jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 15:36:26

جاھالەت ئىسيانكارى موللا زەيدىن

http://v1.freep.cn/3tb_131231130816rbl8512293.jpg
موللا زەيدىن1815-يىلى لۈكچۈندىكى باغرا يېزىسدا نامرات دېھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن .ئالتە يېشدىلا خەت-ساۋادىنى چىقارغاندىن كېيىن ،11يېشىدا مەدرىسكە ئوقۇشقا كىرىپ 17يېشىغىچە پۈتۈن قارى بولۇپ يېتشكەن ،ئەرەبچە كىتاب ۋە قۇرئانلارغا مەنە ئېيتالايدىغان بولغان .ئۇ 17يېشىغىچە كافىيدىن باشلاپ ،شەرھىي موللغىچە ئوقۇغان ،شۇنداقلا نەۋايى ،سوپى ئاللا يار ،خوجا -ھاپىز قاتارلىقلارنىڭ مۇناجەت -قەسىدە كىتابلىرىنى ،قول غوجا ئەھمەت ،شامەشرەپ قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆگىنىپ موللا زەيدىن دەپ نام ئالغان .
     موللا زەيدىن دەسلەپتە زالىم قازىلاردىن تارتىپ ،خۇراپىي بۈۋىلەرگىچە ئۇلارنىڭ مۇتەئەسسپلىكلىرىنى سۆككەن پاش قىلغان ،مۇشۇ توغرىسدا مەدرسىنىڭ مۇدەررىسى ،زاھىر قازاجى تەرىپىدىن بىر قانچە قېتىم جازاغا تارتىلغان ،قازى ئۇنىڭ گەپچىلىكىدىن قورقۇپ ،ئۇنىڭ قوشاق نەزمە يېزىشىنى چەكلىگەن ئىكەن .جامائەتچىلىك لۈكچۈنلۈك ئەپرىدۇن ۋاڭنىڭ مۇشۇنداق بىر پاراڭچى ئىزدەپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئوردا خىزمىتىگە كۆرسەتكەن .
  موللا زەيدىن ۋاڭنىڭ ۋە ئوردىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن تونۇشقان ۋاقتى ئۇنىڭ 20ياشلارغا كىرگەن ۋاقتى ئىدى ،ئۇ ئۆز ھاياتىدا جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىككە قارىتا غەزەپ-نەپرىتىنى بوشاشتۇرماي ،تۈرلۈك قىزىقچىلىق گەپ سۆزلەر بىلەن تونۇلۇپ كەتكەن ،موللا زەيدىن مۇشۇنداق قىلغانلىقى تۈپەيلى ۋاڭ ئوردىسىدىن سەككىز قېتىم قوغلىنىپ ،9-قېتىم يەنە چاقىرتىۋىلىنغان ،ئەپرىدۇن ۋاڭ موللا زەيدىنگە شېرىن دۈشمىنىم دەپ ناممۇ بېرىپتىكەن .ۋاڭ بېيجىڭغان بارغاندىمۇ ،قەشقەرگە ۋاڭ بولۇپ بارغاندىمۇ موللا زەيدىننى ئۆز يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن ...
   ۋاڭ موللا زەيدىن بىلەن قەشقەردە 9 يىل بىللە تۇرغان ،ئۇ ۋاڭنىڭ كەلگۈسى ئاقىۋىتى ھەققىدە نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان .1860-يىلى ئىستىپا سوراپ يۇرتىغا قايتىپ قوغۇنچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .1880-يىللىرى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆز قەۋرىسىنى لۈكچۈن شەھەر سىرتىدىكى شەرقىي دەرۋازا سىرتىدىكى ئاچا يولغا چاپتۇرۇپ ،گۈمبەز ياسىتىپ ،بېشىغا بىر تاختا بېكىتىپ ئۇنىڭغا بىر نەچچە مىسرا ھەجۋىي شېئىر يېزىپ قالدۇرغان ...






