kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 12:52:40

كۈندە بىر ئىقتىدار تونۇشتۇرۇش

ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر تېما مەزمۇنلىرى پەقەت يېڭى مۇنبەرنىڭ يېڭى ۋە قولايلىق ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
يېڭى ئىقتىدارلار چۈشەندۈرىلىدۇ ۋە ئىقتىدارلار ھەققىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب بىرىلىدۇ. تېما مۇكەممەللەشكەندە مەزمۇنلار تاللىنىپ، مۇنبەر ئىشلىتىش قوللانمىسى قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىدۇ.
باشقا ھەر قانداق مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلار بىردەك ئۆچۈرىلىدۇ!

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار:
يېڭى مۇنبەرگە كۆچكەندىن كىيىن، نۇرغۇن قولايلىق ئىقتىدارلار تورداشلارغا ناتونۇش بولۇپ كەلدى، ئۇنىڭدىن باشقا ئەسلىدىكى ئىزدىنىش مۇنبىرىگە خاس بولغان ئىقتىدارلار ۋە قولايلىقلار قوشۇلىۋاتىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، بۇ تىمىمىزدا ھەر كۈنى بىردىن ئىقتىدار تونۇشتۇرىلىدۇ، چۈشەنمىگەن ۋە ئىشلىتىشتە قىينالغان تورداشلار مۇشۇ تېما ئاستىدا ئىنكاس قايتۇرسا مۇۋاپىق جاۋابقا ئىرىشەلەيدۇ.

12-ئاينىڭ  27-كۈنى

ئىزدىنىش مۇنبىرى ئاخىرى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ئاممۋى سۇپا ۋە مۇنبەر تور پىروگراممىسى بولغان، PHP ۋە MySQL تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، نەچچە يۈزلىگەن پىروگرامما ئىنژىنىرلىرىنىڭ ئەمگىكى ئاستىدا تۈزۈپ چىقىلغان Discuz! x2.5 پىروگراممىسىغا كۆچۈپ چىقتى. ئەسلىدىكى مۇنبەر پىروگراممىسىدىكى 98% ئەزالىق ئارخىپى ۋە 96% يازما ئىنكاسلارنى تولۇق يۆتكەپ چىقتۇق. ئاز بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئارخىپى ۋە تىمىلارنىڭ مەزمۇنىدىكى كود ماس كەلمەسلىك مەسىلىرى تۈپەيلى كۆچۈرۈپ كىلىش مومكىن بولمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلاردىن كەچۈرۈم سورايمىز.

بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئەزالىق پارولى ئەسلى مۇنبەردىكى پارول كودلاش ئۇسۇلىنىڭ بىردەك بولماسلىقى سەۋەبلىك كىرەلمەيدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بىز ئىككى خىل كودلانغان پارولنى نورمال ئىشلىتىدىغان قىلغان بولساقمۇ، ئۈچىنجى بىر خىل كودلانغان پارولغا ئامالسىز قالدۇق. ھازىرقى مۇنبەرنىڭ ئېلخەت ئارقىلىق ئاپتوماتىك پارول ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارى بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەزالارنىڭ ئېلخەت ئۇچۇرى تولدۇرۇلمىغاچقا، پارول ئىلتىماس قىلىشقا ئامالسىز قالدى، بىز كۆچۈشتىن ئاۋۋال ئەزالارغا ئېلخەت تولۇقلاشنى ئۇقتۇرۇشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، ئېلخەت تولۇقلاش سەۋەبلىك. ئەزالارنىڭ پارولى قايتا ئۈچىنجى خىل ئۇسۇلدا كودلىنىپ كىتەرمۇ دەپ ئەنسىرەپ، ئۇقتۇرۇش قىلىشتىنمۇ ۋاز كەچتۇق، شۇڭا ھازىر كىرەلمىگەن ئەزالارغا تېخنىكىلىق ئۇسۇلدا ياردەم بىرىش ئارقىلىق كىرسەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلۋاتىمىز.

بۈگۈن تونۇشتۇرىلىدىغان ئىقتىدار: ئېلخەت ئۇچۇرى تولۇقلاش ۋە ئاكىتىپلاش (دەلىللەش)
مۇنبىرىمىز، ئېلخەت ئۇچۇرىنى ئەزالارنىڭ مۇھىم خاسلىق ئۇچۇرى دەپ تونۇيدىغان بولۇپ، ئېلخەت ئۇچۇرىنىڭ تولۇق بولۇشى ۋە ئاكىتىپلىنىشى، سىزگە نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ. ناۋادا سىز ئېلخەت ئۇچۇرى كىرگۈزمىگەن ياكى خاتا كىرگۈزگەن بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن تولۇقلىۋالسىڭىز ۋە ئاكىتىپلاپ نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى دەلىللىۋالسىڭىز بولىدۇ.

مۇنبەرگە كىرگەندىن كىيىن، ئۈستى تىزىملىكتىكى «تەڭشەك» كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.



ئاندىن چىققان كۆزنەكتە ئوڭ تەرەپتىكى تىزىملىكتىن «پارول بىخەتەرلىكى» نى بېسىپ، چىققان بەتتە، «ئەسلى پارول»نى كىرگۈزىمىز، ئاندىن Email رامكىسىغا، ھازىرقى نورمال ئىشلىتۋاتقان ئېلخەت ئادىرىسىنى كىرگۈزىمىز.



«ساقلاش»نى باسساق، 30سېكونىت ئىچىدە كىرگۈزگەن ئېلخەت ساندۇقىغا مۇنبىرىمىز ئاپتوماتىك ئەۋەتكەن خەت يىتىپ بارىدۇ.
بۇ خەتتىكى ئادىرىسنى بىۋاستە چەكسىڭىز ياكى كۆچۈرۈپ تور كۆرگۈچنىڭ ئادىرىس ئىستونىغا چاپلاپ ئىجرا قىلسىڭىز، ئېلخەت ئادىرىسىڭىز دەلىللىنىدۇ.



parakende يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 13:13:07

kokkepter  men inkas yazsam uighur kona yeziqida yazalmaywatimen . buninggha bir amal dep biringlar !:dizzy:

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 13:30:41


12-ئاينىڭ 28-كۈنى

بۈگۈن تونۇشتۇرىلىدىغان ئىقتىدار: يازما مەزمۇنىنى ئاپتوماتىك ساقلاپ بىرىش

ئىلھام دىگەن خالىغان ۋاقىتتا كىلىدىغان نەرسە ئەمەس، شۇنچە زور ئىلھامدا يازغان مەزمۇنلىرىڭىز ھەر قانداق سەۋەب بىلەن يوقاپ كەتسە، كۆڭلىڭىز چوقۇم ئىنتايىن يىرىم بولىدۇ. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، نوچى بىر تېخنىكا ھەققىدە بىلوگقا يازغان بىر ماقالەم، كىچىككىنە بىر خاتا مەشخۇلاتىم سەۋەبلىك يوقىلىپ كىتىپ، بىر ھەپتىگىچە كومپيۇتېر ئالدىغا كەلگۈم كەلمىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، ھەر قانداق نەرسە يازسام، Ctrl+A ۋە Ctrl+C نى بىسىپ كۆچۈرۋىلىپ ماڭىدىغان بولدۇم.

