anur77 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 16:13:25

دورا ۋە بۇلغىنىۋاتقان تېنىمىز،روھىمىز

     ئىلگىرىمۇ كاللامدا ئىزچىل تۈردە غەرىپ تىبابەت دورىلىرى توغرۇلۇق ئويلنىشلار بار ئېدى.چۈنكى دورا خىمىيىلىك نەرسىلەردىن ياسىلىدىغان بولغاچقا ،ئىستىمال قىلىشقا  بولمايدىغان نەرسىلەر بولىشى مومكىنمۇ دېگەن خىياللار ئىزچىل كاللامدا ئەگىپ يۈرەتتى.شۇڭىلاشقىمۇ دورا سېتىۋالغاندا مومكىن قىلىپ ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى سېتىۋالاتتىم.غەرىپ تىبابەت دورىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى  نەرسىلەرگە ئاساسەن تور دۇنياسىدىن،لوغەتلەردىن بۇ ھەقتىكى قېلىپلاشقان ئاتالغۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم.دەرۋەقە ئىزدىنىش جەريانىدا 明胶دېگەندەك نەرسىلەر قوشۇلغان دورىلارنى ئۇچىراتتىم(كالتىسى تولۇقلاش،قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىدىدە دورا تاللاش جەريانىدا غەرىپ تىبابەت دورىلىرىنىڭ تەركىبىدە يۇقارقى تەركىپلەرنى بايقىدىم.بۇ يەردە بۇ تەركىپ بار دورىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى توغرا تاپمىدىم).明胶دېگىنى بولسا ھايۋانات تېرىسىنى قاينىتىش ئارقىلىق ئىرىشىلىدىغان بىر خىل تەركىپ بولۇپ ،ئاساسلىقى توڭگۈز تىرىسىنى قاينىتىش ئارقىلىق ئىرىشىلىدۇ.
   ئەتىراپىمدا كالتىسى تولۇقلاش ئۈچۈن دورا ئىستىمال قىلىۋاتقان خىزمەتداشلىرىمنىڭ قانداقتۇر بىر ھايۋانلارنىڭ سۆڭەك ،سۈت پاراشۇكلىرىدا ياسالغان دورىلارنى ئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىدا شەك يوق.ئۇلارغىمۇ چۈشەندۈردۇم،شۇنداقلا تورداشلار بىلەنمۇ ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.
   شۇڭا بۇ خىلدىكى دورىلار بىلەن تېنىمىزنى ،روھىمىزنى بۇلغىمىساق!

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 09:32:23

چوشقا تېرىسى  ئاشلانغاندىن كېيىن ھالال بولىدۇ دىگەن  گەپ بارمۇ ؟ بۇرۇن قۇرئانى كەرىمنى سېلىپ يۈرىدىغان سومكام چوشقا  تېرىسىدىن تىكىلگەنمىدۇ  دەپ ئەنسىرەپ شۈبھىلىنىپ ئىشلەتمىگەن ئىدىم ، كېيىن يۇقۇرىقى  پەتىۋانى  ئاڭلىدىم .

شىنجاڭ دورا زاۋۇدىدا ئىشلەنگەن « پەربۇن ئۈچقات زۇكام جەۋھىرى » دىگەن دورىنىڭ تەركىبىدە ئىسپرىت بار  ئىكەن ، تۇنجى  قېتىم بولىغىدا  ئۇيغۇرچە  خەت  بولغاندىكىن دەپ  قارىمايلا  ئىچىۋېتىپتىكەنمەن ، بەك ئىسپىرت  پۇراپ  كەتتى ، كېيىن  تەركىبىنى  ئوقۇپ  چىدىماي  قەي  قىلىۋەتتىم ...

