bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 17:43:38

(bilgejan) شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-8 14:51  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر،

يېڭى يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن! 2013-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېيىدا بىز ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپتىن ئۈزۈلدۈرمەي خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇق. ئالدى بىلەن 2013-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ زور ئۇنىۋىرسال ژورناللارنىڭ بىرى بولغان «دەۋىر» ژورنىلى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى ئۈستىدىكى بۆسۈش خاراكتىرلىك تەتقىقات نەتىجىسىنى «2013-يىللىق مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ بىرى دەپ ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان دۇنياغا داڭلىق تەبىئي پەن ئىلمىي ژورنىلى «تەبىئەت» دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللپنى «بۇ يىللىق تەسىرى ئەڭ زور 10 ئالىم» نىڭ بىرى، دەپ باھالىدى. شۇندىن كىيىن يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئامېرىكىدىن چىقىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورنال «ئىلىم-پەن» ژورنىلى، داڭلىق ئۇنىۋىرسال ژورنال «بايقاش» ۋە «دۆلەت جۇغراپىيىسى» قاتارلىقلار بەس-بەستە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنى بۇ يىللىق «ئىلىم-پەندىكى 10 زور بۆسۈش» نىڭ بىرى، دەپ ئېلان قىلدى. مۇشۇنداق خۇشاللىنارلىق مېنۇتلاردا، بىز ئالىمىمىزنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىدىن پەخىرلەنمەي تۇرالمىدۇق، ئەلۋەتتە. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ نەتىجىلىرىنى بىز ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىدە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز خۇشاللىققا چۆمدى ۋە ئالىمغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بىلەن بىر دىدارلىشىش ئىستىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتلىرىنى مەن يازغان تۆۋەندىكى تېمىدىن چۈشىنەلەيسىز:

دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن قانداق تونۇشتۇم

ئىشنىڭ ئوڭدىن كەلگىنى شۇكى، جامائەتكە تونۇش بولغان ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى دوكتۇر تاشپولات روزى ئاكام 8-ئايدىلا ماڭا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنى يوقلاپ كىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى ۋە بىز 10-ئايدا شۆھرەتكام بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق 12-ئايدىكى بايرام مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارىدىغانغا پۈتۈشكەن ئىدۇق. شۇنداق قىلىپ 12-ئاينىڭ 25-كۈنى مەن تېكساس شىتاتىدىن، تاشپولاتكام كالىفورنىيە شىتاتىدىن يولغا چىقىپ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن شۆھرەتكام تۇرۋاتقان ئورىگون شىتاتىنىڭ پورتلاند شەھرىگە يىتىپ كەلدۇق ۋە 3 كۈنلۈك كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك سەپىرىمىزنى باشلىدۇق. مۇشۇ يەردە مېنى بۇ سەپەرگە تەكلىپ قىلغان تاشپولاتكامغا ۋە بىزنى قىممەتلىك ۋاقىتىنى ئاجىرىتىپ كۈتۈۋالغان دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

بۇ جەرياندا تاشپولاتكام ئىككىمىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتلەرنى ئىلىپ باردۇق. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمىز ۋە ئۇ توغۇرلۇق بىلگەن ناھايتى قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى مەن پات ئارىدا بىر خاتىرە سۈپىتىدە يېزىپ چىقىپ تورداشلارغا سۇنىمەن. ھازىرچە ۋاقىت ئىتبارى بىلەن سۆھبىتىمىزنىڭ بىر كىچىككىنە كارتىنىسىنى سىنغا ئىلىپ تور يۈزىدە ئۇيغۇر جامائىتىگە يېڭى يىللىق سوۋغا سۈپىتىدە سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق. بىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپكە بارچە تور جامائىتىنىڭ قىزغىن سالاملىرىنى يەتكۈزدۇق ۋە دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپمۇ ئۆزى توغۇرلۇق ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى كۆرۈپ ناھايتى خۇشال بولدى ۋە بارچە ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى. تۆۋەندە زىيارەت جەريانىدىكى بىر نەچچە سۈرەت ھوزۇرۇڭلاردا:

1. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ (ئوتتۇرىدا) پورتلاند ئايرودۇرۇمىدا بىزنى ناھايتى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئوڭدا: دوكتۇر تاشپولات روزى؛ سولدا: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (مەن).




