Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 17:47:36

يەنە شۇ سىمسىز تور توغىرسىدا ياردەم.

ئەسلىدە بۇ تىما يوللانماسلىقى كىرەك ئىدى. چۈنكى [ھۈنەر] رادىئو-تېلېۋىزىيە تورىنى روتېرغا ئۇلاپ تەڭشەش ئۇسۇلى نىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىپ بۇلۇنغان. بىراق تېخىمۇ كۆپ ئۇستازلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئازراق بولسىمۇ بىلىملىرىنى بىرىشنى ئۈمۈد قىلىپ ، ئايرىم تىما يوللىدىم. ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىلەر.  بەلكىم كۆپلىگەن دوسىتلىرىمىز بۇخىل ياردەمگە مۇھتاج بۇلىشى مۇمكىن.

1. باشقىلارنىڭ تارقاتقان سىمسىز تورىنى ئۇلاپ (مەخپى نۇمۇرنى بىلگەن ئەھۋال ئاستىدا). شۇ تورنىڭ سۈرئىتىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن يۇقىرراق قىلىپ تەڭشىۋالغىلى بۇلامدۇ؟ ئەلۋەتتە باشقىلار بۇنى سەزمەسلىكى كىرەك.
2.  مەن ئىداردىكى  مەلۇم بىرسىنىڭ سىمسىز تورنىڭ مەخپى نۇمۇرنى بىلىمەن ئەمما ئۇ روتىرغا mac ئادىرسىنى باغلاپ  باشقىلارنى كىرەلمەيدىغان قىلىپ ئىشلىتىۋالغان ئىكەن، شۇڭا مەن  ئۇ سىمسىز تورغا كىرەلمەيۋاتىمەن. سىمسىز تور تارقاتقۇچىنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارىنى يوق قىلۋىتىدىغان ياكى ئۇنىڭ mac ئادىرسىنى ئۆزەمنىڭ كومپىيوتىرغا كىلونلىۋېلىپ ئىشلىتىدىغان چارە بارمۇ؟
3. سىمسىز تورنىڭ مەخپى شىفىرنى قەتئىيلا يەشكىلى بولمامدۇ؟ قانداق چارە قوللىنىمىز؟
4. ھىچقانداق تور سىمى ياكى سىمسىز تور سىگنالى يوق ئەھۋال ئاستىدا تورغا چىقىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمۇ؟ مەسلەن: مەن ئىلگىرى تور قۇبۇللىغۇچ قازان  (تىلۋۇزۇرنىڭ، يىراق مۇساپىلىك ئۇقۇتۇشنىڭ  دىگەندەك...)ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان بىر ئىشلارنىڭمۇ بۇلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
ئۇستازلارنىڭ بىلىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 22:11:10

ئالدىنقى ئۈچ سوئالغا سىزنىڭ تېخنىكا نۇقتىسىدىن ئەمەس ئەخلاق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ ئويلاپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاخىرقى سوئالغا،مەن شۇنداق بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ توردىنمۇ ئىزدەپ باققان،توسالغۇ جىسىم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر قانچە كېلومېتىر ئارلىقتىكى مەلۇم يۆنىلىشتىكى سېگىنالنى قوبۇل قىلالايدۇ دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ،ئىشلەتكەنلەردىن 500مېتىر ئارلىقتىكى تور سېگىنالىنى قوبۇل قىلىپ ئىشلەتكەنلەرنى ئاڭلىدىم،لايھىلىنىشىمۇ خېلى ئەپلىك كۆرۈندى،كۆپ سېتىلغانلىرى100سوم ئەتىراپىدا ئىكەن

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 22:16:28

ئەگەر شۇنداق ئۈسكۈنىنى سېتىۋېلىپ قالسىڭىز cmcc,chinanetدېگەندەك سىگىنال مەنبەلىرىگە ئۇلاپ توردىن ئايلىقىنى خېلىلا ئەرزان سېتىۋېلىپ ئىشلىتەلەيسىز،ياكى بولمىسا تېلگىراف كارتىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئايدا 30سائەت wifiغا چىقىش ۋاقتى بار،بىر قانچە تونۇشىڭىزنىڭ كارتىلىرىنى ئىشلەتسىڭىز بىر ئايغا يېتىپمۇ قالىدۇ

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 22:39:35

1.2.3. سۇئالغا تۇلۇقلىما بىرەي.
ئىداردە 3  سىمسىز سىگنال بار.  ھەممىسى خەن يولداشلارنىڭ ئۇلار ئۆز ئارا پايدىلىندۇ. ئەمما بىز سوراپ قالساق قەتئىيلا دەپ بەرگىلى ئۇنمايدۇ. ئۆزەڭ پۇل تۆلەپ تور تاتقۇز دەپ، ئەمەليەتتە بىز ئۈچۈن تارتىپ بەرگەن تورنى ئۇلار تارتىۋالغان. شۇڭا ئۇلارغا يالۋۇرۇپ يۈرگەندىن كۆرە كۆپنىڭ ئەقلى كۆپكە دەپتىكەن ، ئۆزەمنى خار قىلغىچە كۈچۈمنى خار قىلاي دەپ ، قۇلۇمدىن كەلمىگەچكە سىلەردىن ياردەم سوراپ ئولتۇرۇپتىمەن.  نىيەت  ھەرگىزمۇ يامان ئەمەس، يامان ئىشلارغا ئىشلەتمەيمەن. مەقسەتنى دىمسەممۇ چۈشەندىڭلار. يالۋۇرماسلىق.  
ئاتايەن ئىزدىنىشقا چىقىش ئۈچۈن يانفۇننى كومپىيوتىرغا چېتىپ  تور سۈرئىتى قوتو  تەخەي بۇلۇپ كەتكەن كومپىيوتىردا بىر خەتنى 10 مىنۇت يېزىپ جاپالىق ھالدا ياردەم تىمىسى بولسىمۇ يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، ياردىمىڭلارنى ئايمىغان بولساڭلار دوسىتلار.

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 00:03:39

مۇنۇ بەتتىن لازىملىق بىلىمگە ئىرىشسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 08:12:24

2. قارشى تەرەپ ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتىرنىڭ IP ئادرىسىنى بىلىسڭىز ئۇنىڭ  mac ئادرىسىغا ئېرىشەلەيسىز، ئاندىن ئۆز تور كارتىڭىزنىڭ  mac ئادرىسىنى شۇنىڭغا ئۆزگەرتىۋالسىڭىز كلونلاش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز. بۇ ئۇسۇلدا ھىچ بولمىسا تور ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئۇنىڭ بىلەن تالىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشىڭىز مۈمكىن، سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ.
3. توردا شىفىر يەشكۈچلەر كۆپ تۇرۇپتىغۇ، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر ئومۇمنىڭ تور سىمىنى ئىشلەتكەن بولسا بىرتال ئېغىز بېرىشى ياكى Wifi شىفىرىنى دەپ بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇنداق قىلىمىغان بولسا ئەدىپىنى بېرىپ قويۇش خاتا ئەمەس، بىز دائىم ئۇلارنى ئەدەپلەش ئارقىلىق يۈز تاپىمىز{:87:}. ئەلۋەتتە، ئىشلەتكەن ھۈنەرلەر ئىدارەڭلەر دائىرسىدە چەكلىنىپ قالسۇن.

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 09:22:04

بىلىشىمچە كۆپىنچە ئىدارە-ئورگانلار بىر تورنى پۈتۈن ئىدارە ئورتاق ئىشلىتىدۇ،يەنى بارلىق كومپيوتىرلار بىر تور ئىچىدە،مەن ئىدارىغا يېڭى كەلگەندە سىگىنالى خېلى كۈچلۈك بىر سىمسىز تورنى بايقىغان،شۇنى مەلۇم بىر ئىشخانىدىن تارقىتىلغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان،لېكىن باشقىلاردىن سورىغۇم كەلمەي خېلىغىچە ئېقىم ئىشلىتىپ يۈرگەن،كېيىن ئۇنىڭ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىكى روتېردىن چىققان سىگىنال ئىكەنلىكىنى بىلدىم،ئاندىن ئىشخانامدا(تورغا ئۇلانغان)روتېر تەڭشەش بېتى192.168.1.1گە چىقسام ئېچىلىپ كەتتى،مەخپىي نومۇرى 123456ئىكەن)ئادەتتەadminبولاتتى(سىمسىز تورنىڭ مەخپىي نومۇرىغا ئېرىشتىم.
ئەگەر سىزنىڭ ئىدارىمۇ شۇنداق بىر تور ئىشلەتسە،شۇ تورغا ئۇلانغان خالىغان بىر كومپيوتىردا192.168.1.1غا چىقىپ سىناپ بېقىڭ

