(باچكا) نوكىيا تېلېفۇننىڭ ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى
نوكىيا، ۋىنفون توغرىسىدا ئولتۇرۇپ پۈتۈن نەرسە يېزىشقا ھېچ ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. ئىزدىنىشنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى تەبرىكلەپ بولسىمۇ تېما يوللىمىساق سەت تۇرار.. بۇ تېمىدا پەقەت نوكىيا ۋىنفوننىڭ «تەڭشەك» \ «ھەققىدە» ئىچىدىكى «يانفۇن دەسلەپلەشتۈرۈش» بۇيرۇقى ئارقىلىق يانفۇن ساقايتقان جەرياننىلا يەتكۈزمەكچى.ئىزدىنىش تورىدىن باچكا..
http://i9.hexunimg.cn/2013-04-01/152690270.jpg
ۋىنفوننى ھازىرغىچە 4 قېتىم دەسلەپلەشتۈردۈم.
1- قېتىملىقى: ئەپ بولامدۇ، ئۇيۇن بولامدۇ، بولۇشىچە قاچىلاپ، يانفۇن بوشلۇقى ۋە sd كارتا بوشلۇقى توشۇپ كەتتى. كومپيۇتېرغا چېتىپ sd نى بېكارلاپ، يانفۇندىكىنى زاپاسلاپ بولۇپ، دەسلەپلەشتۈردۈم.
كەتكەن ۋاقىت 12 سائەت ئەتىراپىدا، ئەھۋال: %100 توك بىلەن يانفۇننى ھېچقانداق سىمغا چاتماي دەسلەپلەشتۈرۈشنى باشلىدىم. ئەتىگەندە قارىسام، ئۆچەپ قەپتۇ!.. ئۇ!.. بۇنچە ۋاقىت كېتىدىغاننى نەدىن بىلەي، توكىمۇ يەتمەپتۇ، ئەمدى رىۋايەتلەردىكى «يانفۇن كېسەككە ئايلىنىش» قا ئۇچراپ كېتەرمەنمۇ.. دېگەچ توكقا چاتسام، چاتتىقى يوق چىشلىق چاق چۆگىلەپ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ، ئىشقا بېرىپ بولغۇچە نورمال قوزغىلىپ بولدى، تەڭشىۋالدىم. سىستېما نورمال.
2- قېتىملىقى: كەتكەن ۋاقىت 24 سائەت ئەتىراپىدا، ئەھۋال: ئۆتكەن جۈمە، يانفۇن خاتىرىسى نورمالسىز، قىسقا ئۇچۇر دوكىلاتى نورمالسىز، رەسىم تارتىپ بولۇپ كۆرمەكچى بولسام ساپ- سېرىق ئېكرانلا كۆرىمەن، تارتقان رەسىم يوق، سىستېما زەخىملىنىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن توكقا چاتقان ھالەتتە دەسلەپلەشتۈرۈشنى باشلىدىم. كىم بىلسۇن بۇ قېتىم ۋاقىت بەك ئۇزۇن كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، توكتىن چىقىرىۋېلىپ ئېلىپ ماڭغان، قايتا توكقا چېتىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ، توكى تۈگەپ يەنە ئۆچەپ قەپتۇ!.. توكقا چاتقاندا داۋاملاشتۇردى، يانفون نورمال قوزغالدى، بىر قىسىم قىسقا ئۇچۇر خاتىرىسى جايىدا تۇرىدۇ ۋە نورمال، سۈرەت تارتىش نورمال، شۇنداقلا، جۈمە تارتقان رەسىملەر ھېچ يەرگە كەتمەپتۇ! نورمال ساقلىنىپتۇ! رەسىم كۆرۈش نورمال. لېكىن تېلېفۇن ئۇرغاندا قارشى تەرەپكە ئاۋاز يوق، ئۆچۈرۈپ- ياندۇرۇپ ئوخشاش! لېكىن Win كۇنۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىپ، بىڭدىن ئاۋازلىق ئىزدەتسەم «speed of light» دېگەندەك گەپلەرنى نورمال پەرقلەندۈرىدۇ، دېمەك مىك ساق. يەنە بىر دەسلەپلەشتۈرۈشكە ھاجەت چۈشتى..
