ماشىنا چاقىدىكى سان-سىفىرلارنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Pasiban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-2 14:04http://img.pasiban.com/uploads/2011/05/chaq-01.jpg
ماشىنىنىڭ چاقىدىمۇ خېلى كۆپ بىلىملەر بار. چاق ئۈستىگە يېزىلغان سان-سىفىرلاردىن چاقنىڭ تىپ ئايرىمىسىنى، بەنداش چوڭلىقىنى، كەڭلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ نەرسىلەر قايسى ئورۇنغا قانداق يېزىلغان؟ ئۇنىڭ بىرلىكى نېمە؟
http://img.pasiban.com/uploads/2011/05/chaq-02.jpg
بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۈستىدىكى چاقنى مىسالغا ئالايلى. قارايدىغان بولساق 195/55R15 85H دەپ بار ئىكەن. بۇنىڭ مەنىسىنى بىردىنبىر يەشسەك:
195 بولسا چاقنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىرلىكى مىللىمېتىر. يەنى بۇ چاقنىڭ كەڭلىكى 195 مىللىمېتىر.
55 بولسا قېلىنلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى يەرگە تېگىپ تۇرىدىغان جاي بىلەن بەنداشنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدىغان يېرىگىچە بولغان ئارىلىقى. بىرلىكى پىرسەنت. يەنى چاقنىڭ قېلىنلىقىنىڭ كەڭلىكى بولغان 195 مىللىمېتىرنىڭ 55 پىرسەنتىچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنداقتا بۇ چاقنىڭ قېلىنلىقى 195×55%=107.25 مىللىمېتىر.
R بولسا RADIAL نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، چاقنىڭ ياسىلىش قۇرۇلمىسىغا قارىتىلغان.
15 بولسا بەنداشنىڭ دىئامېتىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ بىرلىكى ئېنگلىز سۇڭى. 1 ئېنگلىز سۇڭى تەخمىنەن 2.54 سانتىمېتىر. ئۇنداقتا 15 سۇڭلۇق بەنداشنىڭ دېئامېتىرى 38.1 سانتىمېتىر بولىدۇ.
85 بولسا چاقنىڭ كۆتۈرۈش سىغىمچانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ سانلارنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىق كۆتۈرەلەيدىغانلىقى تۆۋەندىكى قىممەت بويىچە بولىدۇ:
82=475; 83=487; 84=500; 85=515; 86=530; 87=545; 88=560; 89=580; 90=600; 91=615; 92=630; 93=650; 94=670; مۇشۇ بويىچە بولۇپ، ئەڭ چوڭى 108=1000 كېلوگرام. مۇشۇ بويىچە بولغاندا ئۈستىدىكى بۇ چاق 515 كېلوگرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئوخشاش چاقتىن 4 نى ئورۇنلاشتۇرغان بولساق بۇ ماشىنىنىڭ كۆتۈرۈش ئېغىرلىقى 515×4=2060 كېلوگرام بولىدۇ.
H بولسا بەلگىلەنگەن سۈرئەت چېكى. بۇ ھەرپلەرنىڭ بىلدۈرىدىغان قىممەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
B 50 km/h
C 60km/h
J 100km/h
K 110km/h
L 120km/h
M 130km/h
N 140km/h ئادەتتە زاپاس چاققا ئىشلىتىلىدۇ
P 150km/h
Q 160km/h قارلىق مەخسۇس بالونى
R 170km/h
S 180km/h
T 190km/h
U 200km/h
H 210km/h ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان چاق تۈرى
V 240km/h
Z 240km/h چاپقۇرلار ئىشلىتىدىغان چاق تۈرى
W 270km/h ئالاھىدە چاپقۇرلار ئىشلىتىدىغان چاق تۈرى
Y 300km/h دەرىجىدىن تاشقىرى چاپقۇرلارنىڭ مەخسۇس چاق تۈرى
بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغىنى P, S, T, H تۈىدىكىلەر. دېمەك چاق ئۈستىگە يېزىلغان بۇ پارامىتىرلار «سۈرئىتى ۋە كۆتۈرۈش ئېغىرلىقى | بەنداش دىئامېتىرى | چاق تىپى | قېلىنلىقى / كەڭلىكى» دېگەن فورمۇلا بويىچە يېزىلىدۇ. كۇندە مۇشۇنداق تېمىلار يوللىنىپ تۇرسا ، كۇندە بىلىملىك يۇرسەك .... ماۋۇ ياخشى تېمىكەن! رەھمەت!
ئەلا كەتتى ! بىر نۇسخا كۆپەيتىپ ساقلاپ قۇياي جۇمۇ ماۋۇ تېمىنى، ئېنكاس يىزىپ ساقلىۋالدىم. ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن ماۋۇ مەن ئىزدىنىشتا كۆرگەن ئەڭ ئومدان تېمىلارنىڭ بىرى بوپتۇ! رەھمەت....
