kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 14:51:53

ئۇرخۇن ئابىدىلىرى (مەڭگۈ تاشلىرى) دىكى ئىبىرەتلىك قۇرلار

ئۇرخۇن ئابىدىلىرى (مەڭگۈ تاشلىرى) دىكى ئىبىرەتلىك قۇرلار
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا

«ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» ئادەتتە، كۆك تۈرك ئىمپېريىسى (552-يىلدىن 740-يىللارغىچە سەلتەنەت سۈرگەن) دەۋرىدە ئورنىتىلغان، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ھازىرقى تاشقى موڭغۇليە جۇمھۇريىتىنىڭ ئۇرخۇن، سېلىنگا (يېنىسەي-ئانا ساي ياكى ئانا دەريا) دەرياسى ۋادىلىرىدىن تېپىلغان، كۆك تۈركلەرنىڭ دۆلەتچىلىك دەۋرىگە قەدەم قويىشى ۋە ئۇنىڭ پارچىلىنىپ، گۇمىران بولىشى، كېيىن يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، تارىخ سەھنىسىگە چىقىپ، دۇنياۋى ئىمپېريىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش جەريانى ھەم بۇ جەرياندىكى ھەربىي يۈرۈشلەر، تارىخى ساۋاقلار شۇنداقلا قوشنا قەبىىلەر بىلەن بولغان تۈرلۈك ھەربىي، سىياسىي، دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرى، دۆلەتچىلىك قاراشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدىغان مەڭگۈ تاشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.
«ئۇرخۇن ئابىدىلىر» نامىدا ھازىرغىچە تېپىلغان مەڭگۈ تاشلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، بىراق، مەزمۇنى، تىلى ۋە تارىخىي ئىزچىللىقى ھەم ئەكس ئەتتۈرۈشچانلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندا «كۆل تېكىن ئابىدىسى»، «بىلگە قاغان ئابىدىسى» ھەم «تۇنيۇقۇق ئابىدسى» ئەڭ داڭلىقتۇر.
بۇ ئۈچ مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدە ئەينى دەۋردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ دۆلەتچىلىك ئىدىيسى ۋە بۇ ئىدىيىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا تارتقان مۇشققەتلىرى، ھەربىي يۈرۈشلىرى ھەم تەجرىبە-ساۋاقلىرى، كېيىنكىلەرگە قالدۇرغان ئىبىرەتلىرى ناھايتى جانلىق ھەم ئوبىرازلىق تىللار بىلەن پاكىتلىق ھالدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز دەۋرنىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايلىرىغا، يەنى، ئادەملەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ھەم مەدەنىيەتنىڭ ھامىيسى بولغان پايتەختكە يېقىن يەرگە جايلاشقان. مەڭگۈ تاشلارنىڭ يۇقارقىدەك مەزمۇن ئالاھىدىلىكى ھەم جۇغراپىيلىك جايلىشىىش بىر تەرەپتىن، كېيىنكىلەر ئۈچۈن بىر دەۋر تارىخىنىڭ ئىبىرەت ئەينىكى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ بىزگە ئۆز دەۋىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ گۈللەنگەنلىكىدىن ھەم شۇ يول بويلىرىدا ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنى ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن، يەنى، ساۋادلىق بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تۆۋەندە مەن «ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» ئارىسىدىكى ئۈچ مەڭگۈ تاشنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىكى مۇھىم دەپ قارىغان ئىبىرەتلىك قۇرلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈمەن.
كۆل تېكىن ئابىدىسى
«كۆل تېكىن ئابىدىسى» نىڭ تېكىستى كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ قەھرىمان، جەسۇر خاقانى بىلگە قاغان تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ،كۆل تېكىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ جىيەنى يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن ئاستى كەڭرەك، ئۈستى تارراق (ئۈستىنىڭ كەڭلىكى 1.32 مېتېر، ئاستىنىڭ كەڭلىكى 1.22 مېتېر) بولغان تۆت تەرەپلىك مەرمەر تاشقا ئۇيۇلغان. ئومومىي ئېگىزلىكى 3.75 مېتېر، خەت بار قىسىمىنىڭ ئېگىزلىكى 2.75 مېتېر كېلىدۇ. ئابىدىنىڭ بىر يۈزىدە خەنچە خەت بولغاندىن سىرت، قالغان تەرىپىدە تۈركچە تېكىست بار.
