Androidتىلفۇنلاردا ئۇيغۇرچەتېلۋىزيەقاناللىرنى كۆرۈشتىن ياردەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kiram14 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-30 19:19تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟
مەن ئاندىرويىت تىلغۇنلاردا ئۇيغۇرچە تېلۋىزيە قاناللىرنى كۆرگېلى بولدىغان ئەپ ئىزدەۋاتقانتىم 。 يەنى شىنجاڭ تېلۋىزيە ئىستانسى ۋە ئۇرۈمچى تېلۋىزيە ئىستانسىلىرنىڭ ئۇيغۇرچە قاناللىرىنى كۆرگىلى بولدىغان تورتېلۋىزيە دىتالى . بىلدىغان دوسلار بولسا يوللاپ قويساڭلار ئورتاق پايدىلانساق . :) app.almas.biz دىن تاپقۇ نى چۇشۇرۇڭ .شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى بار 云图tv电视直播 دەپ بىر ئەپ بار ،شۇنىڭدا ئۇيغۇرچە ئۈچ قانال كۆرگىلى بۇلىدۇ. ئايفوندا خۇيۇ تورىنىڭ ئەپى بار ئىدى. ئاندورئىدنىڭمۇ بار ئىكەن
http://www.xjtvs.com.cn/phone/index.shtml بىرى مۇڭداشقۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە مۇنداق يوللاپ قويغان ئىكەن : پەقەت كامىراسى بارلا تېلىفۇن بولسا ھەر قانداق تېلىۋىزىيە قاناللىرىنى كۆرەلەيسىز، ئۇسۇلى مۇنداق، تېلىۋۇزۇردا ئۆزىڭىز كۆرمەكچى بولغان قانالنى ئاچىسىزدە تېلىفۇننىڭ كامىراسىنى تېلىۋۇزۇرغا توغرىلايسىز، شۇنىڭ بىلەن خالىغان قانالنى كۆرەلەيسىز.
چاقچاق ھە، يۇقىرىقى قەۋەتتىكى تورداشلىرىمىز خېلى ياخشى ئۇسۇللار بىلەن تەمىنلەپتۇ، لېكىن مۇشۇ مۇنبەرنىڭ قەۋەت ساناش ئۇسۇلىدىمۇ مەسىلە بارمىكىن دەيمەن، ئەڭ ئاخىرىدا ئىنكاس يازغان كىشى ئەڭ ئاستىغا تىزىلىدۇيۇ لېكىن قەۋەت سانى ھەممىدىن چوڭ بولىدۇ، بۇگەپنى دەپ كېلىپ ئەمدى تولۇق ئوتتۇرىنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئاسپرانلتلىقنى ئوقۇپ بولۇپ، تولۇق كۇرۇسقا ئۆتەلمەي، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ بەشىنچى يىلى دوكتۇرلۇقنى ئوقۇۋاتقىنىمدا تولۇق كۇرسقا تولا پۇتلاشقان ماتېماتىكىدىكى ئېھتىماللىق دەرسى ئۆتۈلىۋاتقاندا، دەرس بەرگەن مۇئەللىمە «ئەگەر كىتاپ جاھازىسىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە مانچە دانە كىتاپنى تىزساق....» دەپ يۇقىرىدىن ئىككىنچى رەتنى ئىككىنچى قەۋەت دەپ سانىغىنىدا پارتىدىشىم «بۇ خانىمنىڭ ئۆيىدە قەۋەتنى تۆپىدىن تېگىگە سانايدىغان ئوخشايدۇ» دەپ كۈلدۈرۈپ تەڭ دەشنام يېگىنىم ئېسىمگە كېپقالدى، شۇنداق بولسىمۇ ئەمدى مۇنبەردە قەۋەتنى تەتۈر سانايدىكەن دەپ ئازىراق چاقچاق قىلىپ قويغانغا ماڭا گەپ پەشۋا بەرمىگەنلەرنىڭ ئىشىنى مېھرىبان ئاللاھ ئۆزى ئوڭ قىلسۇن.
تورداشلارغا كۆپ رەھمەت! :) ئۈرۈمچى تېلۋىزيە ئىستانسى قانىلى چىقىدىغانلىرى بارمىدۇ ؟؟؟؟
بەت:
[1]