ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻰ- «ﺋﺎﺗﺘﯩﻠﻼ» ﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ
http://v2.freep.cn/3tb_140103123904y7is512293.jpgﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﻻﺵ-ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ, ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻰ ﺩﻩﭖ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻰ ﺋﺎﺗﺘﯩﻠﻼ......
http://v2.freep.cn/3tb_140103123953umqa512293.jpg
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﺎﺵ باقان ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻧﻤﯘ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﻪﮪﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ ﮪﯩﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ. ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﮪﻮﻥ ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﯟﻯ ﺭﻩﮪﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺘﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ. ﺑﯘ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﺪﻯ.
http://v2.freep.cn/3tb_140103124043f9y4512293.jpg
http://v1.freep.cn/3tb_140103124105uge0512293.jpg
http://v2.freep.cn/3tb_140103124129ua0c512293.jpg
1993-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ 2003-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻧﻪﻕ 10 ﻳﯩﻞ ﺑﯘ ﮪﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ. 2003-ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺭﻭﮪﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻻﻳﯩﮭﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺘﯩﻠﻼ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﺪﻯ. ﺋﺎﺗﺘﯩﻠﻼ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
http://v1.freep.cn/3tb_140103124230v48w512293.jpg
شەكلى كۆركەم ئىكەن بەك كۆركەم لايىھىلىنىپتۇ، بۇ يەرلەرگە قاچان كىلەر بولغىيىتتى. پۈتكۈل تۇرقىدىن A ھەرىپىنىڭ شەكلى چىقىپ تۇرىدىكەن.
تۈركىيەنىڭ تېخى مۇستەقىل ماشىنا ياساپ باقمىغانلىقى راستمىدۇ؟ مەن بۇرۇن بىر ماتىرىيالدا تۈركىيەنىڭ 1930-يىللىرى ئايرۇپىلان ياساپ دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىپ بەرگەنلىكى توغرۇلۇك خەۋەر كۆرگەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kinglion تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 11:20
بازارغا سېلىنسا قورغاستىن كىرىپ قالۇر{:112:}
ماركا نامىنى پەچەت تاللاپتۇ. بۇ بىر پروتوتىپ ئوخشايدۇ.
قازاقىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىشى كۆپ تەس. 1966دىن 1991گىچە تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىغان «ئانادول» ماركىلىق ئاپتوموبىللار.
بۇرۇنمۇ ئىشلەپتىكەنغۇ مانا، چىرايلىق ماشىنىكەن بولمىسا {:117:} ھەيدەپ باقىدىكەنمىزدە ئۆمرىمىز بولساا YELKEN يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 11:41 static/image/common/back.gif
1966دىن 1991گىچە تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىغان «ئانادول» م ...
تۈركىيە كىيىن نىمە دەپ ئىشلەپ چىقارمىدىكىنە بۇ ماركىدىكى ماشىنىلارنى؟ قىزىل بايراقتىن نەپىس چىقىپتۇ. nasin يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 12:09 static/image/common/back.gif
تۈركىيە كىيىن نىمە دەپ ئىشلەپ چىقارمىدىكىنە بۇ ماركى ...
بۇ پەقەت شۇ چاغلاردىكى ئەڭ داڭلىق مودېللېرىدىن بىرسى. ھەتتا ئاۋۇ سېرىق رەڭلىكى ھازىرقى پورشېلاردەك «چاپقۇر» مودېلى. ياۋروپادىكى ئاپتوموبىل يەرمەنكىلىرىدىمۇ خېلى كۆزنى چاقنىتىپتىكەن.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئاپتوموبىل سانائىتى بەك چوڭ ساھە ۋە نۇرغۇن قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە mass production (مانىڭ ئۇيغۇرچىسىنى نېمە دېسەك بولار؟) باشقا نۇرغۇن ئامىللار بار بولغاچقا، مەلۇم بىر ماركىنىڭ ساقلىنىپ تۇرىشى كۆپ تەسكەن. ھازىر بۇ ماركىنىڭ خوجايىنى تۈركىيەدىكى فوردنىڭ ئىگىسى، بۇ زاۋۇتتا فوردنىڭ ماشىنىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
ئەمدى قازاقلارنىڭ پىلانىغا كەلسەك، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتا ھازىر مەخپى تېخنىكىمۇ يوق، مەبلەغنى سالسىلا، ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇنىڭدىن كىيىنچۇ؟ شۇ ئاپتوموبىل زاۋۇتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن قوشۇمچە سانائەت زاۋۇتلىرى بولۇشى كېرەك. تۈركىيەگە كەلسەك، ھەممە نېمىسى تەييار، سانائەت ئاساسى بار، قوشۇمچە سانائەت ئەسلىھەلىرى، تېخنىكا ھەممە جەھەتتىن تولۇق. لېكىن قازاقلارنىڭچۇ؟ بۇ كۆپ تەس.