لېكىن  كېيىن بىر  چوڭ  ئۆلىمانىڭ فەتىۋاسىدا ئىسپىرت كەيپ قىلىش  ئۈچۈن ئەمەس داۋالىنىش ئۈچۈن ئىستىمال قىلىنسا  ھارام  بولمايدىغانلىقىنى  ئوقۇپ بۇ دورىنى يەنە  ئىشلەتتىم ، گەرچە تەمىنى  ياخشى  كۆرمىسەممۇ قەيت قىلىۋەتمىدىم .

ئەتراپىمىزدا پايدا  تېپىشنى  مەقسەت  قىلىپ يۇندىنى چەككىلەپ   ياسالغان ياغ ، ئەسكى ئاياغ - چەملەردىن  ۋە يۇقۇرقىدەك چوشقا ئۇستىخنىدىن  ياسالغان  يىلىمدىن مىۋە ئۇيۇتمىسى ۋە  ھەرخىل  ئەقىلنى بۇلغايدىغان يىمەكلىكلەر ياسىلىپ  سېتىلىۋاتىدۇ بۇلار ئەلبەتتە شۈبھىسىز ھارام .

لېكىن يىمەكلىكلەردىكى پاسكىنىلىقلارغا نەفسىمىزنى ئېتىشىمىز  ئۈچۈن روھىي بۇلغىنىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالساق ياكى ئۇنىڭغا  ئىلاجە قىلساق ، چۈنكى قەۋمىمىزدە پەقەت باش  شەكلى ۋە  جىسمى چوشقىدىن بولغان ۋە ئۇنىڭدىن بىۋاستە ئىستىمالغا  سۇنۇلغان گۆشنى ھارام دەپ ئىتىمال  قىلمىغان  بىلەن ، ئۇنىڭ  ئۇستىخىنى خام  ئەشيا  قىلىنغان كەمپۈت ، پىنتوزا ، ھەرخىل تەيييار ۋە ئاتالمىش مىۋە  شىرنىسى  ... قاتارلىق چەكسىز كەتكەن يىمەكلىكلەرنى  كۆزىنى  مىت  قىلماي ئىستىمال  قىلىدىغانلار يەنىلا  كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ  ...
ئىشقىلىپ دىققەت  قىلساق  بولغىدەك .

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 13:10:22

مىللىي تېىبابەتنىڭ كاپسۇللۇق دورىلىرىدىكى كاپسۇل قېپىينى تىۋىپلار ئۆزلىرى ياسامدۇ ياكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ئېمپورت قىلامدىكەن ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 13:18:45

بۇ تېمىنى راۋاجلاندۇرۇپ باقساق بولىدىكەن .

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 13:39:11

غەرب تىبابىتى دورىلىرىغا قارىغاندا جوڭيى دورىلىرىدىن بەكرەك ئىھتىيات قىلغان ياخشى تەركىبىدىكى  چوشقا جىگىرى ، بالا ھەمرىيى ، ئېشەك تېرىسىنى بىلمەي يەپ سالىدىغان ئىشلار چىقىپ قالىدۇ .
غەرب دورىلىرىنى سېتىۋالغاندا دىققەت قىىشقا تېگىشلىك  بىرىنچىسى دورىنىڭ تەركىبى ئەمەس  ،مېنىڭچە  ئەڭ مۇھىمى دورىنىڭ شەكلى يەنى 剂型سى  ، شەكلى كاپسۇللۇق بولغان  دورىلارنىڭ تەركىبى ئادەتتە  ھايۋانات يىلىمى بولىدۇ ، دورا شەكلىنى قالسا دورا تەركىبى ، كۆپ قىسىم غەرب دورىلىرىنىڭ تەركىبى خىمىيىلىك ماددىلار بولىدۇ، بۇنىڭدا دىققەت قىلىشقا تېگىىشلىكى دورا دۆلەت تەستىق نومۇرى准字号، تەستىق ئادەتتە H بىلەن باشلانغانلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى خىمىيىلىك دورا ، Sبىلەن باشلانغانلىرى بىئولوگىيىلك دورا ،بىئولوگىيىلىك  دورىنىڭ تەركىبىگە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك   ،  ، ئادەتتە بۇ دورىلار ئاقسىل ، 肽,氨基酸لەرنى ئۆزىگە تەركىب قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ،بەزىلىرى خىمىيىلىك ئۇسۇلدا كىرىشتۈرۈلگەن يەنە بەزىلىرى ھايۋانات تېنىدىن ئېلىنغان بولىشى مۇمكىن ، كۆپ قىسىملىرىنى سوغۇق ساقلاش تەلەپ قىلىنىدۇ ، شۇڭا  مۇشۇ خىل دورىلاردىن ھالال ئەمەس تەركىبلەر چىقىپ قىلىشى مۇمكىن،، جوڭي دورىلىرىنىڭ بولسا Zبىلەن باشلىنىدۇ ، بېىشىدا دېگەندەك بۇمۇ گۇمانلىق  ،يەنە  J ھەرپى بىلەن باشلانغان  ئېمپورت دورىلارمۇ بار، ئۇ ئېمپورت تەستىق نومۇرى .
نۇرغۇن تاللاش ئىقتىساد يەنە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى بىزنىڭ قولىمىزدا بولمىغاچقا ھازىرچە شۇ دىققەت قىلىشنى تاللاپ تۇرايلى