Discuz پىروگراممىسى، مۇشۇ مەسىلىنى ناھايىتى ياخشى ھەل قىلغان بولۇپ، سىز ھەر بىر تېما ياكى ئىنكاس يىزۋاتقاندا، سېستىما ھەر 30سېكونىتتا بىر قىتىم يازغان مەزمۇننى ئاپتوماتىك ساقلاپ ماڭىدۇ. (ئەلۋەتتە سىز تېخى ئىلان قىلمىغان مەزمۇننى باشقىلار كۆرەلمەيدۇ.)
ھەر قانداق سەۋەب بىلەن يەنى: توك كىتىپ كومپيۇتېر ئۆچۈپ قىلىش، كومپيۇتېر قېتىپ قىلىش، تور بەت تاقىلىپ كىتىش، خاتا مەشخۇلات بىلەن مەزمۇن يوقىلىپ كىتىش قاتارلىق ھادىسىلەرگە يولۇققاندا، ئىككىلەنمەي، تور بىكەتنى قايتا ئېچىپ، ئالدىنقى قىتىم قايسى مەشخۇلاتنى قىلۋاتقان بولسىڭىز (تېما يىزىش ياكى ئىنكاس يىزىش) شۇ مەشخۇلات كۆزنىكىگە كىرسىڭىز، تەھرېرلىگۈچتە تۆۋەندىكىچە ئەسكەرتمە كۆرۈنىدۇ.



سىز بۇ ئەسكەرتمىنى باسقاندىن كىيىن، تور كۆرگۈچ تۆۋەندىكىچە سۇئال سورايدۇ.



بۇ يەردە جەزىملەشنى باسسىڭىزلا، ئالدىنقى قىتىم يازغان مەزمۇنىڭىز ئەسلىگە كىلىدۇ.
دىققەت: ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشخۇلاتىنى چوقۇم، قايتا مەزمۇن يازماستا قىلىشىڭىز كىرەك. بولمىسا مەزمۇن قاپلىنىپ كىتىشى مومكىن.

ناۋادا يازما يېزىش جەريانىدا كۇنۇپكا بىسۋاتقان تىرىشچان بارماقلىرىڭىز توختاپ قالسا، ياكى كۆزىڭىز تىلىپ قالسا، يازغان مەزمۇنىڭىز تېخى ئىلان قىلغۇدەك بولمىغان بولسا، تەھرېرلىگۈچ ئاستىدىكى «ساقلاش» كۇنۇپكىسىنى بىسۋەتسىڭىز، شۇ ھامان مەزمۇننى ساقلاپ قويىدۇ. يوقاپ كىتىپ قالسا، ئوخشاشلا يۇقۇرقى ئۇسۇل بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بىرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مەشخۇلات ئانچە مۇھىممۇ ئەمەس، چۈنكى سىز «ساقلاش»نى باسمىسىڭىزمۇ 30 سېكونىتتا بىر قىتىم ئاپتوماتىك ساقلاپ بىرىدۇ.



مۇقىم كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان تورداشلارنىڭ، مۇنبەرگە كىرگەندە، «پارول ساقلاش»نى تاللاپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، چۈنكى بۇ مۇنبەر زىيارىتىڭىزگە ۋە «ئاپتوماتىك ساقلاش» ئىقتىدارىغا تېخىمۇ پايدىلىق.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 13:44:27

ئۈندەش بەلگىسى سەل غەلىتىمۇ قاندا
مەسىلەن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
!!!
!!!!!
!!!!

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 14:56:32

بۇ فونت ئالىم ئەھەتنىڭ بلوگىدىكى فونتقا ئوخشاپ قىلىۋاتىدۇ، شۇمۇ يە؟
ئالىم مۇئەللىمنىڭ تور ئىملاخورىدىن خەۋەر بارمۇ؟
مېنىڭ پەرەز قىلىشىمچە ئۇ ئىملاخور بۇ بېكەتكە قىستۇرۇلغاندىن كېيىن يازما يوللاش بېتى ۋە مەن ئىنكاس يېزىۋاتقان ئىنكاس يېزىش بۆلىكىگە قىستۇرۇلىدۇ. ئەگەر يازما ۋە ئىنكاستا ئىملا خاتالىقى بولسا ئىملانى تۈزەتمەي تۇرۇپ يازما ياكى ئىنكاسنى يوللىغىلى بولمايدىغان قىلىش...
ئەگەر مۇشۇ ئويلىغىنىمدەك بولسا بەك ياخشى بولاتتى...

