kundiyar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 14:50:25

باي ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ يولباشچىسى

باي ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ يولباشچىسى-سابىت ھاپىز داموللا ھاجىم


مەريەم سىدىق

XIX - ئەسىردىن XX - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە باي ناھىيەسىنىڭ سايرام رايونىدا ئەكرەمشاھ ئەئىلەم ئاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ـــ ئەمرۇللا ئەئىلەم ئاخۇنۇم، ياقۇپ مۇددەرىس ئاخۇنۇم، ھاپىزقازى ئاخۇنۇم قاتارلىق ئۆلىمالار ئۆتكەن. پارىس تىلىدىكى ئىككى پارچە قوليازمىنىىڭ قەلەم ساھىبى① ـــ سابىت داموللا ھاجىم 1865 - يىلى سايرامنىڭ تېزەك قاغا كەنتىدىكى ھاپىز قازى ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپكى ئىلىمنى ئاتىسىدىن ۋە تاغىسى ياقۇپ مۇددەرىس ئاخۇنۇمدىن ئېلىپ، باي بازىرىدىكى تاتلىق مۇددەرىس ئاخۇنۇمدا تۆت يىل ئوقۇغان. 1880 – يىلى «سانىي بۇخارا» ـــ قەشقەرگە پىيادە ھىجىرەت قىلىپ، 29 كۈندە قەشقەر خانلىق مەدىرىسكەئۇلىشىدۇ. پۇتلىرىدىن قان – زەرداپ ئېقىپ تۇرغان يالىڭئاياغ تالىپنى كۆرگەن مۇددەرىسلەر: «سىزنى ئوقۇشقا قۇبۇل قىلدۇق. پۇتىڭىز ساقايغۇچە، ھۇجرىڭىزغا كىرىپ دەرىس تۇلۇقلاپ بېرىمىز» دەپ ئايرىم ھۇجىرىغا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ. ئاشپەز، ناۋايلانى چاقىرتىپ: «ماۋۇ مۇساپىر بالىنىڭ ھالىدىن ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن خەۋەر ئېلىپ قويايلى» دەپ ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇپ ئىلتىپات كۆرسىتىدۇ. موللا سابىت بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئەۋزەل شارائىتقا ئېرىشىپ موللا ئىسلام داموللا، باھاۋىدۇن مەخسۇم، مامۇتخان داموللامدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئوقۇشنىڭ ئاخىرىدا ئاتاقلىق ئىسلاھاتچى، ئالىم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەربىيسىدە ئالدىنقى قاتاردا خەتمە تاماملايدۇ.② خەتمىدىن كېيىن ئۇستازلىرى: «بۇ بايلىق سابىت داموللا فازىل ئىلىم ئەھلى بولدى. قەشقەردە ئۆي - ئۇچاقلىق قىلىپ مۇددەرىسلىككە ئېلىپ قالايلى» دەپ خانلىق مەدىرىسكە ئېلىپ قالىدۇ. كېيىن ئۇستازى مامۇتخان داموللام نەۋرە سىڭلىسى ئانار خېنىمنى نىكاھلىپ بېرىدۇ. سابىت داموللام بىر مەزگىلدىن كېيىىن ئۇرۇغ – تۇغقان ۋە ئۇستازلىرىدىن: «مەن قەشقەرگە كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بوۋام قەتلى قىلىنىپ③ سوغۇق يۈزىنىمۇ كۆرەلمىدىم. ئەمدى ئاتا - ئانام ياشىنىپ قالدى، ئاخىرىقى ئۆمىرىدە خىزمىتىنى قىلىپ دۇئاسىنى ئېلىۋالسام» دەپ ئىجازەت سورايدۇ. «ئاللاھ ‹قۇرئانى كەرىم› دە «ئىنساننى ئاتا –ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدۇق» (سۈرە لوقمان. 14-ئايەتنىڭ باش قىسىمى) دەپ ئەمىر قىلغان، سىلىنى ئۇزىتىپ قويماقتىن ئۆزگە ئامالىمىز يوق» دەيدۇ ئۇستازلار.