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 13:42:45

سانجىدا تۇڭگانلارنىڭ  ئات-كالا ۋە قوي ئۇستىخىنىدىن  سۈزۈك يىلىم ئىشلەپ چىقىرىدىغان زاۋۇدى  بار ،

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 13:52:50

   بۇ تېما ھەققىدە يەنە يېتەرلىك بىلىمى بار  تورداشلار بولسا پىكرىگە قۇلاق سېلىپ باقساق بولغۇدەك .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 13:53:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-1 13:55  

ئاتالمىش جوڭگو تىبابىتىدىكى دورا ياساش رېتسىپلىرىنىڭ  كېلىش  مەنبەسى  مۇسۇلمان ئەرەپ تىبابىتى  بولغاچقا تەركىبىنى ئوقۇپ ئىستىمال  قىلساق  بولىدۇ .

كاپسۇلنىمۇ ھەممىسى ئۇستىخان-تېرىدىن ياسىلىشى مۈمكىن ئەمەس ئىكەن ، بولۇپمۇ چەت بىلەن شېرىكلىشىپ ئاچقان دورا زاۋۇدلىرىنىڭ كاپسۇللىرىغا نىسبەتەن قاتتىق ئۆلچەم بولۇپ ئاساسەن دېڭىز ئوت-چۆپلىرىدىن خام ئەشيا قىلغان سۈزۈك يىمەكلىك يىلىمى ئىشلىتىدىكەن .

لېكىن : بىز سېتىۋالالايدىغان سۈت ، ھەرخىل مىۋە شىرنىلىرى ، مىۋە كونسېرۋالىرى ،كەمپۈت ، بولۇپمۇ قېتىق ... قاتارلىق يىمەكلىكلەرگە شۈبھىسىز ھايۋان ئۇستىخىنى خام ئەشيا قىلىنغان «يىمەكلىك ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۈزۈك يىلىم » ئىشلىتىدىكەن ، مۇشۇنىڭغا دىققەت قىلساق  بولغىدەك .

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 14:06:55

ھاراق ھاراممۇ ياكى ئىسپىرىتمۇ، ئىسپىرىت ھارام بولسا دىزىنفىكسىيە قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 14:18:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-1 14:39  