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 15:11:36

مۇنبەرنىڭ بۇرۇنقى خەت شەكلى بەك چىرايلىق ئىدى. مومكىن بولسا، شۇ
خەت شەكلىنى ئىشلەتكەن بولساق. بەزىبىر ئۇزۇن تىمىلارنى ئوقۇشتا بەك يېقىشلىق بولاتتىكەندۇق.

raziman يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 15:47:42

مۇنبەرنىڭ خەت نۇسقىسى بەك چىرايلىق بولۇپتۇ، ھەم ئازادە :lol

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 16:32:09

مەن تۈنۈگۈن ؟ېلخەتنى دەلىللىگەن لېكىن تېخى دەلىلللەنمىدى دەپ تۇرىدىغۇ؟

uzghun يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 16:36:15

بولسا مۇنبەركۈرۈنىشىنى ئازراق گۈزەللەشۈرۈپ قويساڭلار ،كۈرۈنۈشى بەكلا سەت

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 17:22:24

مەن سۆيىمەن، تور بەتتە ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ تور توم خەت نۇسخىسى ئېئوتىنى!!!{:117:

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 17:53:02

ھەممە ئەزا ئۆزى خالىغان فونت، ئۆزى خالىغان ئۇسلۇب بىلەن كۆرىدىغان قىلىمىز. {:117:}

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 18:07:40

po gep qilmangla :lol

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 18:22:01

12-ئاينىڭ 29-كۈنى

بۈگۈن تونۇشتۇرىلىدىغان ئىقتىدار: يىراق مۇساپىلىق رەسىم چۈشۈرۈش (يەنى: سىرىتتن ئۇلانما قىلغان رەسىملەرنى ئاپتوماتىك مۇنبەرگە قوشۇمچە ھۆججەت قىلىپ يوللىۋىلىش)

ئادەتتە تورداشلار باشقا تور بىكەتلەردىن مەزمۇن كۆچۈرگەندە ياكى رەسىمنى باشقا تور بىكەتلەرگە ئۇلانما قىلىپ، ئىزدىنىش مۇنبىرىگە مەزمۇن يوللىغاندا، ئەسلى ئورۇندىكى سۈرەت يۇيۇلۇپ كەتسە ياكى ئادىرىس ئۆزگىرىپ كەتسە، ئىزدىنىشتىكى رەسىم ئىناۋەتسىز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يازغان مەزمۇن قىممىتىنى يوقىتىشى مومكىن.

مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مۇنبىرىمىزگە يىراق مۇساپىلىق رەسىم چۈشۈرۈش (يەنى: سىرىتتن ئۇلانما قىلغان رەسىملەرنى ئاپتوماتىك مۇنبەرگە قوشۇمچە ھۆججەت قىلىپ يوللىۋىلىش) ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ئۇلانما قىلغان سۈرەتلىرىڭىزنىڭ ئىناۋەتسىز بولۇپ، يازمىڭىزنىڭ قىممىتى يوقلىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ ئىقتىدار ئادەتتە، يازما يوللىغاندىلا، ئاپتوماتىك ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، سىز ھەر قانداق قوشۇمچە مەشخۇلات قىلىشىڭىز ئارتۇقچە، سىز پەقەت يازمىنى يىزىپ، رەسىمنى چاپلاپ بولۇپ، يازما يوللاشنى باسسىڭىزلا، مۇنبەر سېستىمىسى سىز يوللىغان رەسىمنى ئاپتوماتىك ھالدا  مۇنبەر مۇلازىمىتىرىغا چۈشۈرۋالىدۇ.
ناۋادا، خاتىرجەم بولالماي، ئۆزۈملا مەشخۇلات قىلۋىتەي دىسىڭىز، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بەلگىنى باسسىڭىزلا چۈشۈرۈشنى باشلايدۇ.


kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 18:40:42

كۈندە بىر ئىقتىدار تونۇشتۇرۇش

12-ئاينىڭ 30-كۈنى

بۈگۈن تونۇشتۇرىلىدىغان ئىقتىدار: ئىنكاسنى ئۇلانما قىلىش ئىقتىدارى

تورداشلار مۇنبەردە مۇنازىرىلەشكەندە، باشقا تېمىلاردىكى ئىنكاسلارنى ئۇلانما قىلىشنى ياقتۇرىدۇ. لىكىن ئىنكاسنى بىۋاستە ئۇلانما قىلالمىغاچقا، «مانچىنجى قەۋەتتىكى***» دىگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتايدۇ، شۇ ئىنكاس ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلگەن بولسا، قەۋەت سانى ئۆزگىرىپ كىتىپ، ئىزدەش قىيىنغا چۈشىدۇ.

ئىزدىنىشنىڭ مۇنبەر سېستىمىسىغا، ئىنكاسنى ئايرىم بىۋاستە ئۇلانما قىلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، بۇ ئۇلانمىنى مۇنبەر ئىچى ياكى باشقا ھەر قانداق يەردە ئىشلىتەلەيسىز. ئۇلانما چىكىلگەندە، ئاشۇ ئىنكاس ئۆچۈرۈلمىگەن بولسىلا، سىزنى بىۋاستە ئاشۇ ئىنكاسقا باشلاپ بارىدۇ، قەۋەت سانىنى سىلىشتۇرۇپ ئىزدەپ يۈرۈش ھاجەتسىز.

كونكىرىت ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
Internet Explorer ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تور كۆرگۈچلىرىدە، ھەر بىر يازمىنىڭ قەۋەت نومۇرىنى چەكسەك، Internet Explorer 8.0دىن يۇقۇرى نەشىرلىرىدە، تۆۋەندىكىچە ئىنكاس كۆرىلىدۇ.



بىز ئەسكەرتمىدە «زىيارەتكە روخسەت» (允许访问) نى باسساقلا، تۆۋەندىكىدەك كۆچۈرۈپ بولغانلىق ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئادىرىس ئاللىبۇرۇن كۆچۈرۈلۈپ بولغان بولىدۇ، بىز پەقەت چاپلىماقچى بولغان ئورۇندا، «چاپلاش» (粘贴) ياكى Ctrl+V نى باسساقلا بولىدۇ.



Chrome، Safari ياكى Firefox قاتارلىق تور كۆرگۈچلەردە، ھەر بىر يازمىنىڭ قەۋەت نومۇرىنى چەكسەك،  تۆۋەندىكىچە ئىنكاس كۆرىلىدۇ.

بىز ئەسكەرتمە كۆزنەكتە، «بۇ يەرنى بېسىپ كۆچۈرۈڭ» دىگەننى باسساقلا، ئادىرىس كۆچۈرىلىدۇ، بىز پەقەت چاپلىماقچى بولغان ئورۇندا، «چاپلاش» (粘贴) ياكى Ctrl+V نى باسساقلا بولىدۇ.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 19:15:52

مەن ئىلخەت ئادرىسىمنى تولۇقلاپ ،20 ياۋرۇ مۇكاپات ئالدىم . ھى ھى ھى ....{:87:}

Seyyah99 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 19:56:12

ھەرخىل ئىقتىدارلارمۇ كۆپىيىپ ، بىكەتمۇ بارغانسىرى مۇكەممەلىشىۋاتىدۇ . مۇمكىن بولسا قەۋەت بىلەن قەۋەت ئارلىقىغا ئازراق رەڭلىك سىزىقچە قۇيۇپ قەۋەت چىگرىسىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىۋەتسەڭلەرغۇ تېخىمۇ ياخشى بۇلۇركەن .

