hazritili يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 18:42:14

ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر


ئىنسان دۇنيادا ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ئۆتمىسە ، ئاخىرەتتە خورلىغۇچى ئازاپقا دۇچار بۇلىدۇ. «كىمىكى ئاللاھنىڭ نىئمىتىگە ئىرىشكەندىن كىيىن ، ئۇنى (كۇفرىلىق قىلىپ ) ئۆزگەرتىۋەتسە (ئاللاھ ئۇنىڭغا ئازاب قىلدۇ)،ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.»( سۈرە بەقەرە 211-ئايەت )،«كاپىرلارغا خورلۇغۇچى ئازاپ تەييارلىدۇق.»( سۈرە نىسا 151-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)، «ئۇلارغا مۆھلەت بىرىمەن ، مىنىڭ ئازابىم ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.»( سۈرە ئەئراف 183-ئايەت).
ئۇنداقتا بۇ خورلىغۇچى ئازاب زادى قانچىلىك قاتتىق ؟ تۆۋەندىكى ئايەتلەرگە كۆز يۇگۇرتۇڭ:

كاپىرلارنىڭ ماللىرى ،باللىرى ، ئاللاھنىڭ ئازابى ئالدىدا ھەقىقەتەن ھېچنىمىگە دال بولالمايدۇ. سۈرە ئال ئىمران 10-ئايەت
ھەممىمىز ھاياتىي دۇنيادا قىينچىلىقىرىمىزدىن باللىرىمىزنىڭ ، ماللىرىمىزنىڭ شاراپىتى ، دوستلىرىمىزنىڭ ياردىمى ، قانداقتۇر تونۇشلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن قۇتۇلۇپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولىمىز. ئەمما ئاخىرەتتە ئازابنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بۇلار ھېچنىمىگە دال بولالمايدۇ.
                                                                        
شۈبھىسىزكى ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۇزىمىز ، ئۇلارنىڭ تېرىللىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۇشلەيمىز . سۈرە نىسا 56-ئايەت
ھەييات ، تىرىلەر پىشىپ ئازابنى سەزمەس بولۇپ قالغاندا ، ئاللا ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئازاپلىرىنىڭ توختاپ قالماسلىقى ياكى سەزمەي قالماسلىقى ئۈچۈن ، سىزىمچان يېڭى تېرىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ، ئازابنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
                                                                        

ئۇلار دوزاختىن چىقماقچى بولىدۇيۇ ، ئەمما ھەرگىز چىقالمايدۇ. سۈرە مائىد 37- ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
ھەممە كىشى ئازابقا ئۇچرىغاندا ، ئازاب بار جايدىن قېچىپ چىقىپ كەتكۇسى كىلىدۇ. ئەمما ...
                                                                        

جەھەننەمنىڭ ئوتى پەسلەپ قالسا ، ئۇلارغا (ئوتنى ) تېخىمۇ يالقۇنجىتىمىز . سۈرە بەنى ئىسرائىل 97-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
كۆيۈۋاتقان شامغا قولىڭىزنى ئاپىرىپ بېقىڭكى چىدىيالامدىكەنسىز . ئەمما ئاللاھ بۇ ئالەمنىڭ ئوتىنڭ قىزىقلىقى 70 ھەسسىگە تەڭ كىلىدىغان ئوتنى يەنە يالقۇنجىتىپ گۇمراھ بەندىللىرىنى ئازابلايدۇ.
                                                                        

ئۇلار دوزاختا ھەمىشە پەرياد چېكىدۇ ، (ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن) ئۇلار دوزاختا ھېچ نەرسىنى ئاڭلىمايدۇ . سۈرە ئەنبىيا 100-ئايەت
                                                                        

ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال (قاتتىق قورقۇنۇشتىن تىڭىرقاپ قېلىش بىلەن) ئىمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەربىر ھامىلدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. سۈرە ھەج 2-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
بالا ئانا ئۈچۈن ھەممە ، ئۇ ھەتتا بالا ئۈچۈن ئۆز جېنىدىنمۇ كىچىدۇ . ئەمما ئۇ كۈندە ئۆزىنىڭ سۈت ئىمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ.
                                                                        

كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ ( ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يىنىكلىتىلمەيدۇ . سۈرە فاتىر 36-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
كىشى ئازابقا چىدىيالمىغاندا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ قالىدۇ ، ئۆلىۋالغۇسى كىلىدۇ. ئەمما ئۇ جايدا ئۆلۈم ئارقىلىق ئازابتىن قۇتۇلالايدىغان ئىش يوق. ئازاب دائىملىقتۇر.
                                                                        

