پروگىرامما تىللىرىنى قانداق ئۆگىنىش كىرەك
ئەسسالامئەلەيكوم تورداشلار ؛بۈگۈنكى تەرەققىياتتا جەمئىيەتنىڭ پىروگىراممىرلارغا بولغان ئىھتىياجى كۈنسايىن ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ ، ھەمبۇ يۇمشاق دىتال بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ مۇئاشىمۇ خلى يۇقىرى بولىۋاتقانمىش. نەق گەپكە كەلسەم مىنىڭ c,javaتىللىرىنى ئۆزلىكىمدىن دەرىستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا توردىن ماتىرىيال سىتىۋىلىپ ئۆگەنگىم بار ئىدى ،
1.بۇ ساھە كىرىش ئۈچۈن قانداق پىلان تۈزۈپ ، قانداق ئۇسۇللاردا ئۈگەنسە ئۈنىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ ؟
2.شىنجداڭدا بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كەسىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ، ئىگىلىك تىكلەش ئەھۋاللىرى قانداقراق ؟
3.توردا نۇرغۇن (视频教程)لار بار ئىكەن ، توردىن سىتىۋىلىپ ئۆزلىگىدىن ئۆگەنگەنلەر بولسا بىر نەچچىسىنى تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار ، مەن تاۋباۋ تورلىرىغا كىرىپ باقتىم ، لىكى قايسيسنى سىتىۋىلىشنى بىلەلمىدىم .
4. ھەركەتچان توربەت (动态网页) , ئادەتتىكىدەك ئىشخانا ، شىركەت ، تاللا بازارلىرى ... قاتارلىق يەرلەردە ئىشلىتىدىغان دىتاللارنى ، ھەم تىلفۇن دىتاللىرىنى ئىچىش ئۈچۈن قايسى سەۋىيىگىچە قايسى پىروگىرامما تىللىرىنى ئۆگىنىش كىرەك ؟
مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىيرەك بىر يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن !
يەنە بىر گەپ ئىزدىنىش يىڭى بەتكە كۆچكەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە خەت يازسام پىيىنچە چىقىۋىلىپ بارىدۇ ، باشقا ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە يازسام ئۇنداق ئەمەس .
مەن ھازىر phpئۆگىنىۋاتىمەن.
1. ئەگەر سىزدە مەلۇم بىر ساھەنى، مەسىلەن: تور بېكەت ساھەسىنى ئۆگىنىمەن دېسىڭىز php ئەڭ ياخشى تاللاش.
2. يۇمشاق دېتال ياساشنى، مەسىلەن: ھەرخىل باشقۇرۇش سىستېمىلىرى، قوللىنىشچان ئۈستەل يۈزى پىروگراممىلىرىنى ئاچماقچى بولسىڭىز .net ئائىلىسىدىكى Visual Studio 2012/2013 دىن Vb 2012/2013 نى تاللىشڭىزشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
3. يان تېلېڧون، كۆچمە ئۈسكۈنە، ئەلەي - بەلەي، تۆمۈر - قەلەي دېگەنلەرنى ئاچماقچى بولسىڭىز Java ئەڭ ياخشى تاللاش.
دوستانە ئەسكەرتىش! ھەممىدىن ئاۋۋال سىزدە مەقسەت - نىشان ئېنىق بولسۇن. يۇقارىقىلاردىن ھەممىنى ئۆگىنىمەن دېسىڭىز، ماڭا ئوخشاش نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيسىز. شۇڭا تۇتۇپ بىرىنىلا پىششىق ئۆگىنىڭ. ئاندىن باشقا پىروگرامما تىللىرىغا " چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش " قىلىمەن دېسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز:lol
alpbeg يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 13:09 static/image/common/back.gif
مەن ھازىر phpئۆگىنىۋاتىمەن.
1. ئەگەر سىزدە مەلۇم بىر سا ...
ئەستايىدىل بەرگەن پىكىرىڭىزگە رەھمەت ، مەن تىلفۇن دىتاللىرى ئىچىشقا قىززىقىپ قالدىم ھەمباشقىلاردىن تەرەققىيات ئىستىقبالى بەك ياخشى دەپ ئاڭلىدىم ، java ئۆگىنىش ئۈچۈنcتىلىنىمۇ قوشۇپ ئۆگىنىشىم كىرەكمۇ؟مۇشۇ يۆنىلىشتە مىڭىش ئۈچۈن يەنە ئۆگىنىش كىقرەك بولغان باشقا نەرسىلەرمۇ بارمۇ ؟ ئەڭ تۈز يول Visual Studio 2013تىن windows phone غا پروگرامما يېزىشنى ئۈگۈنۈش.
مۇشۇ php, java دېگەنلەرنى كۆرسەملا ئەرۋايىم قېرىق گەز ئۇچىدۇ. مۇھىتنى تەڭشىمەكنىڭ ئاۋارىچىلىقى. ھەپتە بولدى، phpنىڭ ئىجرا بولۇش مۇھىتىنى قۇرۇپ بولۇپ mysqlدېگەننى قوزغىتالماي ئۇيقۇم ئۇيقۇ بولماي يۈرىمەن.
خاتالىق ئۇچۇرى مانا مۇنداقCannot load mysql extension. Please check your PHP configuration. - Documentation
بۇنى تۈزىسەم مانا مۇنداق:#2002 - The server is not responding (or the local MySQL server's socket is not correctly configured)
بىلىدىغانلار يىل ئاخىرىدا بىلىمىڭلاردىن ئازراق زاكات ئايرىڭلارا...
ماڭا بەيدۇلاپ باق، گۇگېللاپ باق دېگەن گەپلەرنى قىلماڭلار. ھەممىنى قىلىپ بولدۇم، بولمىدى. ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم،
يانغۇن دىتاللىرىنى ئىچىشقا قىزققان بولسىڭىز جاۋا ئۆگەنگىنىڭىزياخشى. جاۋا تىلىنى ۋە ئانجىرويىد ئەپلىرىگە مۇناسىۋەتلىكماتىريال لازىم بولسا مەندە بار،
يەنەبەلكىم بىلەرسىز،تۆۋەندىكىسى بىر خەنزۇچە ماتىريال ئامبىرىكەن. خالىغان ماتىرياللانى تاللاپ چۈشرەلەيدىكەنسىز.
www.xuexi111.com
يەنە ئىنگىلىزچە ماتىرياللارىدىن پايدىلنتىم دېسىڭىزجاۋاغا مۇناسىۋەتلىكئىنشائاللا كۆپۈنچە ماتىريال مەندە بار.ئۇچۇر قىلىڭكىتاپ لازىم بولسا . Java ئۆگىنىش ئۈچۈن c تىلى ئۆگىنىش زۆرۆر ئەمەس، لېكىن C تىلى بارلىق پروگرامما تىللىرىنىڭ ئاساسى بولغاچقا، ھەم c دا بىرمۇنچە ئالگورىزىملار سۆزلىنىدىغان بولغاچقا، پروگرامما تۇيغۇسى شەكىللەندۈرۈش، ياخشى ئاساس تىكلەش ۋە ئوبىكىتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تىلىغا يۆتكىلىشتە بەك مۇھىم رولى بار.
ۋاقتىڭىز بولسا C نىمۇ ئۆگىنىپ قويسىڭىز زىيىنى يوق، بىۋاستا Javaغا كىرىتىم دېسىڭىز http://www.itcast.cn/ ماۋۇ تور بېكەتكە كىرسىڭىز 韩顺平 دەپ بىرەيلەننىڭ دەرىسى بار، پۈتۈنلەي ھەقسىز، Java نى 0 دىن باشلاپ سۆزلەپ ئاندرويىدغا پروگرامما تۈزۈشكىچە مۇكەممەل دەرسلىك بار.
