alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 19:21:34

تېلگىراف كارتىلىق تېلفۇندا ۋاقىت توغرىلاش

تېلگىراف كاتىسى ئىشلىتىۋاتقان كۆپىنچىمىز تېلفۇننىڭ سائىتىنى ئۈرۈمچى ۋاقتىغا توغرىلاشقا ئامالسىز قالىمىز. يەنى ۋاقىت رايۇنى تاللايدىغان كۆزنەك تاللانمايدىغان قىلۋېتىلگەننىڭ ئۈستىگە سائەتنى ئۈرۈمچى ۋاختىغا ئاساسەن ئىككى سائەت كىيىنگە تەڭشەپ قويساقمۇ يەنىلا سىكۇنت ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ ۋاختىغا توغرىلىنىپ قالىدۇ. ئەڭ ئاددى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل شۇكى تېلېفۇننى ئۇچۇش ھالىتىگە ئەكىلىپ قويۇپ ئاندىن ئاپتۇماتىك ۋاقىت توغرىلاش ۋە ۋاقىت رايۇنىنى ئاپتۇماتىك مۇقىمداش دىگەن ئىككى كۆزنەكتىكى توغرا بەلگىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىپ ئاندىن ئاستىدىكى ۋاقىت رايۇنىدىن «ئالمۇتا» نى تاللاپ ئاندىن تېلفۇننىڭ ئۇچۇش ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتسەكلا بولىدۇ.بىلىدىغانلار مازاق قىلمىغايسىلەر!

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 10:09:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 10:15  

ئۈچۈش ھالىتى دىگەن نىمە گەپ تەپسىلىرەك تۇختالسىڭىز!!!!مەن بەيدۇدىن سىز سىز دىگەندەك ئەشۇ ئاپتۇماتىك ۋاقىت توغۇرلاشنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلۋەتسەڭلار بۇلىدۇ دەپ كۆرگەن.لىكىن مەن ئىشلەتكەن ئىككىلا تىلفۇندا بۇ نەرسە رەڭسىز ھالەتتە تورىدۇ.يەنە ھىچقانداق ئۆزەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولمايدىكەن.مەشخۇلات تەرتىپىنى تەپسىلىرەك يېزىپ بىرەلەمسىز!!!!1

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 11:09:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-3 11:12  

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 10:09 static/image/common/back.gif
ئۈچۈش ھالىتى دىگەن نىمە گەپ تەپسىلىرەك تۇختالسىڭىز!!!!م ...

ئۇچۇش ھالىتى دىگىنىمىز 飞行模式،يەنى ئۇچۇش ھالىتىگە ئەكەلسىڭىز ئاشۇ رەڭسىز تاللىغىلى بولمايدىغان كۆزنەك تاللىغىلى بولىدىغانغا ئۆزگىرەيدۇ.پەقەت ئۇچۇش ھالىتىگە ئەكەلسىڭىزلا.
تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن ئۇچۇش ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتسىڭىز تەڭشەك سىز تەڭشەپ قويغان پېتى ئۆزگىرىپ كەتمەي تۇرىدۇ.

esin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 11:12:41

سامسۇڭ تېلفۇندا ئۇچۇش ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بولغىچە ۋاقىتمۇ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ بولدى. بولمىسا ۋاقىتنى ئاپتۇماتىك توغرىلاش، ۋاقىت رايۇنىنى ئاپتۇماتىك توغرىلاش دىگەنلەرنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئۆچۈرۋەتكەن.
ئەمما خۇاۋېي تېلفۇندا بۇرۇن مۇشۇ ئۇسۇلدا ئىشلەتكەن.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 12:49:24

ياۋ .....ئاخىرى  ھەل  قىلىش چارىسى تېپىلدى،رەھمەت سىزگە

ghalcha يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 12:55:09

بىلىۋالدىم .......رەھمەت!~~

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 14:55:21

يانفوننى روتلىۋەتسەك خالىغان ۋاقىت رايونىنى تاللىغىلى بولىدىكەنغۇ
روتلىمىغان يانفونلاردا تېمىدىكى ئۇسول تازا ماس كەلگۈدەك

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 15:52:07

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مىنىڭ خۇاۋېي g610تىپلىق يانفۇن ئىدى.تىمىدا دىيىلگەندەك قىلساممۇ يەنىلا بېيجىڭ ۋاقتىغا توغرىلىنىۋالدى.بۇ قانداق گەپتۇ.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 18:52:24

ئۇچۇش ھالىتى ئەمەلدىن قالسىلا يەنە بېيجىڭ ۋاقتىغا توغۇرلىنىۋالدى.{:130:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 21:00:19

مېنىڭكىدىمۇ ئۇچۇش ھالىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بولغىچە بېيجىڭ ۋاقتىغا ئاپتوماتىك توغرىلىنىپ بولدى
بولمايدىكەن

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 10:26:54

samsung 739 ناملىق بۇ نۇمۇسسىز تېلېفۇندىكى ۋاقىتنى ئۆزەمنىڭ ئادەتلەنگەن ۋاقتىغا توغۇرلىيالماي، نەچچە ئون يىل ئىشلەتكەن كارتىدىن تېخى ۋاز كىچەلمەي، بۇ نۇمۇسسىز تېلېفۇندا ئاددى ھوقۇقۇمنىڭمۇ ئېلىپ تاشلانغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ يۈرەتتىم، ماۋۇ تېمانىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپ، ھەممىدىن مۇھىم كۆرۈپ، 1- رەتتە ئوقۇپ، سىناپ باقسام مۇۋاپىق بولدى، ئەمما ئايرۇپىلان ھالىتىدىن نورمال ھالەتكە ئەكىلىشىملا يەنە نۇمۇسسىزلىقىنى داۋام ئەتتى. قانداق قىلىش كېرەك، ئاددى بىر ئىنسانى ھوقۇقۇمنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىغان تېلېفۇندىن ۋاز كىچىشنى قارار ئەتتىميۇ، نۇمۇرۇمدىن ۋاز كىچىشنى خالىمىدىم، قانداق تېلېفۇندا نۇمۇرنى ساقلاپ قىلىپ، ۋاقىتنى، كومپاسنى نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ تەلىم بەرگەيسىزلەر.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 22:36:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bidar-Qutlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 22:38  

بىلىكاننىڭ يېڭى چىققان CDMلىق تېلېفۇنىدا كومپاسنىڭمۇ نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى(قىبلىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى) ئاڭلىغانتىم،  ۋاقىتنى ئۆزگەرتىدىغان ئىشى قانداقكىن بىلمىدىم. مۇشۇ ئىككى ئىش ھەل قىلىنغان بولسا، بىلكان ئالايمىكىن دەيمەن.

ghalcha يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 19:25:10

ئۇچۇش ھالىتىدىن قايتسىلا يەنە ئەسلى ھالىتىگە قايتىدىكەن......

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 19:36:06

بۇ باش قېتىقچىلىقى ھەممە يەردە باركەن دە...

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 19:44:20

ئالىپ تور بېتىدە بىر ئەپ بار. شۇنى چۈشۈرۈپ ۋاقىت رايۇنىدىن ئاسىيا ئالمۇتىنى توغرىلاپ قويساڭلار مەجبۇرى توغرىلىنىپ قالىدىغان بەسەي ۋاقىت رايۇنىدىن قۇتىلىسىلەر.
يازما ئادىرىسى:  http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=27881
بەت: [1]
: تېلگىراف كارتىلىق تېلفۇندا ۋاقىت توغرىلاش