2. بىز دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆيىدە كۆڭۈللۈك مېھمان بولدۇق




3. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرىستىتى ئاساسى مەكتەپ ھويلىسىدىكى يېڭى ئىشخانىسىنى زىيارەت قىلدۇق



4. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئورىگون پىرىماتلار تەتقىقات مەركىزىدىكى يەنە بىر ئىشخانىسىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق



5. گۈزەل پورتلاند شەھرىدىن بىر كۆرۈنۈش



ئەمدى ھوزۇرۇڭلارغا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنى سۇنىمىز. بۇ فىلىم تاشپولات روزى ۋە مېنىڭ تورداشلارغا يېڭى يىللىق سوۋغىتىمىز بولۇپ، بىز مۇشۇ پۇرسەتتە بارچە ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

فىلىم ئىشلىگۈچىلەر: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە (بىلگەجان) ۋە تاشپولات روزى
تېخنىكىلىق ياردەم: مۇختار ماخمۇت

http://v.youku.com/v_show/id_XNjU1Nzg4NTg4.html

ئەسكەرتىش: بۇ فىلىمنىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى پەقەت بىلگەجان ۋە تاشپولات روزىغا مەنسۇپ. بۇ فىلىمنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشقا ۋە خالىغانچە كېسىشكە بولمايدۇ. پەقەت مۇشۇ تېمىدىكى بويىچە مەزمۇننى تولۇق ساقلاپ قىلىپ مەنبەسى تولۇق ئەسكەرتىلىپ تارقىتىلسا بولىدۇ.


بىلگەجان

2014-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 17:59:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-1 18:06  

ئالىمىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ئاڭلىتىش مەقسىتىدە ئادەتتىكى بىر سۆھبىتىمىزنى سېنغا ئىلىپ سۇندۇق. تەجرىبىمىز ۋە تەييارلىقلىرىمىزنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلى ئاددى بولۇپ قالدى ۋە بەزى كەمچىللىكلەر كۆرۈلدى. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 18:13:44

ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىپسىلەر. تورداشلار ئۈچۈن ناھايتى ياخشى بىر يېڭى يىللىق سوۋغات بوپتۇ بۇ{:112:}

feruq7 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 18:45:50

شۇنداق ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش ھەم ياخشى سۆھبەتلەر بوپتۇ.
ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، تەتقىقات ھەم ئوقۇتۇش ئىشلىرىڭلىغا ئامەت تىلەيمەن.

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 18:58:27

بىرلا ئېغىز گەپ. ئۇيغۇرلىقىمدىن يەنە بىر قېتىم پەخىرلىنىۋاتىمەن.

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 19:00:00

ئاسان ئەمەس، بىلگەجاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت، سۆھبەت  كۆڭۈللۈك، تەبىئىي، ئەركىن داۋاملىشىپتۇ.

xukrialla يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 19:23:24

erturk يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 19:00 static/image/common/back.gif
ئاسان ئەمەس، بىلگەجاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت، سۆھبەت  كۆڭۈ ...

تۇرسۇنجان مىنى بەك ھاياجانلاندۇرۋەتتىڭىز،مەن ۋە ئاينۇر ئىككەيلەن بىرلىكتە ئولتۇرۇپ كۆرۈپ ھاياجاندىن يىشىمىز تۆكۈلۈپ كەتتى.بىز ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتىكى شۇ ۋاقىتلارنى ئويلاپ سىزنى تىخىمۇ بەك سىغىنىپ كەتتۇق.تىرىشىڭ غەلبە سىزگە مەنسۇپ،ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىز نۇرىمانگۇل ۋە قىزىڭىز تۇمارىسقا سالامەتلىك تىلەيمەن.
تاشپولات ئاكىمىز توغۇرسىدىمۇ ئازراق چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن ،بىر ئالىي مەكتەپ مۇدىرىمۇ؟لىكىن بىزنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ ئەسكى(چاقچاق).

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 19:24:38

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،يېڭى يىلدا ئېلىپ كەلگەن بۇ قىممەتلىك  سوۋغىتىڭىز  ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر ،ئالىملىرىمىزنىڭ قىزغىن سۆھبىتىدىن ،كىچىك پىئىللىقىدىن بەكمۇ سۆيىندىم ، يات ئەلدە شۇنچە ئۇزۇن ياشاپمۇ ئاناتىلىمىزنى  ئۇنتۇماي بىمالال پاراڭلىشىىڭلار دىن تېخىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدىم ، ئاللا ھەممىڭلارنىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق ، ئائىلەڭلارغا بەخىت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن ،بىز ھەممىمىز سىلەردىن ، سىلەردەك ئۆزى يات ئەلدە بولسىمۇ قەلبى ھەر ۋاقىت ۋەتەندە ياشايدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن بەخىت ھېس قىلىمىز ، ئۈمىدكە تولىمىز ،كۆز ئالدىمىز يورۇيدۇ ...

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 19:30:19

شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى ۋە    تاش پولات روزى ئەپەندىلەرنىڭ تېنىگە ساقلىق ئىجات ئەمگەكلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن
بىلگەجان ئىنىمنىڭ تېنىنىڭ غاغلام ئۈگىنىشىنىڭ نەتىجىلىك بولىشىنى تىلەيمەن

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 19:34:26

2013-يىلى ئۇيغۇردىن دۇنياۋى مەشھۇر ئالىمنڭ چىقىشى ھاياجانلىشىشىقا يىتەرلىك.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 20:54:06

بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم!!!

eldos يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 21:32:15

ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىز ، تاشپولات ئاكىمىز ۋە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئائىلىسىگە بەخت - سائادەت تىلەيمەن .
تۇرسۇنجاننىڭمۇ بارلىق ئىشلىرىغا بەخت تىلەش بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇر ياشلىلىرى ئۈچۈن تور ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۈمىدلەندۈرۈش ، قوزغىتىش خاراكتىرىدىكى خىزمەتلىرىگە بولغان قايىللىقىمنى بىلدۈرۈمەن . مۇشۇ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياشلىرىمىزنىڭ چەتئەللەردىكى داڭلىق ئالىي ئۇنۋېرسىتلاردا بىلىم ئاشۇرۇش ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ۋە ئىلىم - پەنگە بولغان ئىشتىياقلىرىنىڭ تېخىمۇ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولغۇسى .

august يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 22:08:19

بىلگەجاننىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر. ناھايىتى ياخشى سۆھبەت بولۇپتۇ.


hazritili يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 22:22:23

ئالىمىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرى بىزنى ئىشەنچ ۋە ئۈمۈدكە تولدۇردى. بۇلۇپمۇ  ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ بىزگە تۈزدەكلا زۆرۈر بۇلىۋاتقان  ھازىرقىدەك مۇشۇنداق شارائىتتا ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇتۇقلىرىنىڭ قىممىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ.
ھەممىڭلارغا رەھمەت!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 23:50:19

رەھمەت دوستۇم
يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، يېڭى يىلدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك ، تەتقىقاتىڭىزغا ئۇتۇق ، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن ، ئائىلىڭىزگە ئامان - ئېسەنلىك ، بەخت تىلەيمەن !
مۇشۇ سىننىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى قويۇپ قويسىڭىز ، چۈشۈرۈۋالساق....

pigan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 04:43:30


خۇرسەنلىك .     

فىلىم نىمە سەۋەبتىن قويۇلمايدۇ .Internet Explorer ۋە   chrome  كۆرلمىدى .    youtube دىن كۆرۈش ئادېرىسى بارمۇ ؟ رەھمەت .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 07:15:00

pigan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-2 04:43 static/image/common/back.gif
خۇرسەنلىك .     

