wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 21:59:13

"بىر سوم پىلانى"نىڭ 8-يىللىق خۇلاسىسى



    "بىر سوم پىلانى"نىڭ -8يىللىق خۇلاسىسى
ئەسســـــالامــۇ ئەلەيـــــكۇم  قەدىردانــــلار   ،" بىر سوم پىـــــلانى" مېھرىبـــــانلىق يەتكـــــۈزۈش پائالــــىيىتىنىڭ   بارلىق خەيــــر -ساخاۋەت يەتكـــۈزۈش پائالىيەتلىرىدىن   ھەر يىـــلنىڭ ئاخىــــرقى كۈنىدە تور ئارقىلىق ئۇنىـــــڭغا قاتناشقان  ساخاۋەتچىلەرگە ۋە شۇ قاتارى بارلىق تور ئەھلىگە خۇلاسە قىلىپ يېزىپ كەلـــــگەنــــــگە يەتتـــــە   يىل بولۇپتىكەن ،مانا مۇشۇ يېڭى يىل دەقىقىلىرى، سىلەرگە بۇ پائالىيەتنىڭ8-يىلىدىكى پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە بەرمەكچى بولۇپ ئولتـــــــــۇرۇپتىمەن .


2012-يىلىدىن ئاشقان پۇل :4669.36سوم (تۆت مىڭ ئالتە  يۈز ئاتمىش توققۇز سوم ئوتتۇز  ئالتە تىيىن)
بۇ  يىل يىغىلغان پۇل :51680سوم (ئەللىك بىر مىڭ ئالتە يۈز سەكسەن سوم)
بانكىدىن چىققان ئۆسۈم  26.5 سوم (يىگىرمە ئالتە سوم ئەللىك تىيىن )
بۇ يىلقى جەمئىي جۇغلانما پۇل :

4669.36+51680+26.5=    56375.86يەنى ئەللىك ئالتە مىڭ ئۈچ يۈز يەتمىش بەش سوم سەكسەن ئالتە تىيىن


ئەمــــــدى 2013-يىلىــــدا ئېـــلىپ بېرىلغان مېھــــــــرىبانـــلىق پائالـــــىيەتلىرىنى يېــــزىپ ئۆتـــىمەن :
تورداشـــــلارنىڭ  پىكىر تەكلــــىپى  ۋە  خاسلىقىمىز سەۋەبلىك    تور يۈزىدە  ياردەمــــگە  ئېرىشكۈچىلەرنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارلىمايمەن  ،لېــــكىن بىلىشنى خالىغۇچىلارغا ئۈندىدار ياكى چ چ ئارقىلىق بىر  سوم پىلانى ئالبومى ،  ھېسابات خاتىرە دەپتىرى ،ئىئانە دەپتىرى  قاتارلــــىقلارنىڭ فــــوتـــو نۇسخىسىنى  ئەۋەتىپ بەرسەم تامامــــەن بولىدۇ (كۆرۈپلا قالغايكى ،توردا تارقىتىپ يۈرمىگەي ،غورور بىباھا ) ،بورتالا شارائىتىدىكىلەر بىۋاستە مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ ،مەن ۋاقىت ئاجرىتىپ  كۆرسىتىپ قويىمەن .

1.           يىل بېشىدا بورتالا7-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇنساگۈلگە  ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ جەمئىي 10865سوم يىغىپ بەردۇق .بۇ ھەقتىكى تەپسىلات ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى «180 مىڭ سوم يىغىشقا ئاتلاندىم » دېگەن تېمىدا .
2.       شىــــــــئەندە ئوقۇۋاتقان سىڭلىمىزنىڭ بۇ  يىللىق ئوقۇش پۇلى ،ھەر ئايلىق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بولۇپ جەمئىي 12310 سوم ئەۋەتىپ بەردۇق  .
3.       بورتالادىكى ئاق قان كېسىلى بىمارى گۈلزىرە ئەمەتنىڭ مۇراجەتنامىسىگە كەلگەن 2000 سوم پۇلنى ئەۋەتىپ بەردۇق .
4.       بورتالا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىككى مەۋسۇملۈك ئوقۇش تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا 700 سوم بەردۇق  .
5.       چىڭـــدۇ جوڭگــــۇ تىبابىـــــتى  ئۇنــــتۋېرىستېتىدا ئــوقۇۋاتقان قىزغا 2010 سوم پۇل ئەۋەتــــــىپ بەردۇق .
6.       شىنجاڭ قۇرۇلۇش بىناكارلــــىق مەكتىپىدىكى  قىزغا بۇ يىل ئوقۇش پۇلى، تۇرمۇش پۇلى بولۇپ 6720.5 سوم ئەۋەتىپ بەردۇق   .
7.       بورتالا شەھەر چىنــــدېل يېـــزا مەركـــــىزى باشــــلانغۇچ مەكــتــــــەپتىكى ياردەم ئوبيېكتىغا  ئىككى مەۋسۈم 900 سوم  بەردۇق .
8.       دىۋىزىيە مىللىي مەكتەپتىكى  قىيىنچىلىقتا قالغان ئىككى ئوقۇغۇچىغا    450 سوم بەردۇق .
9.       لەنجۇ قاتنـــاش ئۇنىۋىرېستېتىدا ئوقۇۋاتــقـان قىــــزنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا 2010 سوم ئەۋەتتۇق .  
10.       شىنجاڭ ئۇنىۋىرېستېتىغا يېڭىدىن ئوقۇشقا كىرگەن بىر قىزغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى 1005 سوم ئەۋەتتۇق .
11.         بېيجىڭدىكى تۇرسۇنجان ئىسىملىك ،ئاپىسىنىڭ كېسىلى سەۋەبى ئىقتىسادتا قىينىلىپ قالغان سىتۇدىنىتقا 5025 سوم ئەۋەتتۇق .
12.        مۇتەللىپ ئىسىملىك بىر بىمارغا تورداشلار ھاۋالە قىلغان 700 سوم پۇلنى سېلىپ بەردۇق .
13.         ئىزدىنىش مۇنبىرىدە مۇراجەتنامىسى چىققان ،يېڭىدىن ئالىي مەكتەپتە ئۆتكەن ،لېكىن پۇل يوق سەۋەپ مەكتەپتە بېرىشقا ئامال بولمىغان بىر قىزغا ،ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى بىر ئەزانىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشى بىلەن   مۇراجەتنامە يازدىم ،بۇ مۇراجەتنامە ئارقىلىق بۇ قىزغا 4800 سوم پۇل يىغىپ ئەۋەتتۇق . ئۇ قىز ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىدى .   
14.       بورتالادىكى  ئەزالارنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يىغىلغان 2400 سوم پۇلنىڭ 2000 سومىنى شاڭخەيدە داۋالىنىۋاتقان سىڭلىمىز تۇرسۇنئايغا ،400 سوم  پۇلنى ئۈرۈمچىدە مەدىكارچىلىق قىلىدىغان ،تاساددىبي ھادىسىدە قولى يارلانغان ،داۋالىتىشقا ئامال قىلالمىغان بىر بىمارغا ئەۋەتتۇق .
15.       كارتىنىڭ يىللىق ھەققى 10 سوم ،قىسقا ئۇچۇر ھەققى 36 سوم ،ساخاۋەتچىلەر پۇل سالغۇدا سالغان پۈتۈن پۇلغا  تۇتىۋالغان رەسمىيەت ھەققى 63.5 سوم

بۇندىن سىرت بورتالادىن 25سەپەر خالتىسىدا  خىللانغان كىيىم -كېچەكلەرنى يىغىپ ئەل-ئابىدە ساخاۋەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە  خوتەن گۇما ناھىيىسىگە ئەۋەتىپ بەردۇق .
شۇنداق قىلىپ 2013-يىللىق قىلىنغان چىقىم :
52005 يەنى ئەللىك ئىككى مىڭ بەش سوم

بۇ يىلقى ئۇمۇمىي يىغىندىدىن بۇ يىل قىلغان بارلىق چىقىمنى ئېلىۋەتسەك قالىدىغان ئېشىنچە پۇل :
56375.86-52005=4370.86يەنى  تۆت مىڭ ئۈچ يۈز يەتمىش سوم سەكسەن ئالتە تىيىن

2013-يىلى 30-دېكابىر  كۈنى كارتىدا ئەمەلىي بار بولغان پۇل بولسا 4442.90    يەنى 72.04   يەتمىش ئىككى سوم تۆت تىيىن پۇل ئارتۇق (بۇ پۇل بەلكىم بانكىنىڭ تەپسىلىي تىزىملىك ھېساباتىدا چىقماي قالغان ئۆسۈم پۇلى بولۇشى مۇمكىن )

شۇنداق قىلىپ2014-يىلىغا كارتىدا ئاشقان پۇل 4442.90

2006-يىلى 4-مارت كۈنى  كۈنىدىن تارتىپ بۇ يىل ئاخىرغىچە جۇغلانغان بىر سوم مەبلىغى جەمىئىي  :    143462.57  

     بىر سوم پىلانىنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى  ،ئۆزۈمنىڭ توكـــــچىلىق كەسپىدىكى ئانچە مۇنچە كىچىك يېڭىلىق -كەشپىياتلىرىم  بىلەن بۇ يىل ماي ئېيىدا شىنجاڭ ئون ئىككىنچى نۆۋەتلىك   "تـــۆتىنــچـى مــاي ياشـــــلار مېــــدالى " ساھىبى بولۇپ مۇكاپاتلاندىم .مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا  رىياسەتچى مەندىن بۇ پىلاننى قاچانغۇچە داۋاملاشتۇرۇش ئويىڭىز بار دېۋىدى مەن :بىر ئۆزۈم يالغۇز قالساممۇ بۇ پىلاننى توختاتمايمەن ،ئۇ تاكى مەن ئۆلگۈچە داۋاملىشىدۇ  ، مەن ئۆلسەممۇ بۇنى داۋام ئەتكۈچى ئىزباسارلار مەيدانغا كېلىدۇ دېدىم ،  كۈنلەردىن كىيىن ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى سېكرىتارى ئاينۇر ھەدىمىزمۇ  ناھايىتى سۆيۈنۈپ 1500 سوم پۇل ئىئانە قىلدى .شۇ كۈنى يەنە  دۆلەت ئېلېكتىر تورى تۇنجى نۆۋەتلىك "تـــۆتىنــچـى مــاي ياشـــــلار مېــــدالى "ساھـــــىبى بولدۇم .  بۇندىن سىرت "شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى سىستېمىسىنى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخىس"نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندىم ۋە باشقا يەرلەرگە بېرىپ لېكسىيە سۆزلىدىم ،شۇڭا بىزنى ئېتىراپ قىلغان،يول بەرگەن  تەشكىلگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
بىر سوم پىلانى ‏‏-‏- ئۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 8 يىلنى بېسىپ ئۆتۈپ 9-يىلىغا قەدەم قويدى ، ماڭا ئىشەنگەن ،مەدەت بېرىپ بۇ پائالىيەتكە  ھاياتى كــــۈچ بەرگـــەن بارلــــىق ساخاۋەتچىلەرگـــە سەمىمىي ئېھتىرام .
بىر ئىشنى باشلاش ئاسان ،لېكىن داۋام ئەتتۈرمەك تولىمۇ تەس ،بۇ پائالىيەتنى  ھېچقانداق ئۆرنەك يوق ، قىزغىنلىققا تايىنىپلا باشلىغان ئىدىم ،لېكىن  شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل ئىدىكى مەن سەمىمىيىتىم  بىلەن  چوقۇم قوللاشقا ئېرىشەلەيمەن دەپ قارايتىم ،راسىت ،سىلەر ماڭا ئىشەندىڭلار ،قوللىدىڭلار .مانا 8يىل ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە  ئۇ ھەممىمىزنىڭ بىر سوم پىلانىغا ئايلاندى .
بىر سوم بىر كىشى ئۈچۈن ھېچنېمە  ئەمەس ، بىر سوم پىلانىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ،ئۇنىڭ  ھەرگىزمۇ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام ئېتىشى ئۈچۈن  ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ،سەمىمىيىتى كېرەك ئەلۋەتتە ،چۈنكى مىڭلىغان ،يۈزمىڭلىغان يانچۇقلاردىن بىر سومدىن چىقىرىدىغان بولساق  كېسەل كارىۋىتىدا ئېڭراۋاتـــقـــان تالايلـــــىغان كېسەل قېرىنداشلىرىمىزغا ، ئالىي مەكتەپلەردە  جاپالىق ئائىلە ئىقتىسادى شارائىتىدا تىرىشىپ تىرمىشىپ ئوقۇۋاتقان مىڭلىغان سىتۇدىنىتلىرىمىزغا ياردەم بېرەلەيمىز .شۇڭا دەيمەنكى بىر سوم پىلانىنىڭ خاسىيىتى    ھەرگىزمۇ پۇلنىڭ ئاز كۆپلۈكىدە ئەمەس بەلكى كۆڭۈلدە !
ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان سىتۇدىنىتلارنىڭ ھەم بۇ ياردەملەرنى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىگە بېسىم قىلىۋالماسلىقىنى ،بەلكى ئالغا ئىنتىلىشنىڭ ،تىرىشىپ ياراملىق ئادەم بولۇپ ،بىلىم بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش جەريانىنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ،چۈنكى بۇ پۇللارنى بەرگۈچى ھەرگىزمۇ بىر مەن ياكى يەنە بىرى ئەمەس ،بەلكى مىڭلىغان بىر سوم  پىلانى ساخاۋەتچىلىرىدۇر .سىلەر بۇ ئىقتىسادىي ياردەم پۇرسىتى  بىلەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭلارنى ئەلا نەتىجىدە تاماملاپ جەمئىيەتكە چىققاندىن كىيىن ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز ۋە كۈتىمىز ....