موللا زەيدىن خۇراپىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە قارىتا نۇرغۇن قاپىيلىك گەپ سۆزلەرنى ،بېيت -قوشاقلارنى چىقارغاندىن كېيىن ،كونىلىق تەرەپدارلىرى مۇتەئەسسپلەر قازىخانىغا موللا زەيدىننى چېقىپتۇ .
   بىر كۈنى قازى موللا زەيدىننى چاقىرىتىپ كېلىپ قازىخانىدا سوراققا تارتىپتۇ :
  -سەن كۇپرى سۆز -بېيتلەرنى كىمدىن ئۆگەندىڭ؟
  موللا زەيدىن :  كۇفرى سۆزلەر چىقاردۇر
                      كۇفرى ئادەمدىن .
                      ھەق سۆزلەر چىقاردۇر
                       توغرا ئادەمدىن .
  قازى :سېنىڭ بۇ ئېيتقان ھەم يازاغانلىرىڭ كۇفرى تۇرۇپتىغۇ ،سەن كاپىرمۇ نېمە ؟
  موللا زەيدىن: موللىنى كاپىر دېمىسلە
                     موللا كاپىردىن يامان .
                     موللىنى كاپىر دېگەنلەر،
                     ھەممە كاپىردىن يامان .
  قازى :ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسىگە لەقەم قويۇشقا بائىسى نېمە ؟
موللا زەيدىن :موللىلارنىڭ ئىشىدىن .
                   بايقاپ قېرى -يېشدىن .
                   لەقەم چۈشەر قىلمىشىغا،
                   ئۆتكۈزدىلەر بېشىدىن .
قازى :ھەي خوتۇنى تالاق ،سەن نېمانچە قوشاقچى بولۇپ كەتتىڭ ؟!
موللا زەيدىن: چېكىلىدىغان چۈجەكنىڭ ،
                     تۇخۇمى پالاق بولۇرمۇ ؟
                     ئۆيلەنمىگەن يىگىتنىڭ ،
                     خوتۇنى تالاق بولۇرمۇ ؟
                    ............................
    ھەر بىر جاۋابتىن كېيىن چوڭ-كىچىك موللىلارنى ھەممسى ئىختىيارسىز كۈلۈپ تۇرغانلىقىتىن ،قازى ئۆزى بىر ئاچچىقلىنىپ كۈلۈپ تاشلاپتۇ .
    قازى :سېنى بىز سوراق قىلىمىزمۇ ؟سەن بىزنى سوراق قىلامسەن قايسى ھەق ؟
   موللا زەيدىن:ھەق -ناھەقنىڭ مۇساپىسى
                   كۆز بىلەن قۇلاق ئارىسى .
                   كۆرمەي تۇرۇپ راست دېگەن ،
                  ھاماقەتنىڭ چاي خالتسى .......
    قازى :ئۆلىمالار تەسقىر قىلىپ قويغان لەقەملەرگە دەلىل -ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلەمسەن ؟
   موللازەيدىن: دەلىل -ئىسپات تەيياردۇر ،
                    ئاسماندىن چۈشەر لەقەم .
                    مەرتلىك بىلەن چىدىسىلا ،
                   ماڭا سالماي دەرد ئەلەم .
  قازى ئۇنىڭ گەپچىلىكىنى ئاڭلىغۇسى كېلىپ ،تاكى گېپى تۈگىگىچە گەپ قىلماي شۈك تۇرۇشقا كېپىللىك بېرىپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن موللا زەيدىن قازىخانىغا بۇ تاماشانى كۆرگىلى كەلگەن خەلققە قاراپ مەغرۇرانە قىياپەتتە مۇنداق مۇخەممەسلەرنى ئوقۇپتۇ :  

                  مەدرىسكە تەئەللۇق كۆردۈم ۋەخپە بارلىغىن ،
                  ئاخۇنۇملار تالاشىدۇر ،كۆردۈم ئىچى تارلىغىن ،
                  ئەلەم ئاخۇن ھاكاۋۇر تۇتماس خۇدا يارلىغىن ،
                  مۇپتى پەتىۋا ھەققى يەپ بىلمەس كۆڭلى قارىلىغىن ،
                  قارام ،پىخسىق نەپ***ەشلەر، كەلمەس ئاخىر زامانە.