ئۈرۈمچىدە Java پروگراممىرلىرىنىڭ مائاشى ئىچكىرىگە يەتمىسىمۇ لېكىن دىيارىمىزغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ ياخشى، پىششىق ئۆگەنگەن بولسىڭىز خەنزۇلارنىڭ چوڭراق شىركەتلىرىدىن 6مىڭدىن 10مىڭغىچە مائاش ئېلىپ خىزمەت تاپالىشىڭىز مۇمكىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شىركەتلىرىدە ئاندرويى پروگراممىرلىدىغا خېلى ئىھتىياج باردەك، لېكىن نوقۇل Java يازىدىغان تۈرلەر بولمىغاچ ئۇيغۇرلاردا بۇ ساھە ھازىرچە بوش.
ئەگەر تور بەت ساھەسىدە ئازراق تەجىربىڭىز بولسا، ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ماڭا شاگىرتلىققا كىرسىڭىز، مائاش بېرىپ تەربىيلەيمەن. newstar يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 14:12 static/image/common/back.gif
ئەڭ تۈز يول Visual Studio 2013تىن windows phone غا پروگرامما يېزىشنى...
خاتالىق ئۇچۇرىنىڭ چىققىنى ياخشى ئىش، يامىنى يا خاتالىق چىقماي يا مەسىلە ھەل بولماي تۇرىۋالغىنى، مۇناسىۋەتلىك خاتالىق كودى بويىچە توردىن ئىزدىسىڭىز جاۋاب تاپالايسىز. مەن php پروگرامما يېزىپ باقمىغان بولغاچقا بۇ مەسىلىگە دەمال بىر نەرسە دىيەلمەيمەن، لېكىن ساندان ئۇلىنىشىدا مەسىلە كۆرۈلگىنى ئېنىق.
بىلىشىمچە php بىلەن MySql نىڭ ئوخشىمىغان نەرشىرىدىكى باغلىنىشىدا پەرىقى بار، تۆۋەن نەشىردىكى php مۇھىتى يۇقىرىراق نەشىردىكى MySql قوللىماسلىق دېگەندەك. GoodLuck يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 15:25 static/image/common/back.gif
Java ئۆگىنىش ئۈچۈن c تىلى ئۆگىنىش زۆرۆر ئەمەس، لېكىن C تىل ...
مەن تەتىلدە بېرىپ شاگىرت بولسام بولامدۇ ؟ sazhumar يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 15:35 static/image/common/back.gif
مەن تەتىلدە بېرىپ شاگىرت بولسام بولامدۇ ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ. {:92:} مەن مۇشۇ كەسپىتە ئوقۇيمەن ... 20 گە كىرمەي باشتا چاچ قالمىغىلى تۇردى ...{:92:}
ئاقىۋىتىنى ئويلىشىپراق بۇ ساھەگە كىرەرسىز ... newstar يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 14:12 static/image/common/back.gif
ئەڭ تۈز يول Visual Studio 2013تىن windows phone غا پروگرامما يېزىشنى...
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماق تەس ئەمەس، بىر ئاز ئەستايىدىل بولۇڭ. خاتىرە كومپيۇتېر بولسىغۇ، كۆتۈرۈپلا كەلسىڭىز، ئۆزەم ھەل قىلىپ بېرەتتىم.
سىستېمىڭىز win7 بولسا، تۆۋەندىكى ئادرېستىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ:
http://zhouyang717729.blog.163.com/blog/static/910194812012111113844500/
پەقەت بولمىسا، ئىنكاس يېزىڭ. newstar يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 14:12 static/image/common/back.gif
ئەڭ تۈز يول Visual Studio 2013تىن windows phone غا پروگرامما يېزىشنى...
سىز قايسىphp مۇھىتى قۇرۇش دېتالنى ئىشلىتكەن ئىدىڭىز ؟
سىزگەبىرنى تەۋسىيە قىلاي!
wampserver بۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپئىشلىتىڭ مەنمۇ دەسلەپتە ئۆگەنگەندە سىزگە ئوخشاش ئىجرا مۇھىتىقۇرالماي ئاۋارە بولغان.كومپيوتېرىڭىزدىكىiss دېگەندەك نەرسىلەرنى يۇۋېتىپقاچىلاڭ!
newstar يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 14:12 static/image/common/back.gif
ئەڭ تۈز يول Visual Studio 2013تىن windows phone غا پروگرامما يېزىشنى...
