baltax يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 14:19:34

ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ لىكسىيە سۆزلىشى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baltax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 14:20  

ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ لىكسىيە سۆزلىشى (ھېكايە)

پەرھات تۇرسۇن دېگەن يازغۇچى ئابدۇسەمەت مامۇت توغرىلىق بىرنەچچە ھېكايە يېزىۋىدى،ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ خېلىلا نامى چىقىپ قالدى.گەرچە پەرھات تۇرسۇن ناھايىتى كۈچلۈك مەسخىرە بىلەن ئۇنى زاڭلىق قىلغان،ھەتتا ئۇنى بالىسىغا ئۆلىۋېلىشنى كۆرسىتىپ قويىمەن دەپ ئۆلۈپ قالغان قىلىپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ھېكايىلەردىكى تەئەددىلەر ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ غەزىپىنى قوزغاش ۋە ئۆزى تۇتقان يولنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئۈنۈم بېرەلمىگەنىدى.بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قالغان گېنى بىلەن بالىلىق چاغلىرىدىكى كەچۈرمىشلىرى تۈپەيلىدىن شەكىللىنىدىغان خاراكتېرى،ياشلىق مەزگىلىدە تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدىيەلەرنىڭ كۈچى،ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدىغان كۆزقاراشلىرى قانداقمۇ بىر سولتەك يازغۇچىنىڭ بىر-ئىككى ھېكايىسى بىلەن ئۆزگىرىپ كەتسۇن؟!ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇسەمەت مامۇت شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنەتتىكى،ئۆزى بىلەن بىر مەۋقەدىكى ئادەملەر ناھايىتى كۆپ ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ كۆپى مىللەتنىڭ سەرخىللىرى،جەمئىيەتنىڭ يولباشچىلىرى ئىدى. مەسىلىنى ۋە ئۆزىنى بۇنداق يۈكسەكلىككە قويۇپ ئويلاش ئابدۇسەمەت مامۇتنى راھەتلەندۈرەتتى،تۇرۇپلا ئۇنىڭ پەرھات تۇرسۇنغا ئىچى ئاغرىپ قالدى.
ئەمدى ئانچە-مۇنچە ھەرىكەت قىلىش كېرەك ئىدى،باشقىلارنىڭ ھېكايىسى بىلەن تونۇلۇشلا كۇپايە قىلمايتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە نام چىقىرىش ئاسان بولغان بىلەن،ئاشۇ نامى ساقلاپ تۇرۇش تەس ئىدى،ئەمدى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلەتتى.زادى نېمە قىلىش كېرەك؟ئىنسانىيەت نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئۆزىگە قويۇپ كەلگەن بۇ مەڭگۈلۈك سۇئال ئاخىر ئابدۇسەمەت مامۇتقا قويۇلغانىدى.
يېقىندىن بۇيان داڭلىق كىشىلەر مەكتەپ-مەكتەپتە،يۇرت-يۇرتتا،سورۇن-سورۇنلاردا تەكلىپ بىلەن لىكسىيە سۆزلەيدىغان ئىش مودا بولغانىدى.گەرچە پەرھات تۇرسۇن "ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى" دېگەن ھېكايىسىدا ئابدۇسەمەت مامۇتنى "ساۋادسىز" دەپ ھاقارەتلىگەن بولسىمۇ،لېكىن ئابدۇسەمەت مامۇت ئۆزىنى خېلى ئالدىنقى قاتاردىكى ئاۋانگارد زىيالىيلاردىن ھېسابلايتتى.ئۆتكەندە ئۇ ئۆزى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان بىر مەشھۇر زىيالىينىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھاياجانلانغانىدى،لېكىن شۇ چاغدا يەنە سۇس بىر ئەپسۇسلۇقمۇ ئۇنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغانىدى.ئۇ كىشى سۆزلىگەن نەرسىلەر ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئومۇمىي ھەقىقەتلەر ئىدى،ئۆزىگە قويۇپ بەرسە،بۇ گەپلەرنى ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى سۆزلەپ،سورۇندىن چاڭ چىقىرىۋېتەتتى.ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئابدۇسەمەت مامۇت ئاشۇ داڭلىق ئادەملەر بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ پەرقنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى: ئۇلار بىر گەپنى تەكرارلاپ توختىماي ماقالە يېزىپ نام قازىنىشاتتى،ئۆزى بولسا ھېچنەرسە يازمايتتى،بۇ ئۇنىڭ ئەڭ زور ئاجىزلىقى ئىدى."شۇنداق بىر ۋاقتى كېلىدۇ،خەپ،شۇ چاغدا يازىمەن!" دەيتتى ئۇ ئىچىدە.
ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئايالى رۇقىيە ھاشىمنىڭ بىر ئىنىسى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيتتى.شەنبە كۈنى ئۇ يىگىت ئۆيگە كەلگەندە،ئابدۇسەمەت مامۇت ئۇنىڭ بىلەن ئۇياق-بۇياقتىن پاراڭلىشىپ،ئۇلارنىڭ ئوقۇشى توغرىلىق سورىدى.ئۇ يىگىت ئۇقۇتقۇچىلاردىن قاخشاپ،ئۆزلىرىنىڭ بىر توپ سەۋىيەسىز ۋە ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەجرىبە ئۇبيېكتىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى،ئۆتكۈر پىكىرلەرنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ھەسرەت ۋە ھاياجان بىلەن بايان قىلدى.ئابدۇسەمەت مامۇت ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى قوللىدى،ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلدى،زامانغا غەزەبلەندى.ئارقىدىنلا ئۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا لىكسىيە سۆزلەش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.ئۇ يىگىت دەسلەپتە سەل ھەيران بولدى،لېكىن دەرسلەردىن زېرىكىپ ئاران تۇرغان بۇ ئوت يۈرەك ياش ئاخىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقىدىغانلىقىنى،بىر ئامال قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇقىيە ھاشىمنىڭ بۇ ئىنىسى سىنىپ باشلىقى ئىدى، ئۇنىڭ بۇ سىنىپتا ھەرھالدا خېلى ئىناۋىتى بار ئىدى.ئۇ سىنىپتىكى بالىلارغا ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ لىكسىيە سۆزلىمەكچى ئىكەنلىكىنى دېگەندە،ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنى پەرھات تۇرسۇننى دەۋاتامدىكىن دەپ ئويلاپ قېلىشتى.ئەسەردىكى باش قەھرىمان (ئۇلار دەرستە مۇشۇنداق دەپ ئۆگىنەتتى) بىلەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئالمىشىپ قالىدىغان ئىشلار دائىم بولۇپ تۇراتتى.داڭلىق ئوبزورچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئەسەردىكى باش قەھرىمان ئەمەلىيەتتە ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئۆزى شۇ دېگەن نەزەرىيەنى بىردەك مۇئەييەنلەشتۈرىشەتتى.شۇ ئەمەسمۇ،ئاپتور ئەسەرنى ئۆزىنىڭ ئوي-خىيالى ۋە كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن يازىدۇ-دە! سىنىپ باشلىقى يىگىت لىكسىيە سۆزلىمەكچى بولغان كىشىنىڭ پەرھات تۇرسۇننىڭ ھېكايىلىرىدە تەسرىۋلەنگەن باش قەھرىمان ئابدۇسەمەت مامۇت ئىكەنلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈردى (لېكىن ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئۆزىنىڭ ئاچىسىنىڭ ئېرى ئىكەنلىكىنى دېمىدى)،بۇ گەپنى ئاڭلاپ ساۋاقداشلار تۇرۇپ قېلىشتى،لېكىن ناھايىتى تېزلا ماقۇل بولۇشتى. ئۇلاردا ھېكايىلەردە سەلبى پېرسۇناژ سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن باش قەھرىماننىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلاش ئىستىكى غەلىتە يۇسۇندا كۈچلۈك پەيدا بولغانىدى. شۇ ئارىدا ساۋاقداشلار ئىچىدىكى ئاتىكاچىلاردىن بىرى ئابدۇسەمەت مامۇت ئاكىنىڭ نېمە مەزمۇندا لىكسىيە سۆزلەيدىغانلىقىنى سوراپ قالدى.سىنىپ باشلىقى يىگىت ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ:"پەلسەپە، ئىنسانشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق،ئىجتىمائىيەت" دەپ جاۋاب بەردى.بۇلارنىڭ ھەممىسى كاتتا پەنلەر ئىدى، ئۇلار ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىلىملەر مۇشۇ پەنلەردىن تېپىلاتتى.
ئابدۇسەمەت مامۇت پەيشەنبىدىن جۈمەگە ئۆتىدىغان كېچىسى تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى،ئۇنىڭ مۇشۇنداق ئادىتى بار ئىدى،مۇھىمراق ئىشى بار چاغلاردا ئۇيقۇسى قاچاتتى،ھەرقانچە تىرىشىپمۇ ئۇخلىيالمايتتى.ئۇنىڭ خىيالى قالايمىقانلىشىپ،ئىچى سىقىلدى،بېشى ئاغرىدى،ئاخىر ئۆزىمۇ ئۇقمايلا ئۇخلاپ قالدى.ئۇ بىرمۇنچە غۇۋا ۋە پەلىپەتىش چۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن،مۇنداق بىر چۈش كۆردى: ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ قولىدا بىر قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە تۇراتتى،ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر بىر توپ ئېشەك بىلەن قاتتىق ئېلىشىشقا مەجبۇر بولغانىدى،ئۇ نەيزىنى ناھايىتى ئۇستا جانبازلاردەك پىرقىرىتىپ،ئۆزىنى قورشاپ كېلىۋاتقان ئېشەكلەرنى يېقىن كەلتۈرمىدى.بىردەمدىلا ئۇ ئېشەكلەر ياپون باسقۇنچىلىرىغا ئايلىنىپ قالدى،لېكىن ئۇلارنىڭ كىيىمى ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ھەربى فورما بولغان بىلەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ ئەتراپىدىكى تونۇش-بىلىشلەر ئىدى.ئۇلار قىلىقسىزلارچە ھىجىيىشىپ،ئۇنى قۇچاقلاشقا تەمشىلىپ قورشاپ كېلىشەتتى،ئابدۇسەمەت مامۇت نەيزىسىنى ھەدەپ ئۇلارغا سانچىيتى،لېكىن ئۇنىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچى ئىگىلىپ كېتىپ،زادىلا قاملاشمايتتى.بىردەمدىلا بايا ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان دۈشمەنلەر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى،جەڭ مەيدانى بىر ئاشخانىغا ئايلىنىپ قالغانىدى، ئۇلار كاۋاپنىڭ پايدا- زىيىنىنى تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتاتتى،رۇقىيە ھاشىمنىڭ ئىنىسى ئون-يىگىرمە زىق كاۋاپنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى،ئابدۇسەمەت مامۇت ئەمدىلا قول ئۇزۇتىشىغا ئويغىنىپ كەتتى.ئۇ قورسىقىنىڭ قاتتىق ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدى،تاتلىق ئۇخلاۋاتقان رۇقىيە ھاشىمغا قاراپ قويۇپ،كېچىچە كۆرگەن چۈشلىرىنى ئويلاپ بىردەم ئولتۇردى،ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىنىشكە باشلىدى.ئۇ ناشتا قىلىپ بولۇپ ساقال-بۇرىتىنى پاكىز قىردى،بۇرۇنىنىڭ تۈكلىرىنى قايچىلىدى،كاستىيوم-بۇرۇلكىسىنى كىيىپ،قارا ئەتلەس گالىستۇكىنى تاقىدى،ئۆزىگە تولىمۇ يارىشىدىغان يىشىل چىمەن دوپپىسىنى كىيدى،ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى راسا بىر دەڭسىۋەتكەندىن كېيىن ئىشقا ماڭدى.ئىشقا بۇنداق ياسىنىپ بارسا خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەيران قالىدىغانلىقى ۋە "ھە،قېتىۋاپتۇققۇ؟!" دەپ سۆز تاشلايدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.ئۇ "كەچتە بىر مۇھىم توي بار ئىدى" دەپ چۈشەندۈرۈشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.
