ پىروگراممىدەك سىنارىيەدىن خەۋىرى يوق ئادەممۇ رول ئېلىپ خېلى ۋاقىت تىركىشىدۇ ، يەنە 黑龙江 نىڭ قانىلىدا سەھرادىكى ئىشلار دەپ خېلى ئۇزۇن بىر كۈلكىلىك فىلىمى بار ، پەقەت سەھنە ئۈستىدىلا ئۇرۇندىلىپ خېلى ئۇزۇن قىسىم ئىشلەندىغۇ دەيمەن ...

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 22:46:05

ئاۋۇ ئاۋازلىق ئەسەرنى ھېچكىم چۈشۈرۈپ ئاڭلاپ باقمىدىما ؟

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 23:32:36

سىيىت نوچىنىڭ داستانىنى سىنارىيىلەشتۈرۈپ، كىنو قىلىپ ئىشلەپ چىقسا ياخشى بىر كىنو بولاتتى.
سادىر پالۋان توغۇرلۇق ھېكايىلەرنى توپلاپ ، ئويۇن ئىشلەپ چىقسا پەچەت ئويۇن بولاتتى.
ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى خىيال قىلىدىغان بولاپ قالدىم.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 00:26:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-4 00:28

ئۇيغۇرچە كىنولارنىڭ دۇنياۋىي كىنوخانىلاردا قويۇلىشى «پەقەت ۋاقىت ماسىلىسى»!
بۇ پو گەپ بولۇپ قاپتۇ.
ئۇيغۇرلاردا سىنارىيەلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك ئەسەر جىق...
ئويغانغان زېمىن
ئىز
سۇتۇق بۇغراخان
ئانا يۇرت
..... ئەمما ھېچقايسىسى نەچچە ئون مىليون مەبلەغسىز سۈپەتلىك پۈتمەيدۇ...

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 01:55:19

begir6 يوللىغان ۋاقتى2014-1-3 22:23 static/image/common/back.gif
جالالىدىن بەھرام ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ دادىسى . شۇ ...

مۇنداق دەڭ دادا بالا ئىكەندە ئەسلى ،،مۈلكى يازغۇچىلار

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 01:57:47

Birhon يوللىغان ۋاقتى2014-1-4 00:26 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە كىنولارنىڭ دۇنياۋىي كىنوخانىلاردا قويۇلىشى...

بۇ رومانلارنى كىنو قىلىپ ئىشلەيمەن دەپ يۈرسە ئۇنى خوڭيوۇ بىڭلار ئىتىۋتىشى مۇمكىن :lol

musapir911 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 05:45:53

جالالىدىن بەھرام ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ دادىسى . شۇنىڭ دادا بالا ئوتتۇرىسىدا سېنىڭ مېنىڭ دىيىشىدىغان ئىش يوق . ئامەت ۋە ئاپەت جالالىدىن بەھرامنىڭ بولسا نىمە بوپتۇ ؟ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بولسا يەنە نىمە بوپتۇ ؟

مانداق قالايمىقان گەپنى قىلماڭلار ! ئەدىپلىرىمىزنىڭ تەرجىمھالىنى كۆرۈپ قويلى ماندا!!!!!!!

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 09:13:10

Birhon يوللىغان ۋاقتى2014-1-4 00:26 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە كىنولارنىڭ دۇنياۋىي كىنوخانىلاردا قويۇلىشى...

كەچۈرۈڭ قېرىنداشىم ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن ، ئۇيغۇرچە فىلىم ئەمەس ، ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان فىلىم ،
ئۈرۈمچىدىكى كىنوخانىلاردا ئەڭ يېڭى فىلىملارنىڭ ئۆزتىلىدىكىنى قويمايدۇ
كۆرۈپ باققان بولىشىڭىز مۇمكىن ، ئاۋازى خەنزۇچە

arqin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 09:20:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-4 09:21

بىرھون قېرىند ىشىمىز ئېيتقاندەك بىزدە كىنو قىلغۇدەك ئەسەر كۆپ ، ئەلۋەتتە ھەممىسىگە نەچچە ئون مىلىيۇن مەبلەغدىن سىرت سىياسەت خارەكتىرلىك قوللاش بولمىسا ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ ،
ئاۋۇ پىلان تەپسىلاتىدا ناھايىتى ئۇچۇق دىدىم ، فىلىم پەقەت بىر ئۆي ياكى بىر مۇھىت ئىچىدىلا يۈز بىرىدۇ ، مەقسەتتەننەرقىنى كونتىرول قىلىش ، ھەم ئاۋاز ئۈنۈمى يارىتىش

choice يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 09:52:00

ياخشى ئوي پىكىر بوپتۇ، سىنارىيىنى يۇقۇردا تورداشلار ئېيتقاندەك كىتاپخانىلار ئچىدىكى نادىر كىتاپلار ئىچىدىن تاللاپ سىنارىيىيلەشتۇرسىڭىزمۇ ياخشى بولغىدەك، نوقۇل تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن ئارقا كۆرۈنۈش، تارىخى كۆرۈنۈشلىرى يوق ئەسەرلەر بولسا ئىش ئاسانراق بولامدىكىن
بەت: [1] 2
: يازغۇچى تەرجىمانلاردىن سىنارىيە سېتىۋالساق كىنو ئىشلىسەك