فىلىم نىمە سەۋەبتىن قويۇلمايدۇ .Internet Ex ...

مۇنداق ئىش:
فىلىمنى ئەلكۈيى تورى قاتارلىق بىر قىسىم تور بىكەتلەر ئاپتۇرلارنىڭ ئېرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئەسلى تېمىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىپ خاتا ئۇچۇرلار بىلەن مەنبەسىنى توغرا ئەسكەرتمەي ئۆز ئالدىغا يوللىۋالغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتلىق مەخپىي نومۇر ئورنىتىپ قويۇلغان، ئەمما شۇ تور بەت ئىگىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن يەنە مەخپىيى نومۇر ئىلىۋىتىلدى. ھازىر نورمال ئېچىلىدۇ. بولمىسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار، مەن قايتا تەكشۈرۈپ باقىمەن.

گەرچە بۇ فىلىمنى كۆپلەپ تارقىتىش پايدىلىق ئىش بولسىمۇ،  ئەمما مۇشۇ خىلدىكى تېمىلاردا تىلغا ئېلىنغان شەخىسلەر ئۇچۇرلىرىنىڭ خاتا ھالدا ئۆزگەرتىلىپ تارقىلىتىلىپ خەۋەرنىڭ چىنلىقى ۋە توغرىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە شۇ سەۋەپ ئوخشاش مەزمۇننىڭ كىشىلەرگە ئوخشىمىغان ھالدا يەتكۈزۈلۈپ قايمۇقۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ئىنكاسلارنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، فىلىم ئىشلىگۈچىلەر پەقەت ئۆزلىرى كىرىدىغان بىر قانچە ئەڭ ئاساسلىق ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىلا بۇ تېمىنى تارقىتىشنى لايىق كۆردى.

بۇ تېما كۆچۈرۈپ تارقىتىلسا بولىدۇ، ئەمما ئىچىدىكى مەزمۇنلار مۇتلەق ئۆزگەرتىلمەسلىكى ۋە مەنبەسى تولۇق، توغرا ئەسكەرتىلىشى كىرەك. ئەسلى ئاپتۇرلار بۇ تېمىنى يوللىغان ئىزدىنىش، مىسرانىم، باغداش، ئەلداۋا، بەكتۇر... قاتارلىق تور بىكەتلەرنىڭ بۇ تېمىنىڭ تارقىتىلىشىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى ۋە مەسئۇلىيىتى بار.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 08:05:06

ئالدىراپ كېتىپ تۆنۈگۈن بۇ فىلىمنى ئىزدىنىشتا تاقىتىپ قويغىنىمدىن خىجىلمەن.
مەنمۇ تورداشلارنىڭ ئالىملىرىمىز بىلەن بالدۇرراق كۆرۈشۈش ئارزۇسىغا قاراپ كېتىمتىمەن ....
نېمىلا بولمىسۇن، ئالىملىرىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، كەسىپلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى، شۇنداقلا بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن!

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 09:55:15

تۇرسۇنجان، ئوبدان تۇردىڭىزما؟ سىز بىلەن توردا ئۇچرىشىپ قالامەن دەپ ئويلاپ باقماپتىمەن
مەن مەمەتجان گۇمىدىن ،شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىدىكى تونۇشىڭىز، بەلكىم ئەسلىيەلەرسىز، ئەكرەمنىڭ دوستى...
بايا ۋېدىئونى كۆرۈپ سىزنى تونۇپ قالدىم ، ئىنكاسلارغا قارىغاندا تۇرمۇشلوق بولۇپ پەرزەنىتلىكمۇ بولغان ئوخشايسىز ، ئاللاھتىن ئائىلىڭىزگە ۋە ئەزىر تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 10:09:57

نىمىنى نىمە قىلىپ ئەھمىيەتلىك ئۇچىرىشىشلار بولۇپتۇ،
تەشەككۇرلەر بولسۇن...................
بەت: [1] 2 3
: (bilgejan) شۆھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۆھبەت