Uyghuray13 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 22:51:04

ئەر سېتىۋېلىش

                                                                        ئەر سېتىۋېلىش
             بۈگۈن مەن ئۈزۈمگە باشقىدىن بىر ئەر سېتىۋېلىپ كۈندە كىرىسلودا مازار غوجامنىڭ شەيخىدەكمىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ، ئەتراپىنى ئۆمۈچۈك تورى قاپلاپ كەتسىمۇ تۇيمايدىغان ئېرىمنى ئالماشتۇرۇۋېتىش قارارىغا كەلدىم .
-   "سۆيۈملۈكۈم مەن نېمە دەپ سىز بىلەن بىرگە ئۆتكۈدەكمەن ؟"
-    "بۇنى نېمىشقا مەندىن سورايسىز ، ئۆزىڭىزمۇ بىلمىسىڭىز ، مەن نەدىن بىلەي ؟"
-   ھە ، توغرا دېدىڭىز سۆيۈملۈكۈم ، تەييارلىق قىلىڭ ، مەن دۇكانغا بارىمەن !"
-    "بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىقى يوق ، سىز دۇكاندىن باشقا يەنە نەگە باراتتىڭىز ؟"
   بازارغا بېرىش يولىدا مەن بۇ قېتىم زادى قانداق ئەر سېتىۋېلىش توغرۇلۇق ئويلاندىم ، بۇ قېتىم كېلىشكەن ئەردىن بىرنى سېتىۋالاي ، دوستلىرىمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتسۇن تازا .........ياق ، بولمىغۇدەك ئۇنداقتا ئۇنى دۇكانغا يالغۇز ئاچچىقسۇغىمۇ بۇيرالمىغۇدەكمەن ، شۇ چىقىپ كەتكەنچە ئىككىنچى قايتىپ كەلمىسىچۇ ؟ خاتىرجەم بولالمىغۇدەكمەن .
      ھە،راست پۇل تاپالايدىغاننى ئالاي ، شۇنىڭدا خەق كىيمىگەننى كىيىپ ، يېمىگەننى يەپ باياشات ئۆتكۈدەكمەن ، ئۆي ئىشلىرىدىنمۇ قۇتۇلغۇدەكمەن ، شۇنداق قىلاي .
    "ياخشىمۇسىز ، 'ئەرلەر دۇكىنى' قەدىمىڭىزگە مەرھابا ! "
   "مەن بىر ئەر سېتىۋالماقچى ."
   مۇلازىم قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، سىزگە قانداق ئەر كېرەك ؟ دەپ سورىدى .
   "ماڭا پۇل تاپالايدىغان ، نۇرغۇن پۇل تاپالايدىغان ئەردىن بىرى لازىم ."
    "ئەپسۇس ، ئالدىنقى ھەپتە باشقا جايدىن كەلگەن خانىملار كېلىپ ھەممىنى بىراقلا سېتىۋالدى ، ئىسكىلاتتىكىلەرمۇقالمىدى ."
   "ئۇنداقتا ، ئائىلىگە كۆيۈنىدىغان ، كىر يۇيۇپ تاماق ئېتەلەيدىغان ، راستچىل ، ياۋاش ئەردىن بىرنى ئالاي ."
"كەچۈرۈڭ ، ئۇنداقلارمۇ تۈگەپ كەتتى ، تۈنۈگۈن شەھەر سىرتىدىن كەلگەن بىر توپ خانىملار توپ باھادا ھەممىنى ئەپ كەتتى ."
   "ھە؟ ئۇنداقتا دۇكىنىڭلاردا مال قالمىدىمۇ ؟"
   مۇلازىم قىز بىردەم تۇرۇۋەتكەندىن كىيىن ، ئىچكىرىدىن بىر ئەرنى ئېلىپ چىقتى .
    ۋاي ،خۇدايىم يۈزىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك تاتۇق ،ھەم ئورۇق ھەم پاكارئەرنى نېمە قىلىمەن ، ئۇ ماڭا نېمە قىلىپ بېرىدۇ ؟باھاسىنىڭ يۇقىرلىغىچۇ تېخى !
   "ئۆزىنىڭ كىيىمىنى كىيەلەيدۇ ، يۇيۇنالايدۇ ، كىرسلودا ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرەلەيدۇ ، مېۋە سۈيى چىقىرالايدۇ ، (ئۆزى ئىچىش ئۈچۈن)"
   "بۇندىقىدىن ئۆيۈمدە بىرى بار، تېلېۋىزور كۆرۈپ قالدى ."
   "مۇنداق قىلايلى ، مەن سىزگە يېرىم باھا چۈشۈرۈپ بېرەي ، يەنە تېخى بىر جۈپ ساپما كەشنىمۇ قوشۇپ بېرەي ، قانداق ؟"
   "بولدىلا ، يەنىلا ئۆيدىكى كونىسىنى رېمونت قىلىپ ئەپلەپ –سەپلەپ ئىشلىتىپ تۇراي ."
   "خانىم ، تۇرۇپ تۇرۇڭ ، مەن سىزگە ئەزالىق كارتىسى بېجىرىپ بېرەي !"
   "رەھمەت ، ھاجىتى يوق !"
   مەن ئۆيگە يېنىپ كەلدىم .
    قەدىرلىكىم ، سىز بارمۇ ؟ مەن ھېچنېمە سېتىۋالمىدىم ."
    "نېمە ، پۇل ئىلىشنى ئۇنتۇپ قاپسىزمۇ؟"
    "ياق ، مەن يەنىلا سىزنى سۆيىدىكەنمەن.... "
   "ھە ، بىلدىم سىز ياقتۇردىغانلىرىڭىز تۈگەپ كېتىپتۇ ،ياقتۇرمايدىغانلىرىڭىزنى ئالغۇڭىز كەلمىدى ، شۇنداقمۇ ؟"
    شۇ ، ئەر تاللاش دېگەن شۇنداق بولىدىكەن ، ياقتۇرىدىغانلىرىم تۈگەپ كېتىپتۇ .....