قېرىندىشىم :تورلاردا مۇراجەتنامىلەر ساماندەك يۈرۈپتۇ ،بەلكى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسىگە پۇل سالماقچى بولۇپ بانكىغا مېڭىش پىلانىڭىز باريۇ ،ئۇ ئىش ،بۇ ئىش بىلەن بانكا ئالدىدىن نەچچە قېتىم ئۆتۈپ كەتكەنسىز ،سىزنىڭ پۇلنى غاچچىدە ئاغدۇرىۋەتكىڭىز باريۇ لېكىن ئۇنتۇلۇپ قالدى ،ياق ،قېرىندىشىم ياق ،كارتىدىن كارتىغا پۇل ئاغدۇرۇشقا پەقەت ۋە پەقەت 1مىنۇتلا  ۋاقىت كېتەر ،كارتىڭىزدا  يىلدىن يىلغا  ئېشىنىپ تۇرغان نەچچە ئونسوم پۇلنى ئەنە شۇنداق مۇراجىئەتنامە ئىگىلىرىگە ئەۋەتىپ قويۇڭ ، قولىمىزدىن كەلسە بارلىق تور ئەھلى مۇشۇ ئىشقا ئادەتلىنەيلى ،بىر سوم ئاز ئەمەس ،100 سوم كۆپ ئەمەس ،لېكىن  تەشنالىقتا قالغان ئەشۇ بىچارىلەرگە شۇ نەچچە سوم پۇل ھېچ دال بولالمىسىمۇ لېكىن  پۇل  كىرگەن ئۇچۇرلار نى كۆرگەن شۇ بىچارىلەرنىڭ كۆڭلى ئاۋۇپ قېلىشى ، سۆيۈنۈپ قېلىشى ئېھتىمال ،شۇڭا دەيمەن ھەممىمىز ساخاۋەتچىگە ئايلىنايلى .
ئاخىرقى سۆز :
بىر سوم پىلانىنىڭ توققۇزىنچى يىلى باشلاندى ،تىـــــرىشايــــلى ،سىزنـــــىڭ ،مېنــــىڭ مىننەتســـــىز بەرگەن بىر سوم پۇللىرىمىزنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن بىر سوم پىلانى تېخىـــــمۇ راۋاج تاپســــۇن ،تېخىمۇ كۆپ سىتۇدىنىتلار ئالىي مەكتەپنى خاتىرجەم پۈتتــــۈرۈپ ياراملىق كىشىلەردىن بولسۇن  ،تېخىمۇ كۆپ ھاجەتمەنلەر نىڭ ھاجىتى راۋا بولسۇن ،كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن ،دۇنيا مېھرى مۇھەببەتكە تولسۇن ،سەمىمىيەت ،ئىناقلىق گۈللىرى پورەك ئاچسۇن ،ئىناق ئائىلە ،ئىناق تور مۇھىتى بەرپا قىلىش بولسا ئىناق جەمئىيەت بەرپا  قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر .
بىر سوم پىلانىنىڭ شوئارى شۇكى ‏-‏-ساخاۋەت ئادەتكە ئايلانسۇن !