ئۇلار دوزاختا :«پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا ) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق » دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. سۈرە فاتىر 37-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن توشاپ بولالماي ، قايتا ھاياتلىققا قايتىپ، يامان ئەمەللىرىنى تۈزىتىپ ، ياخشى ئەمەل قىلغۇسى، شۇ ئارقىلىق ئازابتىن قۇتۇلۇپ ، ئازاپسىز تۇرمۇشتا ياشىغۇسى كىلىدۇ . ئەمما...
                                                                        

دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن ، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ. زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بىرىمىز . سۈرە ئەئراف 41-ئايەت
ئىنسان ئوتتىن يېرىم مىتىر يىراقتا تۇرۇپ ، ئوت بەكرەك كۆيۈپ كەتسە يۈزىنى ئېلىپ قاچىدۇ . ئەمما ئۇ جايدا ھەممە ياقتىن ئوت ئارىسدا كۆيدۇرىلىدۇ.
                                                                        

ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە :«سۇدىن ياكى ئاللاھ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىرئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار!» دەپ توۋلايدۇ ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن):«ئاللاھ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان » دەيدۇ. سۈرە ئەئراف 50 –ئايەت
تەشنالىقتىن چاڭقاپ كەتكەن ، ئۇسساپ كەتكەن ھالىتىمىزنى ئويلايلى. بىر چۈمۈچ سۇغا قانچىلىك تەشنا بولىمىز . ئۆلۈپلا كەتمىسەك بۇ ھاياتىمىزدا ئاۋۇ تەشنالىقىمىز قانىدۇ. ئەمما ئاخىرەتتە ، ھەم ئۆلۈم يوق ، ھەم ئۇ تەشنالىق مەڭگۇ قانمايدۇ.
                                                                        

ئىچىملىكى قاتتىق قاينىغان سۇ بولىدۇ . سۈرە يۈنۈس 4-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
ئىنسان ئاش سەل قىززىق بولسا پۇۋلەپ كىتىدۇ . ئەمما ئۇ جايدا ئىچىدىغىنى قاينىغان سۇ بۇلىدۇ. قاينىغان سۇنى ئىچكەن ھالىتىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۇرۇپ بېقىڭچۇ قېنى ؟
                                                                        

بەدبەخىتلەرگە كەلسەك ، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ ، ئۇلار دوزاختا ( ئېشەك ھاڭرىغاندەك) توۋلاپ نالە – پەرياد چېكىدۇ . سۈرە ھۇد 106-ئايەت
ئازابنىڭ قاتتىقلىقىدىن قاتتىق ئاۋازدا نالە قىلىدۇ ، ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا ئىشەكتەك سەت ۋارقىراپ كىتىدۇ.
                                                                        

ئاللانىڭ (ئىمانغا قىلغان دەۋىتىنى) قوبۇل قىلغانلارغا ئەڭ ئوبدان مۇكاپات بېرىلىدۇ، قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا يەر يۇزىدىكى پۈتۈن مال – مۈلۈك ، يەنە شۇنىڭدەك بىر ھەسسە كىلىدىغان مال – مۈلۈك بولغان تەقدىردىمۇ ، ئۇلار ( ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن) ئەلۋەتتە ، ئۇنى پىدا قىلغان بولاتتى. سۈرە رەئىد 18-ئايەت
ئازغىنە مال – دۇنيا ياكى دۇنيانىڭ تىرىكچىلىكىرى ئۈچۈن مەجبۇرىيەتلىرىمىزنى ئۇنتىيمىز . قاراڭ يەر يۇزىدىكى پۈتۈن مال – مۈلۈك سىزنىڭ بولسا ، يەنە ئۇنىڭدەك يەنە بىر ھەسسە مال بولغاندىمۇ سىز يەنىلا ئازاپتىن قۇتۇلالمايسىز. مال – دۇنيا ئۈچۈن ھەممىنى ئونتۇغانلارغا مانا مۇشۇ ئايەت يىتەرلىك نەسىھەتتۇر.
                                                                        

ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا دوزاخنىڭ تار يىرىگە تاشلانغان چاغدا ، بۇ يەردە ئۇلار ( ئۆزلىرىنىڭ) ئۆلىمىنى تىلەيدۇ.سۈرە فۇرقان 13-ئايەت
قانداق ئىنسان ئۆزىنىڭ ئۆلىمىنى تىلەيدۇ ؟ ئازاپتىن قۇتۇلۇشنى ئويلىغان ئىنسان . ئەمما بۇ جايدا ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆلۈمنى تىلەش پايدا بەرمەيدۇ. گەرچە ئىنسان ئۇنى ئارزۇ قىلسىمۇ .
                                                                        

دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە :«سىلەر پەرۋاردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار ، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن » دەيدۇ. سۈرە غافىر 49-ئايەت
ئىنسان بۇ جايدا ئازابنىڭ مەڭگۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ، ئازراقمۇ بولسا يىنىكلەش ئۈچۈن بىر كۈنلۈك بولسىمۇ ئازابنىڭ يىنىكلىتىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما...
                                                                        

ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە):«ئى مالىك ! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن » دەپ توۋلايدۇ. سۈرە زۇخرۇف 77-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
                                                                        


ئۇ چاغدا ( يەنى دوزاخقا كىرگەندە) ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىدا تاقاقلار ۋە زەنجىرلەر بولىدۇ ، ئۇلار قايناقسۇغا سۆرەپ كىرىلىدۇ ، ئاندىن ئوتتا كۆيدۇرىلىدۇ . سۈرە غافىر 71-ئايەت
                                                                        

(تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۇ قالىدىغان ، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ ( قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە – پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟ سۈرە مۇھەممەد 15-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
                                                                        

كاپىرلار ۋە پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلغانلار ئۇ كۈندە ( ئۇلار قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەنلىكتىن ) يەر بىلەن تۈپتۈز قىلىنىۋېتىشىنى(يەنى يەرگە كۆمۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىشنى) ئارزۇ قىلىدۇ. سۈرە نىسا 42-ئايەت
                                                                        

كاپىر :«كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ. سۈرە نەبەئ 40-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى
                                                                        

(ئۇ كۈندە ) ئاتا بالىسىغا ئەسقاتمايدۇ ، بالىمۇ ئاتىسىغا ئەسقاتمايدۇ . سۈرە لوقمان 33-ئايەت
                                                                        

بۇ (كۆيدۈرگۈچى)قىززىق سۇدۇر ، قان – يىرىڭدۇر ، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن سۈرە ساد 57-ئايەت
                                                                        

ئۇنىڭ ئالدىدا جەھەننەم تۇرىدۇ ، جەھەننەمدە ئۇ يىرىڭ ئارلاش سۇ بىلەن سۇغۇرىلىدۇ سۈرە ئىبراھىم 16-ئايەت
                                                                        

بەندىلەرنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمۈد قىلىپ ھەق يولغا قايىتسا ، بەزىسى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇپ ھەق يولغا قايتىدۇ ياكى سۇسلۇقلىرىنى تۈگىتىدۇ. مەن يۇقۇرقىلارنى قېرىنداشلارنىڭ غاپىللىقلاردىن قۇتۇلىشىغا ئاز – تولا ياردىمى بولار دەپ يوللاپ قويدۇم.
ئاللاھ ھەممىمىزگە ياخشى يوللارنى مۇيەسسەر قىلىپ بەرگەي ، دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغاي !

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ

بۇ تىما ئىزدىنىش مۇنبىرى ۋەا ئۆردەك بىلوگىغا يوللاندى .

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 01:11:32

:handshake

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 09:11:25

ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى ئازابىدىن ساقلىغاي، رەھمىتىگە ئېرىشتۈرگەي. (ئامىن)
ئەجرىڭىزگە رەھمەت. :handshake

281151976ar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 10:25:19

/esil tima

Basaymamat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 10:38:50

كومپارتىيىمىز ئىسلامنىڭ قاياشىدۇر! كومپارتىيىگە ۋاپاسىزلىق قىلىش پەيغەمبەرنىڭ ۋەسىيىتىدىن يۈز ئۆرۈش دېگەنلىكتۇر، پەيغەمبەر ياخشى كۆرگەننى ئاللا ياخشى كۆرىدۇ، پەيغەمبەر ئۆچ كۆرگەننى ئاللامۇ ئۆچ كۆرىدۇ.
كومۇنىزىم ئىسلامنىڭ راۋاجىدۇر. ئەگەر پەيغەمبىرىمىز مۇشۇ زاماندا بۇلغان بولسا ئېھتىمال ماركىسقا ئۈممەت بولۇپ پارتىيىگە چىرىتى. مۇھاممەت ئەلەيكىسسالام ئەرەبلەرنىڭ پەيغەمبىرى، ماركىس بولسا بارلىق مۆئمىنلەرنىڭ نىجاتكارىدۇر. كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىلمىز بۇلسا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەمگۇزارىدۇر.

Basaymamat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 10:41:28

ھەدىستە شۇنداق دەپتىكەن قايلاڭ، سىز ئەھلى دەۋزىخى دەپ قارىغان، كاپىر دەپ قارىغانلار ئاخىرەتتە ئەھلى جەننىتى بۇلۇپ چىقىدۇ، سىز ئەھلى مۆئمىن جەننەتى دەپ قارىغانلار قىيامەتتە كاپىر بولۇپ دوزاخكە چۈشىشىمۇ بار.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 11:37:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-31 12:43

Basaymamat
كومپارتىيىمىز ئىسلامنىڭ قاياشىدۇر! كومپارتىيىگە ۋاپاسىزلىق قىلىش پەيغەمبەرنىڭ ۋەسىيىتىدىن يۈز ئۆرۈش دېگەنلىكتۇر، پەيغەمبەر ياخشى كۆرگەننى ئاللا ياخشى كۆرىدۇ، پەيغەمبەر ئۆچ كۆرگەننى ئاللامۇ ئۆچ كۆرىدۇ.
كومۇنىزىم ئىسلامنىڭ راۋاجىدۇر. ئەگەر پەيغەمبىرىمىز مۇشۇ زاماندا بۇلغان بولسا ئېھتىمال ماركىسقا ئۈممەت بولۇپ پارتىيىگە چىرىتى. مۇھاممەت ئەلەيكىسسالام ئەرەبلەرنىڭ پەيغەمبىرى، ماركىس بولسا بارلىق مۆئمىنلەرنىڭ نىجاتكارىدۇر. كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئىلمىز بۇلسا پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەمگۇزارىدۇر.
----------------------------------------------------------------------------------

باشقۇرغۇچىلار، ماۋۇ ئەزانى چەكلەشنى تەلەپ قىلىمەن. دىنىڭلارنى، پەيغەمبەرنى ئوچۇق ئاشكارە ھاقارەت قىلىۋاتسا، ھۇزۇرلىنىپ يۈرۈۋاتامسىلە؟

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 11:48:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-31 12:41

...

Basaymamat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:14:36

نىمىنى ھاقارەت قىپتىمەن دەپ بەرمەمسىز؟ ئىسلام بىلەن پارتىيىنىڭ غەمگۇزارلىقىنى ئايرىۋەتكۈدەك سىز كىمتىڭىز؟

Basaymamat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:16:48

سىز خاتا چۈشىنىپ قالغان ئۇخشايسىز. ئەمەلىيەتتە مۇھاممەت ئەلەيكىسالام قۇرئاندا ئوتتۇرىغا قويغان جەننەت تەسەۋۋۇرى دەل ماركىسىزىم ئوتتۇرىغا قويغان كوممۇنىزىم تەسەۋۋۇرىدۇر. يەنى بۇ ئىككى ئىدلوگىيە يەتمەكچى بولغان كەلگۈسىدىكى مەنزىل بىردۇر.

A_kuklem يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:16:57

بەدبەخلەرگە ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن !

Basaymamat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:30:13

ماركىس ئەزەلدىن خۇدا يوق دېمىگەن، ھەم بارلىق دىنلارغىمۇ دۈشمەنلىك قىلمىغان. ئەگەر ئۇ دىنغا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارىدى دىيىلسە، تىغ ئۇچىنى دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى ئايرىۋىتىدىغان خىرىستىئان ئىتىقادىغا قاراتقان. كوممۇنىستىك ئىنتىرناتسىئونالنىڭ باشلىنىشىدا «دۇنيادا يوق قۇتقۇزغۇچ خۇدا» دەپ باشلىنىدۇ، بۇ يەردىكى «قۇتقۇزغۇچ خۇدا» يەھۇدىيلار ۋە بىز مۇسۇلمانلار ئىشىنىدىغان ئاللانى ئەمەس، بەلكى خىرىستىئانلار ئىشىنىدىغان خىرىستوسنى كۈرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كوممۇنىزىممۇ ئىسلامدىن كىيىن پەيدا بولغان بىر دىن، لېكىن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ ئارلىشىشىنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق، چۈنكى پەيغەمبەر ئۆزىنى ئاللانىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى دەپ جاكارلىغان بولغاچقا، كەلگۈسىدىكى مۇسۇلمانلار يىتەكچىسى بۇلغان ماركىس پەيغەمبەرنىڭ ھۈرمىتى ئۈچۈن ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىمىغان. ھەتتا دىنىمىزدىمۇ خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ئارلىشىۋالغان ھىچ بىر يېرى يوق، پەقەت پەيغەمبىرىمىز ياخشى كۆرگەننى ئاللانىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى، پەيغەمبىرىمىز ئۈچ كۆرگەننى ئاللانىڭ ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنىلا بىلىمىز. ئىسلام زامان تەرەققىياتى بىلەن ماڭىدىغان دىن، ئالدى بىلەن تەۋرات كەلگەن، گەرچە تەۋرات قانۇن تاختىلىرىنى خۇدا ئۆز قولى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسالامغا يېزىپ بەرگەن دىيىلسىمۇ، لىكىن ئۈمەر خۇدا ئۈز قولى بىلەن يىزىپ چۈشۈرگەن تەۋرات تاختىلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەكىرگەندە پەيغەمبەر شۇنچىلىك غەزەبلىنىپ، ئۇنى ئوقۇشنى قەتئى چەكلەپتىكەن. دىمەك، زامان تەرەققى قىلىپمۇسادىن مۇھاممەتكىچە 1200 يىل ئۈتكەندە خۇدانىڭ ئۆز قۇلى بىلەن يازغان قانۇنىمۇ ئەمەلدىن قىلىپ، يىڭىلىققا- يەنى ئەرەپ پەيغەمبەر بۇلغان دىنغا يول بەرگەن. ھازىرغىچە مۇھاممەتتىن ماركىسقا 1200 يىل ئۈتكەن، گەرچە ماركىس پەيغەمبەر ئەمەس ئىدلوگ بولسىمۇ، ماھىيەتتە ھازىرقى زاماندىكى ئىدلوگ ماركىس پەقەت قەدىمى زاماندىكى پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسىدۇر، رىۋاجىدۇر. لېكىن نىشان بىردۇر، يەنى ئىنسانلارنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرۈپ كوممۇنىزىمغا يىتىشتىن ئىبارەت.

Basaymamat يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:30:20

ماركىس ئەزەلدىن خۇدا يوق دېمىگەن، ھەم بارلىق دىنلارغىمۇ دۈشمەنلىك قىلمىغان. ئەگەر ئۇ دىنغا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە قارىدى دىيىلسە، تىغ ئۇچىنى دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى ئايرىۋىتىدىغان خىرىستىئان ئىتىقادىغا قاراتقان. كوممۇنىستىك ئىنتىرناتسىئونالنىڭ باشلىنىشىدا «دۇنيادا يوق قۇتقۇزغۇچ خۇدا» دەپ باشلىنىدۇ، بۇ يەردىكى «قۇتقۇزغۇچ خۇدا» يەھۇدىيلار ۋە بىز مۇسۇلمانلار ئىشىنىدىغان ئاللانى ئەمەس، بەلكى خىرىستىئانلار ئىشىنىدىغان خىرىستوسنى كۈرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كوممۇنىزىممۇ ئىسلامدىن كىيىن پەيدا بولغان بىر دىن، لېكىن ئۇنىڭغا خۇدانىڭ ئارلىشىشىنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق، چۈنكى پەيغەمبەر ئۆزىنى ئاللانىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى دەپ جاكارلىغان بولغاچقا، كەلگۈسىدىكى مۇسۇلمانلار يىتەكچىسى بۇلغان ماركىس پەيغەمبەرنىڭ ھۈرمىتى ئۈچۈن ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلىمىغان. ھەتتا دىنىمىزدىمۇ خۇدانىڭ ئۆزىنىڭ ئارلىشىۋالغان ھىچ بىر يېرى يوق، پەقەت پەيغەمبىرىمىز ياخشى كۆرگەننى ئاللانىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقى، پەيغەمبىرىمىز ئۈچ كۆرگەننى ئاللانىڭ ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنىلا بىلىمىز. ئىسلام زامان تەرەققىياتى بىلەن ماڭىدىغان دىن، ئالدى بىلەن تەۋرات كەلگەن، گەرچە تەۋرات قانۇن تاختىلىرىنى خۇدا ئۆز قولى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسالامغا يېزىپ بەرگەن دىيىلسىمۇ، لىكىن ئۈمەر خۇدا ئۈز قولى بىلەن يىزىپ چۈشۈرگەن تەۋرات تاختىلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەكىرگەندە پەيغەمبەر شۇنچىلىك غەزەبلىنىپ، ئۇنى ئوقۇشنى قەتئى چەكلەپتىكەن. دىمەك، زامان تەرەققى قىلىپمۇسادىن مۇھاممەتكىچە 1200 يىل ئۈتكەندە خۇدانىڭ ئۆز قۇلى بىلەن يازغان قانۇنىمۇ ئەمەلدىن قىلىپ، يىڭىلىققا- يەنى ئەرەپ پەيغەمبەر بۇلغان دىنغا يول بەرگەن. ھازىرغىچە مۇھاممەتتىن ماركىسقا 1200 يىل ئۈتكەن، گەرچە ماركىس پەيغەمبەر ئەمەس ئىدلوگ بولسىمۇ، ماھىيەتتە ھازىرقى زاماندىكى ئىدلوگ ماركىس پەقەت قەدىمى زاماندىكى پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسىدۇر، رىۋاجىدۇر. لېكىن نىشان بىردۇر، يەنى ئىنسانلارنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرۈپ كوممۇنىزىمغا يىتىشتىن ئىبارەت.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:41:07