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 20:51:49

12-ئاينىڭ 31-كۈنى

بۈگۈنكى تونۇشتۇرىلىدىغان ئىقتىدار: قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش

يازما يازغاندا، رەسىم ياكى باشقا ھۆججەتلەرنى قوشۇپ يوللاشقا توغرا كەلسە، ئۇ ھۆججەتنى قويىدىغان ئورۇننى تىپىشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. بولۇپمۇ رەسىم ھۆججەتلىرى. باشقا ھۆججەتلەرنىغۇ بۇلۇت سۇپىلىرىغا يوللاپ قويارمىز، لىكىن مەزمۇنغا قىستۇرىدىغان رەسىمنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ-دە.
مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش ئىقتىدارى ئىچىلغان بولۇپ، مۇنبەر مۇلازىمىتىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭ قاتتىق دېسكا بوشلۇقى، سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىزنى ھەل قىلالايدۇ.


بۇ يازمىدا ئاساسلىقى يوللاش بىلەن تونۇشىمىز.
يازىدىغان مەزمۇننى يىزىپ بولغاندىن كىيىن، يوللىماقچى بولغان رەسىملەرنى تەييارلىۋالىمىز، ئاندىن تەھرېرلىگۈچ تىزىملىكىدىكى «رەسىم» كۇنۇپكىسىنى باسىمىز ۋە چىققان كۆزنەكتە ھۆججەت تاللاش كۇنۇپكىسىنى چىكىمىز.



ئاندىن تاللىۋالغان رەسىملەرنى ئاچىمىز. (رەسىملەر چوڭ بولمىسا، بىر نەچچە پارچە رەسىمنى بىراقلا ئاچساقمۇ بولىدۇ.)



رەسىمنى ئاچقاندىن كىيىن، ناھايىتى تىزلا تورغا يوللىنىدۇ ۋە بىزنىڭ رەسىم كۆزنىكىمىزدە پەيدا بولىدۇ.
رەسىم كۆزنىكىنى تاقىۋەتمەي، تۇرۇپ، مائۇس ئىستىرىلكىسىنى رەسىم قىستۇرماقچى بولغان ئورۇنغا چىكىۋىتىپ، ئاندىن رەسىم تىزىملىكىدە رەسىمنى چەكسەك، شۇ رەسىمنىڭ كود نومۇرى قىستۇرىلىدۇ. قانچە پارچە رەسىم بولسا، شۇنچە پارچە رەسىمنى مۇۋاپىق ئورۇنغا قىستۇرغاندىن كىيىن، «مۇقىملاشتۇرۇش» نى چىكىپ، رەسىم تىزىملىك كۆزنىكىنى تاقىۋەتسەك ھەمدە، يازمىنى بىۋاستە يوللىساق بولىدۇ.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2013-12-30 21:30:51

مىنىڭكىدىمۇ ئۇلۇشكۇن ئىنكاس ۋە تىما يازىدىغان ئورۇندا پىنيىنچە چىقىۋالغان ئىدى(360chromeنى ئىشلەتكەن، ھازىرمۇ شۇ)، ھازىر ئوڭشۇلۇپ قاپتۇ.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 00:57:49

Nimishqa kona zeziqta het yazalmaymiz ? mushuni  bir adem chiqip chushendurup qoymaydighu ? unchilik qiliship ketmeyli qerindashlar . hosh bop qalay . mendin yenmisa hudadin yanar unchil;ik qiliship ketmeyli . qarap baqsam manga oxshash kona yeziqta yazalmaywatqanlar xeli barken

bitalay يوللانغان ۋاقتى 2013-12-31 11:53:48

ئۆزگەرمەي  بىراقلا ئۆزگەرسە  تازا  كۆنەلمەيدىكەن
بەت: [1] 2
: كۈندە بىر ئىقتىدار تونۇشتۇرۇش