بىرىنچى خىل ئۇسۇل:
ئەڭ ئاۋۋال c:\windows نىڭ ئىچىدىكى php.ini دىگەن ھۆججەتنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، شۇنىڭ ئىچىدە ;extension=php_mysql.dll مۇنداق بىر ھۆججەت بار،شۇيەردىكى چېكىتلىك پەشنى ئېلۋىتىپ ئاندىن كىيىن ئاپاچىنىقايتا بىر قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ.
ئىككىنچى بىر خىل ئۇسۇل:
PHP ئورنىدىكى php_mysql.dll دىگەن ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ c:\windows\system32 مۇندەرىجىسىگە يەملەپ قويۇڭ، ئاندىنئاپاچى دىگەن مەخلۇقنى قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ. GoodLuck يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 15:25 static/image/common/back.gif
Java ئۆگىنىش ئۈچۈن c تىلى ئۆگىنىش زۆرۆر ئەمەس، لېكىن C تىل ...
ئەمسە ئىنىمنى شاگىرتلىققا بېرەي، ئوقۇشىمۇ تۈگكەن:lol GoodLuck يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 15:38 static/image/common/back.gif
ئەلۋەتتە بولىدۇ.
مەنمۇ شاگرىت بولاي . Berna يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 18:28 static/image/common/back.gif
ئەمسە ئىنىمنى شاگىرتلىققا بېرەي، ئوقۇشىمۇ تۈگكەن
ئۇنداق بولسا مەن بىلەن كۆرۈشتۈرۈڭ، مەنمۇ ياردەمچىگە ئىھتىياجلىق مۇشۇ تاپتا bilkan يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 18:37 static/image/common/back.gif
مەنمۇ شاگرىت بولاي .
سىز بىلكان شىركىتىدە ئەمەسما؟ esyankar75 يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 13:45 static/image/common/back.gif
ئەستايىدىل بەرگەن پىكىرىڭىزگە رەھمەت ، مەن تىلفۇن دى ...
س تىلى ئۆگىنىمەن دېسىڭىزمۇ مەيلىتى، بىراق سىزدە تىرىشچانلىق ۋە قاتتىق قىزىقىش بولسا جاۋانىڭ ئۆزىگىلا قەدەم قويۇۋېرىڭ. ئىنگلىزچە - خەنزۇچە ماتېرىيال كۆرەلىسىڭىز تېخى ياخشى. ئەگەر ئۇ پەرەڭچە ياكى خەنچىنىمۇ كۆرۈپ چۈشۈنۈشتە قىينالسىڭىز www.3dlar.com دا جاۋا ۋە ئاندرويىدنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكلىرى باركەن، شۇنى سېتىۋېلىپ كۆرھسىڭىزمۇ تېخە ياخشى.
سىزگە ئامەت تىلەيمەن. newstar يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 14:12 static/image/common/back.gif
ئەڭ تۈز يول Visual Studio 2013تىن windows phone غا پروگرامما يېزىشنى...
سىزگە كۈچلۈك تەۋسىيەرىم!!!
AppServ مۇشۇ مۇھىتنى ئىشلىتىڭ. بەك رازى بۇ مۇھىتتىن مەن. GoodLuck يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 15:25 static/image/common/back.gif
Java ئۆگىنىش ئۈچۈن c تىلى ئۆگىنىش زۆرۆر ئەمەس، لېكىن C تىل ...
2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىراكتىكام تۈگەپ، ئاشۇ ھورۇنلارنىڭ باغچىسى بولمىش مەكتەپكە قايتىدىغان گەپ بار. php ئۆگىنىۋاتاتتىم، ئەگەر شاگىر قىلاي دېسىڭىز مەكتەپتىن روخسەت سوراپ ئۈرۈمچىگە بارالايمەن.