ئابدۇسەمەت مامۇت كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ھېلىقى ئالي مەكتەپكە ماڭدى.ئۇ كېتىۋاتقۇچە نېمىلەرنى سۆزلەشنى خېلى ئەستايىدىل ئويلاشتى،گەپلەرنى بىر-بىرلەپ كاللىسىدىن ئۆتكۈزدى،بىراق سۆزلەيدىغان مەزمۇنلار جىق بولغاچقا،بىردەم ئويلاپ بېقىپ،ئاخىرىغىچە ئويلاپ بولۇشقا كۆزى يەتمەي توختاپ قالدى.مۇھىم يەرلەرنى ئۆزىچە پىچىرلاپ سۆزلەپمۇ باقتى،لېكىن يولدا كېتىۋاتقانلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى تۇتىۋالدى.ئۇ بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى،ئەمما بۇنى ھاياجاندىن دەپ ئويلاپ،چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى.
ھېلىقى يىگىت باشلىق بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئۇنى مەكتەپ ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى.ھازىر مەكتەپ سىرىتتىن خالىغانچە ئادەم تەكلىپ قىلىپ لىكسىيە سۆزلەشكە ئۇنىمايتتى،شۇڭا بۇ ئوقۇغۇچىلار ئابدۇسەمەت مامۇت ئاكىنىڭ لىكسىيەسىنى ئۆزلىرى كەچلىك مۇزاكىرە قىلىدىغان سىنىپقا ئورۇنلاشتۇرغانىدى.
بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ لىكسىيەنىڭ گېپى چىققاندىن كېيىن،پەرھات تۇرسۇننىڭ ئابدۇسەمەت مامۇت تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلىرىنى ئاتايىتەن توردىن تېپىپ قايتا ئوقۇپ چىققان چىققانىدى.
ئابدۇسەمەت مامۇت سىنىپقا كىرگەندە،ئوتتۇزدەك ئوقۇغۇچى تازا قولاشمىغان تەرىزدە ئۇنىڭغا قىزىقىش بىلەن قاراپ ئولتۇرىشاتتى.ئابدۇسەمەت مامۇتمۇ بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن دەماللىققا ئۆزى كۈتكەن قىزغىنلىققا ئېرىشەلمەي،يۈرەكنى ئېزىدىغان كۈچلۈك بىر يالغۇزلۇقنى ھېس قىلدى.سىنىپ باشلىقى يىگىتمۇ قائىدە بويىچە ئابدۇسەمەت مامۇتنى تونۇشتۇرماقچى بولدىيۇ،نېمە دەپ تونۇشتۇرىشىنى بىلەلمەي بولدى قىلدى.
ئابدۇسەمەت مامۇت لىكسىيەسىنى باشلىۋەتتى.
ئۇ ئازراق باشلىنىش سۆزى سۆزلەپ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن،رەسمىي تېمىغا ئۆتتى.ئۇ ئالدى بىلەن غەربنىڭ خەلقىمىزگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئېغىر زىيانلىرىنى بايان قىلدى،بولۇپمۇ غەربنىڭ چۈشكۈن قىممەتقاراشلىرىنى،چىرىك تۇرمۇش ئۇسۇلىنى،چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقىنى ۋە كىشىلەر ئارىسىدىكى شەخسىيەتچىلىكلەرنى بىر-بىرلەپ قامچىلىدى،لېكىن غەربنىڭ ئاشۇ چۈشكۈن قىممەتقاراشلىرىنىڭ ۋە چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىقىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى دېمىدى. بولۇپمۇ،غەربنىڭ چىرىك ئىدىيەلىرىنىڭ ياش-ئۆسمۈلىرىمىزگە بولغان ئەجەللىك تەسىرى ئۈستىدە توختالغاندا،ئۇ غەربنىڭ كىنولىرىدىكى بىللە ياتقان ۋە سۆيۈشكەن كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز ئاقىۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.