سىن: 2013 شوپۇرلۇق ئىمتاھان- داۋاندا توختاش\ قوزغاش
مەنمۇ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىپ قويۇشنى ئويلىشىپ « قەشقەر تەبەسسۇم شوپۇرلۇق مەكتىۋى» دە ئوقۇۋاتقان ئىدىم، مۇشۇ جەرياندا ئۆزۈمنىڭ ئۆگۈنۈش جەريانىدىكى تەجرىبەم ( ئەلبەتتە شۇ مەكتەپتىكى ئۇستازلىرىمدىن ئۆگەنگەن) ئاساسىدا توردىكى خەنسۇچە سىندەرستىكى چۈشەندۈرۈش ئاۋازىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەپ باقتىم.مۇشۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە سىندەرس بولمىغان ئەھۋالدا بۇ سىندەرسنىڭ شوپۇر تەربىيەلەش مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتقان دوستلارغا ياردىمى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjU2NTE3Mzg0/v.swf
مەنبە: http://v.youku.com/v_show/id_XNjU2NTE3Mzg0.html
بۇ سىندەسنى ساقلىۋالماقچى بولسىڭىز avi پىچىمدىكىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، mpg پىچىمدىكىسى بۇ يەردە
360 نىڭ ھەقسىز تور بوشلۇقى ( بۇلۇت سۇپىسى) لازىم بولسابۇنى بېسىپ ئىلتىماس قىلىڭ.
بۇنىڭ خەنسۇچىسى ۋە باشقا سىندەرس، دىتال لازىم بولسا 2013- يىللىق شوپۇرلۇق ئىمتاھانىنىڭ سىن دەرسى،تەقلىدى سىستېما
مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا باشقا توربەتتە تەۋسىيە قىلىشقا بولۇدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا buyukturn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-3 11:10
ۋاي نىمىسىنى دەيسىز قېرىندىشىم ، مىنىڭمۇ داۋاندىن بىر ياندۇرۇشۇم 6000 يۈەنگە توختىدى دەڭ .
ئويلىساملا شۇنداق قورساقلىرىم كۆپىدۇ .
جېقمۇ ياندۇرمىغانتىم ئارانلا 30 سانتىمىتىر يېنىپ كەتكەن ئىدى ، شۇنداق قىلىپ ئۆتەلمىدىم .
سالپىيىپ دەرۋازا ئالدىغا چىقسام بىر قانچە بىدىك بار ئىكەن ، جان ئاچچىقىمدا يەنە بىر قېتىملىق مەيدانغا چۈشۈش پۇرسىتىنى 6000 يۈەنگە سېتىۋېلىپ ئۆتتۈم .
10 - ئايدا بولغان ئىش «س » تىپلىق پىراۋىنىڭ . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-3 11:34
ھەممە تۈردىن بىرقېتىمدىلا ئۆتۈپ6ئايدا پىراۋا قۇلۇمغا تەگدى. داۋان دېگەندىن ئاتتەك چىقىپ كىتىۋىدىم:P قول تۇرمۇزنى ئىشلەتمەي چىقاتتۇق، ماۋۇ ئاسانكەن جۇمۇ. 6000؟ تۆۋە،يامان جىق تۆلىۋاپسىز.قورسىقىڭىز كۆپمىسىمۇ بولمىغۇدەك. بۇ داۋان ئىمتىھانى ئانچە تەس ئەمەس، مەشىقنى ياخشى قىلسا. ئەڭ تېسى 3-پەن ئەمەلىيەت. يەنى يول مەشىقى. 29 خىل قائىدە بويىچە ماشىنىغا چىقىشتىن تارتىپ ئىمتىھان ئاياغلاشقۇچە بىرەرنى كەم قىسلىڭىز بولدى 2-3 ئاي قالىسىز ياكى پۇل بىلەن ئۆتىسىزكەن.
مەنمۇ 3-پەننى تۈگىتىپ 4-پەن نەزەرىيەگە تەييارلىق قىپ ئولتاردىم ھازىر. ئاۋازىڭىز ياخشىكەن،ئوبدان چۈشەندۈرۈپسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yolyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-3 18:54
2013- يىللىق شوپۇرلۇق ئىمتاھانىنىڭ سىن دەرسى، تەقلىدى سىستېما ( خەنسۇچە) بار، ھەممە دەرس ھەممە ئىمتاھاننىڭ بار.قىزىققۇچىلار چۈشۈرۈۋېلىڭلار.
ۋاقتىم يار بەرسە باشقا دەرسلەرنىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەپ قويۇمەن. ئوتكەندە دوستۇم ئىمـىھانغا قاتىنىشىپ مۇشۇ داۋانداماشىنىنى قوزغاتقاندا ماينى قۇلاققىچە بىرىپ ماشىنىنى
قوزغۇتۇپ مىڭىپ تىكەن بولمىسا ماينى سەل ئاستا بىرىپ قويسا ماشىنا كەينىگە يىنىپ كىتىدىكەن
شۇڭا داۋاندىن قوزغىغاندا ماينى قۇلاققىچە بەرگەن ياخشى ماشىنا بىزنىڭ بولمىغاندىكىن چۇ ئەمدى ئىشقىلىپ شۇ كونا زاماندا ئېلىۋاپتىكەنمەن ب پىراۋىنى..... ھازىر بالىلار ساپلا قاخشايدىغۇ..... پىراۋا ئېلىشتەك تەس ئىشنى كۈرۈپ باقمىدىم ..... ئابلەتكا بۇنىقاچان ئۇيغۇرچلاشتۇرغانتىڭىز ؟ izdan0998 يوللىغان ۋاقتى2014-1-11 17:17 static/image/common/back.gif
ئابلەتكا بۇنىقاچان ئۇيغۇرچلاشتۇرغانتىڭىز ؟
خەنسۇچىسى ئۇچراپ قېلىپ ، تورداشلارغا بەھرلىۋېتىپ بىر ھەپتە كۆرۈپ چىقىپ بىر قىسىم مۇھىم بىلىملەرنى ئۆگەندىم، بۇنى ئۆگۈنۈشنىڭ تەسلىكى ھەمدە مەن كۆرگەن سىندىكى مۇھىم بىلىملەرنى كۆرۈپ مۇشۇنداق سىننىڭ ئۇيغۇرچىسى بولغان بولسا نۇرغۇن ئادەمگە ياردىمى بولۇدىكەن دەپ ئويلۇدۇم، ئاشۇنداق سىندەرس ئىشلەشكە ئىمكانىيىتىم بولمىغان بىلەن ئاۋازلىق قىلىش قولۇمدىن كېلىدىكەن دەپ ئاۋاز بەردىم. شۇ كۈنىلا ئىنتىل، ئىزدىنىش، ئەلكۈيى، مىسرانىمغا يوللۇدۇم.
ئىنشائاللاھ قىشلىق تەتىلدە باشقىلىرىنىمۇ تاللاپ ئاۋاز بەرگۈم بار.
راست، خەنسۇچە سىندەرس توپلىمىدا تەقلىدىي مەشق يۇمشاق دىتالى بار، چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ.
بەت:
[1]