بۇ ئابىدە 731-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاپات بولغان قەھرىمان شاھزادە، بىلگە قاغاننىڭ قېرىندىشى كۆل تېكىن (684-731-يىللار) نىڭ شەرىپىگە 732-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاكىسى بىلگە قاغان تەرىپىدىن تىكلەنگەن.
بىلگە قاغان ئابىدىسى
«بىلگە قاغان ئابىدىسى» «كۆلتېكىن ئابىدىسى» دىن بىرنەچچە سانتىمېتېر ئېگىزرەك بولۇپ، ئۇنىڭدىكى تېكىستلەرمۇ ئوخشاشلا كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ قەھرىمان، جەسۇر خاقانى بىلگە قاغان تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ،كۆل تېكىن ۋە بىلگە قاغاننىڭ جىيەنى يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن ئۇيۇلغان. شۇڭا «بىلگە قاغان ئابىدىسى» دىكى تېكىستلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش.
«بىلگە قاغان ئابىدىسى» 734-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن قەھرىمان، جەسۇر خاقان بىلگە قاغاننىڭ ۋاپاتىغا، 735-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ئورنىتىلغان.
«كۆل تېكىن» بىلەن «بىلگە قاغان ئابىدىسى» نىڭ تېكستلىرى ئاساسەن ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى ئابىدىكى ئىبىرەتلىك قۇرلارمۇ ئاساسەن ئوخشاشلىققا ئىگە. شۇڭا بۇ ئىككى ئابىدىدىكى ئىبىرەتلىك قۇرلاردىن «كۆل تېكىن» ئابدىسىدىكى ئىبىرەتلىك قۇرلار ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، «بىلگە قاغان ئابىدىسى» دىكى ئىبىرەتلىك قۇرلار قىسقارتىلدى.
«كۆل تېكىن» ئابىدىسىدىكى ئىبىرەتلىك قۇرلار:
شەرقتە شەندۇڭ تۈزلەڭلىگىچە قوشۇن ئەۋەتتىم، دېڭىزغا ئاز قالغاندا توختىدىم؛ جەنۇبتا توققۇز ئەرسىنگىچە قوشۇن ئەۋەتتىم، تىبەتكە ئاز قالغاندا توختىدىم؛ غەربتە ئۈنچە دەرياسى (سىر دەرياسى) (نى) كېچىپ ئۆتۈپ، تۆمۈر قوۋۇققىچە قوشۇن تارتتىم؛ شىمالدا يىر بايىرقۇ تۇپىراقلىرىغىچە قوشۇن تارتتىم؛ شۇنچە كۆپ دىيارلارغىچە  (قوشۇنلىرىمنى) ئەۋەتتىم (ۋە چۈشەندىمكى) ئۆتۈكەن تاغلىرىدىن ياخشى بىر جاي زادى يوق ئىكەن! («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 39-بەت)
بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تابغاچ خەلقى بىلەن ياراشتىم. (تابغاچلار) ئالتۇن (نى)، كۈمۈش (نى)، يىپەك (نى) (ۋە) يىپەكلىك رەختلەرنى (بىزگە) ئاسانلا بېرىدۇ. تابغاچ خەلقىنىڭ سۆزلىرى تاتلىق، يىپەك رەختلىرى (مۇ) يۇمشاق ئىكەن. تاتلىق سۆزلەر، يۇمشاق يىپەك رەختلەر بىلەن ئالداپ، يىراق (لاردا ياشايدىغان) خەلقلەرنى مۇشۇنداقچە ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىكەن. (بۇ خەلقلەر) ئۆزلىرىگە يېقىنلاشقاندىن كېيىن، (تابغاچلار) ئاندىن قۇتىراتقۇلىقلىرىنى، ھىيلە-مىكىرلىرىنى ئويلايدىكەن. ياخشى، ئەقىللىق كىشىلەرنى، ياخشى، جەسۇر كىشىلەرنى كارغا كەلمەس قىلىپ قويىدىكەن؛ (يەنە بىر تەرەپتىن) بىر كىشى خاتالاشسا، (ئۇنىڭ) ئۇرىقى، خەلقى، ھەتتا بۆشىكتىكىسىنىمۇ ئاياپ قويمايدىكەن. (تابغاچلارنىڭ) چۈچۈك سۆزلىرىگە ئىشىنىپ (ۋە) يۇمشاق يىپەك رەختلىرىگە ئالدىنىپ، ئەي تۈرك خەلقى، كۆپلەپ ئۆلدۈڭ! (ئەي) تۈرك خەلقى، ئۆلىسەن! جەنۇبتا چوغاي تاغلىرىغا (ۋە) تۈگۈلتۈن تۈزلەڭلىكىدە ئولتۇراقلىشايلى دېسەك، (ئەي) تۈرك خەلقى ئۆلىسەن! ئۇ يەردە (يامان نىيەتلىكلەر) شۇنداق ئەقىل كۆرسىتىدىكەن: ‹(تابغاچلار، بىر خەلق) يىراق (تا ياشىغان) بولسا، ئېسىل سوۋغاتلار بېرىدۇ› دەپ شۇنداق ئەقىل كۆرسىتىدىكەن. (ئەي) نادان كىشىلەر، بۇ سۆزلەرگە ئىشىنىپ، (تابغاچلارغا) يېقىن بېرىۋېلىپ، كۆپلەپ ئۆلدۈڭلار. ئۇ يەرگە بارساڭ، (ئەي) تۈرك خەلقى، ئۆلىسەن! («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 41-بەت)
ئۆتۈكەن تاغلىرىدا ئولتۇرۇپ (بۇ يەردىن تابغاچقا ۋە باشقا ئەللەرگە) كارۋان ئەۋەتسەڭ، ھېچقانداق دەردىڭ بولمايدۇ. ئۆتۈكەن تاغلىرىدا ئولتۇرساڭ، مەڭگۈ دۆلەت ئىگىسى بولۇپ ھۆكۈم سۈرىسەن. (ئەي) تۈرك خەلقى، (سەن) توق كۆزلۈكسەن: ئاچلىقنى، توقلۇقنى ئويلىمايسەن؛ بىر تويساڭ ئاچ قالىدىغىنىڭنى پەقەت ئويلىمايسەن. مۇشۇنداق بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، (سېنى) بېقىپ توق قىلغان خاقانلىرىڭنىڭ سۆزلىرىنى (ئاڭلىماي ۋە مەقسىدىنى) چۈشەنمەي، ھەر تەرەتپكە پىتىراپ كەتتىڭ، ئۇ يەرلەردە ۋەيران بولدۇڭ (ۋە) تۈگەشتىڭ. ئۇ يەرلەردە (بىر ئاماللار بىلەن) ساق قالغان (لىرىڭلارمۇ ھەر دائىم) مىسكىن ۋە دەرمانسىز يۈرىۋاتىسىلەر.
تەڭرى بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن، مېنىڭ (مۇ) تەلىيىم بولغانلىقى ئۈچۈن، خاقان (بولۇپ تەختتە) ئولتۇردۇم. تەختتە ئولتۇرۇپ، يوقسۇل (ۋە) كەمبەغەل خەلقنى يىغدىم: كەمبەغەل خەلقنى باي قىلدىم، ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم.
(ئەي) تۈرك بەگلىرى (ۋە) خەلقى، بۇنى ئاڭلالار! تۈرك (خەلقى) نىڭ تىرىلىپ (قانداق قىلىپ) دۆلەت ئىگىسى بولغانلىقىنى بۇ يەرگە (تاش يۈزىگە) ئويدۇردۇم. (سۆزلىگۈدەك) ھەرقانداق سۆزۈم بولسا، مەڭگۈ تاشقا ئويدۇردۇم. ئۇنىڭغا قاراپ (بۇ سۆزلەرنى) ئۆگىنىڭلار. (ئەي) سادىق تۈرك خەلقى (ۋە) بەگلىرى، بۇ دەۋردە ماڭا ئىتائەت قىلغان بەگلەر، (سىزلەر) خاتالىشامسىزلەر؟!(«ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 43-بەت)
ئۈستىدە كۆك ئاسمان، ئاستىدا قوڭۇر يەر يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۈستىدە ئاتىلىرىم، دادىلىرىم بۇمىن خاقان بىلەن ئىستېمى خاقان قاغان بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. (ئۇلار) تەختتە ئولتۇرۇپ تۈرك خەلقىنىڭ دۆلىتىنى قۇرۇپتۇ، قانۇن-تۆرىلىرىنى ئورنىتىپتۇ. تۆت ئەتىراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ دۈشمىنى ئىكەن. قوشۇن تارتىپ تۆت ئەتىراپتىكى خەلقلەرنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپتۇ. بېشى بارلارنى باش ئەگدۈرۈپتۇ، تىزى بارلارنى تىزلاندۇرۇپتۇ. («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 45-بەت)
كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ سۈي سۇلالىسىنىڭ سىياسىي ئويۇنىنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ، غەربىي ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا بۆلۈنىش جەريانى «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» دا ناھايىتى ھەسىرەتلىك ھالدا مۇنداق خاتىرلەنگەن: «ئۇندىن كېيىن ئىنىلىرى ھۆكۈمدار بوپتۇ شۈبھىسىز، ئوغۇللىرى ھۆكۈمدار بوپتۇ شۈبھىسىز. بەگلىرى (ۋە) خەلقى ئىتائەتچان بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تابغاچ خەلقى ھىلىگەر (ۋە) ساختىپەز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالدامچى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنىلىرى بىلەن ئاكىلىرىنى، بەگلەر بىلەن خەلقنى دۈشمەنلەشتۈرۈپ كۈشكۈرتكەنلىكى ئۈچۈن، تۈرك خەلقى قۇرىغان دۆلىتىنى قولدىن چىقىرۋېتىپتۇ، تەختتىكى خاقانىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ. (بۇ سەۋەبتىن) تاۋغاچ خەلقىگە، بەگ بولۇشقا لايىق ئوغۇللىرى قۇل، خېنىم بولۇشقا لايىق قىزلىرى دېدەك بولدى. تۈرك بەگلىرى تۈرك ئۇنۋانلىرىنى تاشلىدى؛ تابغاچلارنىڭ خىزمىتىدىكى (تۈرك) بەگلىرى تابغاچ ئۇنۋانىنى ئېلىپ تابغاچ خاقانىغا بېقىنىپتۇ، ئەللىك يىل خىزمەت قىپتۇ. شەرقتە، كۈن چىقىشتا، بۈكلى خاقانىغىچە، غەربتە تۆمۈر قوۋۇققىچە سەپەر قىپتۇ؛ تابغاچ خاقانى ئۈچۈن (مۇشۇنداق قوشۇن تارتىپ) ئەللەرنى ئېلىپ بېرىپتۇ.
تۈرك ئاۋام پۇقرالىرى شۇنداق دەپتۇ: ‹دۆلەت ئىگىسى بىر خەلق ئىدۇق، دۆلىتىمىز ئەمدى قېنى؟ خاقان ئىگىسى (بىر) خەلق ئىدۇق، خاقانىمىز نەدە؟ قايسى خاقانغا خىزمەت قىلىۋاتىمىز› شۇنداق دەپ تابغاچ خەلقىغە دۈشمەن بوپتۇ. دۈشمەن بولۇپتۇ-يۇ، (لېكىن) ئۆزلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ تەشكىللىنەلمەپتۇ، يەنە (تابغاچلارغا) بېقىنىپتۇ. (تابغاچ خانى) ئۇلارنىڭ شۇنچە خىزمەت قىلغىنىنى ئويلىماستىن ‹تۈرك خەلقىنى ئۆلتۈرەي، نەسلىنى قۇرىتاي› دەپتۇ. (تۈرك خەلقى) يوقۇلىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ.» دەپ بايان قىلىنغان. («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 47-، 49-بەتلەر)
ئاتام خاقان ئون يەتتە ئادەم بىلەن ئىسىيان كۆتۈرۈپتۇ. (ئىلتەرىش ئىسىيان) كۆتۈرۈپتۇ، دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، شەھەردىكىلەر تاغقا چىقىپتۇ، تاغدىكىلەر (شەھەرگە) چۈشۈپتۇ، (بۇلار) يىغىلىپ يەتمىش كىشى بولۇپتۇ. تەڭرى كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاتام خاقاننىڭ ئەسكەرلىرى بۆرىدەك، دۈشمەنلىرى قويدەك ئىكەن. شەرققە (ۋە) غەربكە يۈرۈش قىلىپ ئادەم يىغىپتۇ. (ئاخىرىدا) ھەممىسى يەتتە يۈز كىشى بولۇپتۇ. يەتتە يۈز كىشى بولۇپ، دۆلەتسىز قالغان، خاقانسىز قالغان خەلقنى، قۇل بولغان خەلقنى، تۈرك ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تاشلىۋەتكەن خەلقنى ئاتا-دادىلىرمنىڭ تۆرىسى بويىچە (يېڭىۋاشتىن) يارىتىپتۇ (ۋە) تەربىيلەپتۇ. تۆلىس (ۋە) تاردۇش خەلقىنى شۇ چاغدا تەشكىللەپتۇ. ئۇلار (نىڭ قوماندانلىرىغا) يابغۇ (ۋە) شاد (دېگەن ئۇنۋانلارنى) شۇ چاغدا بېرىپتۇ.