ئۇ ئاشۇ كىنولاردا ئۇچراپ تۇرىدىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى "بىللە ياتقان" دەپ سىلغايتىپ ئېيتتى،لېكىن "سۆيۈشكەن" دېگەن گەپنى قانداق ئېلىشنى بىلەلمەي خېلى قىينالدى،"يالاشقان" دەپ ئالاي دېسە،ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشەنمەي قېلىشىدىن ياكى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،يەنىلا "سۆيۈشكەن" دەپ ئېلىشقا مەجبۇر بولدى،ئەمما مۇشۇ گەپنى تىلغا ئالغاندا،ئوڭايسىزلىق ۋە خىجىللىق ئىچىدە جۇغۇلداپ تىترەپ كەتتى.ئۆزىنى مۇشۇنداق ناچار گەپلەرنى تىلغا ئېلىشقا مەجبۇر قىلغان غەربكە تېخىمۇ ئۆچلىكى كەلدى. ئابدۇسەمەت مامۇت ئۆز لىكسىيەسىنىڭ غەربنى تەنقىدلەيدىغان بۇ بىرىنجى مەزمۇنىنىڭ ئاخىرىدا،نۇقتىلىق ھالدا ئامېرىكا جاھانگىرلىكى ۋە ئۇلارنىڭ (ئامېرىكا جاھانگىرلىكى مۇشۇنداق كۆپلۈك شەكىلدە ئاتىلىدۇ،سەۋەبى ئېنىق ئەمەس) جىنايەتلىك قىلمىشلىرىنى سۆزلىدى.ئۇلارنىڭ پرولىتارىياتنى قاتتىق ئىزىدىغانلىقى،ئاغزىدا دېموكراتىيە دېگەنبىلەن،ئەمەلىيەتتە مۇستەبىتلىك قىلىدىغانلىقى،دۇنيا ساقچىسى بولىۋېلىپ،ھەممە يەردە ئۆكتەملىك قىلىدىغانلىقى قاتارلىق جىنايەتلىرىنى جانلىق پاكىتلار بىلەن تەنقىد قىلدى.سۆزلەۋېتىپ ئۆزىنىڭ گەپلىرىدىن ئۆزى قاتتىق تەسىرلەندى،ئۆزىنىڭ گەپلىرىگە شەكسىز ئىشەندى،ئۆزىنىڭ سەمىمىيلىكى ۋە ھەققانىيەتپەرۋەرلىكىدىن سۆيۈندى.
ئارقىدىن ئۇ جەمئىيىتىمىزدە يامراپ كەتكەن ناچار ئىللەتلەرنى پاش قىلدى.ئۇ ئۆز لىكسىيەسىنىڭ بۇ بۆلىكىنى "ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس" دېگەن مەشھۇر ھۆكۈمدىن باشلىدى.ھەممە ئادەمنىڭ چاي ئوينايدىغان بولۇپ كەتكەنلىكى،كىشىلەرنىڭ چولپانلارغا چوقۇنۇپ،تەبىئي پەن ئالىملىرىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى،مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە ۋە مىللەتنىڭ ئوبرازىغا يات ئېلانلارنىڭ تېلېۋىزورلاردا يامراپ كەتكەنلىكى،ياشلارنىڭ كوممۇنىزم غايىسىدىن يىراقلاپ،غەربكە چوقۇنۇپ،ئىشقىي مۇھەببەتكە بىرىلىپ كېتىۋاتقانلىقى،تور، كىيۇ-كىيۇ، ئۈندىدار دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ ئائىلىلەرنى قاتتىق بۇزىۋاتقانلىقى؛كىشىلەرنىڭ ئىلىم-مەرىپەتتىن ياتلىشىپ،پۇلپەرەس بوپ كېتىۋاتقانلىقى؛ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇلارنى ئالىم ۋە داھىي قىلىپ تەربىيەلەش ئورنىغا،ئارتىست ۋە سەنئەتچى قىلىپ تەربىيەلەۋاتقانلىقى قاتارلىق ئىللەتلەرنى كۈچلۈك ئىنتۇناتسىيە ۋە قايناق ھېسسىيات بىلەن بىر-بىرلەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
ئابدۇسەمەت مامۇت ئۆز لىكسىيەسىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە،بىزدىكى ئۆزلۈك ئېڭى ۋە پەلسەپە نامراتلىقى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ كىملىك كىرزىسى ئىچىگە پېتىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزلۈكنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىشىپ يوقىلىۋاتقانلىقىنى،ئىنكارچىلىق ۋە چۈشكۈنلۈك كېسىلىنىڭ ئەۋج ئېلىپ،بۇزۇقچىلىق ۋە چىركىنلىكنىڭ يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى،پەرھات تۇرسۇنغا ئوخشاش بەزىبىر زەئىپ يازغۇچىلارنىڭ كىشىلەرنى ئۆلىۋېلىشقا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پاسسىپ ئىشلاغا ئۈندەۋاتقانلىقىنى سۆزلىدى.بۇ بۆلەك لىكسىيەنىڭ سەۋىيەسى يۇقۇرى،ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر كەسكىن ۋە ئۆتكۈر ئىدى.
ئابدۇسەمەت مامۇت دېيەلەيدىغان ۋە دېيىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى دېدى،ئۇ تازا بىر پۇخادىن چىققانىدى.ئۇنىڭ نەزەرىدە بۇ ئوقۇغۇچىلارغا بۇنداق يۇقۇرى سەۋىيەدىكى لىكسىيەلەرنى ئاڭلاش پۇرسىتى ئاسان كەلمەيتتى،شۇڭا ئۇ لىكسىيەسىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىدە ئەسلىدىنلا بار بولغان كەمتەرلىك بىلەن يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ كېلەر قېتىمغا قالغانلىقىنى،ساۋاقداشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى جىق ئالماسلىق ئۈچۈن بۈگۈن مۇشۇنچىلىك سۆزلەشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدى.
بۇ ئوقۇغۇچىلار ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ لىكسىيەسىنى باشتىن-ئاخىر ئەستايىدىل ئاڭلىدى،ھەتتا بەزى يەرلەرگە كەلگەندە،ھاياجانلىنىپ قىمىرلاپ كېتىشتى،كۆزلىرى پارقىراپ،ئابدۇسەمەت مامۇتقا ياخشلىق ۋە گۈزەللىكتىن دېرەك بېرىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىشتى،قىزغىن چاۋاكلارنى چېلىشتى. ئەمەلىيەتتە ئابدۇسەمەت مامۇت سۆزلىگەن بۇ گەپلەر ئۇلارغا ياد ئىدى،ئۇلار تۇغۇلغاندىن بۇيان مۇشۇنداق گەپلەرنى تەكرار-تەكرار ئاڭلاپ كېلىۋاتاتتى،ئۇلار بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاشقا كۆنۈپ كەتكەنىدى،بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاۋېرىپ،تەكرار ئاڭلىغان گەپلەردىن ھوزۇرلىنالايدىغان،ھەتتا مۇشۇ گەپلەر ئۈستىدە كەسكىن مۇنازىرىلىشەلەيدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارنى يىتىلدۈرگەنىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆپى ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ گەپلىرىگە قانداق رەددىيە بېرىشنى ئويلاپ ئولتۇردى، ئۇلارنىڭ مۇنازىرەلىشىش خۇمارى چىدۇغۇسىز دەرىجىدە تۇتۇپ كەتكەن بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار ئالىي مائارىپ تەربىيەسى كۆرىۋاتقان ئىلغار ياشلار بولغاچقا،چوپچوڭ بىر ئادەم سۆزلەۋاتقاندا،ئۇنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تىپىشنى مۇۋاپىق كۆرۈشمىدى.ئۇلار ئەسلىدە لىكسىيە تۈگىگەندە ئابدۇسەمەت مامۇت ئاكا سۇئال سوراشقا ۋاقىت بېرىدۇ دەپ ئويلىغانىدى،لېكىن ئابدۇسەمەت مامۇت ئاكا ئۇنداق قىلمىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولۇپ،مەكتەپ دەرۋازىسىنى تاقايدىغان ۋاقىتقا ئاز قالغانىدى.ئۇلار ئابدۇسەمەت مامۇت ئاكا بىلەن چۇۋالچاق ھاياجان ۋە يوشۇرۇن ئەپسۇسۇلۇق ئىچىدە خوشلاشتى.
ئابدۇسەمەت مامۇت ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى لىكسىيەسىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ ھېسابلىدى.ئۇنىڭ كاللىسىدا نۇرغۇن پىلانلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى،ئۇ ئىشنىڭ يولىنى تاپقاندى. تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ قەلبى پارلاپ،ئىچى يورۇپ كەتكەنىدى.ئۇ ئۆزىنى بىردىنلا كۆزى ئېچىلىپ كەتكەن بۇلاقتەك ھېس قىلاتتى.ئەگەر مۇشۇنداق ماڭسا،پات ئارىدا ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ نامى مەشھۇر بولاتتى،ئۇ ئەڭ داڭلىق زىيالىيلار قاتارىدىن ئورۇن ئالاتتى،خەلق ئۇنىڭغا ھۈرمەت نەزەرىدە قارىشاتتى،ئۇنىڭ شەرىپىگە داستىخانلارنى سېلىپ،ئۇنى تۆرگە باشلايتتى،ئۇنىڭدىن تەلىم ئالاتتى. ئۇنىڭ پەرھات تۇرسۇنغا تېخىمۇ ئىچى ئاغرىدى.
2013-يىل 26-دېكابىر