سابىت داموللام يولغا چىققان كۈنى جامائەت بىلەن شەھەر سىرتىغا ئۇزىتىپ چىققان ئابدۇقادىر داموللام: «ئەي قەشقەرلىق، ئابدۇقادىر داموللام قەشقەردىن چىقىپ كەتتى!» دەپ سابىت داموللامنى كۆكرىكىگە بېسىپ كۆزىگە ياش ئالغاندا، جامائەت ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە دۇئا قىلىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ.④ سابىت داموللام بايغا كېلىپ دىدار خوشاللىقىغا چۆمۈش بىلەن بىرگە مۇستەبىت سىياسىي تۈزۈم ۋە ئېتقادتىكى بىدئەتچىلىك ئىسكەنجىسىدە جان تالىشۋاتقان يۇرتداشلانى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنىدۇ. ئۇ زىكىر –سۆھبەتلەردە ئىبادەتكە ئىلىمنى يېتەكچى قىلىش، ئۆز رىزقىنى ئەجىر قىلىپ ھۈنە – سانائەتكە يۈزلىنىپ، ھالاللاپ يېيىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، باينىڭ مۇفتى ئاخۇنلىقىغا تەيىنلەنگەندىن كىيىن، تەپىرىقچىلىقنى تۈگىتىپ، پارىخورلۇقنى چەكلەپ، تىل – دىل بىرلىكىنى قەدىرلەپ «قۇرئانىي كەرىم»، «ھەدىس شەرىف» بويىچە شەرىئەتنى ئادىل جارى قىلدۇرىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئابدۇقادىر داموللام بايدىكى ئاتۇشلۇق تاھىر ھاجىم، مەمتىلى ھاجىمغا خەت يېزىپ: «سابىت داموللا ئىلىمىي كامىل، خۇلقى پازىل ئالىم بۇلۇپ يۇرتىغا قايتتى. سىلەر ياخشى مەدىرىس  بىنا قىلىپ، ئۇنىڭ ئىلىم تارقىتىشىغا ھەمدەم بۇلۇڭلار»دەپ تاپلايدۇ. خەت خانقادا ئوقۇلغاندىن كىيىن جامائەت: «ئابدۇقادىر داموللام شاگىرتىنىڭ ئىلىمنىڭ زايا بولۇپ كېتىش غېمىنى يەپلا قالماي پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ غېمىنى يەپتۇ»دەپ، باي خانقاسىنىڭ غەربىگە ئەسلىھەلىرى تۇلۇق مەدىرىس سېلىپ سابىت داموللامنى كۈچۈرۈپ كېلىدۇ. سابىت داموللام يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇشنىمۇ، يېزىشنىمۇ بىلىدىغان تالىبۇل ئىلىملەرنى تەربىيلىگەچكە، مەدىرىس ئۇچتۇرپاندىن تۇرپانغىچە جايلاردىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن تۇشۇپ كېتىدۇ. مەدىرىستە ئابدۇقادىر داموللام تۈزگەن «ئاقائىد زۈرۈرىيە»، «ئىبادەتۇل ئىسلامىيە» مۇھىم دەرس قىلىنىپ ئۆتۈلۈپ، ھەر نامازنىڭ ئالدى - كەينىدە ۋەز-تەبلىغ قىلىنىپ، جامائەت قەلبىنى تاڭ نۇرىدەك يۇرىتىدۇ. نادانلىق سۈپۈرۈلۈپ ئاۋام بەس-بەستە ئىلىم ئۆگىنىشكە يۈزلەنگەن بىر پەيىتتە، پىداكار ئۇستاز ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سۈيقەسىتكە ئۇچرىغانلىق خەۋىرى كېلىپ  پۈتكۈل مىللەتنى مۇسىبەتكە چۆمدۈرىدۇ. مەدىرىستىكى تالىبۇ ئىلىملەر «قەشقەردە ئابدۇلقادىرى ناھەق كەتتىلەر...» دەپ ھۆكۈمەت ئوقۇپ، ھەسىرەت - پىغانغا چۈمىدۇ. يۈرىكى سېغىنىش ئازابىدا ئازابىدا ئۆرتەنگەن سابىت داموللام ھەج قىلىش ۋە ئۇستازىنىڭ قەبىرىسىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە 1930 - يىلى 4 - ئايدا قەشقەرگە بېرىپ، 7-ئايدا پاكىستان پاسپورتى بىلەن دېڭىز سەپىرىنى باشلايدۇ. مەنزىلگە يەتكۈچە «قۇرئانى كەرىم»، «ھەدىس شەرىف» نى تەپسىر قىلىپ، مەككە مۇكەررەمگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇ ھەج مەۋسۈمىدە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇددەرىسلىرى ۋە ھەر قايسى ئەل ئۆلىمالىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ ئىلمىي مۇھاكىمىدە بولىدۇ. سابىت داموللامنىڭ ئەرەب تىلىدىكى راۋان نۇتىقىدىن ئىپادىلەنگەن چۇڭقۇر تەپەككۇرلۇق بىلىم قۇرۇلمىسى ئۇلارنى ھەيران قالدۇرۇپ، پادىشاھنىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. پادىشاھ سەئۇدى ئابدۇلئەزىز ئۇنى پادىشاھ مېھمىنى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ھەقىقەتەن ئىلىم ئەھلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندىن كېيىن: «مەن سىزدەك ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەيمەن. رىياتتىكى مەدرىسلەردە ھەرقايسى ئەل تالىپلىرى تەربىيەلىنىدۇ. دىنىي ۋازارەتنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن سىزنى مۇددەرسلىككە تەيىنلىمەكچىمىز. تۇرمۇشىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت ھەر ئايدا 250 رىيال بېرىلىدۇ» دەيدۇ. سابىت داموللام قولىنى كۆكسىگە قويۇپ: «ئالىيلىرىنىڭ ئىلتىپاتىغا تەشەككۇر، مېنىڭ ۋەتىنىم، ئاتا-ئانام يىراقتا قالدى. قايتمىسام بولماس، ئالىيلىرىدىن ئەپۇ ۋە ئىجازەت سورايمەن» دەپ ئىگىلىپ تۇرىدۇ. پادىشاھ: « ئاتا – ئانىڭىزنى كونسۇل ئارقىلىق ئەكەلتۈرسەك بولىدىغۇ» دېگەندە، سابىت داموللام: «ئالىيلىرىغا كۆپ رەھمەت، ئىنشائاللا، مېنىڭ ھەج مۇرادىم ھاسىل بولدى. بۇ يەردىكى ئەدىلى ئادالەت، راھەت – پاراغەتتىن ھەممىنىڭ ئاساسى ـــ ئىلىم ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر ھېس قىلدىم. ۋەتىنىم جاھالەتتە، قەۋمىم نادان ھەم نامرات. ئارزۇيۇم شۇكى، ۋەتىنىمگە قايتىپ، مىللىتىمنى زۇلمەتتىن يۇرۇقلۇققا باشلىسام دېگەن ئۈمىتتىمەن» دەيدۇ. پادىشاھ باش لىڭشىتقان ھالدا: «پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم ‹ۋەتەننى سۆيۈش ـــ ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر› دېگەن. سىزگە ئىجازەت» دەپ تىللا، كۆمۈش رىيال، تون – سەرپاي ئىنئام قىلىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. ⑤