جەنۇبتا تابغاچ خەلقى دۈشمەن ئىكەن، شىمالدا بېقىنما خاقان، توققۇز ئوغۇز خەلقى دۈشمەن ئىكەن، قىرغىزلار، قۇرىقانلار، ئوتتۇز تاتارلار، قىتانلار، تاتابىلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن ئىكەن. ئاتام خاقان مۇنچە.......(بۇ ئورۇنلار ئۇپىراپ ئۆچۈپ كەتكەن) قىرىق يەتتە قېتىم قوشۇن تارتىپتۇ، يىگىرىمە (قېتىم) ئۇرۇش قىپتۇ. تەڭرى (شۇنداق) بۇيرىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلىتى بارلارنى دۆلىتىدىن مەھرۇم قىپتۇ، خاقانى بارلارنى خاقانىدىن مەھرۇم قىپتۇ، دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇرۇپتۇ، تىزلىقلارنى تىز چۆكتۈرۈپتۇ، باشلىقلارنى باش ئەگدۈرۈپتۇ.
ئاتام خاقان شۇنداق دۆلەتنى (قۇرۇپ)، قانۇن-تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋاپات بولۇپتۇ. («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 51-، 53-بەتلەر)
(ئەي) تۈرك، ئوغۇز بەگلىرى (ۋە) خەلقى، ئىشتىڭلار! ئۈستىمىزدىكى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىگىچە، ئاستىمىزدىكى يەر يېرىلمىغىچە، (ئەي) تۈرك خەلقى، (سېنىڭ) دۆلىتىڭنى كىم ئۆرەلەيتتى، قانۇن-تۆرىلىرىڭنى كىم بۇزالايتتى؟ (ئەي) تۈرك خەلقى، (ئەسكى خۇيلىرىڭنى) تاشلا ۋە پۇشايمان قىل (ئۆكۈن)! ئىتائەتسىزلىكىڭدىن (سېنى) بېقىپ تويغۇزغان دانا خاقانىڭ بىلەن مۇستەقىل (ۋە) باياشات دۆلىتىڭگە (قارىشى) ئۆزەڭ خاتا قىلدىڭ، (دۆلىتىڭ بىلەن) چىقىشالمىدىڭ. قوراللىق (دۈشمەن) نەدىن كېلىپ (سېنى) ۋەيران قىلدى ۋە پىتىراتتى؟ نەيزىلىك (دۈشمەن) نەدىن كېلىپ (سېنى يېرىڭدىن، يۇرتۇڭدىن) ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى؟ مۇقەددەس ئۆتۈكەن تاغلىرى خەلقى، (يېرىڭنى، يۇرتۇڭنى تاشلاپ) كەتتىڭ. شەرققە كەتكەنلەر (ىڭىز) كەتتىڭىز، غەربكە كەتكەنلەر (ىڭىز) كەتتىڭىز. بارغان يېرىڭلاردا ئېرىشكىنىڭلار شۇ بولدى، چوقۇم: قانلىرىڭلار دەريادەك ئاقتى، سۆڭەكلىرىڭلار دەريادەك دۆۋىلەندى؛ بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىڭلار قۇل بولدى، خېنىم بولىدىغان قىزلىرىڭلار دېدەك بولدى. («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 55-، 57-بەتلەر)
(مەن) باي ۋە باياشات (بىر) خەلققە ھۆكۈمدار بولمىدىم. قارنى ئاچ، دۈمبىسى يالىڭاچ، يوقسۇل ۋە بىچارە (بىر) خەلققە ھۆكۈمدار بولدۇم. ئىنىم كۆلتىگىن بىلەن سۆزلىشىپ پۈتۈشتۈق. ئاتىمىز، تاغىمىز قولغا كەلتۈرگەن خەلقنىڭ نام-شەرىپى يوق بولمىسۇن دەپ، تۈرك خەلقى ئۈچۈن تۈنلىرى ئۇخلىمىدىم، كۈندۈزلىرى ئولتۇرمىدىم. ئىنىم كۆلتىگىن بىلەن، ئىككى شاد بىلەن (بىللە) ئۆلۈپ تۈگەشكىچە تىرىشىپ ئىشلىدىم، شۇنداق ئىشلەپ، تىرىشىپ بىرلەشكەن خەلقنى ئوت (بىلەن) سۇ (دەك بىر-بىرىگە دۈشمەن) قىلمىدىم. مەن ئۆزەم ھۆكۈمدار