قوشۇمچە ماتىرىياللار :

بىر سوم پىلانى 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى باشلانغان ،ئاساسىي مەقسىتى :ئىتىخىيار قىلغۇچى  ھەر ئايدا ئاز دېگەندە بىر سوم پۇل چىقىرىش ،بۇ پۇللارنى جەملەپ ئوقۇشتا تىرىشچان ،ئائىلە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار سىتۇدىنىتلارغا ياردەم بېرىش .



بىر سوم پىلانىنىڭ پۇل ئىئانە تىزىملىك دەپتەرلىرى



2013-يىللىق خاتىرىدىن كۆرۈنۈش



شىنجاڭ ئون ئىككىنچى نۆۋەتلىك   "تـــۆتىنــچـى مــاي ياشـــــلار مېــــدالى " ساھىبى بولۇپ مۇكاپاتلاندىم .قەدىردان تورداشلىرىم ئۇدا ئۈچ يىل مەن ئۈچۈن بېلەت تاشلىدى ،بۇ سەھنىگە ئاخىرى چىقتىم .  



شىىنجاڭ تېلىۋىزىيەسى 2-قانىلى «ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار»دا كۆرسىتىلگەن بىر سوم پىلانى مەخسۇس فىلىمى

http://player.56.com/v_NjIxOTcwNjE.swf

بىر سوم پىلانىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى :ئەيساجان نىزامىدىن
دۆلەت ئېلېكتر تورى بورتالا توك ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى
كىملىك نومۇرى :        652701198208140437   
يانفۇن نومۇرى :13565777257
  چ چ نومۇرى 365199404
تور تەخەللۇسى ۋە ئۈندىدار نامى wapadarim912            
2013-يىللىق خۇلاسە تاما م ، شەھــــــــرى بــــــــــــورتالا  



yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 22:18:12

2013-يىللىق خاتىرىدىن كۆرۈنۈش  تىن باشقا رەسىم چىقمىدى.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 22:25:33

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=53480&extra=page%3D1ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر ،ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقىغا بەكمۇ خۇشھال بولدۇم .

نەق گەپكە كەلسەك ،مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى بىر سوم پىلانى ھېساباتىغا 2000 سوم پۇل كىردى ،بۇنى بىر سوم پىلانىنىڭ ھەر ئايلىقى 300 سوملۇق تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىلەن 2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە مەركىزى مىللەتلەر ئالىي مەكتىپىدە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ،بۇلتۇر 8-ئايلاردا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بىر سىڭلىمىز نىڭ تۇنجى ئايلىق پۇلىدىن بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئەۋەتكىنى ئىكەن .(مەن ئۇنىڭغا بۇنچە جىق ئەۋەتمەڭ ،كۈن تېخى ئۇزۇن ،ئاۋۋال ئاتا ئانىڭىزنى بىر خۇشھال قىلىڭ ،ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا ھەم ئىشلىتىڭ دېسەم ئۇ زادى ئۇنىمىدى ۋە نەچچە ئايلىق مۇئاشىغا نەچچە تۈمەن پۇل بەرگەنلىكىنى ،بۇ 2000 سوم پۇلنىڭ كۆڭلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .)شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قايتا رەت قىلپ كەتمىدىم ، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كەتتى ،چۈنكى بىز ئوقۇشىغا ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ ئالدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قاتارغا قوشۇلغانلىقى بولدى .بىر سوم پىلانى 2006-يىلى 4-مارت كۈنى باشلانغاندىن تارتىپ بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يىغىلغان پۇل 105مىڭ 210 سوم 70تىيىن بولۇپتۇ .بۇنىڭدىن 95% پۇلنى تىرىشچان ،لىكىن قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ، باشلانغۇچ تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا ،ماگىستىر ئاسپىرانىتلىرىغا ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرگە ياردەم قىپتۇق .