يەنە مۇشۇنداق نەرسىلەر بولسا، ئايىماي يازارسىز! ئەلا باھالاپ قويغاندىكىن! radiofan يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 14:59 static/image/common/back.gif
كۇندە مۇشۇنداق تېمىلار يوللىنىپ تۇرسا ، كۇندە بىلىملى ...
ئەجەب ئوماق ئىنكاس... ...ئەگەشتىم! ساقلىۋېلىش ئۈچۈن ئىنكاس يازدىم . رەھمەت بۇرادەر.
بىلىۋېلىش ئۈچۈن سۇئال سوراي؟
ئادەتتە چاقنىڭ ئۆمىرى قانچىلىك بۇلىدۇ؟
قانچە يىل ئىشلەتكەندە ئاندىن يېڭى چاق ئالماشتۇرۇش كىرەك؟
قايسى خىل ماركىدىكى چاقلارنىڭ سۈپىتى ياخشى؟ ماۋزۇ دىگەننى مۇشۇنداق ئىنىق ئىنىق قويغاننى كۆرسەم خوش بوپ قالىمەن ،ئامال بار مۇشۇنداق تەجىربە، ئامال ، ئۇسۇل ،تېخنىكىغا ئائىت تېمىلار يېزىلغاندا ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچلۇق سۆز ماۋزۇدا بولسا كىينىكىلەرنىڭ ئىزدىشى ئۈچۈن ئاسان بولىدۇ ،بارا بارا بىر ئامبار بولىدۇ.تېما ئەلا. Mehmut يوللىغان ۋاقتى 2014-1-2 20:22 static/image/common/back.gif
ساقلىۋېلىش ئۈچۈن ئىنكاس يازدىم . رەھمەت بۇرادەر.
بىلىۋ ...
ياخشى چاقنىڭ ئۆمرى 50 مىڭ كېلومېتىردىن باشلاپ ئالماشتۇرۇشقا باشلىسا بولىدۇ. 50 مىڭدىن 100 مىڭ كېلومېتىرغىچە ئارىلىقتا ئالماشتۇرۇش كېرەك بولىدۇ.
چاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋاقتى كەلگەندە چاق ئۆزىمۇ بىزگە دەپ بېرىدۇ. يەنى، چاقنىڭ ئالماشتۇرۇشقا ۋاقتى ئازقالغاندا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئۇپراپ كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرىدىكى ئېرىقچە بىلەن قىرنىڭ ئېگىزلىكىگە قاراپ پەرقلەندۈرىمىز.
مىچىللىن 米其林، دانلاپ 邓禄普، پېرىللى 倍力، بىرج ستون 普利司通 دېگەندەك ياۋرۇپا ماركىلىرىدىكى چاقلار ئەڭ ياخشى ھېسابلىنىدۇ. باھاسىمۇ كورىيە ياپونىيەنىڭ چاقلىرىغا قارىغاندا قىممەت. بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك مەزمۇنلار ئىكەن. ياخشى بىر بىلىم بولدى، چاق كونىرغانلىقىنى دەلىللەشنىڭ ئەڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى چاق يۈزى بىلەن ئىرىقچىسىنىڭ ئارلىقىدىكى ئۇپراش ھالىتىگە قاراش. رەھمەت.ساقلىۋالدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rock تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-3 13:24
ئوقۇپ بولۇپ قاسى ماشىنپۇرۇش يازغاندۇ دېسەم، يەنە شۇكەن:lol
مۇشۇ بانادا بىر ئورتاقلىشىلى، مۇشۇ قىشلىق چاق دېگەننىڭ زادى ئىلمىلىكى بارمۇ يوقمۇ؟ ئادەتتە شەھەرلەردە ھېلى ماي يول، ھېلى قار يولغا ئۇچرىغاندا بۇ قىشلىق چاقنىڭ كارامىتى بولامدۇ زادى؟ بولسا قانچىلىك بولىدۇ؟ نەپ يۈرۈككە بارىدۇ دېگەندەكلا-ھە!{:112:} ياخشى تىما ،دائىم كۈرۈپ تۇرساقمۇ مەنىسىنى بىلمەيدىكەنمىز .مانا ئەمدى بىلۋالدىم .تىما ئىگىسى بولسا مۇشۇنداق ئەمەلى قوللىنىشچان تىمىلارنى كۆپرەك يوللارسىز .كۆپ رەھمەت . ياخشىكەن ...بىلىۋالدۇق .....بىر ئەلا كەتتى !~~~ رەھمەت مەنمۇ بىلۋالدىم. ماڭا بىر چاقچى چاقنى 3 يىلدا بىر ئالماشتۇرۇڭ ، چاق بىر نىمە بولمىسىمۇ چۈرۈپ كېتىدۇ دىدى يىڭى بىلىمكەن
بەت:
[1]
2