بولغاندا، ھەر تەرەپكە كەتكەن خەلق ئۆلە-تىرىلىشىگە قارىماي ياياق-يالاڭ ئاياغ قايتىپ كەلدى. خەقنى بېقىپ تويغۇزاي دەپ، شىمالدا ئوغۇزلارغا، شەرقتە قىتان (ۋە) تاتابىلارغا، جەنۇبتا تابغاچقا (جۇڭگو) ئون ئىككى قېتىم زور قوشۇن تارتتىم... ئۇرۇشتۇم. ئاندىن كېيىن، تەڭرى ھىمايە قىلسۇن، ئىلاھىي مەدەتكار تەقدىرىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان خەلقنى تىرىلدۈرۈپ تويغۇزدۇم. يالىڭاچ خەلقنى تونلۇق، يوقسۇل خەلقنى باي قىلدىم. ئاز خەلقنى كۆپەيتتىم؛ (ئۇلارنى) كۈچلۈك دۆلىتى، كۈچلۈك خاقانى بارلاردىنمۇ ياخشى قىلدىم. تۆت ئەتىراپتىكى خەلقلەرنى بويسۇندۇردۇم، (تۈرك خەلقىنى) دۈشمەنسىز قىلدىم. بۇ خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قارايدۇ، (ماڭا) خىزمەت قىلىدۇ. («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 57-، 59-بەتلەر)
تۇنيۇقۇق ئابىدىسى
«تۇنيۇقۇق ئابىدىسى» نىڭ تېكىستى كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ مەشھۇر ۋەزىرلىرىدىن بىرى، قەھرىمان سەركەردە تۇنيۇقۇقنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ، بىرى چوڭ، بىرى كىچىك ئىككى مەرمەر تاشقا ئۇيۇلغان بولۇپ، بىلگە قاغان دەۋرىدە، يەنى 720-725-يىللار ئارلىقىدا تىكلەنگەن بولىشى مۈمكىن. ئۇنىڭدا تۇنيۇقۇقنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ۋە ھاياتىي پائالىيەتلىرى شۇنداقلا كۆك تۈرك ئىمپېريىسى ھەم ئەتىراپىدىكى دۆلەت ۋە قەبىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بايان قىلىنغان.
«تۇنيۇقۇق ئابىدىسى» دىكى ئىبىرەتلىك قۇرلار:
مەنكى بىلگە تۇنيۇقۇق ئۆزۈم تابغاچ ھاكىميىتى زامانىدا تۇغۇلدۇم. تۈرك خەلقى (ئۇ زامانلاردا) تابغاچقا بېقىناتتى.
تۈرك خەلقى، (ئۆز) خانىنى تاپالمىغاندىن كېيىن تابغاچتىن ئايرىلدى؛ خان ئىگىسى بولدى؛ (ئەمما) خانىنى تاشلاپ يەنە تابغاچقا بېقىندى.
تەڭرى شۇنداق دېگەن بولىشى كېرە: «(ساڭا) خان بەردىم. خانىنىڭنى تاشلاپ (يەنە) بېقىندىڭ.» (تۈرك خەلقى يەنە) بېقىما بولغانلىقى ئۈچۈن تەڭرى «ئۆل» دېگەن بولىشى كېرەك. تۈرك خەقى ئۆلدى، ۋەيران بولدى، يوق بولدى. تۈرك سىر خەلقى (نىڭ) مەملىكىتىدە ئۇرۇق ۋە قەبىلە قالمىدى. («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 113-بەت)
«سۆزچىم بول!» دىدى؛ سۆزچىسى مەن ئىدىم، بىلگە تۇنيۇقۇق. «(بۇنى) خاقان قىلايمۇ-يا» دېدىم، ئويلىدىم: (ئىنسان) ئۇرۇق بۇقىلار بىلەن سېمىز بۇقىلارنى يىراقتىن ئايرىۋېلىشقا توغرا كېلىپ قالسا، قايسىلىرىنىڭ سېمىز بۇقا، قايسىلىرىنىڭ ئۇرۇق بۇقا ئىكەنلىكىنى بىلمىەۈدەك، دەپ شۇنداق ئويلىدىم. ئۇندىن كېيىن تەڭرى ئەقىل بەرگەنلىكى ئۈچۈن، (ئۇنى) مەن ئۆزۈم خاقان قىلدىم (بۇ يەردىكى «خاقان» ئىلتەرىش خاقاننى كۆرسىتىدۇ.-ئاپتۇردىن).»
بىلگە تۇنيۇقۇق بويلا باغا تارقان سايىسىدا ئىلتەرىش خاقان بولۇش سۈپىتى بىلەن جەنۇبتا تابغاچلارنى، شەرقتە قىتانلارنى، شىمالدا ئوغۇزلارنى بەك كۆپ ئۆلتۈردى. مەسلىھەتچىسى ۋە قوماندانى مەن ئىدىم. («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 113-، 115-بەتلەر)
تۈرك خەلقىدىن تۆمۈر قوۋۇققىچە، ‹تەڭرى ئوغلى› دېيىلىدىغان تاغلار (غىچە) بارغانلىرى ئەسلا يوق ئىكەن. ئۇ زېمىنلارغا (تۈرك خەلقىنى) مەن بىلگە تۇنيۇقۇق ئېلىپ بارغانلىقىم ئۈچۈن سېرىق ئالتۇنلارنى، ئاق كۈمۈشلەرنى، خوتۇن-قىزلارنى، ئۆركەشلىك تۆگىلەرنى ۋە يىپەكلىك رەختلەرنى ئارتۇقى بىلەن (ئالدىمىزغا) كەلتۈردى.
ئىلتەرىش خاقان دانا بولغانلىقى ئۈچۈن، جەسۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، تابغاچلار بىلەن ئون يەتتە (قېتىم) ئۇرۇشتى، قىتانلار بىلەن يەتتە (قېتىم) ئۇرۇشتى، ئوغۇزلار بىلەن (مۇ) بەش (قېتىم) ئۇرۇشتى. مۇشۇ جەرياندا سۆزچىسىمۇ مەن ئىدىم، دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلغىنىمۇ مەن ئىدىم.
ئىلتەرىش خاقان، تۈرك بۆگۈ خاقانغا، تۈرك بىلگە خاقانغا....... (ئۇپىراپ ئۆچۈپ كەتكەن)
قاپقان خاقان يىگىرىمە (يەتتە يېشىدا!؟)....... (ئۇپىراپ ئۆچۈپ كەتكەن) ئىدى. (ئۇنى مەن) قاپقان خاقان (قىلىپ) تەختكە ئولتۇرغۇزدۇم. كېچىلىرى ئۇخلىماي، كۈندۈزلىرى ئولتۇرماي، قىزىل قېنىمنى ئېقىتىپ، قارا تەرىمنى تۆكۈپ خىزمەت قىلدىم. ئۇزاق مۇساپىلەرگە چارلىغۇچىلارنى ئەۋەتتىم. كۈزەتمە تۇرلىرىنى (ھەر يەرگە) ياساتتىم. يانغان دۈشمەنلەرنى قايتۇرۇپ ئەكەلدۈردۈم.
خاقان بىلەن ئىستىلالار قىلدىم. تەڭرى ھىمايە قىلسۇن، بۇ تۈرك خەلقى ئارىسىدا ساۋۇت-دۇبۇلغىلىق دۈشمەنلەرنىڭ كېزىپ يۈرىشىگە يول قويمىدىم، (قۇيرىقى) تۈگۈگلۈك (دۈشمەن) ئاتلىرىنى چاپتۇرمىدىم.
ئىلتەرىش قاغان تىرىشمىغان بولسا (ئىدى)، مەن ئۆزۈم تىرىشمىغان بولسام (ئىدىم) دۆلەتمۇ، خەلقمۇ بولمايتتى. (قاغان) تىرىشقانلىقى ئۈچۈن ۋە مەن ئۆزۈم تىرىشقانلىقىم ئۈچۈن، دۆلەتمۇ دۆلەت بولدى، خەلقمۇ خەلق بولدى.
(ئەمدى) مەن ياشىنىپ قالدىم، قېرىدىم. ھەر قانداق بىر مەملىكەتتىكى خاقانى بار بىر خەلقنىڭ مۇشۇنداق بىر دۆلەت ئەربابى بولسا، (ئۇ خەلقنىڭ) نېمىمۇ دەردى بولسۇن؟ («ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» دىن «كۆل تىگىن مەڭگۈ تېشى» 129-، 131-بەتلەر)
قوشۇمچە:
كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ قاغانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى (552-603)
1. تۈمەنخان (553-552)
2. قاراخان (554-553)
3. مۇقانخان (574-554)
4. تابارخان (581-574)
5. ساۋارلۇخان (ئىشبارا قاغان) (587-581)
6. چۇرباغا قاغان (588-587)
7. توڭا تۇران قاغان (600-588)
8. كىمىن تۇرى قاغان (603-600)
شەرقىي تۈرك قاغانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى (603-745)
1. كىمىن تۈرى قاغان (609-603)
2. سىۋار قاغان (619-609)
3. چۇلۇك قاغان (621-619)
4. قاراخان (630-621)
5. سىربا قاغان (646-630)
6. چىبى قاغان (647-646)
7. ئىبى تولو قاغان (653-647)
8. چىنجۇ يابغۇ قاغان (659-653)
9. ئاسىنا تورچى قاغان (676-659)
10. تۇچى قاغان (678-676)
     ئىلتەرىش قاغان (679-691) 679-يىلى تاڭ سۇلالىسىدىن ئايرىلىپ، كۆك تۈرك خانلىقىنى قايتا قۇرۇپ، مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ھەمدە خانلىق زېمىنىنى «تۆلىش شاد» (شەرقىي تۈرك خانلىقى) ۋە «تاردۇش شاد» (غەربىي تۈرك خانلىقى) دەپ ئىككىگە بۆلۈپ،  باشقۇرۇپ، ھەر بىرسىگە ئايرىم تۇتۇق قاغانلارنى (يابغۇلارنى) بەلگىلىگەن. ئۇ كۆك تۈرك ئىمپېريىسىنىڭ بۇرۇنقى شان-شۆھرىتىنى قايتا نامايەن قىلغان.
11. ئاسىنا نىزۇق قاغان (680-679)
12. ئاسىنا ئىنەن قاغان (681-680)
13. ئاسىنا قۇتلۇق قاغان (682-691)
14. قاپاغان قاغان (691-716) مەكىزى خانلىق ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
15. بىلگە قاغان (734-716) مەكىزى خانلىق ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقىغا بىر تۇتاش ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
16. ئاسىنا بىلگە قاغان (739-734)
17. بىلگە قۇتلۇق قاغان (741-739)
18. پان كۆل قاغان (742)
19. سۇيىن قاغان (742)
20. ئۆزمىش قاغان (744-742)
21. بولمىش قاغان (745-744)
غەربىي تۈرك قاغانلىرىنىڭ نەسەبنامىسى (552-742)
كۆك تۈرك خانلىقى قۇرۇلغان چاغدىكى غەرىبىي قىسىمنى باشقۇرغۇچى يابغۇلاردىن ھېسابلاندى.
1. ئىستىمى قاغان (576-552)
2. بىلگە تاردۇش قاغان-ئورتاق (600-576)
3. ئاپا قاغان-ئورتاق (593-576)
4. ئىنەل قاغان-ئورتاق (600-593)
5. چپلۇ قاغان (611-600)
6. شىغۇي قاغان (618-611)
7. تون يابغۇ قاغان (630-618)
8. سى يابغۇ قاغان (633-630)
9. باغاشا تولىس قاغان (634-633)
10. ئىشبارا تىرىش تۇڭگە قاغان (639-634)
11. ئېپى تولو قاغان (651-639)
12. ئاسىنا ئالىپ قاغان (658-651)
13. ئسىنا مىشى قاغان (662-658)
14. ئاسىنا بوركىن قاغان (666-658)
15. ئاسىنا تورچى قاغان (679-666)
16. ئاسىنا نىزۇق قاغان (680-679)
17. ئاسىنا يالچىن (693-686)
18. ئاسىنا خۇجىلۇ (690-686)
19. ئاسىنا قەيدۇ (704-699)
20. ئاسىنا شان ـئورتاق قاغان (711-704)
21. ئۇجىلى-ئورتاق قاغان (710-700)
22. سوگى (718-710)
23. سۇلۇخان (738-718)
24. ئاسىنا ئون ئوق قاغان (742-738)
پايدىلانمىلار:
«ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» (كۆل تىگىن، بىلگە قاغان، تۇنيۇقۇق ئابىدىلىرى). تالات تەكىن (تۈركىيە). «مىللەتلەر نەشىرياتى» بېيجىڭ 2009-يىل 3-ئاي 1-نەشىرى

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 18:43:07

«بېشى بارلارنى باش ئەگدۇردۇق، تىزى بارلارنى تىزلانۇردۇق...»

namalum يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 09:50:08

{:112:}{:112:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 21:19:35

function يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 18:43 static/image/common/back.gif
«بېشى بارلارنى باش ئەگدۇردۇق، تىزى بارلارنى تىزلانۇرد ...

بۇ قايسى مىللەتتۇ :o

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-6 09:20:07

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 21:19 static/image/common/back.gif
بۇ قايسى مىللەتتۇ

مەڭگۈ تاشلاردا شۇنداق مەزمۇنلار بار... نېمە دېگەن مەردانە گەپلەر
بەت: [1]
: ئۇرخۇن ئابىدىلىرى (مەڭگۈ تاشلىرى) دىكى ئىبىرەتلىك قۇرلار