ئۆرنەكسىز قىلغان ئىش ،يېڭى ماڭغان يول بولغىنى ئۈچۈن سەمىمىيەتكە تايىنىپلا ماڭغان يوللىرىمىزدىن تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ 8-يىللىق مۇساپىدە يۈرۈپتىمىز ،ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ تېز ئۆتمەكتە ،بىر سوم پىلانىنىڭ تېخىمۇ ساغلام راۋاجى ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن يېقىندا كارتا مېنىڭ نامىمدا ،مەخپى نومۇر باشقا بىرىدە ،پۇل ئالغاندا 4ھەيئەت بىر يەرگە كېلىدىغان قىلىپ تۈزۈم بېكىتتۇق .بىر سوم پىلانىنىڭ راۋاجى ئۈچۈن ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىزلەر ،ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەر بولسا بىزگە تەۋسىيە قىلارسىلەر ،ياردەم بېرىشنى خالىغۇچىلار بولسا يەنە بىز بىلەن ئالاقىلىشارسىلەر ،ئىشقىلىپ سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ،يەنە مۇشۇنىڭدەك تۇنجى مۇئاشىدا ئۆزى ياردەمگە ئېرىشكەن بۇ پائالىيەتكە ياردەم قىلغان غايىلىك ئىنى سىڭىللارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر سوم پىلانى 7 ئەمەس ،17ياشقا ،70 ياشلارغا كىرگەي .........قالدى گەپلەرنى ئىنكاستا يازارمەن ،سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم ........

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 00:29:55

2008-يىلى يىل ئاخىرىدا بۇرادىرىمىز كۆلتىگىن «بىن لادىن تۇتۇلدى » دىگەن يازمىسى بىلەن نۇرغۇن «بىن لادىن» لارنى تۇتۇپ، تۇتۇلغانلاردىن دوللار ئېلىپ ۋاپادارىمنىڭ چونتىكىگە سالغان ئىدى.  شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ نۇرغۇن ئىزدىنىشلىقلاردەك جېق جېق قىلالمىساممۇ ، ئازراق قىلغانلار قاتارىدا 5 يىللىق پۇلۇم دەپ ئارزراق ئىئانە قىلغان، ھەم بىر سوم پىلانى قىزىل يۇرەك مىداللىرىنى تاقىغان. مانا بۇ ئىشقىمۇ ھەش - پەش دىگىچىمۇ بەش 5 يىل بولاپتۇ. ئىزدىنىشمۇ كوچكەن بانا بىلەن ئۇ مىداللارمۇ يوق بولغان چىراي، قارىسام ھىچكىنىڭ بوينىدا يۇقكەن، بەلكىم مىداللارنى @izdinix  «پىت بازىرى» دا سىېتىپ خەجلىگەن ئوخشايدۇ،  ئەمدى يانچۇقنى كولايدىغان چاغ كەلگەندەك قىلىدۇ.

قېنى يېڭى بىر قېتىملىق بىر سوم پىلانىغا ئىزدىنىش تورىدىن ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى باشلىمامدۇ؟ @koltigen باش بولالمۇغۇدەك، كىرمىگىلى 3 ئاي بولاپتۇ ئەمەسمۇ، @wapadarim912 قىلسا قاملاشماس ( ئوزىنىڭ باغىقىنى ئوزى تارقاتقاندەك تۇرغىدەك) @GoodLuck  قۇ قاملاشتۇراتتى ، بىراق ئىتىكاپتا ئولتۇرغاندەك، @Musicfan  «جان دادام » ەپ يۇرۇيدۇ ئالدىراشتۇ، @Jewlan دەم ئالدىم دەپ يۇرەتتى، نەدە يۇرگەندۇ؟ ...
بولدىلا مەندىن باشقا بىرسىڭلار ياكى بىر قانچىڭلار بىر باشلىمامسىلە؟

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 01:00:01


ماۋۇ شۇ چاغدا مەن تاۋباۋ دا ساتقان «بىر سوم تىللاسى » ئىكەن

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 07:50:02

مۇشۇ ھەقتە بىر تېما يوللاپ قويدۇم:curse:

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 09:47:06

man_sarang يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 01:00 static/image/common/back.gif
ماۋۇ شۇ چاغدا مەن تاۋباۋ دا ساتقان «بىر سوم تىللاسى » ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   مەن  ئىزىدىنىش تورىغا ئەزا بولغىلى  ئۇزۇن  بولمىدى  شۇنداقتىمۇ   ئىزىدىنشقا  باشقىچە مېھرىم بار.  مانا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلاربىلەن  ئۈنتىنسىز باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان  ئوت يۇرەك ياشلارغا  مەندىن  سالام  يوللايمەن.  يېڭى يىلىدا  بىر سوم پىلانىغا تېخىمۇ كۆپ  ئوت يۈرەكلەرنىڭ قوشۇلىشنى  چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.  
مەن مۇنداق بىر ئىشنى  ئويلىغان ئەگەر سىلەرنىڭ تەستىقىڭلاردىن  ئۆتسە يولغا  قويساق .ئالدىڭلاردا ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم. شۇنداقتىمۇ پىكىرىمنى دەپ باقاي.
ھەممىز بانكىغا بېرىپ پۇل سېلىپ بولالمايمىز.  ھەممىز خىزمەتچى ئەمەس،  بانكىغا بېرىپ كارتىغا پۇل سېلىش ئۈچۈن  ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 100 يۈەن سالمىساق بولمايدۇ. بەزى ئادەملەر ياردەم قىلىغۇسى بولسىمۇ  قولى قىسقا بولۇپ قېلىپ ياكى بولمىسا 100 يۈەندىن تۆۋەنرەك پۇل ياردەم قىلىدىغانلارغا قولايسىز بولۇپ قالدىكەن.
شۇڭا مەن   2011 يىلى  ئاچقان  تور دۇكانغا  مۇشۇ   بىر سوم پىلانى ئۈچۈن   1 يۈەنلىك  تەڭگە ساتسام تەڭگە سانى   ھەر ئايدىكى  سېتلىش سانى 100 گە يەتكەندە سىلەر بەلگىلەپ بەرگەن كارتىغا پۇلنى ئۇرۇپ بەرسەم  . ھەر ئايدا بىر قېتىم ھېساپ قىلىپ  سېتلىغان تەڭگەلەرنىڭ ھېساباتنى  ئېنىق خاتىرلەپ لازىم بولغانلارغا  يوللاپ بەرسەم. مۇشۇ ئىشقا قولۇمدىن كېلىشچە ياردەم قىلىسام دېگەن ئۈمۈتتە
دۇكان ئادىرىسى:http://xjpifa.taobao.com
ئالىي ۋاڭ -ۋاڭ نۇمۇرى:uybuy   
چ چ :894548247

ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسەڭلار مۇشۇ ئۇسۇل بويىنچە ئىش قىلساق  توردا پۇل ياردەم قىلىدىغانلارنىڭ   توردىن 1 يۈەنلىك تەڭگە پۇل سېتىۋېلىپ  ياردەم قىلىسا
بۇ پەقەت مېنىڭ شەخسى ئويلىغانلىرىم.   ۋاپادرىم   مۇۋاپىق كۆرسە  مەن ئالاقىلاشسام  ئۆزىمنىڭ سالاھىيتىنى دەلىلىتىپ    ئىزىدىنىش تورىغا ئايرىم تېمما يوللاپ  1 يۈەنلىك تەڭگىنى  بازارغا سالساق بولىدۇ. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرمىسەڭلار  باشقىلارنىڭ پىكىىرنى ئاڭلاپ باقساق بولىدۇ.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 10:16:06

مانا  ، باشلىدۇق ئەزىز(لەر) :handshake

ئەيساجان ، بۇرۇنقىدەك  مەن يەنىلا ئەنۋەرجان ئارقىلىق سىزگە يەتكۈزەي.

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 10:36:22

eshl thmf

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 10:50:25

ھەقىقەتەن تەس ئىش ،
مەنمۇ ئىلكتىر تورىدا ئىشلىگەن خىزمەت بىسمى چوڭ ، مۇشۇنداق شارائىتتا  بۇ بالنىڭ كەشپىيات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانمىقى ھەم بۇ ئىشنى داۋام قىلغنىغا قارغاندا  تاتقان جاپاينى بىر ئاللا ئاندىن ئۆزى بىلدۇ.

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 10:54:11

باشلىقلار نىمە دەيدۇ بىلەمسىلەر ؟ بىلسەم بىلمىسەم مۇشۇندەق گەپلەر بولغان بولىشى ئىنىق

-  سىنى كىم ساخاۋەت ئىشى قىلمەن دىسۇن دەپتۇ ، نىمە قىلساڭ قىل خىزمەتنى ياخشى قىلىپ ئاندىن قىلمامسە ؟
بەزى يۇزى قوڭ باشلىقلارنىڭ قوللىشى مۇشۇنچىلىك
مەنمۇ بىر پۇل سالاي .

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:01:24

aysajan sizlarde yiza amanat kariz bankisi zadi yuhma naqqa baxkilargha hawala kildim azrah kunglummu bar idi uzammu yighip koyghan bolsa awarqilik kormay yiza amanat kariz bankisidinmu hisawat iqip koysingiz bulatti {:120:}

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:03:14

ئەلنىڭ دۇئاسى سىلى ئۈچۈن بۇرادەر!

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:26:21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر، ھەممىڭلار ياخشى تۇردۇڭلارمۇ؟ بۇنداق ئىشلاردا مېنىمۇ قېتىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:28:37

كەلبىمنىڭ  تاۋ باۋ دا ھىساپ ئېچىش ئۇسۇلىمۇ بەك قۇلايلىق بولدىكەن ،  مەن قۇشۇلىمەن ، بولسا مۇشۇ ئىشنى دەلىللەپ ئەمىللەشتۇرسەك

RGB يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 13:04:28

سالونغا يوللاندى

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 13:14:10

wapadarim912، ھارمىغايسىلە، مىللەتنىڭ ئىشلىرى سىلىگە قالدى.{:92:}

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 16:03:06

nawkeran يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 12:28 static/image/common/back.gif
كەلبىمنىڭ  تاۋ باۋ دا ھىساپ ئېچىش ئۇسۇلىمۇ بەك قۇلايلى ...

ئەگەر ۋاپادىرىم ۋە باشقا ئەزالار  قوشۇلسا  قولۇم كۆكسىمدە   مېنىڭچە  كۆپۈنچە كىشلەرنىڭ   zhifubao ھېساباتىدا  ئازىراق  پارچە پۇللار بولىدۇ. شۇنداق پۇللارنى  دۇكاندىكى  1 يۈەنلىك تەڭگە  پۇل ئارقىلىق سېتىۋالسا بۇ پۇللارنى  بەلگىلىەپ بەرگەن كارتىغا ئاغدۇرۇپ بەرسەم بولىدۇ.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 22:02:32

تېخىمۇ كۆپ قاتناشقۇچىلارنىڭ پۇلنىڭ نەگە بارغىنىنى بىلىپ قېلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچ بىلەن تارقىتىشىپ بېرىڭلار .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-1 16:36:42

نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىڭلارغا ئاپىرىن!
1. بىر سوم پىلانى ۋە ئەل-ئابىدە ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ تور ئادرېسى ياكى ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى بارمۇ؟
2. تۆۋەندىكى رەسىمدە، ئۇيغۇرچە خەت ئۈستىدە، خەنزۇچە خەت ئاستىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. قوشۇمچە تەرجىمان بولغانلىقىم ئۈچۈن دىققەت قىلىپ قالدىم. مۇمكىن بولسا، ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلساق دەيمەن. ئۆزىمىز بۇنداق يازغان يەردە، باشقىلار بىزنى بېشىدا كۆتۈرەرمۇ؟!
مەن پەقەت مۇشۇ خەتكە قارىتالا دەپ قويدۇم، لېكىن بىر سوم پىلانىنىڭ ئىش- ئىزلىرىغا قارىتا يەنىلا باشمالتاق قولۇمنى چىقىرىپ تۇرۇغلۇق!
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201312/30/225232hggezeg577zyhygh.jpg
بەت: [1] 2
: "بىر سوم پىلانى"نىڭ 8-يىللىق خۇلاسىسى