Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 11:54:45

قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش (1)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Batush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 14:25  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر! شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئىزدىنىشتىكى  بۇرۇنقى Hawaskarدېگەن نامىمنى ھازىرقى Batush دېگەن نامغا ، كۆك كەپتەر ئەپەندىمنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزگەرتىۋالدىم، كونا – يېڭى دوست بۇرادەرلەر ۋاقپ بولۇپ قالغاي .



قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش(1)



قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ سۇ پومپىسىنى تىزگىنلەش لاھىيەسى


ئاپتورى :باتۇش


ھالقىلىق سۆزلەر: قۇياش ئىنىرگىيەسى太阳能 ؛باتارىيە تاختىسى   电池板؛ سۇ پومپىسى 水泵؛  موتور ئىنۋېرتىرى  变频器


ئىلاۋە: قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنپ، موتور ئىنۋىرتىرى ئارقىلىق سۇ پومپىسىنى تىزگىنلەش دېگىنىمىز  ئادەتتە قۇياش ئىنىرگىيەسىنى باتارىيە تاختىسى ئارقىلىق ئېلىكتېر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ سۇ پومپىسىنى تىزگىنلەشنى  كۆرسىتىدۇ . ئارتۇقلىچىلىقى بولسا ، توك يوق ،قۇياش نۇرى بارلىكى جايلار بولسا بۇ لاھىيەنى قوللىنىشقا بولىدۇ، كەمچىلىكى  قوياش نۇرى يوق ۋاقىتتا يەنىلا باشقا ئىلىكتېر مەنبەسىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ، مۇنداقچە ئىيتقاندا كېچىىسى ئىشلىمەيدۇ، (بۇنىڭمۇ كېچىسى ئىشلەيدىغان قىلىش لاھىيەسى بار )بۇ خىل لاھىيە يىزا ئىگىلىك ۋە سانائەتتە زور يوشۇرۇن كۈچ ئارتۇقچىلىقىغا ئىگە. لاھىيە ئاددى، قوللىنىشچانلىقى يۇقۇرى ، دەسمايە تۆۋەن .




1.        لاھىيە سېخىمىسى  -1




يۇقارىدىكى سېىخىمىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئىنىرگىيەنىڭ كېلىش مەنبەسى PV Module قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى .  دۈگلەك ئىچىدىكى Mبولسا سۇ پومپىسى موتورىنى كۆرسىتىدۇ .

2.        لاھىيە سىخىمىسى -2


يۇقارىدىكى سېىخىمىدا كۆرسىتىلگەندەك، ئىنىرگىيەنىڭ كېلىش مەنبەسى 2 خىل، بىرى Gird يەنى سىملىق توك يولى (ئادەتتە بىز ئىشلىتىدىغان دۆلەت تەمىنلەپ بەرگەن ياكى گىنراتوردىن چىققان توك ) يەنە بىرى بولسا PV Module قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى .  دۈگلەك ئىچىدىكى Mبولسا سۇ پومپىسى موتورىنى كۆرسىتىدۇ .
بۇ لاھىيەدە ئەگەر قۇياش يورۇقلۇقى ياخشى بولسا ،قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن ئەگەر يورۇقلۇقنىڭ كۈچى يەتمىسە سىملىق توكتىن پايدىلانغىلى بولىدۇ. (دىققەت، بۇ ئىككى ئېلېكتېر ئېنىرگىيە مەنبەسى ئاپتوماتىك ئالماشمايدۇ، بۇ يەردە يەنە باشقا بىر خىل سىۋچ ياكى توك يولى لازىم بولىدۇ.).

3.        لاھىيەنىڭ فۇنكىسيەسى
بۇ لاھىيە ئارقىلىق،قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ  3 سىملىق ئۆزگىرىشچان 380 ۋولتلىق موتورنى (مەسىلەن قۇدۇقنىڭ سۇ پومپىىسىنى)خالىغانچە كونترول قىلغىلى بولىدۇ.  قۇياش ئىنىرگىيەسى باتارىيە تاختىسى تاللاش-سەپلەش جەدۋىلى :