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 14:43:22

{:107:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 14:57:18

خوتۇن ئىلدام بول ، بىر ھەپتىلىك ئوزۇق تۈلۈك تەييارلاپ قازناققا كىرىۋالايلى،  تېرۋوگا سىگنالىنى ئاڭلىغاندەك قىلىۋاتىمەن {:92:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:15:38

كومىدىيەدىن بىرنى كۆرگەندەك بوپ قالدىم :lol

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 03:25:10

يا بىشى بار يا ئاخىرى بار بۇ ھېكايىنىڭ !
ئوتتۇردىن يىزلىپ قالغاندەك !
:lol
لىكىن  ھوزۇرلۇنۇپ ئوقۇدۇم ! رەخمەت ! قالغىنى ئېنكاس ئوقۇيمىز ! ئىنشائاللا !

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 10:43:11

ئابدۇسەمەت مامۇتنى ساقلايلى، كىرىپ بىر نەرسە دىسۇن

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 11:19:33

2013-يىلى بەك تۇلا لېكسىيە ئاڭلاپ كەتتۇق راس،بۇ لېكسىيەلەر ئىچىدە  مىننەتدارلىق تەربىيىسى مەزمۇنىدىكى گۇلباھار خانىمنىڭ لېكسىيىسى ھەقىقەتەن كىشىنىڭ يۇرىكىگە تەسىر قىلىدىغان لېكسىيە  بوپتىكەن.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 15:38:49

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 11:19 static/image/common/back.gif
2013-يىلى بەك تۇلا لېكسىيە ئاڭلاپ كەتتۇق راس،بۇ لېكسىيەل ...

مۇشۇ ئىنكاسنى قوللايمەن.

texiche يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 16:55:36

شۇنداق قىلىپ ئابدۇسەمەت مامۇت ئالىي مەكتەپتە لىكسىيە سۆزلىدى. ياپانا... ئادەملەرنىڭ قەلبى ئابدۇسەمەت مامۇتتەك بولسا، كومۇنىزم ئىشىكىمىز ئالدىغا كېلەتتى. ھەممىمىز تىرىشىپ ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ نادانلىقىدىن ئۆگىنەيلى!

texiche يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 16:56:54

بۇ ھېكايىنى ئوقۇۋاتقان ئابدۇسەمەت مامۇت لۋىنى ئىچىگە چىشلەپ يەنە قانداق سيۇژىتقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندۇ- ھە ؟

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 17:08:46

ئابدۇسەمەد مامۇت دىگەن كىم ئۈزى؟

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 17:25:13

ئابدۇسەمەت مامۇت دىگەن كىم؟ ياكى كىملەر ؟  كىم چۈشەندۈرۈپ قويدۇ ؟

texiche يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 18:58:17

yawuzbag يوللىغان ۋاقتى  2014-1-4 17:08 static/image/common/back.gif
ئابدۇسەمەد مامۇت دىگەن كىم ئۈزى؟

ئابدۇسەمەت مامۇت دېگەن ئابدۇسەمەت مامۇت. ئۇ داۋالىغى بولمايدىغان روھىي غالىپلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان « بىلىمپەرۋەر »دەك قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇرنىڭ AQ سى ئىكەن. ئۇ شۇنداق بولغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان بىر بەختلىك ئىنساندەك قىلىدۇ. ھەممىمىز ئۇنى ئىزدەيلى...;P ;P :P :P

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 20:23:32

مەن باشتىلا  ھىس قىغانتىم ،كاتۋاشلارنىڭ بىرسى بىرسىنى دارىتمىلاپ تىللاش تاكتىكىسمىكى دەپ گۇمان قىپ قالغان
ئەسلىدە مۇنداقكەندە

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 20:44:08

پەرھات تۇرسۇن بىلەن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ شەخسىي زىددىيىتى ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت بىلەن جاھالەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش بولۇپ، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر چوقۇم يا پەرھات تۇرسۇن تەرەپتە تۇرۇپ مەدەنىيەتلىك ئىنسان بولۇشى، يا ئۇنىڭ پات پات ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان دۈشمەنلىرى تەرەپتە تۇرۇپ جاھالەت تەرەپدارى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ ئۇچۈن قولىمىزدىن چوڭ ئىشلار كەلمىسىمۇ، ھېچبولمىغاندا مۇشۇ مۇنبەردە ئىنكاس يېزىپ بولسىمۇ، مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىپ، جاھالەتپەرەس بوپ قېلىشتىن ساقلىنايلى!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 20:58:05

تۇماق چۈشەندۇرۇشكە نىمانچە ئۈستىدۇ؟:o

patrol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:08:41

تۇماق بۈگۈندىن باشلاپ كەچتە قىڭراقنى ياستۇقنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ قۇيۇڭلا...ئەلۋەتتە، سۈرىلەردىن ئۇقۇپ ئۆينىڭ ئىچ-تېشىغا سۈف قىلىۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانسىلەر...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:25:15

بېگىر6 ، تۇماقنىڭ تەنىسىنى چۈشەنمەپسىز ;P

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 22:42:19

مەن ئۆزەم تەرەپتە تۇرۇپ، ئابدۇسەمەتنىڭ جاۋابىغا قاراي:P
بەت: [1] 2 3 4 5
: ئابدۇسەمەت مامۇتنىڭ لىكسىيە سۆزلىشى