بىزلەرگە 药剂دەپ بىر دەرس بولىدىغان شۇ دەرسىنىڭ 胶囊قىسىمدا ياسىلىشى ھەققىدە مەخسۇس بىر قۇر چۈشەنچە بار ئىدى ، شۇنىڭغا ئاساسەن دورا كاپسۇلىنى چوشقا تېرىسى،سۆڭىكىدىن قاينىتىپ ئېلىنىدۇ دەپ ئېيتىم ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقمىدىم ، يېقىندا دۆلىتىمىزدىكىلەرنىڭ چىقمنى تېجەش ئۈچۈن ئەسكى ئاياغدىن دورا كاپسۇلىنى ياسىغانلىقى 阿莫西林 قاتارلىق بىر قانچە دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ بەزى دورا زاۋۇتىلىرىدا مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ياسالغان كاپسۇللارغا قاچىلانغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم ، دورا زاۋۇتلىرىنىڭ  دائىملىق ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ ياسلىش چىقىمىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز ئىشلىتىۋاتقان دورا كاپسۇللىرىنىڭ 99 پىرسەنتى مېنىڭچە دەرسلىك كىتابتىكى ئۇسۇلدا ئېلىنىغان كاپسۇللار ،

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 14:55:24

بەك ئىھتىياتچان بولايلى ئىشقىلىپ ...

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 16:20:49

دورىخانىنىڭ دورىلىرىنى ئانچە جىق ئىچىپ كەتمەيدىغان بۇلۇپ قالدۇق ، تىز مەنپەت قىلغان بىلەن قۇشۇمچە تەسىرلىىرىمۇ ئاز بولمايدىكەن ،ئىشەنچىسىز تەرەپلىرىمۇ كۆپكەن .  تىۋىپلاردىن دورا ئەكىلىپ ئىشلىتىۋاتىمىز ، گەرچە ئاستا مەنپەت قىلغاندەك قىلغان بىلەن ئەكىس تەسىرلىرى ئازراق بۇلىدىكەن ،كىسەلنى يىلتىزىدىن يۇقۇتىشقمۇ پايدىسى بار ئىكەن ھېس قىىلىشىمچە .

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 16:35:04

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 14:06 static/image/common/back.gif
ھاراق ھاراممۇ ياكى ئىسپىرىتمۇ، ئىسپىرىت ھارام بولسا د ...

ئۇكام ، ھاراقلا ئەمەس ، مەست قىلغۇچى ھەرقانداق نەرسە ھارام ! ھاراقمۇ ، ئىسپىرىتمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى مەست قىلىدۇ . شۇڭا ، ئىككىلىسى ئوخشاشلا ھارام . سىزنىڭ راستىنلا بىلمىگەنلىكىڭىزنى ياكى قەستەن سۆز ئويۇنى ئويناۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمىدىم . ئەمما ، ماندا موتو پاراڭ سالماڭ .

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-1-2 09:48:35

ئاغرىپ قېلىشمۇ ھارام بولۇپ قالدى بۇ دۆلەتتە. قايسى كۈنى بىر رىسىم ئۇچراپ قالدى، چەتنىڭ بىر كىچىك خالتىلىق بىرمىسىكەن، ئورالمىسىغا جۇڭگودىن كىرگەن ھېچقانداق خام ئەشيا ئىشلىتىلمىگەن دەپ يېزىپ قوياپتۇ.
چوڭ يەدىن گەپ ئاچماي تۇراي، كىچىك چېغىمدا خوتەنگە بارسام ئۆستەڭدىكى بىرە تال تاۋۇز شاپىقىنىمۇ كۆرۈپ قالسا ئاتايەن ئېلىۋېتىدىغان كىشىلەر بار ئىدى، ھازىر دۇكاندىكىلەر ژۇندىسىنى ئاچىقىپلا تۆكىدىغان بولۇۋاپتۇ. بۇنىڭدىن مەن شەھەر باشقۇرۇش ئۇ بۇ دەپ ھۆكۈمەتكە ئارتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم، بۇ تىپىك ئىماننىڭ سۇسلىشىشى. ھەقىقى ھارام ھالالنى ئايرىيالايدىغان كىشى ئۆستەڭگە ئەخلەت تۆكمەيدۇ.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-3 15:27:39

NeXter يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 16:35 static/image/common/back.gif
ئۇكام ، ھاراقلا ئەمەس ، مەست قىلغۇچى ھەرقانداق نەرسە  ...