سابىت داموللا ھاجىم 1931 – يىلى ھەرەمدىن قايتىپ، 1932 – يىلى 10 – ئايغىچە قەشقەردە تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ ئۇستازلىرى بىلەن چەتئەلدىكى ئىلىم – پەن توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىپ، ئابدۇقادىر داموللام باشلىغان يولنى داۋاملاشتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئىپادىلەيدۇ ۋە غوجانىياز ھاجى قىسىملىرىنىڭ مۇھاپىزىتىدە ئاقسۇغا كېلىپ، ۋالىي نىيازبەگدىن بايدا پەنئىي مەكتەپ ئېچىش دەستىكىنى ئېلىپ بايغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. باي ھاكىمى مۇسابېگىم يامۇلدىكى قارىشى ئېلىش مۇراسىمىدا سابىت داموللا ھاجىنىڭ مائارىپ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ تاھىر قازى، ئوسمان داموللامنى سابىت داموللا ھاجىمغا ياردەملىشىپ مەكتەپ سېلىشقا تەشكىللەيدۇ. سابىت داموللام شاگىرتى ئەرمىيە داموللام (نىم شېھىت) بىلەن تاھىر قازىنى كۇچاغا دەرسلىك، پىروگرامما ئۆگىنىشكە ئەۋەتىپ، ئۆزلىرى باي بازىرىنىڭ غەربىدە ئەسلىھەلىرى تولۇق مەكتەپ قۇرۇلىشىنى پۈتكۈزىدۇ. ھازىرقى 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئاساسى بولغان «ئىقبالىيە مەكتىپى» نى قۇرۇپ، ئوغلى ئابلىز مەخسۇمنى مالىيەگە، ئەرمىيە داموللىنى دىنىي دەرسكە، تاشكەنتتىن تەكلىپ قىلىنغان 3 ئوقۇتقۇچىنى پەننى دەرسكە تەيىنلەپ، 45 ئوقۇغۇچى قىلىپ دەرس باشلايدۇ. سابىت داموللام ھاجىم 1938 – يىلىغىچە باي «ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسى» نىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئىشخانىسىنى ئۆزى مۇددەرىسلىك قىلغان كۆك مەدرىسكە كۆچۈرۈپ كېلىدۇ.