                  قارى يادار قۇرئاننى مەنىسىدىن بىخەۋەر ،
                 خاتىپ ئوقۇر خۇتبىنى ،ئۇلۇغ شاھنى مەدھىيلەر ،
                 موللا  كۆپ ،نەممام تولا قىلىپ بىر بىر ھىيلىلەر ،
                 مۇرات-مەقسەت بۇلارنىڭ ئۆز نەپسىنى شەرھىلەر،
                  پىتنە -پاسات ،غەيۋەتلەر بولماس ئاخىر زامانە .

                 قىرىق تاشنى توققۇز تىزىپ كاھىن ئېيتۇر يالغاننى ،
                 ساھىر ئالۇر جۇدا قىلدىم دەپ پالدىن ئېشىپ قالغاننى ،
                 ھۆكما سۈپەت پېرىخون كېلىپ كۆردۈم داپنى چالغاننى ،
                 ئاغزىدا لاپ، قولىدا داپ ،بىلمەس قولى تالغاننى ،
                 سېھرىگەرلىك ئالدامچىلىق كەلمەس ئاخىر زامانە.

                 ئىشان ماڭۇر ئايلىدا ،تۈزەپ ساقال -بۇرتنى ،
                 سوپىلار ماڭۇر پادا ياڭلىغ ئەگەشتۈرۈپ مۇرۇتنى ،
                 غايىپ رىزقى تەمەسىدە شەيخلەر ئوقۇر دۇرۇتنى،
                 مەخسۇم نامنى بۇلغاپ ،كولار مەقئەت قۇرتنى ،
                 سالىھ سۈپەت ،ھايۋان سۈرەت كەلمەس ئاخىر زامانە.

                 قۇشقاچ ئارا قۇرغۇي كەبى كەلسە خەلپەت موللىغا ،
                 نەمرۇت ھەم شەددات كەبى ئالسا دەررە قولىغا ،
                 قىيامەتتە گۈل ئۈنەركەن زەربە قىلۇر بالىغا،
                 ئاخۇنۇملار سۈكۈت قىلدى زالىملارنىڭ يولىغا،
                 مۇنداق باغرۇ-كۆڭلى قارا،كەلمەس ئاخىر زامانە.
              ................................................................
  موللازەيدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەزمىلەردىن خېلى كۆپ ئوقۇپتۇ ھەممەيلەن شۈك تۇرۇپ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاپتۇ،ئاخىرى ئۇ كۆپچىلىككە سالام بېرىپ تەتىل قىلىش قاتارلىق مەتەئەسسىپلەرنىڭ ئەيش-ئشرەتلىك چېرىك تۇرمۇشىغا دائىر يازغان شېئىرلىرىنىڭ بارلىقنى جاكارلاپتۇ .
   موللا زەيدىننى خەلق ئاممىسى ھۈرمەتلەپ قۇچاقلىۋاپتۇ .قازى ،ئەلەم مۇپتى ............لار خەلقنىڭ موللا زەيدىننى مۇنداق ھىمايە قىلغانلىقىدىن جازا بېرىشكە ئامالسىز قاپتۇ ،پەقەت مۇشرىك جەدىت دەپ نام بېرىپتۇ

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 15:50:48

بىزگە تارقالغان ھېكايەتلەردە ئومومەن قازى ۋە قازىخانىلار، بايلار ناھايتىمۇ سەلبى تەسرىۋلەندى. ئۇلار ئۆز زامانىسىدا ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ياشىغانمۇ؟ بايلار زۇلۇم سالغانمۇ؟ شەرىئەت بىلمەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قازى بولغانمۇ، قازىخانىلارنىڭ ھەممىسى ناھەقچىلىك بىلەن تولغانمۇ؟
شەرىئەتنىڭ كىشىلەرگە ھامى بولالىغانلىقى، قازىلارنىڭ ئادىللىقى، بايلارنىڭ سېخى مەردلىكى ھەققىدە ئەجدادلىرىمىزدا ھىچقاندا مىسال يوقمۇ؟ بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىشىپ باقىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى دەپ ئويلايمەن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 16:09:48

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 15:50 static/image/common/back.gif
بىزگە تارقالغان ھېكايەتلەردە ئومومەن قازى ۋە قازىخانى ...

موللا زەيدىن ماركىس ئىنگىلىسلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تۇلۇق يادلاپ قارى بولۇپتىكەن

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 16:12:37

بۇ موللامنىڭ ئوردىنى 8 قېتىم تەرك ئېتىپ 9 قېتىم كىرىشى بەك قىززىق ھە {:92:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 16:32:13

مەن بۇ تېمىدا موللا زەيىدىن ھەققىدە بىر نېمە دېمەكچى ئەمەسمەن، ئۇ كىشى ھەققىدە لەتىپىلەردىن باشقا ماتېرىيال ئوقۇپ باققىنىم يوق.
دېمەكچىمەنكى ئەجداتلارنىڭ زامانى بىزدە بەك خۈنۈكلەشتۈرۈلگەندەكلا ھېس قىلىمەن.

jahangir786 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 17:52:32

قازى-قۇززات سۇلتان-ئەمىرلەرنى خالىغانچە ھەجىۋى، مەسخىرە قىلغان يازمىلارنى ئوقۇپ ھەقىقى دىمۇكىراتىيە ئاشۇ زاماندىلا قېپ قالغانمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن

mamboo يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 17:52:43

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 17:56:08

سوتسىيالىستىك رىئالىزىم دېگەن ئۇسلوبقا چۇشۇرلۇپ يېزىلغانكەندە ....

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 18:00:17

باشقىلارغا بوزەك بۇلۇپ ، سەۋەبنى بايلاردىن ، مائارىپتىن ، سەنئەتتىن ، جەمىيەتتىن كۆرۈپ بىر ئۆمۈر قاقشاپ ئۆتىدىغان كىشىلەرگە ئىچ ئاغرىتىشنىڭ ئورنى يوق ...
ئابدۇرىھىم دۆلەتنىڭ گېپى بويىچە « ئۇلارنى سۇغا تاشلىۋىتىڭلار ، يا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەنسۇن ، يا تۇنجۇقۇپ ئۆلسۇن ... »

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 19:52:44

قەبرە بېشىغا يېزىلغان شېئىرسى قېنىكىن؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 08:03:14

«ئىقتىدارى قانچە يۇقرى بولغانسىرى مەجبۇريىتىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ» دىگەن گەپ بويىچە بولغاندا بايلار، زىيالىيلارنىڭ مەسئۇلىيتى چوڭ بولىدۇ، ئۇلاردىن ئاغرىنىش خاتا ئەمەس، ئاۋام پۇقرا ئۇ بىر توپ پادىغا ئوخشايدۇ، ئۇلارنى ئالدىغا سېلىپ يىتەكلەش سەركىلەرنىڭ مەسئۇلىيتى.
ھەممە ساھە ئۆز مەسئۇلىيتىگە قايىتقاندا جاھان ئوڭشىلىدۇ.

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 11:16:55

موللا زەيدىنمۇ شۇ زامانلاردىكى  بايلارنىڭ بىر قىسىم  بولمۇغۇر تەرەپلىرىنى ھەجۋى قىلغان بولۇشى مۈمكىن.

absalam334 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 14:02:34

tureli يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 11:16 static/image/common/back.gif
موللا زەيدىنمۇ شۇ زامانلاردىكى  بايلارنىڭ بىر قىسىم  ب ...

ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆلىمالار نىڭ توغرا گەپقىلىدىغانلىرى ئاساسەن ئىشلارغا ئارلاشمىغان ئىبنى تەيمى ياكى ئەبۇھەنىپە ئەھمەد ئىب ھەمبەلەر ئاللا تائالا ئۇلەرگە رەھمەت قىلسۇن  شۇ سىياسىغا ئارلاشقانلار ئۆلىمالارنىڭ ھەممىسى كىيىن يازغۇچىلەر تەرىپىدىن سۆكۇلۇپ قالغان
بەت: [1]
: جاھالەت ئىسيانكارى موللا زەيدىن