تەلىملىرىگە ھەشقاللا ھەزرىتىم.
مېنىڭ ئىنكاسىمنى تۇلۇق  كۆرمەي قالغان ئوخشايلا، ئىسپىرىتتا دىزىنفىكسىيە قىلىشقا قارىتا پەتىۋالىرىنى ئايىمىغايلا،

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-1-4 21:06:54

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-3 15:27 static/image/common/back.gif
تەلىملىرىگە ھەشقاللا ھەزرىتىم.
مېنىڭ ئىنكاسىمنى تۇل ...

نىمە دېسەم بولار ؟ ... ئىنكاسىمغا قاراپ ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم . ماڭا ئۇنداق تەنە قىلىپ كەتكۈدەك نىمىلەرنى دىگەندىمەن ، ھە ؟! سىزدەك قىتىغۇر ، مەمەدان بالىلارنىڭ دەستىدىنغۇ ئىزدىنىشقا كىرمەسلا بوپ قالغان . يېقىندىن كۆرىدىغان تۈزۈك مۇنبەر يوق كىرىپ ھە قاسىڭلىدىن مۇشۇنداق سېسىق گەپ ئىشتىۋاتىمەن . مەن مەست قىلغۇچى نەرسە ھارام ! دىدىم . دېزىنفېكسىيە قىلىنسا بولمايدۇ دىمىدىم . سىزنىڭ چىت تۈۋىدىن ھوشو ساراڭ چىققاندەكلا ھاراق ھاراممۇ ، ئىسپرىتمۇ ؟ دىگەندەك سۇئالىڭىز ئادەمنى بىلىپ تورۇپ كولدۇرلاتقاندەك تۇيغۇ بەرگەچكە « ئادەمنى موتو قىلماڭ » دەپ ساپتىمەن . شۇنىڭغىمۇ مۇشۇنچىۋالا تەنە - خۇسۇمەت قىلىش كىتەما ئەمدى ؟! بىر - بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەي ياشىساق يامان بولاما ؟! مەنمۇ تەنە قىلىشنى ، سېسىق گەپ قىلىپ تويغۇزۇپ قويۇشنى ئوبدان بىلىمەن . بىراق ، ئۇدۇلۇمدىكى ئادەمنى قېرىندىشىم دەپ بىلگىنىم ئۈچۈن ، قېرىندىشىمنىڭ دىلىغا ئازار يىتىپ قالمىسۇن دىگىنىم ئۈچۈن سېسىق گەپ قىلمايمەن . ئەمما ، ئۆزىڭىزنى بىلەلمەي قالسىڭىز پوققا چالما ئېتىپ سېلىشتىن ئۆزۈمنى تۇتالماي قېلىشىممۇ مۇمكىن . ھە ، راست . باشقا تېمىلاردىكى ئىنكاسىڭىزدا يېشىڭىز مەندىن كىچىكتەك بىلىنگەنتىڭىز . شۇڭا ، ئۇكام دەپ ساپتىمەن . مەن بۇ يىل 36 ياش . ئەگەر ، مەندىن چوڭ بولسىڭىز - ئاكا - دىيىشكە مەن رازى . بىر - بىرىمىزگە دىل ئازار قىلىدىغان ئىشنى سادىر قىلمىساق . توردا باشقىلار بىلەن مۇنازىرە قىلغۇدەك ، قارشى تەرەپنىڭ ئىززەت - ھۈرمىتىنى ساقلىيالىغۇدەك ساپا ھازىرلىيالىساق مۇنازىرە قىلساق . بولمىسا غ گە ت نى قوشۇپ جىم ئولتۇرساقمۇ بولىدۇ .
بەت: [1]
: دورا ۋە بۇلغىنىۋاتقان تېنىمىز،روھىمىز