«سابىت داموللام ھاجىم جەدىتچە مەكتەپ ئېچىپ بالىلىرىمىزنى ئۇرۇسقا ئەسكەر قىلىپ بەرمەكچى» دېگەن پىتنىگە پەرۋا قىلماي، ھاكىم ئابدۇراھمان داموللام بىلەن، مائارىپ تەرەققىياتىنى تىزلىتىپ، 32 جايدا مەكتەپ، دارىلتام، دارىلئاجىزىن قۇرۇپ، تۇنجى قاراردىكى 45 ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاپ، ئۈرۈمچى، ئالمۇتا، تاشكەنتلەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ. پېقىر، مىسكىنلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باينى بىرمۇ تىلەمچى يوق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. مائارىپ خىراجىتىنى ھۆكۈمەت، ئويۇشما چىقارغاندىن سىرىت ئۆچرە – زاكات ۋە ۋەخپىلەرنىڭ كىرىمى، شەخسىيلەرنىڭ ئىئانىسىنى توپلاپ، داغدۇغىلىق ئىئانە توپلاش مۇراسىمىدا ئۆزى  باش بولۇپ 50 سەر كۆمۈش ئىئانە قىلىدۇ. ئىلىگىرى ۋەخپىلەردىن تەمىنلىنىدىغان بەزى موللىلارنىڭ غۇدۇراشلىرىغا قارىتا: «ۋەخپىدىن پەرىز ئەيلىگىل ئەي پەقىر، ۋەخپە يەپ ئىسقات قىلغاندىن ياخشىراق ئىچكەن چېغىر» دەپ ھەجۋىي شېئىر ئوقۇپ، ھەممە كىشىنى ئىنساپ ۋە تەۋپىققە ئۈندەيدۇ. سابىت داموللام ھاجىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىجادىي ئەسەرلىرى بولۇپ، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى بۇلاڭ – تالاڭدا قوليازما ھالىتىدە يوقىلىپ كەتكەن. ⑥

بايدىكى مۇناپىق، خائىنلارنىڭ چېقىمچىلىقى بىلەن سابىت داموللام ھاجىم 1938 – يىلى 4 – ئايدا قولغا ئېلىنىپ، جاللات شېڭشىسەينىڭ تۈرمىسىدە مەخپىي ئۆلتۈرلگەن. ئەپسۇسكى، قەبرىسى ھازىرغىچە تېپىلمىدى، بۇ دەل قەشقەر تۈرمىسىدە مەمتېلى توختى ھاجى (تەۋپىق) ۋە قۇتلۇق شەۋقى ئۆلتۈرۈلۈپ كۆيدۈرۈلگەن چاغلار ئىدى.

ئىزاھاتلار: ① بۇ قوليازما ھازىر نەۋرىسى تۇرسۇن ئابدۇرېھىمنىڭ قولىدا ساقلانماقتا. ② ئوقۇش تاماملاش يۈزتۇرانە ئىمتىھانى③ ئەكرەمشاھ، ئەئىلەم ئاخۇنۇم 1885 – يىلى باي يامۇلى ئالدىدا مۇستەبىت ھاكىمىيەت تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن④ بۇ يەردە ئابدۇقادىر داموللام ئىلىمدە شاگىرتى سابىت داموللامنى ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ⑤ توختى ئايۇپنىڭ «مۇزاتقا مۇھەببەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى ‹شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012 – يىلى 1 – نەشر 1 - بېسىلىشى› ⑥ سابىت داموللا ھاجىمنىڭ ئوغلى ئابدۇرېھىم مەخسۇم يازغان «پەدەر ئىلەيھىنىڭ تەرجىمھالى» ناملىق قوليازمىدىن پايدىلىندى.

بۇ ئەسەرنى شىۋىتسىيە ئاتلاس كوپكو سانائەت گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇلازىمەت ئېنژىنېرى، يەنى مەرھۇم سابىت داموللا ھاجىمنىڭ ئەۋرىسى ئابدۇلئەزىز ئىسكەندەر «مۇزات دولقۇنلىرى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2010 – يىللىق 4 – سانىغا ئاساسەن تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندى.

2013 – يىلى 15 – نويابىر (ئۈرۈمچى

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 18:58:35

ھارماڭ! قەشقەردىكى ھېلىقى ھۆكۈمەت قۇرغان سابىت داموللامدىن باشقا يەنە بىرسابىت داموللامنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم. قەدىمى يۇرتلىرىمىز بايمۇ ئالامەت كىشىلىرىمىز چىققان جاي ئىدى، موللا مۇسا سايرامى، نىمشېھىت ئارمىيا سايرامى قاتارلىقلاردەك....

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 20:28:54

ئىزدىنىشقا كىردىغان بايلىق باللارمۇ خەلە بار كەن جۇمۇ.

namalum يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 09:52:18

{:112:}

oqmeas يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 09:54:14

ماۋۇ تېمىغا بايلىق بالىلارنىڭ ھەممىسى بىردىن ئىنكاس يازسا مۇنبەردىكى بايلىقتىن نەچچىسى بار بىلىۋالغىلى بولغۇدەك. مەن بىلىدىغانلاردىن مەن، پىنھان، زىلتار، سايرامى، داۋانچى، زەپەر قاتارلىقلار بار ئىكەن

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 11:40:55

سابىت داموللنىڭ نەۋرىسى ھازىرمۇ بۇ مەكتەپكە ساخاۋەت قوللىرنى سۇنۇپ تۇرىۋاتىدۇ.{:112:}
بەت: [1]
: باي ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ يولباشچىسى