                           مەنبە : ئىچكى مۇڭغۇل خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان "قەلب سۆزلىرى" ناملىق ژورنال

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 23:45:57

nime dhmgkchi ?:lol

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 00:35:55

Nimishqa kona zeziqta het yazalmaymiz ? mushunibir adem chiqip chushendurup qoymaydighu ? unchilik qiliship ketmeyli qerindashlar . hosh bop qalay . mendin yenmisa hudadin yanar unchil;ik qiliship ketmeyli . qarap baqsam manga oxshash kona yeziqta yazalmaywatqanlar xeli barken

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 00:49:22

manmu yazalmidim. baya bir ongxalghan yana yazghili bolmaydighan bolup kaptu.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 00:51:12

meningmu tunugun UKJ tuz tom digen yerini besiwidim ongshalghan bugun u yerini tengshisemmu yazghili bolmaywatidu . yaki bireri chiqip mandaq - mandaq qil dep bermidi .

limun5 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 07:37:59

ئەگەر راستىنلا شۇنداق قىلغىلى بولسا بۇ جاھان قالايمىقانلىشىپنىم بولۇپ كىتەر ھە:-D

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 09:11:43

ياوووجاھان مۇنداق بوپ كەتسە، ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم جۇما.....   
مۇشۇ خوتۇنلارنىمۇ شۇنداق سېتىۋالغىلى بولسا زاۋۇتقا بۇيرۇتۇپ.........   بۇنىڭ ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالىغاندەك قىلىمەن جۇما{:87:}

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 20:47:00

ئۇيغۇرئاينىڭ قەدىمىگە مۇبارەك بولسۇن. تەرجىمىلىرىڭىزنى ئايىماي ئىزدىنىشقىمۇ تۆككەيسىز.

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 09:43:42

Uyghuran يوللىغان ۋاقتى2013-12-31 20:47 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرئاينىڭ قەدىمىگە مۇبارەك بولسۇن. تەرجىمىلىرىڭىز ...

بىز اياللار بەك ھەددىمىزدىن اشمايلى اللا ەرلەرنى كۇچلۇك ياراتقان بىزنى اسراشنى كۇيۇنىشنى بىزنى خارلىماي قەدىرلەشنى بويرىغان اللا سۇبھانەۋەتەاللا خوتۇن قىزلىرىنى كۇنلىمىگەن ەرنى دەيۇز دەپ اتىغان ھەرگىزمۇ بىر بىرىمىزنى سۇكىدىغان ىشنى قىلمايلى قەدرىمىزنى قىلىشىپ ۇتەيلى اللا ھەممەمىزنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىۋەتسۇن

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 13:39:12

mihriban يوللىغان ۋاقتى2014-1-11 09:43 static/image/common/back.gif
بىز اياللار بەك ھەددىمىزدىن اشمايلى اللا ەرلەرنى كۇچ ...

خانىم، بۇ قانداق گەپ؟ مەن كىمنى سۆكتۈم؟

tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-1-11 21:40:08

يا پانابۇكۇنلەرنى ھارامقىلغىن
بەت: [1]
: ئەر سېتىۋېلىش