جۇڭگودەك، ھىندىستاندەك بىرەر دۆلەت بولسىغۇ، يىلدا 500مىڭنى ئىشلەپچىقىرالىسا، خەقلەر خاتا ئېلىپ قالسىمۇ 500مىڭنى سېتىۋېتەلەيدۇ. ئەگەر 500مىڭدىن كۆپ ساتالمىسا بىر يىلدا، زاۋۇت كەينىگە ماڭىدىغان گەپ. 500مىڭنى ساتالامدۇ؟ بەك بولسا، قازاقىستاندىن باشقا قىرغىزىستانغا ئازراق چىقىرا. قالغىنىچۇ. يەلكەننىڭ گىپىنىڭ خىلى ئاساسى بار . ياخشى بوپتۇ مۇبارەك بولسۇن. زاۋۇت قۇرۇلۇپ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىلپتۇ، ئەمدى زاۋۇت روناق تاپامدۇ ياكى ۋەيران بولامدۇ يەنىلا كەلگۈسىگە قارايلى.
روناق تاپسىمۇ قوللايمىز ۋەيران بولسىمۇ قوللايمىز.
جۇگڭۇنىڭ ئاپتوموبىل ئەنئەنىسى بولمىغاچقا ، بىيادى ياسىسا چەتئەلنىڭ مەلۇم بىر ماشىنىسىغا قۇيۇپ ،قويغاندەك ئوخشاش چىقىپ قالىدۇ. جۇڭخۇانى ياسىسا ب م ۋ غا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۆتكەن يىلى بىر ماشىنا ياسىغان بولسا بۇ يىل ئۇ ماشىنىنىڭ ھېچنىمىسىى ،بۇيىل ياسىغان يېڭى نۇسخىدىكى ماشىنىغا ئوخشىمايدۇ. ھەممىسى تەقىلىد ماشنىلار
ئامېرىكا ،گېرمان،ئىتالىيانلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياساش ئۇسلۇبى بار، مەسىلەن بېنىزنىڭ 1960-يىلى ياسالغان ماشىنىسى بىلەن 2013-يىلى ياسالغان ماشىنىسىنى سېلىشتۇرساق 1960-يىلدىكى ئۇسلۇبنىڭ 2013-يىلىمۇ بارلىقىنى كۆرىمىز. ب م ۋ نىڭمۇ ،بېكنىڭمۇ، فېرارىنىڭمۇ ئوخشاش.
بېنىز شىركىتى فورد ياكى ۋولۋونى ،ئاۋدى شىركىتى لېكساسنى ياكى مىتسۇبىشىنى دوراپ ئىشلىۋالمايدۇ. ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ياساش ئۇسلۇبى بار.
ئەمما ماۋۇ نومۇسسىزلاردا بۇنداق يۈرەك يوق.
قازاقلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىر ۋاقتىسى بىرەيلەن قاڭقىل دەيدىغان ماشىنىنى بازارغا سالمىز دەۋاتاتتى؟ تۇنجى تۈرۈك ئاپتوموبىلى بۇلۇشى ناتايىن ، ئەمما قازاقستاننىڭ ئۆزئالدىغا ماشىنا ئىشلەپ چىقرالشى بىر زور نەتجە . ھەممە يېرىدىن قازاقچە پۇراق چىقىپ تۇرىدىكەن. قازاقلاردىكى مىللى ئاڭنىڭ ئويغىنىشى ئالامەت -ھە، قازاقچە نەقىش چۈشۈرۈلگەن باش كىيىملىرى، مايكىلىرى، پوپايكىلىرى بار ئىكەن، مۇھىمى كيىۋالغانلار كۆپ ئىكەن. قىز-ئاياللىرىنىڭ قولىغا قارىسىمۇ شۇنداق نەقىش چۈشۈرۈلگەن كۆمۈش ئۈزۈك. توپلىشىۋېلىشى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزىچە خەنزۇچە پاراڭلىشىپ كېتىشى. خەلقئارالىشىپ كېتىۋاتقان دۇنيادا كىرزىسنى ھىس قىلىۋاتقان بولسا كېرەك.
يەنىلا ئويغانمىغىنى مۇشۇ دۆت ئۇيغۇر :lol ئۆزىنى ئىنتىرناتسئونال جەڭچىسى ھىساپلاپ دۇنيانى بىرلىككە كەلتۈرمەك بولۇپ يۈرىشىدۇ{:87:}
ئاپتوموبىل سانائىتى توغرىسىدا يەلكەن توغرا گەپ قىلىپتۇ. ئۆتە مىللەتچىلىك سىياسەتلىرى بىلەن ئاپتوموبىل سانائىتىنى قوغىدىمىسا گىرمانىيە، ياپونىيە ئاپتوموبىللىرىغا تاقابىل تۇرمىغى تەس،ئەمما مۈمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس. ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇچە سۆزلەشكىنى جۇڭگۇچە ئالاھدىلىك.:lol كومپىيۇتېردىن قازاقلارنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ بىلۋالىدىغان نەدىكى سىر .:lol
نىمانداق سەت ماشىنا بۇ. ;P
بۇ قازاق قېرىنداشلارمۇ قىززىقكەن، ماشىنىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ، قېنى ماشىنىنىڭ ئۆزى؟
ماتور ۋە باشقا زاپچاسلىرىنى قايسى دۆلەتتىن ئەكىلىپ قۇراشتۇرىدىكەن؟
بەت:
[1]
2