jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 10:16:49

بارماق دېسكىڭىز ۋىرۇسلاندىمۇ يوق؟

1.4MB لىق يۇمشاق دېسكىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى بىلەن  بارماق دىسكا ئىشلىتىش ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولۇپ قالدى ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مۇھىم ئىش قاتارىدا تەكىتلىنىۋاتقان بۇگۈنكى كۈندە بارماق دېسكىڭىزنىڭ زادى ساق ياكى كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلىش تولىمۇ مۇھىم ،  ۋىرۇسلانغان بارماق دېسكىدا مەشغۇلات قىلغاندا يىنكرەكى سېستىمىنى ئاستىلىتىپ ، قاتۇرۇپ ، بۇزۇپ قويار خالاس ، ئېغىرراق بولغاندا  بانكا كارتا ھىساپ نۇمۇرى ، ھەرخىل يۇمتاللارنىڭ مەخپى نۇمۇرى قاتارلىق مۇھىم شەخسى ئۇچۇرلىرىڭىز باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن ، شۇڭا ئىشلىتىۋاتقان ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئەسۋابلىرىمىزنىڭ سېستىما بىخەتەرلىكىگە چوقۇم كاپالەت بېرىشىمىز كېرەك  
1. ۋىرۇس يوق دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن شارائىتتا ، پەقەت ئوقۇشلا ھاجىتى بولۇپ يېزىش مەشغۇلاتى قىلمىسىڭىز بارماق دېسكىنىڭ يېزىش قۇلۇپىنى ئېتىۋېتىڭ .
2. ۋىرۇس بار دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن شارائىتتا ،   ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلار چوقۇم لازىم بولۇپ قالسا ، سېستىمىنى بىخەتەر قوزغىلىش ھالىتىدە قوزغىتىڭ ، بارماق دېسكىنى سانجىغاندىن كېيىن مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسدىكى ئېچىش بۇيرۇقى بىلەن ئېچىڭ (بۇرۇنقىدەك قوش چېكىپ ئاچماڭ) ، كېرەكلىك ھۆججەتنى كۆچۈرۋالغاندىن كېيىن ، ئاندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتسىڭىز بولىدۇ .
3. بارماق دېسكىدا ۋىرۇس بار يوقلىقىنى ئەلۋەتتە ئادەتتىكى  ۋىرۇس تەكشۈرۈش يۇمتاللىرى ھۆكۈم قىلالايدۇ ۋە تازلىيالايدۇ ، يەنە بىر ئاددى ئۇسۇلى
‏بارماق دىسكىڭىزغا قۇرۇق ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇپ نامىنى autorun.inf قىلىپ ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر بارماق دېسكىڭىزغا قۇرۇلغان بۇ ھۆججەتنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە بولمىسا، بۇ بارماق دىسكىڭىزنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سىز بارماق دىسكىڭىزدىكى مۇھىم ھۆججەتلەرنى زاپاسلىۋالغاندىن كېين، فورماتلىۋېتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنداق بولۇشنىڭ پىرىنسىپى: كۆپ ساندىكى ۋىرۇسلار ئالدى بىلەن autorun.inf ھۆججەت قىسقۇچى قۇرۇپ ئاندىن مەزمۇن كىرگۈزىدۇ، ۋىرۇس C دىسكىغا كىرگەندە دەل مۇشۇ ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەت قىسقۇچنى تارقىلىش  ۋاستىسى        قىلىدۇ.                                                                                                                                                                                              autorun.inf  نىڭ ئۆزى سىز بارماق دېسكىنى قوش چېكىپ ئاچماقچى بولغاندا ئىجرا بولۇنىدىغان ھۆججەت بولۇپ ، كۆپلىگەن بارماق دېسكا ۋىرۇسلىرى ئۆزىنىڭ قوزغىلىش شەرتىنى دەل مۇشۇ ھۆججەتنىڭ ئىجرا بولۇشىغا باغلاپ قويىدۇ دە ، بارماق دېسكىنى ئېچىشىمىزغىلا ۋىرۇس ئىچكى ساقلىغۇچقا كىرىپ بولغان بولىدۇ .                                                                                                                   ‏                                                                                                                                                                                                                                                                                                         

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 15:19:13

1024

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 16:20:44

ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا狂飙 ماركىلق ۇ  دىسكىدىن بىنى ئالغانتىم، بىرەر ئايدىن كىيىن، ۋىرۇس توشاق بىر كومپيۇتېرغا سالغان بانا بىلەن كاردىن چىقتى.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 21:49:42

ھەي ۋىرۇس..... مەرەزدە بۇ مەرەز!

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 12:09:53

مەندە « سەندىسىك » ماركىلىق 8 جىلىقتىن بىرسى بار ئىدى ، يېقىننڭياقى قەتئى فورماتلىغىلى بولمايۋاتىدۇ .
بۇ نىمە ئىشتۇ ؟
جەۋلانكا ، بۇنى فورماتلاشنىڭ ئامالىنى كۆرسىتىپ قويمامسىز ؟

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 12:34:03

تۇيۇقسىزلا باش سۆرىتىڭىزگە كۆزۈم چۈشتى ، بۇنىڭغا بىر تەبىر بىرىۋىتەي .
ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى سەللىلىك سىز ئىكەنسىز ئىسمىڭىز بەلكىم « روخانى » بولسا كېرەك ،
ئاۋۇ سوپسېرىق پۇتىنجاننى بىر قولىڭىزدا چىڭ قۇچاغلىۋاپسىز ، ئەخمىتاخۇنمۇ بۇرۇن پۇتىنجاننىڭ يېقىن ئاغىنىسى ئىدى ، ئىشقىلىپ بۇرۇنقى ئەجداتلىرىنىڭ ئەسكىلىكىنى ھىسابقا ئالمىغاندا خېلى بۇپقۇيىدىغان بالاڭزا ئۇ پۇتىنجان دىگەن .
ئاۋۇ يەنە بىر قۇلىڭىزدا قۇچاغلىۋالغىنىڭىز شى ئالىلىرىمۇ قانداق ، ياق ، ياق شى ئالىلىرىنىڭ بۇرتى يوق ،
بىنجامىن ( نىتانىياخونى دىمەكچى ) ئەمەستۇ ھە ، ياق ، ياق ئۇمۇ ئەمەس ، ئەگەر بېنجامىن بولسا ئاۋۇ قارۋاي ماي تارتىپ دومسىيىپ ئولتۇرمايتى ، ئۇنداقتا زادى كىمىدۇ ؟
ئۇياقنى زادى ئىلغا قىلالمىدىم .
ھەراسىت كىم بودەكمۇ يا ؟
ئەخمىتاخۇننىڭ كىم بودەك بىلەن مۇناسىۋىتى خېلى ياخشىدەك قىلغان .
بەزىلەرگە قارىغاندا كىم بودەكمۇ خېلىلا بۇپقۇيىدۇ ، كەپىسى ۋەيرانە باللىلىرى ئاچ - يالىڭاچ بولغان بىلەن يولۋاسنى كۆرسىمۇ شىردەك ھۆركىرىيەلەيدۇ .
كىم بودەك بىلەن پۇتىنجاننى چىڭ قۇچاغلىۋالسىڭىز ئاۋۇ قارىۋاينىڭ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتكىنىنى كۆرمەمدىغان ،
   - ھەي بۇ بايقۇشلار زادى نىمىنى مەسلىھەتلىشىۋاتىدىغاندۇ ؟   - ئوتتۇرا شەرىقتىىكى ھۈكۈمرانلىق ئورنى توغۇرلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتامدۇ يا ؟  - ياكى بولمىسا بىزنىڭ ئاسىياغا قايىتقان ئىشىمىز توغۇرلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتامدىغاندۇ ؟    . . . . . . .  دىگەن چىراي .



بەت: [1]
: بارماق دېسكىڭىز ۋىرۇسلاندىمۇ يوق؟