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 09:50:06

ئادەتتە قىسمى توردا بولسىڭىزلا، سىز بىلەن ARP ئۇچۇرى ئالماشتۇرىدۇ. cmd غا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يىزىپ باشقىلارنىڭ mac ئادىرىسىنى كۆرەلەيسىز.arp -a

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 10:23:10

ھازىر قاتتىق دىتال ئارقىلىمۇ سىمىسىز رۇتىرنىڭ مەخپى نۇمۇرىنى يەشكىلى بۇلىدىغان ئىش بارمۇ؟(مەسلەن سىمىسىز تور كارتىسى دىگەندەك نەرسىلەر)
نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر نەرسە چۈشۈرسەم سۈرئەت ئاستا ،مەخپى نۇمۇرنى ئۆزەرتتىم.ئەتسى يەنە ئوخشاش.قارىسام ناتۇنۇش mac ئادرىسىدىن ئىككىسى تۇرىدۇ (ئىزدەش ئارقىلىق بۇنىڭ بىرىنىڭ سىمىسىز سىگنال تارقىتىدىن ئۈزەمنىڭ TPسىنىڭ mac ئادرى***ەن ،يەنە بىرنىڭ كىلىشى نامەلۇم .شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمنىڭ ئۈسكىنىلىرنىڭmac ئادرىسىنى ئېلىپ قىلىپ قالغىنى رەت قىلۋەتتىم.نەچچە كۈن بولدى، پات-پات تەكشۈرۈپ قۇيۋاتىمەن ،نامەللۇم mac يوق.ئۇيلاپ قالدىم سان ،ھەرىپتىن ،بەلگىدىن تۈزۈلگەن ئون نەچچە خانىلىق مەخپى نۇمۇرنى شۇنچە تىز يېشىۋالغانلىقىغا قاراپ ،يىشىدىغان ئۈسكۈنۈلەر بارمۇ نىمە دەپ!!!

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 17:03:43

تېلىفوندا شۇنداق بىر يۇمشاق دېتال بولىدىغان،مەن سىناپ قىلالمىغان،بىراق باشقىلار مۇۋاپىقىيەتلىك قىپتۇ

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 20:43:39

linux مۇھىتىدا ماۋۇ بۇيرۇق ئىسىل بۇيرۇق توردىن ئىزدەپ بىقىڭ. تور كارتىسىنىڭ  ئۆزەك تىپى 8187  ياكى 3070 بولسا كوپ ئىشلار ئاسانلىشىدۇ.

mdk3 mon0 a -d
mdk3 mon0 a -p
mdk3 mon0 a -f
mdk3 mon0 a -g
ھەر بىر بۇيرۇقنىڭ كەينىگە قارشى تەرەپنىڭ macئادىرىسىنى كىرگۇزىسىز.
ھەر بىر بۇيرۇقنىڭ رولى ئوخشاش لىكىن ئۇنىمى ئوخشمايدۇ،

قارشى تەرەپ macئادىرىسى بىلەن سۇزىۋالسىمۇ يەشكىلى بولمايدىغان ئىش يوق wpa2بولسىمۇ ئوخشاش پەقەت ۋاقىتى مەسىلىسى ۋە لوغەت.

سىمسىز سىگنالنى كورىدىغان  ياخشى دىتال WirelessMon  بۇ pcدا ئىشلەيدۇ. Wifi Analyzer يانفۇن نۇسغىسى  ئاندىرويىد نۇسغىسى.مۇشۇ دىتالنى تەرجىمە قىلىپ قويساڭلار ياخشى بۇلاتتى.

Mehmut يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 22:06:45

yulhun يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 20:43 static/image/common/back.gif
linux مۇھىتىدا ماۋۇ بۇيرۇق ئىسىل بۇيرۇق توردىن ئىزدەپ بى ...

تېخىمۇ تەپسىلىيراق توختالسىڭىز بۇلۇپتىكەن.  windows 8 دىچۇ؟ ياخشى ئۇسۇللار يوقما؟

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 17:19:26

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 08:12 static/image/common/back.gif
2. قارشى تەرەپ ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتىرنىڭ IP ئادرىسىنى  ...

راستىنلا شىفىر يىشىش دىتالى بارما ، ئۇنۇملۇكمۇ؟
بەت: [1]
: يەنە شۇ سىمسىز تور توغىرسىدا ياردەم.