يۇقارقى جەدۋەل توغىرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە:
Max DC input Current دېگىنىمىز بىزنىڭ موتور ئىنۋىرتىرنىڭ تۇراقلىق توك كىرىش قىممىتى، يەنى ئەڭ يۇقۇرى چەكتىكى قىممىتى، ئەگەر بىز تەمىنلىگەن قۇياش ئېنىرگىيەسى بۇنىڭدىن يۇقۇرى بولۇپ كەتسە نورمال ئىشلىمەيدۇ.
Module Power دېگىنىمىز قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسىنىڭ قۇۋۋىتىنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن بىر تاختاينىڭ قۇۋۋىتى مانچە ۋات دېگەندەك.
Modules Per String دېگىنىمىز قۇياش ئىېنىرگىيە تاختىسىنىڭ تىزىلىش (قوراشتۇرۇش) شەكلى .
مەسىلەن ، 1.5كلوۋاتلىق موتورغا 60ۋاتلىق تاختايدىن 30 دانە كېتىدۇ. يەنى جەمئىي قۇۋۋەت 1800ۋات بولىدۇ دېگەن گەپ. نېمىشقا دېگەندە بۇ  خىلدىكى لاھىيەنىڭ ئىش ئۈنۈمى 80% ، شۇنىڭ ئۈچۈن تاختاينى تاللىغاندا 120% لىك ئۆلچەم بىلەن تاللايمىز. 1.5كلوۋاتلىق موتۇرغا 1.8كىلوۋاتلىق تاختاي تاللايمىز.

يۇقارىدىكى چۈشەندۈرۈشلەر سەل ئابىستىراكت بولۇپ قالدى، ئەمدى بىز ئاغزاكى تىلىمىز بىلەن قايتا بىر تونۇشۇپ چىقايلى:

تۆۋەندىكى رەسىم بولسا مۇشۇ لاھىيەنىڭ ئەمەلىيەتتىكى بىر قوللىنىلىشى . ماشىنا توختىتىش ئورنىنىڭ ئۈستىنى قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى ئارقىلىق ياپقان.  رەسىمنىڭ ئوتتۇرىسىدكى ساندۇق بولسا موتور ئىنۋېرتىرى . سول تەرەپتىكى سۇدان(سۇ تانكسى ) بولسا قۇدۇقتىن چىققان سۇنى شۇ يەرگە لىقلاپ ئاندىن ئىشلىتىدۇ (ئەلۋەتتە بىراقلا توختىماي ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ،سۇدان ئىشلەتمىسەكمۇ بولىدۇ)




قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىدۇ.
موتور ئىنۋىرتىرى تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان ئۈچ سىملىق 380ۋولتلۇق  توكقا ئايلاندۇرۇپ سۇ پومپىسى موتورىنى كونترول قىلىدۇ.
يۇقاردىكى لاھىيە قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن باشقا ھىچقانداق ئىنىرگىيە مەنبەسىگە تايانمايدۇ. دېمەك چۆلنىڭ ئوتتۇرسىغا قۇدۇقتىن بىرنى كولاپلا ،مۇشۇ لاھىيەدىن پايدىلىنىپ سۇ تارتىشقا تامامەن بولىدۇ.
تۆۋەندىكىسى بولسا مەن ھىندىستاندا تەمىنلىگەن بىر ئەمەلىي لاھىيە:



قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى –جەمئىي 2.6كلوۋات





سۇ پومپىسى – 2.2كلوۋات ، مەن ئىشلەتكەن ئىنۋېرتېرمۇ 2.2كلوۋات




سۇ پومپىسى مۇشۇ ۋاقىتتا 36ھىسرتىس تىزلىكتە ئايلىنىۋاتىدۇ (بۇ ۋاقىت بولسا 2013.يىلى 6.ئاينىڭ 14.كۈنى ھىندىستان گۇجارات شىتاتى ئەخمەداباد شەھىرى ،چۈشتىن كېيىن سائەت 6دىن 40 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت، قۇياش ئولتۇرۇشقا باشلىغان ۋاقت. ) ئەتتىگەن سائەت 10دىن باشلاپ چۈشتىن كېيىن سائەت 5 كىچە 50 ھىرتىستا ئىنتايىن نورمال ئايلىنىدۇ .يەنى سىملىق توك ئىشلەتكەندەك سۇ تارتىدۇ.




قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ تارتىلىۋاتقان سۇ .

تامام.

-------------------------------------------
بۇ يازمىنى ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغان توربەتكە كۆچۈرسىڭىز بولىۋىرىدۇ . ئىزدىنىشتىكى ئادىرسىنىمۇ ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ. سۇئاللار بولسا مۇشۇ ئىزدىنىشتا جاۋاب بېرىلىدۇ.

ئاپتور شېنجىنINVT  گوروھى ، ھىندىستان تارماق شىركىتى سېتىش  ھەم مۇلازىمەت بۆلۈمى دىرىكتورى
ئالاقە ئېلخەت : abdureshid.batush#gmail.com
2014.يىلى 1.ئاينىڭ 3.كۈنى ، شەھىرى مومباي .

------------------------------------------------------------رىۋايەتلەردىكى ئايرىش سىزىقى -------------------------------------------------------------

يېڭى ئىنىرگىيە مەنبەسى نۆۋەتتە دۇنياۋى خاراكتىرلىك تېمىغا ئايلاندى. قۇياش ئىنىرگىيەسى بىلەن شامال ئىنىرگىيەسى ئاساسلىق يېڭى ئىنىرگىيە مەنبەسى بولۇپ قىلىۋاتىدۇ .ئەمما قۇياش ئېنىرگىيەسى تەخمىنەن 90% يېڭى ئىنىرگىيە بازىرىنى ئىگەللەيدۇ .
قۇياش ئىنىرگىيەسىنى ئىلىكتېر ئىنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى نۆۋەتتە ئەڭ ياخشى بولغاندا 18% بولىۋاتىدۇ.  قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسىنىڭ باھاسى ۋات بويىچە ھىساپلىنىدۇ، دۆلىتىمىزدە ئەڭ ياخشىلىرىنى بىر ۋاتنى 5 كويدىن ئالغىلى بولىدۇ .ئەرزانلىرىمۇ بار. شۇڭا بەزى ئېنىرگىيە مەنبەسى ئاجىز رايونلاردا مۇشۇ خىلدىكى لاھىيەنى قوللانسا تامامەن بولىدۇ.

ئاخىرىدا ئەزىزلەرنىڭ ھەرقانداق سۇئاللىرى بولسا  مۇشۇ تېمىدا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە جاۋاب قايتۇرىمەن.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 15:17:10

پايدىلىنىش ئۈنۈمى بار ئوبدان تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز قېرىندىشىم. مۇشۇنداق ئىلمى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تېمىلار يوللانسا، بىرسىمىزگە بولمىسا بىرسىمىزگە ھامىنى ئەسقاتىدۇ.
ئەمدى سىزدىن سورايدىغان بىر گەپ: قەشقەر ۋىلايىتى تەرەپلەردە مۇشۇ ئىشنى قىلىدىغان سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ خادىملىرى بارمۇ؟ بولسا ئۇلار بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز؟مۇشۇ ھەقتە بىر ئۇچۇر بېرىۋەتكەن بولسىڭىز. مەنمۇ ئۆزۈم ئاچقان بوز يەرگە قۇدۇق كولاپ بولۇپ، توك مەسىلىسىنى ھەل قىلالماي تۇرىمەن. ئەگەر قۇلايلىق بولسا، مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ باققۇم بار.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 15:59:49

سىز كولىغان قۇدۇق قانچە مېتېر ؟ ئورناتقان پومپىڭىز قانچە كلوۋات ؟

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:05:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 16:10  

قۇدۇق 44مىتىر ئەتراپىدا، پومپىغا 9.5كلوۋاتلىقنى قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. 70مو ئەتراپىدا تېرىلغۇ يەر بار.
ئاندىن بۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولار؟ (قۇياش ئېنىرگىيىلىك باتارىيە تاختىسىنىڭ دېمەكچى) ھازىر توك تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن تازا كېلىشىپ بولالمايۋاتىمىز. ئۇلار 1200مىتىر جايغا توك تارتىش، ئىككى دانە بېسىم ئۆزگەرتكۈچنى قانۇنلۇقلاشتۇرۇپ ئورنىتىش ھەققى ئۈچۈن  120مىڭ تەلەپ قىلىۋاتىدۇ(يەنە بىر يەر ئىگىسى بىلەن شېرىكلىشىپ، 60مىڭدىن چىقىرىش توغرا كېلىۋاتىدۇ).
شۇنچە پۇل خەجلەپ توك تارتىپ، يەنە توك ھەققى تۆلەيدىغان گەپ-دە! شۇڭا، ماۋۇنىڭ ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولسا، مۇشۇنى ئورنىتىشنى ئويلاپ قالدىم.
ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:23:01

بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تىما بولۇپتۇ.
بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر تىما بولۇپتۇ. سىزدىن سوراپ باقسام:
سىز يۇقىرىدا سۇ تارتىش توغرۇلۇق توختۇلۇپسىز. يۇقارقى قەۋەتتىكى قېرىندىشىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ بولۇپ بىر ئائىلىنى توك بىلەن قامداش توغرىسىدىمۇ توختالغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن. چۈنكى جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپلەردە توك پونكىتىدىن باشقا توك ھايانكەشلىرىنىڭ قاقتى- سوقتى قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ بار. ئۇندىن باشقا يۇقۇرىدىكى قېرىندىشىمىز دىخانچىلىق مەيدانىغا سۇ تارتىشتىن باشقا شۇ يەردىكى ئۆيلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىمۇ بار.
ئۇندىن باشقا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا توك چىقىرىپ، توك پونكىتىغا توك سېتىپ پۇل تاپقانلارمۇ بار ئوىشايدۇ. بۇ توغرۇلۇقمۇ چۈشەنچە بەرسىڭىز، سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولاتتۇق.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:28:03

boran0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 16:05 static/image/common/back.gif
قۇدۇق 44مىتىر ئەتراپىدا، پومپىغا 9.5كلوۋاتلىقنى قويۇشنى ...

قۇدۇق 44مىتىر ئەتراپىدا، پومپىغا 9.5كلوۋاتلىقنى قويۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز. 70مو ئەتراپىدا تېرىلغۇ يەر بار.
ئاندىن بۇ خىل قۇرۇلمىنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولار؟ (قۇياش ئېنىرگىيىلىك باتارىيە تاختىسىنىڭ دېمەكچى) ھازىر توك تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن تازا كېلىشىپ بولالمايۋاتىمىز. ئۇلار 1200مىتىر جايغا توك تارتىش، ئىككى دانە بېسىم ئۆزگەرتكۈچنى قانۇنلۇقلاشتۇرۇپ ئورنىتىش ھەققى ئۈچۈن  120مىڭ تەلەپ قىلىۋاتىدۇ(يەنە بىر يەر ئىگىسى بىلەن شېرىكلىشىپ، 60مىڭدىن چىقىرىش توغرا كېلىۋاتىدۇ).
شۇنچە پۇل خەجلەپ توك تارتىپ، يەنە توك ھەققى تۆلەيدىغان گەپ-دە! شۇڭا، ماۋۇنىڭ ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولسا، مۇشۇنى ئورنىتىشنى ئويلاپ قالدىم.
ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.



9.5كلوۋاتلىق پومپىغا 11 كىلوۋاتلىق موتور ئىنۋېرتېرى كېتىدۇ. باھاسى تەخمىنەن 5000 ئەتراپىدا .
قۇياش ئېنىرگىيەلىك تاختىغا 220ۋاتلىق 60 دانە ئىشلىتىمىز. شۇندا بولغاندا تەخمىنەن 14 كلوۋاتلىق تاختاي كېتىدۇ . باھاسى بىر ۋاتنى 4 كويدىن ھىسابلىساق 56000 كوي .
باشقا چىقىم ئۇ -بۇلارنى قوشساق ئېشىپ كەتسە 75 مىڭ يۈەنگىچە بىلەن مۇشۇ لاھىيەنى قوراشتۇرالايسىز.
تاختاينىڭ ئىشلەش ئۆمرى 15 يىلدىن 25 يىلغىچە. ھەر 10 يىلدا ئىش ئۈنۈمى 2 % ئاجىزلايدۇ.
يۇقاردىكى لاھىيە كېچىسى ئىشلىمەيدۇ. كىچىسى ئىشلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن باتارىيە ۋە زەرەتلىگۈچ قوشمىساق بولمايدۇ. بۇنىڭ باھاسىنى مەن بىلمەيدىكەن.
يۇقاردا سىزگە دېگەن باھانى ئۆلچەم قىلىۋالماڭ . مەن پەقەت مۇشۇ ھىندىستان بازىرىنى كۆزدە تۇتۇپلا باھانى ھىساپلاپ باقتىم. تەخمىنەن دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ. بەلكىم ئاز كېتەر ياكى جىق كېتەر . ئەمما ئەڭ كۆپ بولغاندا ئاۋۇ ئىنۋېرتېرنىڭ باھاسى 17% باھا پەرقىدىن ئاشمايدۇ. تاختاينىڭ باھاسى 100 % ئىشەنچىلىك . دۆلەت ئىچىدە بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئەرزانراق توختىشىمۇ مۇمكىن.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:39:34

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 16:23 static/image/common/back.gif
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تىما بولۇپتۇ.
بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيە ...

بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تىما بولۇپتۇ.
بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر تىما بولۇپتۇ. سىزدىن سوراپ باقسام:
سىز يۇقىرىدا سۇ تارتىش توغرۇلۇق توختۇلۇپسىز. يۇقارقى قەۋەتتىكى قېرىندىشىمىزنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ بولۇپ بىر ئائىلىنى توك بىلەن قامداش توغرىسىدىمۇ توختالغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن. چۈنكى جەنۇبى شىنجاڭ تەرەپلەردە توك پونكىتىدىن باشقا توك ھايانكەشلىرىنىڭ قاقتى- سوقتى قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ بار. ئۇندىن باشقا يۇقۇرىدىكى قېرىندىشىمىز دىخانچىلىق مەيدانىغا سۇ تارتىشتىن باشقا شۇ يەردىكى ئۆيلىرىنى توك بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىمۇ بار.
ئۇندىن باشقا مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا توك چىقىرىپ، توك پونكىتىغا توك سېتىپ پۇل تاپقانلارمۇ بار ئوىشايدۇ. بۇ توغرۇلۇقمۇ چۈشەنچە بەرسىڭىز، سىزدىن كۆپ مىننەتدار بولاتتۇق.

ئائىلىنى توك بىلەن تەمىنلەشتە ، مەسىلەن
a.        空调              约1000W;
b.        微波炉            约1000W;
c.        电炉              约1000W;
d.        电热水器          约1000W;
e.        吸尘器            约800W;
f.        电吹风机          约500W;
g.        电熨斗            约500W;
h.        洗衣机            约500W;
i.        电视机            约40 w~200w
j.        电子计算机        约200W;
k.        抽油烟机          约140W;
l.        电冰箱            约100W;
m.        电风扇            约100W;
n.        手电筒            约0.5W;
o.        计算器            约0.5mW;
p.        电子表            约0.01mW;

شۇ تەخمىنەن 4 كلوۋات بويىچە ھىساپلىساق ، 5 كلوۋاتلىق تاختا كېتىدۇ (20000 ئەتراپىدا)، ئاندىن  بىر قۇياش ئىنىرگىيە ئىنۋىرتىرىدىن 4 كلوۋاتلىق بىرسى كەتسە (5000 ئەتراپىدا)  ، تەخمىنەن 30000 بىلەن قوراشتۇرغىلى بولىدىكەن.


يۇقاردىكى رەسىم دەل سىز دېگەن لاھىيە شۇ.
ئادەتتە 1-2كلوۋاتلىق لاھىيەلا يىتەرلىك، پەقەت بىز بىرلا ۋاقىتتا ھەممە ئىلىكتېر سايمانلىرىنى تەڭلا ئىشلەتمىگەندىكىن . بۇنداق لاھىيەنىڭ ئەڭ قىممەت توختايدىغان يېرى شۇ قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى قىممەت.

يۇقاردىكى باھا پەقەت تەخمىنەن دەپلا بىلسىڭىز بولىدۇ. بەلكىم ئەرزان بولىشىمۇ مۇمكىن . دۆلەتنىڭ تولۇقلىما ياردەم پۇلىسى بار دەپ ئاڭلىغان، شىنجاڭدا قانداقكىن .

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:47:57

ياۋروپادا ئەگەر سىز ئائىلىگە مۇشۇنداق لاھىيە ئورناتسىڭىز دۆلەتكە توك ساتسىڭىزمۇ بولىدۇ.  بۇنداق لاھىيەدە ئادەتتە ئىككى دانە توك سائىتى ئىشلىتىمىز، بىرى دۆلەتتىن ئالغان توكنى ھىساپلايدۇ، يەنە بىرى دۆلەتكە ساتقان توكنى ھىساپلايدۇ. ئەگەر ئالغان توك ساتقان توكتىن ئاز بولسا ،سىزمۇ مۇۋاپىق كىرىمگە ئىرىشىسىز.
ئەمما دۆلىتىمىزدە بۇنداق تۈزۈمنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغان بولساممۇ لىكىن كۆرمىدىم . ئۆتكەندە خەۋەردە كۆرگىنىم ئىسىمدە. ماۋۇ خەۋەر شۇ:
http://finance.chinanews.com/ny/2013/04-27/4773207.shtml


بۇ خىل لاھىيە بىلەن سالغان مەبلەغنى قايتۇرىۋىلىشقا تەخمىنەن 9-10 يىل كېتىدۇ.

khuldar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:52:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   khuldar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 16:55  

سىز دىگەن بىيەنپىڭچى دىگەن 逆变控制一体机دىگەن شۇمۇ؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 17:02:04

ئەمەس ، سىزنىڭ دېگىنىڭىز 逆变器.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 17:06:05

مەخسۇس ئەلانى بىسىپ قوياي دەپ كىردىم

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 17:17:09

Batush يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 16:28 static/image/common/back.gif
9.5كلوۋاتلىق پومپىغا 11 كىلوۋاتلىق موتور ئىنۋېرتېرى ك ...

قەشقەر تەرەپلەردە مۇشۇ قۇرۇلمىنى ئورنىتىدىغان كەسپى خادىملار بولسا ئالاقىلاشقىلى بولارمۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 17:40:42

ئەلا كەتتى، ئېسىل تېمىلار يېزىلىۋاتىدۇ.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 18:11:32

boran0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 17:17 static/image/common/back.gif
قەشقەر تەرەپلەردە مۇشۇ قۇرۇلمىنى ئورنىتىدىغان كەسپى  ...

مەن ئالاقىلىشىپ باقاي  ،
بولغان بولسا مەن ئۆزۈملا ئورنىتىپ بىرەتتىكەنمەن. دوڭگۈەندىكى بىر خىرىدارىمىز مەخسۇس مۇشۇنداق لاھىيە بىلەن تەمىنلەيتتى . سوراپ باقاي.

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 18:36:13

مەنمۇ ئەلانى دەسسىۋەتتىم . يېقىندىن بۇيان تېخنىكىغا ئائىت ، كىشىگە نەپ بىرىدىغان تىمىلار كۆپ يوللىنىۋاتىدۇ. تىما يوللىغۇچىلارنىڭ ئاتىلرى خېلى سىمىز ھەرقاچان ، ھېرىپ قالمىغاي

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 19:58:14

ئېسىل تېما. ئەگەر، يەر ئاچقۇچىلارنىڭ ئەتىراپى چۆللۈك دېگەندەك بوش يەر بولسا، پارنىكلىق شامال مۇنارى مۇنارى ياسىۋالسا، كېچە- كۈندۈز توك چىقارغىلى بولىدۇ. لېكىن بورانغا چىداملىق قىلىپ ياساش كېرەك.
ماۋۇ تېمامدا شۇنداق تۈردىكى مۇنار بار:
كۈن نۇرى شامال مۇنارى
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=43347

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 20:49:51

30مىڭ سوم بىلەن 130كىۋادىرات مېتىر 。ۆيۈمنى قۇياش بىلەن ?ىسسىتالىسام مەن چوقۇم بىر يۈرۈش سېتىۋالاتتىم,كۆمۈر قالاپ پار بىلەن قىشتا بەك تويدۇم

apxani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 23:15:03

مەنمۇ ئەلا نى بىسىۋەتكىلى  كىردىم باتۇشجان  ھى ھى  دىرىكتورلۇققا  ئۆسۈپسىزدە مۇبارەك بولسۇن  ھى ھى :lol:lol:lol:lol

apxani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 23:24:06

khuldar يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 16:52 static/image/common/back.gif
سىز دىگەن بىيەنپىڭچى دىگەن 逆变控制一体机دىگەن شۇمۇ؟

قوزغاتقۇچ توغرۇلۇق باتۇشجاننىڭ  ماۋۇ تىمىسىنى كۆرۈڭ  
http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=25670&extra=&page=1

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 23:39:46

30مىڭ سوم بىلەن 130كىۋادىرات مېتىر 。ۆيۈمنى قۇياش بىلەن ?ىسسىتالىسام مەن چوقۇم بىر يۈرۈش سېتىۋالاتتىم,كۆمۈر قالاپ پار بىلەن قىشتا بەك تويدۇم

توغرا ئۆينى ئىسسىتقىلى بولسا مەنمۇ ئويلىشاتتىم . بۇ تىخنكا كەڭ كۆلەمدە ئۇمۇملاشسا ئەيساجانلار(ۋاپادارىم 912) بىكارچى بولغىدەكتە :P
بەت: [1] 2 3
: قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش (1)