3- قېتىملىقى: كەتكەن ۋاقىت 5 مىنۇت ئەتىراپىدا، ئەھۋال: ئالدىنقى دەسلەپلەشتۈرۈشتىن كېيىن پەقەت 4 مېگالىق ئەپ قاچىلىغاندىن باشقا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش يوق بولغاچقا، دەسلەپلەشتۈرۈش پەقەت 5 مىنۇت ئىچىدە تۈگىدى. لېكىن تېلېفۇن ئۇرغاندا يەنە ئاۋاز يوق. ماڭا يانفۇن كاپالەت كارتىسىنى ئېلىپ ئاپىرىشقا تەكلىپ بېرىلدى، لېكىن ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدى. يەنە بىر دەسلەپلەشتۈرەي..
4- قېتىملىقى: كەتكەن ۋاقىت 5 مىنۇت ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن.. ئەھۋال: ئاۋازلىق سۆزلىشىش نورمال، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش نورمال، قىسقا ئۇچۇر خاتىرىسى قۇرۇق، سۆزلىشىش خاتىرىسى قۇرۇق، سۈرەت تارتىش ۋە كۆرۈش نورمال، تورغا چىقىش نورمال، سىستېما نورمال، يانفۇن ساقايدى.
خۇلاسە: خۇددى Windows 8 دە زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرغانغا ئوخشاش، ھەم ئاندرويىد يانفۇنلاردىكى زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرغانغا ئوخشاش، Windows Phone8 مۇ پاكىز سىستېمىنى زاپاستىن قايتۇرالايدۇ. قاتتىق دېتال كاشىلىسىلا بولمىغان ئەھۋالدا، يۇمشاق دېتال كاشىلىلىرىنى ئۆزى ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ، ھەتتا زاپاس قايتۇرۇش داۋامىدا توكى تۈگەپ كەتسە، قايتا توكقا چېتىپ قويسا مەشغۇلاتنى تېپىپ داۋاملاشتۇرۇپ نورمال ئاياغلاشتۇرالايدۇ، بۇ سەۋەپلىك تولۇق ساقايمىغان كاشلىلارنى يەنە بىر قېتىم زاپاس قايتۇرۇش ئارقىلىق ئوڭشىۋېلىش مۇمكىن. مىكروسوفتنىڭ بۇ ئەقىللىق تېلېفۇن سىستېمىسى سىستېما قوغداش- ئاسىراش جەھەتتە ئىنتايىن مۇقىم كاپالەتكە ئىگە. يانفۇن ۋە كومپيۇتېر تەجرىبىسى ئاجىزلارمۇ پەقەت تەڭشەك\ھەققىدە\دەسلەپلەشتۈرۈش نى تاپالىسىلا، يانفۇننى توكقا چېتىپ قويۇپ سەۋىر قىلالىسىلا، سىغىم توشۇپ كېتىش ياكى سىستېما نورمالسىزلىقىنى ئوڭشاشلاردا ھېچكىمگە يىلىنىپ قالمايدۇ..
تۆت قېتىم دەسلەپلەشتۈرۈشنىڭ ئىككى قېتىملىقىدا توكى تۈگەپ مەشغۇلات ئۈزۈلگەن بولسىمۇ، قايتا زەرەتلىگەندە نورمال داۋاملاشتۇردى، رىۋايەتلەردىكى «يانفۇننىڭ كېسەككە ئايلىنىشى» يۈز بەرمىدى، «ئاجايىپ مۇقىم!»
---
ئۇندىن باشقا، ئۆتكەندە قولچىراق تاپالماي قېلىپ، نوكىيانىڭ چىقىرىقنى 20 مىنۇتتىن ئارتۇق ئۇدا يورۇتۇپ ئىشلەتتىم، ئاخىرىدا، نۇرى ئاجىزلاپ قالدى، ھەتتا يانماي قويدى، ئۇ! رەسىمگە تارتقاندىمۇ نۇر پەقەت چېقىلمىدى. چىرىقىنى ئوپراتسىيە بىلەن ئالماشتۇرىدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلىغان، ھەپتە ئۆتۈپ ئۆزلۈكىدىن سەللىمازا ساقىيىپ قالدى! چىراق ھازىرمۇ نورمال، نۇرلۇق چاقىدۇ.
ئىزدىنىشنىڭ ماۋۇ يېڭى سىستېمىسىدا، تېما يوللىغاندا ئىنكاس مۇكاپاتى، كۆرۈش چەكلىمىسى، باھاسى، قەۋەت تالىشش دېگەندەك ئۇيۇنلىرى باركەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ تېمامدا «قەۋەت تالىشىش» ئويناپ قويدۇق، قانداق ئىشتۇ بۇ.. يەنە 20 سوم «ئىنكاس مۇكاپاتى» بار، بۇ پەقەتلا سىناق قىلىش ئۈچۈن ھە.. شەخسىي ھەمياندىن چىقىدىكەن، ئۇمۇمنىڭكىنى يەپ- ئىچمىدۇق. تېما كۆرۈش باھاسى ھەقسىز.
****************
http://imgs.ebrun.com/resources/2013_11/2013_11_01/201311019831383285432062.png
3- پەسىللىك دوكىلاتتا %4.1 دەپتۇ، مەن Q4'13 تە %5 تىن ئېشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يىل 10- ئايغىچە:
گىرماندا: %6.3؛
ئەنگىلىيىدە: %11.9؛
فىرانسىيىدە: %12.5؛
ئىتالىيىدە: %16.1؛
ئىسپانىيىدە: %4.3؛
غەربىي ياۋرۇپادىكى بۇ بەش دۆلەتتە ئوتتۇرىچە %10.2.
******************
ansariy يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 10:06 static/image/common/back.gif
نېمە قەۋەت تالىشىش؟ نېمە مۇكاپات؟
ماۋۇ خوتەندىكى تېل ...
توردىن نەرسە چۈشۈرۈشنىڭ ھېچ بىر ئاۋارىچىلىقى يوققۇ!
ئاندىرويىدلاردا، سىز دېگەندەك ئەھۋال بار، يانفۇن ياردەمچىسى قاچىلاش، apk چۈشۈرۈش، رۇت ئېلىش... قاتارلىقلار.
لېكىن ۋىنفوندا مەن ئاندىرويىدتا تارتقان جاپايىمنىڭ 50 تىن بىرىنىمۇ تارتمىدىمغۇ، مەسىلەن، پەقەت 3G ئېقىمىڭىز ياكى ئادەتتىكى GPRS ئېقىمىڭىز يېتەرلىك بولسا، ياكى WiFi دا تۇرغان بولسىڭىز، ۋىنفوننىڭ دۇكان ئەپىنى قوزغىتىپ ئىزدەپ، ھەقسىز- ھەقلىقنى ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلسىڭىزلا ئۆزى چۈشىدۇ، ئۆزى قاچىلايدۇ، ھەممىنى ۋىنفوننىڭ ئۆزىدە تاماملايدۇ. مەن ھازىرغىچە ۋىنفوننى كومپيۇتېرغا چېتىپ ياردەمچى بىلەن ئەپ قاچىلايدىغان ئىشنى ئىزدەپ باقمىدىم.
بۇرۇن ئېيتقىنىمدەك، دېققەتسىزلىكتىن T نەشىرى (كۆچمىنىڭ)نى ئېلىپ قالغان بولساممۇ، لېكىن ۋىنفوندا مەن ئۆچۈرۈۋېتەلمەي قالغان ئەپ ياكى تور ئۇلانما يوق! قايسىڭلار يېڭى ئالغان ئاندىرويىدلىرىڭلاردىكى 360 دېگەندەك بۇدۇشقاقلارنى ئوڭۇشلۇق يوقىتالىدىڭلار؟
ۋىنفون ئەپ تىزىملىكلىرىنى يوللاپ، ئەندىشىلەرنى تۈگەتمىسەك بولماپتۇ.
ئۇيغۇرچە تورغا چىقىشقا كەلسەك، ئاندرويىدنىڭ بۇرۇنقى نەشىرىدەك خەت نۇسخا قاچىلايدىغان جاپا يوق، ئە ئې ئۇلانمايدىغان چاپاق بىر يوق. ئىزدىنىشنىڭ خېتى ۋىنفونۇمدا كومپيۇتېرغا ئوپ- ئوخشاش، قارىغاندا EOT نورمال ئىجرا بولغان چىراي.:victory:
===
ئاندىرويىد يانفۇن سىستېمىسىنى گوگىلنىڭ ياساپ ھەقسىز تارقاتقانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، لېكىن htc، خۇاۋېي، شىياۋمى قاتارلىقلارنىڭ ئاندىرويىد چېتىلىدىغان مەشغۇلات سىستېمىسى پاتېنت ھەققىنى مىكروسوفتقا تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز! ئاندىرويىدنىڭ دۇنيادىكى ئۈلۈشى ئەڭ يوقىرى، لېكىن ئۇنىڭ پۇلىنى مىكروسوفت تېپىۋاتىدۇ!
http://www.geektrends.it/wp-content/uploads/2013/05/android-microsoft-royalty.jpg
http://www.maximumpc.com/files/u69/android_microsoft_money.jpg
بايام بۇ تېمام بۇزۇلۇپ قاپتۇ، شۇڭا، ئۆچۈرۈپ قايتا يوللىدىم، ئىنكاسلار قۇربان بولۇپ كەتتى، توغرا چۈشەنگەيسىلەر..:L كىشىنى ئەڭ خاتىرجەم قىلىدىغان يېرى، بۇنىڭ سىستېمىسى بەك مۇقىم. «ئاندرويدتىكىدەك بىرەر نەرسە كۈتۈلمىگەندە توختاپ قالدى» دەپ ئۇچۇر چىقمايدۇ.
ئەڭ قاملاشمىغان يېرى، Google شىركىتى ناچارلىق قىلىپ، ۋىنفون ئۈچۈن ھېچقانداق ئەپ ئىشلەپ بەرمەيۋاتىدۇ. Android ۋە iPhone دىكى Gmail بەك نوچى. ماڭىمۇ بۇ سېستىما راھەت بىلىندى ، لېكىن iphone & android دىكىدەك يېڭى ئويۇنلارنىڭ بۇ سېستىمىدا app لىرى يوق، wechat نىڭ ئويۇنلىرىنى ئوينىغىسى كەپقالىدىكەنچۇ ...{:107:} لۇمىيا1020نىڭ كامىراسىغا كۆيىمەندە،باھاسى تازا بىر چۈشكەن بولسا ئەپ ئىشلىتىپ كەتسەم:lol ئەس دى كارتىغا رىسىم دىن باشقا بىرمە قاچىلىغىلى بولمايدىكەن، ئەپلەرنى ئەس دى كارتىغا قاچىلايدىغان قىلغىلى بولامدىكەن؟ بۇمۇ ئەسقاتقۇدەك بىلىك ئىكەن. بۇنداق ئېھتىياج ھەرقانداق بىرىمىزدە تۇغۇلۇشى مومكىن. شۇڭا ساقلىۋېلىشنى ئويلىدىم. رەھمەت سىزگە. بولسا مۇشۇنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى باشقا تەجرىبىلەر بولسمۇ يوللاپ تۇرارسىز. دوستانە تەكلىپ نوكىيا ياكى ۋىنفون ئالماقچى بولغان دوسلار بىر ئاز ۋاقىت تەخىر قىلغاي مىكروسوفىتنىڭ بۇيۇك پىلانى بولسا ئۈستەل كومپىيوتىرى ۋە تاختا كومپىيوتىر شۇنداقلا تېلفۇن سېستىمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى ئەگەر شۇنداق بولغاندا بۇ ئۈچ سېستىما بىرلىككە كىلىپ ئوخشاش بولغان ئەپلەرنى ئوخشاش بولمىغان ئۈسكىنىلەردە ئىشلەتكىلى بولىدۇ ھەم ۋىندوۋس سېستىمىسى ھەم نوكىيا دۇنيا كۆچمە ئۈسكىنە بازىرىنى سۈر توقاي قىلىشى مۇمكىن لىكىن بۇ سېستىمىنىڭ بازار ئۈلۈشى تا ھازىرغا قەدەر دۇنيا يانفۇن بازىرىنىڭ 5%تىدىن ئېشىپ بولالمىدى،ئېھتىمال 2014-يىلى تىك سىزىق بىلەن ئاشسىمۇ بازار ئۈلۈشى 10%تىن ئېشىپ بولالماسمىكى Birhon يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 12:56 static/image/common/back.gif
كىشىنى ئەڭ خاتىرجەم قىلىدىغان يېرى، بۇنىڭ سىستېمىسى ب ...
ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ دە مىكروسوفىت ھازىر پۇختا قەدەم بىلەن ئاستا ئىلىرلىمەكتە كەلگۈسىدە مىكروسوفىت ئۈچ خىل سېستىمىنى بىرلىكككە كەلتۈرەلىسە بەلكىم ئاندىروئىتنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى ئالما ئەمەس windowsphoneسېستىمىسى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن مەنمۇ ئاخىرى لۇمىيا 920 نىڭ چەتئەلدە ئىشلەنگىنىدىن بىرنى ئالدىم. سېستىمىسىنىڭ مۇقىملىقىغا ، كامېراسىنىڭ سۈزۈكلىكىگە گەپ كەتمەيدىكەن، ئەمما مېنىڭ رازى بولمايۋاتقىنىم :
بىرى بورۇن قاچىلىغان ئەپلەرنى ساقلىۋالغىلى بولمايدىكەن، ئۆچۈرگەندىن كېين يېڭىدىن توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدىغان گەپكەن(يا بۇنى مەن بىلمىدىممۇ؟)
يەنە بىرى، يانفۇندىكى تېلفۇن خاتىرىسى، ناخشا، رەسىم دېگەندەك ھۆججەتلەرنى skydriveغا يوللاپ تۇرىدىكەن، ئېقىم دىگەننى كالىدەك يەيدىكەن، مېنىڭ 500مېگا تورۇم بىر ھەپتىگە ئاران پايلىدى.
مەنغۇ سېستىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن، بىر چاغدا ئۆزى ئاپتوماتىك يېڭىلايمەن دەپ، چىشلىق چاقلار بىرەر سائەت ئەتراپىدا چۆرگىلىگەن. ئىشقىلىپ ئاندوروئىد تېلىفونىدەك قېتىپ قېلىۋاتقىنىنى ياكى ئاستىلاپ كەتكىنىنى بىلمەيمەن بۇ تېلفوننىڭ. بىر يامان يېرى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قولايلىق ئەمەسكەن، ئەپ بازىرىدىن كۈمۈش ئېدىتنى چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئىشلىتىش بەك ئاۋارىچىلىق بىلىنىپ ئىككى ئۈچ قېتىملا ئىشلىتىپ بېقىپتىمەن. nurbilig يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 15:48 static/image/common/back.gif
مەنمۇ ئاخىرى لۇمىيا 920 نىڭ چەتئەلدە ئىشلەنگىنىدىن بىرن ...
رەسىملەرنى ئېچىپ بەلگىلەشتىن بوشلۇققا يوللايدىغان يوللىمايدىغاننى بىكىتىپ قويسىڭىز ئۇنداق كەلسە كەلمەس يوللاپ يۈرمەيدۇ.
مۇشۇ چەتئەلدە ئىشلەنگىنى بىلەن جوڭگۇدا ئىشلەنگىنىنىڭ پەرقىنى بىلەلمەي جۇڭسەن يۇلىدىكى دۇكاندىنلا ئالدىم. 1520 نىڭ بىرەر ئاي بولدى قارىسا تودىمۇ باھاسى چۈشىدىغاندەك ئەمەس . بولىدىغان سېستىما ئىكەن بۇمۇ، شۇغىنىسى ئۇيغۇرچە يازماق بىراز قولايسىزكەن. Lumia 1520 bolidikan ,shughinisi sal chong , dadam nech che qitim tillap boldi mini, kisakmu ya tilunmu dap.... مەندە ۋىنفون يوقكەن. بولسا ios 7 نىڭ تۈرمىدىن قېچىشىغا ئائىت ياخشى قىستۇرما ۋە نوچى ئۇسۇللار بولسا تېما قىلىپ يازمامسىلەر، پايدىلىنايلى. سېستىما مۇقىملىقى جەھەتتە ios بىلەن windows تىن قايسىسى بەكرەك مۇقىم؟ Mawu inkasni 1520 da yiziwatimen. Uyghuche yazgili bolmaydikan amal yok Latin yiziqida yizip baqtim munbar ning xatliri nahayi nurmal خەت يىزىش تاختىسىغۇ بار ئىكەن . بىراق كىرگۈزگۈچ يوق بولغاچ بەك قولايسىز بۇلۇپ قالدىكەن
بەت:
[1]