رەھمەتلىك قەقىنۇسنىڭ گەپلىرىگە ئوخشايدىكەن بەزى گەپلىرى ....

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 12:55:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2013-12-31 12:58

ئىزدىنىشتىكى مۇشۇ تاققا- تۇققا ئەسەبىيئىنكاسلارنى دىمىسە بۇمۇنبەرنىڭقىزىغىنى ھىس قىلغىلىبولمايدۇ...
كىم ئۇرەھمەتلىك قەقىنۇس دىگەن پەيلاسوپ،   tadubeg ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 13:16:15

يۈسۈپ ھۈسەيىن قەقىنۇس.

Elcibei يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 13:31:21

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 14:39:05

   بۇتۈردىكىقىزىقارلىقئەسەبىيلەر ئازئەمەس ، قەلبىگە يوشۇرۇنغان زەرداپلىرىنى ھەرخىل قولاشمىغانبەدىئى ئۇسۇلدا ، مەسىلەن : ئوخشۇتۇش ، سىمۋول ، يوشۇرۇن دارتمىلاش ، سېلىشتۇرۇش ، كىچىكلىتىش ، مۇبالىغىلەش... ۋاھاكازا ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلەشكە ئۇرۇنۇپ ئەزۋەيلەپ دىمەكچىبولغانسەپسەتىلىرىنى ئىنتايىنمالمانبىرجوتاڭ ھالىتىدەئىپادىلەشكە ئۇرۇنىدۇ ...

لېكىن ئۇشبۇBasaymamat كەئوخشاش قەلبىدىكى زەرداپنى قىپقىزىل ، ئوپ- ئوچۇق ، قىپ-يالىڭاچئىپادىلەش تۇنجىقېتىمبولمىسىمۇ سەپسەتە سېتىشسەنئىتىدەمەلۇمبىرمۇقامغايەتكەندەپ باھابېرىشكەبولىدىكەن، {:112:}
mamat بۇ ئەرەپچە ئۆلۈك دىگەن كەلىمە بەسەيبىلەن قوشۇلۇپ « ئۆلۈك بەسەي » دىگەن مەنىنىبېرىپتۇ ، بۇغىنىسىئۇشبۇ ئەخمەقنىڭ تاللىشىنى تېخىمۇقىزىقارلىقتۈسكەكىرگۈزسەكېرەك ...

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 15:19:33

Basaymamat بۇنداق بەسەيلەرنىڭ پات پات ھاڭراپ سېلىشى ئىزدىنىشتا ئانچە يېڭلىق ئەمەس

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 15:31:44

ئاجايىپ تاقا-تۇقا ئادەملەر بار ھە دۇنيادا ، ئېزدىنىشتا !:lol:lol:lol ئۆلەپ كەتكۈچە ئادەم بولۇپ قالار !
بۇنداق ئادەملەرگە ھەقنى سۆزلەپ قايىل قىلغىنى بولمايدۇ !بۇنداق كىشلەرنىڭ جاجىسى ھە سېنىڭ توغرا بىلگەن پوقۇڭنى يەدېسەكلا بولىدۇ.قالغىنى ئوشۇق !
بەت: [1] 2
: ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر